-
ئىش ھەققى چىقىم قىلىش شەكلى قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇلۇش - [ئىش ھەققى توغرىسىدىكى بىلىملەر]
2009/06/09
. ئىش ھەققى چىقىم قىلىش شەكلى قانۇندا بەلگىلەنگەن بۇلۇش
ئىش ھەققى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىللىرىگە ياكى ئەمگەك توختامىدا كېلىشكىنىگە ئاساسەن، پۇل شەكلىدە ئەمگەكچىگە بىۋاستە چىقىم قىلىپ بېرىلىدىغان ئەمگەك ھەققىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىش ھەققى چۇقۇم قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇل ( يەنى خەلىق پۇلى ) شەكلىدە چىقىم قىلىنىدۇ، نەرسە ياكى قىممەتلىك ئاكسىيىسىنى پۇل ئورنىدا چىقىم قىلىشقا يول قۇيۇلمايدۇ.
ئىش ھەققى چۇقۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى كېلىشىكەن ۋاقىتتا بېرىلىشى، ئايدا ئاز دىگەندە بىر قېتىم بېرىلىشى لازىم. ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى چىقىم قىلىنىدۇ.
ئەمگەك توختام قانۇن بويىچە ئاخىرلاشتۇرۇلغان ياكى بېكارقىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ياكى بېكارقىلىدىغان ۋاقىتتا ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققنى بىرلا قېتىمدا چىقىم قىلىشى لازىم.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىگە بەرگەن ئىش ھەققى شۇجايدىكى ھۆكۈمەت بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بۇلۇپ قالماسلىقى لازىم.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى ئورۇن ئىش ھەققىنى ئەمگەكچىنىڭ ئۆزىگە بېرىشى؛ ئەمگەكچى مەلۇم سەۋەپتىن ئىش ھەققىنى ئالالمىسا،تۇغقىنىغا ياكى باشقا ئادەمگە ۋاكالىتەن ئېلىشنى ھاۋالەقىلسا بۇلۇدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققىنى بانكىغا ھاۋالە قىلىپ تارقاتسىمۇ بۇلۇدۇ.
ئەسكەرتىش: ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىش ھەققى چىقىم قىلغاندا ئەمگەكچىگە بىر نۇسخا ئىش ھەققى قەغىزى بېرىشى كېرەك.
