-
قانداق كىشىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بۇلىدۇ؟ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/06/16
قانداق كىشىلەر ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بۇلىدۇ؟
جاۋاب: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى: شەھەر بازارلاردىكى بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار، كارخانا ( دۆلەت كارخانلىرى، كوللىكتىپ كارخانلىرى، پاي ھەسسىدارلىق كارخانلىرى، پاي ھەسسىدارلىق ھەمكارلىق تۈزۈمىدىكى كارخانلار، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانلار، خۇسىسىي كارخانلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ) دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي كوللىكتىپ ئورۇنلىرى، پۇقراۋى غەيرى كارخانا ئورۇنلىرى ۋە ئىشچى –خىزمەتچىلەر ، شەھەر –بازار خۇسۇسىي ئىقدىسادىي كوللىكتىپ ئىگىللىرى ۋە كەسىپكارلار قاتناشسا بۇلىدۇ.
داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىسلاھاتى ۋىلايەت دەرىجىلىك بىرتۇتاش سۇغۇرتا تۈزىمى يولغا قۇيولغان بۇلۇپ، ۋىلايەتكە قاراشلىق بارلىق ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئورونلار بىر بىرلىك قىلىنىدۇ.
بارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر تەۋەلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ۋىلايەتنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىدۇ، بىرلىككە كەلگەن سىياسەت ۋە ئۆلچەم ئىجراقىلىنىدۇ.ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ باشقا بەلگىلىمىسى بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا .
