بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ۋەكېچىكتۈرۈش قانۇنغا خىلاپ - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]

    2009/06/09

    4. ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىش ۋەكېچىكتۈرۈش  قانۇنغا خىلاپ

    «ئەمگەك قانۇنى»،«ئەمگەك توختام قانۇنى»دا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشى ياكى كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن .

    دۆلىتىمىز ئەمگەك كاپالەت قاتارلىق تارماقلاردىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىش ھەققى چىقىم قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى كىچىكتۈرشىگە بولغان جازا سالمىقىنى زورايتىپ، نىسى قالغان ئىش ھەققىنى تۇلۇقلاپ تارقىتىشقا ياكى ئىش ھەققىنىڭ 50%دىن 100%گىچە باراۋەر كىلىدىغان تۆلەم پۇلىنى قۇشۇپ تارقىتىشقا بۇيرۇپ، ھېساپ ئاچقان بانكىدا ئالدىن ئىش ھەققى ئامانەت پۇلى قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى.

    ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قالغان ياكى كېچىكتۈرگەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئەھۋالى ئېغىرلىرىنى قانۇن بويىچە تىجارەتتىن توختاپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇپ، ھەتتا تىجارەت كېنىشكىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئالاقىدا خادىملارنى قانۇن بويىچە جازالاش لازىم.

    ئەسكەرتىش: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققنى تۇتۇپ قېلىشى ۋە كېچىكتۈرشىدەك ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھۇقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلار كۆرۈلسە، ئەمگەكچى شۇجايدىكى ئەمگەك-كاپالەت مەمۇرىيىتى تارمىقىغا پاش قىلسا ياكى قانۇن بويىچە شۇجايدىكى شۇجايدىكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ چىقىم قىلىش بۇيرىقى چىقىرىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بۇلىدۇ.

     

    分享到:

    خەتكۈچ:

    评论

  • ھەراس قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتمۇ دۆلەتنىڭ بەلگىلىگەن دەم ئېلىش كۈنىغۇ؟؟؟؟؟؟ئەمگەك قانۇنىدا بۇ ئىككى ھېيت يوقكەن.......
    wulkan回复كەچۈرمۈش说:
    ئادەتتە ئەمگەك ماجىراسىدا ئىسپات كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا بولىدۇ، بىراق قارشى تەرەپ ئىسپات تەمىنلىسە ياكى يالغان ئىسپات تەمىنلىسە سىز ھەقىقىي ئىسپات بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ھۇقۇق مەنپىئەتىنى قوغدىمىسىڭىز بولمايدۇ، شۇڭلاشقا ئىش ھەققى ئىسپاتى، ئىشقا چىقىشنى تىزىملاش جەدىۋىلى ياكى سىزنىڭ دەم ئېلىش ۋە ھېيىت بايرام كۈنلىرى ئارام ئالماي ئىشلىگەنلىكىڭىزنى ،قانچە كۈن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتىرياللارنى تەييارلاپ قويسىڭىز ئۆزىڭىزگە ياخشى.
    قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىت قاتارلىق بايراملار « ئەمگەك قانۇنى» دا يوق، بىراق ئاپتۇنۇم ايۇننىڭ يولغا قۇيۇش نىزامنامىسدا بار، شۇمۇ ئوخشاش كۈچكە ئىگە.
    2010-12-27 11:00:43
  • مەندە ھازىر ئايلىقىمنىڭ ئىسپاتى،توختام،خىزمەت تاپشۇرۋېلىش دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى،خىزمەتتىن توختاش ئىلتىماسى قاتارلىقلار بار. مۇشۇلار بولامدۇ ياكى يەنە باشقا ئىسپات ئىزدەيمۇ؟
  • مەن ئىشلىگەن ئىدارىنى خىزمەت ۋاختىم ئۇزۇن ھېيت بايراملىق تەمىنات ياكى پۇل بەرمەيدۇ،دەم ئېلىش ۋاختىممۇ تۇلۇق ئەمەس دەپ ئەرز قىلىغان 2-24 سوت ئاچىدىغان بولدى.قانداق تەييارلىق قىلسام بولار؟
    wulkan回复كەچۈرمۈش说:
    ئەڭ ياخشىسى ئىشقا چىقىش نى تىزىملاش جەدىۋىلىنى ۋەباشقا گۇۋاھچىلارنىىمۇ تۇلۇق تەييارلاپ قۇيۇڭ.
    2010-12-23 11:42:53
  • رەخمەت بىلىۋالدىم
1056551709QQ