<< ئەمگەك توختامى قانۇنى >> دىكى ھوقۇقنى قوغداش بايانلىرى
ئايقىز تەرجىمىسى
ئەمگەكچىلەر تەشنا بولۇۋاتقان <<ئەمگەك توختامى قانۇنى>> كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ، شاڭخەي ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئەمگەكچىلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ قانۇندىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا دائىر بايانلارنى مۇنداق 10 نۇقتىغا يىغدى:
1. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىشچى - خىزمەتچىلىرى تايىنىدىغان قانۇن بار بولدى. << ئەمگەك توختامى قانۇنى>> دا <<ئەمگەك قانۇنى>> نىڭ مۇۋاپىقلىشىش كۆلىمى كېڭەيتىلدى.
2. قانۇنغا خىلاپ قىلىپ توختام تۈزمىگەن ئورۇنلار قوشلاپ ھەق بېرىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچى قوبۇل قىلغان كۈندىن تارتىپ بىر يىلغىچە يازمىچە رەسمىي ئەمگەك توختامى تۈزمىگەن بولسا، ئىشلىگەن ۋاقتى بىر ئايدىن ئاشقان، ئەمما بىر يىلغا توشمىغان ئەمگەكچىلەرگە قوشلاپ مائاش بېرىدۇ، يەنە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا مۆھلىتى مۇقىم بولمىغان ئەمگەك توختامى تۈزۈلۈپ بولغان، دەپ قارىلىدۇ.
3. <<مۇقىم بولمىغان ئەمگەك توختامى>> تۈزۈلگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى بار. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، <<ئىزچىل خىزمەت قىلغان ۋاقتى 10 يىلغا توشقان>> قاتارلىق ئۈچ خىل قانۇنلۇق شەكىل ئاستىدا، ئەمگەكچىلەر مۆھلىتى مۇقىم بولمىغان ئەمگەك توختامى تۈزۈشنى تەلەپ قىلسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار توختام تۈزۈشى كېرەك.
4. بىر يىللىق ئەمگەك توختامى ئىمزالىغان خادىملارنىڭ سىناپ ئىشلىتىلىش ۋاقتى ئىككى ئايدىن ئاشماسلىقى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئوخشاش بىر ئەمگەكچى بىلەن پەقەت بىرلا قېتىم سىناپ ئىشلىتىش كېلىشىمى ئىمزالاش ھوقۇقى بار.
5. <<توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى>>نىڭ <<يۇقىرى چېكى>> بار بولدى. قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنىڭ سوممىسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تەمىنلىگەن تەربىيىلەش ھەققى سوممىسىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. تەربىيىلەش مۇلازىمىتى ۋاقتى ۋە كەسپىي چەكلىمە دائىرىسىدە ئەمگەكچىلەردىن توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق نامدىكى توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمى تەلەپ قىلىش قانۇنسىزلىق.
6. ئورۇنلار قانۇن بويىچە ئىجتىمائىي كاپالەت ھەققى تاپشۇرمىغان بولسا، ئەمگەكچىلەر ھەر قانداق چاغدا ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
7. ئەمگەك مۇلازىمىتى ئورگانلىرى ئەۋەتكەن ئەمگەكچىلەر بىلەن ئورۇنلار ئاز بولغاندىمۇ ئىككى يىللىق ئەمگەك توختامى تۈزۈشى كېرەك. ئەۋەتىلگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەك مۇلازىمىتى ئورگانلىرى چېتىلما تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتىنى زېممىسىگە ئالىدۇ.
8. ۋاقتىلىق ئەمگەك قىلىدىغان ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشىنى ئايغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاشقا بولمايدۇ، مائاشنى ھېسابلاش قەرەلى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ 15 كۈندىن ئاشماسلىقى كېرەك.
9. <<رەنە پۇلى>> ئالغان ئورۇنلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 يۈەن جەرىما قويۇلىدۇ. قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كىپىل بولۇش دېگەندەك ناملار بىلەن ئەمگەكچىلەرنىڭ پۇل ۋە مۈلكىنى تۇتۇپ قالسا، ئەمگەك مەمۇرىي تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا قايتۇرۇش مۆھلىتى بېكىتىپ بېرىدۇ ھەمدە ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن 500 يۈەندىن يۇقىرى، 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.
10. ئىش ھەققى قەستەن كەينىگە تارتىلىپ بېرىلمىسە، ئىش ھەققىگە بەلگىلىك مىقداردا تۆلەم قوشۇپ بېرىشكە بۇيرۇلىدۇ. تۆلەم سوممىسىنىڭ مىقدارى بېرىشكە تېگىشلىك ئىش ھەققىنىڭ %50ىدىن يۇقىرى %100ىدىن تۆۋەن بولىدۇ.
خەتكۈچ: