بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئةمگةك توختام قانۇنى - [قانۇن نىزاملار]

    2009/03/20

    جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئةمگةك توختام قانۇنى
    2007      - يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى

                                                       بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ
    1- ماددا:ﺑﯘ قانۇن ئةمگةك توختام تۈزۈمىنى مذكةممةللةشتۈرۈش، ئةمگةك توختامى تۈزۈشكۈچى ئىككى تةرةپنىڭ ھوقۇقى ۋە مةجبۇرىيتىنى ئايدىڭلاشتۈرۇش، ئةمگةكچىلةرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مةنپةئىتىنى قوغداش، ئىناق مۇقىم ئةمگةك مۇناسىۋتىنى ئورنىتىش ۋة راۋاجلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلدى.
    2- ماددا:جۇڭخۇا خةلق جۇمھۇرىيتى چېگرىسى ئىچىدىكى كارخانا، يەككە ئىگلىك تةشكىلاتى، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇن قاتارلىق تەشكىلاتلار (تۆۋةندة ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن دىيىلدۇ) ئةمگةكچىلةر بىلةن ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئةمگةك توختامنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگةرتىش، بېكار قىلىش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تةدبىقلىندۇ.
    دۆلةت ئورگىنى، كةسپي ئورۇن، ئىجتىمائي تةشكىلات ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئادا قىلىش، ئۆزگةرتىش، بېكار قىلش، ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇشۇ قانۇن تةدبىقلىندۇ.
    3- ماددا: ئةمگةك توختامى تۈزۈشتة قانۇنلۇق ،ئادىل ، باراۋةر بولۇش، ئىختىيار قىلىش، بىر پىكىرگە كېلىش ، سةمىمي بولۇش ، لەۋزىدە تورۇش پىرىنسىپىغا ئةمةل قىلىش كېرەك.
    قانۇنلۇق تۈزۈلگةن ئةمگةك توختامىنىڭ چەكلەش كۈچى بولىدۇ ، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى ئةمگةك توختامىدا پۈتۈشكەن مةجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك.
    3- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك قائىدة-تۈزۈمىنى قانۇن بويىچة ئورنىتىپ ۋە مۇكەمملەشتۈرۈپ، ئةمگةكچىنىڭ ئةمگةك ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بۇلىشىغا ئةمگةك مةجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشغا كاپالةتلىك قىلىشى كېرەك.
    4- ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك ھةققى، ئىش ۋاقتى، ئارام-ئوتپوسكا، ئةمگةك بىخةتةرلىكى-ساقلىقنى ساقلاش، سوغۇرتا، پاراۋانلىق، ئىشچى خىزمةتچىلةرنى تةربىيلةش، ئةمگةك ئىنتىزامى شۇنىڭدەك ئةمگةك نورمىسىنى باشقۇرۇش قاتارلىق، ئةمگةكچىلةرنىڭ جانىجان مةنپةئةتىگة بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك قائىدة تۈزۈملەرنى چىقىرىش، تۈزىتىش ياكى چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قارار قىلىشتا، ئىشچى خىزمةتچىلةر قۇرۇلتىيى ياكى بارلىق ئىشچى خىزمةتچىلةرنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، لايھةسى ۋة پىكىرنى قويۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ياكى ئىشچى خىزمةتچىلةر ۋەكىللىرى بىلەن باراۋةر ئاساستا كېڭىشىپ بېكىتىشى كېرەك
    قائىدة تۈزۈمنى ۋة چوڭ-چوڭ ئىشلار ھەققىدىكى قارارنى يولغا قۇيۇشتا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋة ئىشچى خىزمةتچلەر مۇۋاپىق ئەمەس دەپ قارىسا، ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇنغا پىكىرنى قويۇپ ، كېڭىشىش ئارقىلىق تۈزىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ھۇقۇقلۇق.
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچىلةرنىڭ جانىجان مةنپةئىتىگة بىۋاستة مۇناسىۋەتلىك قائىدة تۈزۈمنى ۋة چوڭ-چوڭ ئىشلار توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىش ۋە ئةمگةكچىگة ئۇقتۇرۇپ قويىشى كېرەك.
    5- ماددا: ناھية دةرىجىلىكتىن يوقىرى خةلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئةمگةك مةمۇري تارمىقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋة كارخانا ۋةكىلى بىلةن ئةمگةك مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇردىغان ئۈچ تةرةپ مېخانىزىمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەلشتۈرۈپ، ئةمگةك مۇناسىۋىتىگة ئالاقىدارچوڭ-چوڭ مةسىللةرنى ئورتاق مۇھاكىمە قىلىپ ھةل قىلىدۇ.
    6- ماددا: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئةمگةكچى بىلەن ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ ئةمگةك توختامىنى قانۇن بويىچة تۈزۈشگە، ئادا قىلىشىغا ياردەم بىرىشى ۋە يىتەكچىلىك قىلىشى ھەمدە ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن كوللىكتىپ كېڭىشش مېخانىزىمى ئورنىتىپ ئةمگةكچىلةرنىڭ قانۇنى ھوقۇق مةنپةئةتىنى قوغداشى كېرەك.
    ئىككىنچى باپ ئةمگةك توختامى تۈزۈش
    7- ماددا:ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ ئةمگةكچىلةر بىلةن ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئشچى خىزمةتچىلةرنىڭ تىزىملىكى تۇتۇشى كېرەك.
    8- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى ئالغاندا ئةمگةكچىگة قىلىدىغان ئىشى، ئىش شارائىتى، ئىش ئورنى، كةسپ خەۋپى، بىخةتةر ئىشلةپچىقىرىش ئةھۋالى، ئةمگةك ھةققى شۇنىڭدەك ئةمگةكچى بىلمەكچى بولغان باشقا ئەھۋاللارنى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچى بىلەن ئةمگةك توختامىغا بىۋاستة مۇناسىۋةتلىك ئاساسي ئةھۋالنى بىلىشكە ھوقۇقلۇق ، ئةمگةكچى ئەينەن ئېيتىشى كېرەك.
    9- ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةكچى ئالغاندا ئةمگةكچىنىڭ كىملىكى ياكى باشقا گۇۋاھنامىلىرنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ. ئةمگةكچىدىن كىپىل تېپىشنى تەلەپ قىلسا باشقا نام بىلةن پۇل- مال ئالسا بولمايدۇ.
    10-ماددا: ئةمگةك مۇناسىۋتى ئورنىتىشتا، يازما ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك.
    ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئورناتقان بولسىمۇ، يازما ئةمگةك توختامى تۈزمىگەنلەر، ئادەم ئىشلەتكەن كۈندىن باشلاپ 1ئاي ئىچىدە بىر ئاي ئىچىدة يازمىچة ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك.
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ئةمگةكچى بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزگەن بولسا ئةمگةك مۇناسىۋىتى ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ ئورنىتىلدۇ..
    11-ماددا: ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةندة يازمىچة ئةمگةك توختامى تۈزۈشمىگەن، ئةمگةكچى بىلةن ئەمگەك ھەققىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولىسا، يېڭى ئالغان ئةمگةكچىنىڭ ئةمگةك ھةققى كوللىكتىپ توختامدا بةلگىلةنگةن ئۆلچةم بويىچة بولىدۇ؛ كوللىكتىپ توختام تۈزمىگەن بولىسا ياكى كوللىكتىپ توختامدا بةلگىلىمىگةن بولىسا، ئوخشاس ئىشقا ئوخشاش ھةق بېرىلدۇ.
    12- ماددا: ئةمگةك توختامى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى ۋة مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈشنى مۇددەت قىلغان ئةمگةك توختامى دەپ ئايرىلدۇ.
    13-ماددا: تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشكەن ئةمگةك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى بىر پىكىرگە كەلگەندە تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزسة بۇلىدۇ.
    14-ماددا: تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى پۈتۈشمىگەن ئةمگةك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ۋة ئةمگةكچى كىڭىشىپ بىر پىكىرگە كىلىپ تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشسە بۇلىدۇ. ئةمگةكچى تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغىننى ھىساپقا ئالمىغاندا، تۆۋةندىكى ئةھۋاللارنىڭ بىرىدە ئەمگەكچى ئەمگەك توختامىنى داۋاملاشتۇرۇش، تۈزۈشنى ئوتتۇرغا قويغان ياكى ئۇنىڭغا قۇشۇلۇشنى لايىق تاپقاندا، تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈش كېرەك،
    (1).
    ئةمگةكچىنىڭ شۇ ئورۇندا ئۇدا ئىشلىگىنىگە 10يىل توشقان بولسا:
    2.
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئةمگةك توختام تۈزۈمىنى يېڭى يولغا قويغاندا ياكى دۆلةت كارخانىسى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگةرتىپ، ئةمگةك توختامىنى قايتا تۈزگەندە، ئةمگةكچىنىڭ ئىشلةتكۈچى شۇ ئورۇندا ئىشلىگىنىگە 10 يىل توشقان ھةمدة قانۇندا بةلگىلةنگةن پىنسىية يېشىغا 10يىلدىن ئاز قالغان بولسا؛
    (3).
    تۇراقلىق مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى 2-قېتىم داۋاملىق تۈزۈلگەن بولسا ھەمدە ئةمگةكچى مۇشۇ قانۇننىڭ 39-ماددىسى ھةمدة 40-ماددىسىنىڭ (1)-، (2) - تارماقچسىدا بةلگىلةنگةن ئةھۋال بولمىغانلىقتىن ئةمگةك توختامىنى داۋاملىق تۈزۈشكەن بولسا؛
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن ئادةم ئىشلةتكةن كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە ئةمگةكچى بىلةن يازما ئةمگةك توختامى تۈزۈشمىگەن بولسا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى تۇراقسىز مۇددەتلىك ئةمگةك توختامى تۈزۈشتى دةپ قارىلىدۇ.
    15- ماددا: مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى مةلۇم ئىشنى پۈتتۈرۈشنى توختام مۇددىتى قىلىپ پۈتۈشكەن ئةمگةك توختامىنى كۆرسىتىدۇ.
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئۈرۇن بىلةن ئەمگەكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگەندە كةلگةندە مۇئةييةن ئىشنى پۈتتۈرۈش مۇددەت قىلىنغان ئةمگةك توختامى تۈزۈشسە بۇلىدۇ.
    16-ماددا: ئةمگةك توختامى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى كېڭىشىپ بىر پىكىرگە كةلگةندە ھەمدە ھةمدة ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنىڭ ئۈستىگة ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقاندا كۈچكە ئىگە بۇلىدۇ.
    ئةمگةك توختامى ھۆججىتىنى ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلةن ئةمگةكچى بىر نۇسخىدىن ساقلايدۇ.
    17-ماددا: ئةمگةك توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بۇلىشى كېرەك:
    (1).
    ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋةكىلى، ياكى ئاساسى مەسئۇلى؛
    (2).
    ئةمگةكچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادىرىسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نۇمۇرى؛
    (3).
    ئةمگةك توختامنىڭ مۇددىتى؛
    (4).
    قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛
    (5).
    ئىش ۋاقتى ۋة ئارام ئوتپوسكا؛
    (6).
    ئةمگةك ھةققى؛
    (7).
    ئىجتىمائى سۇغۇرتا؛
    (8).
    ئةمگةك مۇھاپىزىتى، ئةمگةك شارائىتى، ھةمدة كةسپى خەۋەپ مۇداپىئەسى؛
    (9).
    قانۇن نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بةلگىلةنگةن باشقا ئىشلار؛
    ئةمگةك توختامىدا ئالدىنقى تارماقلاردا بةلگىلةنگةن زۆرۆر مەزمۇنلاردىن باشقا ئادةم ئىشلةتكۈچى ئورۇن بىلەن ئةمگةكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تةربىيلةش، مةخپىيةتلىكنى ساقلاش، تۇلۇقلىما سۇغۇرتا ۋة پاراۋانلىق تةمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بۇلىدۇ.
    ئەسكەرتىش: بىلوگباسنىڭ چەكلىمىلىكى تۈپەيلى تۇلۇق يوللىغىلى بولمىدى، تۆۋەندە چۈشۈرۈش ئادىرىسىن چۈشۈرۈپ  پايدىلانغايسىلەر.

    چۈشۈرۈش ئادىرسى:http://filer.blogbus.com/4745450/resource_4745450_1285489300c.doc

     

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ