-
شەھەردە ئىشقائورۇنلاشقانلار ئۆزىنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغدايدۇ؟ - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]
2009/06/09
شەھەردە ئىشقائورۇنلاشقانلار ئۆزىنىڭ ھۇقۇق مەنپەئەتىنى قانداق قوغدايدۇ؟
1. ئەمگەك توختامى ئىمزالاش كېرەك
ئەمگەك توختامى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىمزالايدىغان كىلىشىم، ئۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى ئىككى تەرەپ كېلىشكەن ھۇقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئايدېڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىدىكى مۇھىم يازمىچە ئىسپات بۇلالايدۇ.
ئەمگەك توختامى ئەمگەكچى بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورون ئىككى تەرەپنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق – مەنپەتىئىنى قوغدايدىغان ئاساس. شەھەردە ئىشقا ئورۇنلاشماقچى بولغانلار ئىش تاپقان ھامان ئاۋۋال ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ياكى خوجايىن بىلەن ئەمگەك توختامى ئىمزالىشى. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى ، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇنى ۋەكىلى ياكى ئاساسلىق مەسئۇلى ، ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم فامىلىسى، ئادىرىسى ۋە كىملىكى ياكى باشقا ئۈنۈملۈك كىملىك نۇمىرى.
ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى.
خىزمەت مەزمۇنى ۋە خىزمەت ئورنى.
خىزمەت ۋاقتى ۋە دەم ئېلىش رۇخسىتى.
ئەمگەك ھەققى .
ئىجتىمائى سۇغۇرتا.
ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈشكە تىگىشلىك باشقا ئىشلار.
ئۈنۈمسىز ئەمگەك توختامى ئىمزالاپ قېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم. قانۇن- نىزاملارغا خىلاپ ئەمگەك توختامىغا ئالداش،مەجبۇرلاش ۋاستىللىرى ياكى كىشىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن جىددىي پەيىتتىن پايدىلىنىپ زىيانكەشلىك قىلىش ۋاستىللىرى يۇشۇرۇنغان بۇلۇپ، قارش تەرەپتىن ئەمەلىي مەزمۇنىنى يۇشۇرغان ئەھۋالى ئىمزالىنىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزنىڭ قانۇنىدا بەلگىلىگەن مەسئۇلىيىتىغا ئائىت مەمۇنىلارنى چىقىرۋېتىپ ، ئەمگەكچىنىڭ ھۇقۇقنى يازمايدۇ. بۇنداق ئەمگەك توختامى ئۈنۈمسىز ئەمگەك توختامى ھىسابلىنىدۇ. توختامنىڭ ئۈنۈمسىز ياكى ئۈنۈملۈكلىكىنى ئەمگەك ماجرالىرى كىسىم قىلىش ھەيئىتى ياكى خەلىق سوت مەھكىمىسى بەلگىلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: ئەمگەك توختامىدا سىىناپ ئىشلىتىش مۇددىتىنى كىلىشىپ بېكىتىشكە بۇلۇدۇ، بىراق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 6ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ،سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى ئەمگەك توختامىدىكى مۇددەتنىڭ ئىچىدە بۇلۇدۇ.
