بۇبىلوگ ئاساسلىقى دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ھەرخىل شىركەتلەر، ئىجتىمائى كوللىكتىپ ئورۇنلار، ئىشچى ئىشلىتىش مۇناسىۋىتى بولغان يەككە سودا سانائەتچىلەر ۋە شەخىسلەر بىلەن ئىشچى - خىزمەتچىلەر ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئۇقۇغۇچىلار، ئىش ئورنىدىن قالغانلار، ئىشسىزلار، كەسىپكە تۇنۇشتۇرۇش ئورۇنلىرى، كەسپىي تەربىيلەش ئاپىراتلىرى چۇقۇم بىلىشكە ۋە پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بولغان دۆلەتنىڭ مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سياسەتلىرىنى يېزىشنى ئاساس قىلغان. ئېھتىياجلىق ئۇچۇر، چۇشەنمىگەن جايلار ۋە تەكلىپ پىكىر بولسا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بۇلىدۇ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يار دەم قىلىمەن.
  • شەھەر - بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش - [داۋالىنىش سۇغۇرتىسى]

    2009/03/20

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججىتى ش ھ [2008]94- نومۇرلۇق

    شەھەر - بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

     ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ داۋالىنىش كاپالەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قارارى» (گ [1998] 44 - نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز 1999 - يىلدىن باشلاپ شەھەر - بازارلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى ئورنىتىشقا باشلىدى؛ 2007 - يىل، «گوۋۇيۈەننىڭ شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكر» ئى (گ [2007] 20 - نومۇرلۇق) نىڭ روھىغا ئاساسەن، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمىنى سىناق قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويدى. شەھەر - بازارلاردا ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلاردا بۇ خىزمەت ياخشى ئىشلىنىپ، داۋالىنىش كاپالىتىگە دائىر تۈزۈملەرنىڭ رولى پەيدىنپەي نامايان بولۇپ، خېلى ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىنىپ، يېنىك كېسەلنى ۋاقتىدا داۋالاش، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەلنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ئېغىر كېسەلدىن ۋاقتىدا قۇتقۇزۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلگە ئېشىپ، قاپلاش دائىرىسى تولۇق، سۇغۇرتا سىستېمىسى كۆپ قاتلاملىق، مەبلەغ مەنبەسى كۆپ يوللۇق بولدى، باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىجتىمائىيلاشقان شەھەر - بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلدى. پارتىيە 17 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، 2020 - يىلىغا بارغاندا شەھەر - يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان داۋالاش كاپالەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىپ، ئاممىنى بىخەتەر، ئۈنۈملۈك، قۇلايلىق، ئەرزان داۋالىنىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز سىناق جەريانىدا يولۇققان يېڭى ئەھۋال ۋە يېڭى مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىپ، شەھەر - بازارلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە بەخت - سائادەت يارىتىش ئۈچۈن، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى تەڭشەش توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىمىز: 1. داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى بىر تۇتاش غەملەيدىغان جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىغا ئاساسەن، كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردىمى چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش شەرتى ئاستىدا، كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق تەڭشىشى كېرەك. ئاپتونوم رايوندىكى تەڭ دەرىجىلىك شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىكى كۆپ سوممىلىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى بويىچە ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى 2009 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ، ئاپتونوم رايون مالىيىسىدىن ھەر بىر كىشىگە ئېيىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل 5 يۈەندىن 10 يۈەنگە، شەخسلەر ئېيىغا تاپشۇرىدىغان ھەق 5 يۈەندىن 10 يۈەنگە تەڭشىلىدۇ. 2. داۋالىنىش سۇغۇرتا پۇلىنى بىر تۇتاش غەملەيدىغان جايلاردىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلار ۋە شەھەر - بازار ئاھالىسى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئۆز ئالدىغا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان شەھەر - بازار ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ بالنىتسىدا يېتىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىرىگە قاتناشسا؛ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەيدىغانلار تاللاش ئارقىلىق يېڭىچە يېزا ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشسىمۇ بولىدۇ. 3. شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلىق سۇغۇرتا پۇلى ئېلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان ئىشسىزلارنىڭ ھەممىسى شەھەر - بازارلاردىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئىشسىزلارنىڭ ئىشسىزلىق مەزگىلىدە ئالىدىغان داۋالىنىش ياردەم پۇلى داۋالىنىش سۇغۇرتا ياردەم پۇلىغا ئۆزگەرتىلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندىدىن ئۇلارغا سۇغۇرتا پۇلىنى بىر تۇتاش غەملەيدىغان جايلار بەلگىلىگەن نىسبەت ۋە شەھەر - بازارلاردىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا ئۆلچىمى بويىچە بىۋاسىتە ياردەم پۇلى بېرىدۇ ھەمدە ئۇلار شەھەر - بازارلاردىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىدۇ. 4. شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان ھەر تۈردىكى ئوقوغۇچىلارنىڭ (بالىلار باغچىسىدىكى بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتەپتە يۈز بەرگەن كۈتۈلمىگەن يارىلىنىشتىن كېلىپ چىققان داۋالىنىش خىراجىتى بىردەك شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتا چىقىم دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ. 5. بىر دوختۇرخانىنىڭ ئامبۇلاتورىيىسىدىكى دىئاگنوز نەتىجىسىنى بالنىتسىدا داۋالاتقاندىمۇ ئېتىراپ قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تەكرار تەكشۈرۈشتىن ساقلىنىپ، بىمارلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش كېرەك. 6. تۇغۇت سۇغۇرتا تەمىناتى بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ھازىرقى نوقۇل ھالدا تۇغۇت ۋە تۇغۇتتىن كېيىن ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىنى تۇغۇتتىن بۇرۇن (ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە)، تۇغۇت ئارلىقىدا ۋە تۇغۇتتىن كېيىن ياردەم بېرىشكە كېڭەيتىش كېرەك. 7. بۇ ئۇقتۇرۇش 2009 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ. 2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى 关于进一步完善城镇基本医疗保险和生育保险有关政策的通知

    分享到:
    خەتكۈچ:

1056551709QQ