-
خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش پۇلى ئاتچوت نىسبىتى %70 كە يەتكۈزۈلىدۇ - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]
2009/06/05
خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش پۇلى ئاتچوت نىسبىتى %70 كە يەتكۈزۈلىدۇ
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى،سەھىيە مىنىستىرلىكى،مالىيە مىنىستىرلىكى،ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى قاتارلىق ئورۇنلار يېقىندا دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ يىللىق تېببىي ئىسلاھات ۋە يېقىنقى مەزگىللىك خىزمەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى يىن ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكىتىمىزدىكى بارلىق شەھەر- بازارلاردا ئاھالىلەرنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ،ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتىنى %50 تىن،نۇقتىدا سىناق قىلىنغان شەھەرلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %80 تىن ئاشۇرۇلىدۇ. مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،ۋەيران بولغان دۆلەت كارخانىلىرىدىن دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش مەسىلىسىنى ئىككى يىل ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىپ،ۋەيران بولغان ۋە قىيىنچىلىقى ئېغىر كارخانىلاردىن دەم ئېلىشقا چىققانلارنىڭ سۇغۇرتا مەسىلىسىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ،خىزمەتچىلەرنڭ ئاساسىي داۋالىنىش ۋە ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش پۇلى ئاتچوت نىسبىتى %70 ۋە %50 كە يەتكۈزۈلىدۇ.
مەنبە: ‹‹بايىنغولىن گېزىتى››
历史上的今天:
‹‹ئىگىلىك تىكلىگەن ياشلار . قۇدرەتلىك جۇڭگو››تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە پائالىيىتى باشلاندى 2009/06/05كەسپىي سالاھىيەتنامە دېگەن نېمە؟ 2009/06/05
