ئەمگەك توختامىدا تۆۋەندىكى مەزمۇن بولۇشى كېرەك: (1) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ نامى، تۇرۇشلۇق جايى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى ياكى ئاساسىي مەسئۇلى؛ (2) ئەمگەكچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، ئادرېسى، كىملىكى ياكى باشقا كۈچكە ئىگە سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ نومۇرى؛ (3) ئەمگەك توختامىنىڭ مۇددىتى؛ (4) قىلىدىغان ئىشى ۋە ئىش ئورنى؛ (5) ئىش ۋاقتى ۋە ئارام- ئوتپوسكا؛ (6) ئەمگەك ھەققى؛ (7) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا؛ (8) ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئەمگەك شارائىتى ۋە كەسپىي خەۋپ مۇداپىئەسى؛ (9) قانۇن، نىزاملاردا ئەمگەك توختامىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئىشلار. ئەمگەك توختامىدا ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن زۆرۈر مەزمۇنلاردىن باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى، تەربىيىلەش، مەخپىيەتلىك ساقلاش، تولۇقلىما سۇغۇرتا ۋە پاراۋانلىق تەمىناتى قاتارلىق باشقا ئىشلارنى پۈتۈشسە بولىدۇ |