-
ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە بىكار قىلىشنىڭ شەرتى بۇلۇش - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2009/06/09
.2.ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە بىكار قىلىشنىڭ شەرتى بۇلۇش
ئەگەر ئەمگەك توختامىدا بەلگىلەنگەن ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا ئەمگەك توختامىنى ئاخرلاشتۇرۇش ۋە بىكار قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىشقا بۇلۇدۇ.
ئەمگەك توختامىنى ئاخرلاشتۇرۇشتىكى ئەھۋال مۇنداق ئىككى خىل بۇلۇدۇ: بىرى، ئەمگەك توختامىدىكى مۇددەت توشقان بولسا ؛ يەنەبىرى ئەمگەكچى قانۇن بويىچە ياشانغاندا كۈتىنىش سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولغان ياكى ئۆلۈپ كەتكەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ۋەيران بولغانلىقى ياكى تاقىلىپ قالغانلىقىنى جاكارلىغان بولسا.
«ئەمگەك قانۇنى»، «ئەمگەك توختام قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك ئەمگەك توختامىنىى بېكار قىلىشقا بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كېلىشىپ بىرلىككە كەلگەن بولسا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بۇلىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلغاندا ياكى ئاخىرلاشتۇرغاندا، قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلەنگەن ئەھۋالدا قانۇن بويىچە ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تۆلەم بېرىشى كېرەك.
ئەمگەكچىنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق- مەنپىئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ، تۆۋەندىكى ئەھۋالدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى بىلەن ئەمگەك توختامىنى بىكارقىلماسلىقى كېرەك:
كەسىپ كېسىلىنىڭ زىيىنى بار مەشغۇلات بىلە ن شۇغۇللىنىپ ئىشتىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۇرۇتمىگەن بولسا ياكى كەسىپ كېسىلى بار دەپ گۇمان قىلىنىپ دئېاگىنوز قۇيۇش، كۈزۇتىش باسقۇچىدا تۇرۋاتقان بولسا.
كېسەل بۇلۇپ ياكى يارلىنىپ ، داۋالىنىش مەزگلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا.
ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھامىلدارلىق ، تۇغۇت ، بالا ئىمىتىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسا .
شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگەن ۋاقتى 15يىلغا تۇشۇپ ، قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيىگە چىقىش يېشىغا 5 يىلدىن ئازۋاقىت قالغان بولسا.
قانۇن نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
ئەسكەرتىش : ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا ياكى بىكارقىلغاندا يازمىچە ئىسپات چىقىرىپ بىرىشى كېرەك.
