بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدۇ. - [خىزمەتچىلەرنىڭ ھۇقۇقىنى قوغدا]

    2009/03/20

    قانداق كىشىلەر ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمان بولالايدۇ؟
    قانۇنچىلىق گېزىتى - قانۇن مەسلىھەتچىلىرى گۇرۇپپىسى

         سوئال سورىغۇچى ئاقسۇدىن ئەخمەت ئەپەندىم: مەن 1998-يىلىدىن باشلاپ خىزمەتكە قاتناشقان، بۇلتۇرنىڭ ئاخرىدا ئىدارىنىڭ خادىم قىسقارتىشى سەۋەبلىك مەن ئىش ئورنۇمدىن قالدۇرۇلدۇم. تا ھازىرغىچە توختىماي خىزمەت ئىزدىگەن بولساممۇ، مۇۋاپىق خىزمەت تاپالمىدىم. يېقىندا باشقىلاردىن << ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغانلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ>> دېگەن گەپنى ئاڭلىدىم. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى دېگەن نېمە؟ قانداق كىشىلەر بۇنىڭدىن بەھرىمەن بولالايدۇ؟

          <<قانۇنچىلىق گېزىتى>> قانۇن مەسلىھەتچىلىرى گۇرۇپپىسى: ئەخمەت ئەپەندى، سىزنىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش-بولالماسلىقىڭىز ئىش ئورنىڭىزنىڭ قانۇندىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سىز ئۈچۈن ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرغان-تاپشۇرمىغانلىقى، ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان ياكى تىزىملاتمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
          گوۋۇيۈن ئېلان قىلىپ يولغا قويغان <<ئىشسىزلىق سۇغۇرتا نىزمى>>غا ئاساسەن، شەھەر بازارلاردىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە خادىملار بەلگىلىمە بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرسا، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
          ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەرھال ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان خادىمغا ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاياغلاشقانلىق ياكى بىكار قىلىنغانلىق ھەققىدىكى ئىسپاتنى چىقىرىپ، ئۇلارغا ئىشسىزلىق سۇغۇتىسىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشى ھەمدە ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان خادىملارنىڭ تىزىملىكىنى ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئاياغلاشقان ياكى بىكار قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئورۇنلىرىغا رويخەتكە ئالدۇرۇشى لازىم. ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان خادىم ئۆزىمۇ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنىڭ ئاياغلاشقانلىق ياكى بىكار قىلىنغانلىق ئىسپاتىنى ئېلىپ، دەل ۋاقىتتا بەلگىلەنگەن ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقىغا بېرىپ ئىشسىزلىقنى تىزىمغا ئالدۇرۇشى لازىم.
          ئىشسىزلىقنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان خادىم تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىسلا ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ:
          (1) بەلگىلىمە بويىچە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان، ئىش ئورنى ۋە ئۆزى بەلگىلىمە بويىچە سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقىنىغا بىر يىل بولغان بولسا؛
          (2) ئۆز خاھىشى بويىچە يېرىم يولدا توختاپ قېلىپ ئىش ئىزدەۋاتقان بولمىسا؛
          (3) ئىشسىزلىقنى تىزىملاتقان، ئىش ئىزدەۋاتقان بولسا.

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ