-
ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى فوندى خام چوتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى - [ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى]
2009/03/20
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگوڭتىڭى ھۆججىتى
ش ھ ب 【2008】221- نومۇرلۇق
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىشچى -
خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى
خام چوتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» نى
تارقىتىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇشئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى خام چوتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» گە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى قوشۇلدى، ئۇنى سىلەرگە تارقاتتۇق، ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشىڭلارنى سورايمىز.
2008 - يىل 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىشچى -
خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى
فوندى خام چوتىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى1 - باب ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - ماددا بۇ چارە كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ (تۆۋەندە قىسقارتىپ فوندى دېيىلىدۇ) كىرىم - چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، فوندىنىڭ قوللاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، فوند باشقۇرۇشنى تۈزۈملەشتۈرۈش، ئىلمىيلاشتۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ «كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدا قارار» (گ[2005] 38 - نومۇرلۇق) ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ «كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» (ئە ئى ك م [2007] 3 - نومۇرلۇق) دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈلدى.
2 - ماددا فوند خام چوتى - ئىجتىمائىي كاپالەتنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پىلانى ۋە ۋەزىپىسىگە ئاساسەن تۈزگەن، بەلگىلىمىدىكى تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىغان يىللىق فوند كەسپىي مالىيە كىرىم - چىقىم پىلانىنى كۆرسىتىدۇ.
3 - ماددا فوند خام چوتىنى باشقۇرۇشتا «رايون دەرىجىلىك خام چوت تۈزۈش، نورمىلىق تەڭشەش، سىياسەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، تەدرىجىي ئۆتۈش» پرىنسىپى بويىچە، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە فوندقا بىر دەرىجە ھېسابات قىلىش، 2 دەرىجە تەڭشەش، 3 دەرىجە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. بىر دەرىجە ھېسابات قىلىش دېگىنىمىز، ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى بىر تۇتاش ھېسابات قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ 2 دەرىجە تەڭشەش دېگىنىمىز، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭ ھەر قايسىسى بىر دەرىجىلىك تەڭشەش بىرلىكى قىلىنىپ، ئاپتونوم رايون پەقەت ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) لەرنىڭكىنىلا تەڭشەيدۇ؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭكىنى تەڭشەيدۇ؛ 3 دەرىجىلىك باشقۇرۇش دېگىنىمىز، فوندنىڭ يىغىندى قالدۇقىنى ئايرىم - ئايرىم ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭكىگە قالدۇرۇشنى ھەمدە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە قالدۇرۇلغان فوند قالدۇقىنى باشقۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.
4 - ماددا فوند خام چوتىنى تۈزۈشتە تۆۋەندىكى پرىنسىپلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەك:
1) سىياسەتچانلىق پرىنسىپى. فوند خام چوتىنى تۈزۈشتە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار سىياسەت ۋە قائىدە - تۈزۈملىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك.
2) ھەقىقىي، توغرا بولۇش پرىنسىپى. تۈرلۈك فوند كىرىم - چىقىمى ۋە قالدۇقنىڭ ھەممىسىنى فوند خام چوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇش، فوند خام چوتىدا فوندنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ئەتراپلىق، ھەقىقىي، توغرا، مۇكەممەل ئەكس ئەتتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك. كەم مەلۇم قىلىشقا، يوشۇرۇپ مەلۇم قىلىش ياكى ئارتۇق مەلۇم قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
3) ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇش پرىنسىپى. فوند خام چوتىنى تۈزۈشتە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەش تەلىپى بويىچە، ئالدىنقى يىللىق خام چوتنىڭ ئىجرا ئەھۋالى ۋە كىرىم - چىقىمنىڭ ئۆزگىرىش ئامىلىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، ئىلمىي مۇۋاپىق بولغان فوند كىرىم - چىقىم خام چوتىنى تۈزۈپ، فوند كىرىم - چىقىمىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشى ھەمدە سەل ئېشىنچا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
4) پۇلنى ئورۇنغا ئىشلىتىش پرىنسىپى. فوند خام چوتىنى تۈزۈشتە سىياسەتتە بەلگىلەنگەن تۈر، ئۆلچەم بويىچە تۈرلۈك فوند كىرىمىنى تەييارلاش ۋە تۈرلۈك فوند چىقىمىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇلنى ئورۇنغا ئىشلىتىش كېرەك، قىسىپ قېلىشقا، ئىگىلىۋېلىشقا ۋە باشقا ئورۇنغا ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
5) رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش پرىنسىپى. خام چوت ئىچىدىكى بېكىتىلگەن كىرىم - چىقىم يوچۇققا ئاپتونوم رايون نىسبەت بويىچە ياردەم بېرىدۇ، خام چوتتىن ئاشۇرۇۋەتكەن كىرىم - چىقىم يوچۇقىغا ئاپتونوم رايون ياردەم بەرمەيدۇ؛ خام چوت ئىچىدە بېكىتىلگەن كىرىم - چىقىم قالدۇقى نىسبەت بويىچە ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرۇلىدۇ، خام چوتتىن ئېشىپ كەتكەن كىرىم - چىقىم قالدۇقى جايلارغا قالدۇرۇلۇپ، بىر يىلدا بىر قېتىم بېكىتىلىدۇ، كەم كىرىم قىلىنسا ياردەم بېرىلمەيدۇ، ئارتۇق كىرىم قىلسا بېرىدىغان ياردەم كېمەيتىلمەيدۇ.
5 - ماددا فوند خام چوت يىلى ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، 12 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگە قەدەر بولىدۇ.2 - باب فوند خام چوتىنى تۈزۈش ۋە چۈشۈرۈش
6 - ماددا ھەر يىلى ئاخىرلىشىشتىن ئىلگىرى، ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي كاپالەت بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تارقاتقان خام چوت تۈزۈش جەدۋىلىنىڭ شەكلى ۋە خىزمەت تەلىپى بويىچە ئالدىنقى يىللىق خام چوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە كېلەر يىللىق فوند كىرىم - چىقىم مۆلچىرىگە ئاساسەن، كېيىنكى يىللىق فوند خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ۋە مالىيە تارمىقى فوند خام چوت لايىھىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ھەمدە تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
7 - ماددا فوند خام چوتى شۇ دەرىجىلىك فوند خام چوتى ۋە جايلارنىڭ فوند خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ فوند خام چوتى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ۋە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك فوند خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ؛ ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك فوند خام چوتى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ۋە ناھىيىلىك (شەھەرلىك) فوند خام چوتىدىن تەركىب تاپىدۇ.
8 - ماددا فوند خام چوتى «تۆۋەندىن يۇقىرىغا» بولۇش تەرتىپى بويىچە تۈزۈلىدۇ.
1) ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئىجتىمائىي كاپالەتنى بېجىرگۈچى ئاپپاراتلار بەلگىلىمە بويىچە شۇ دەرىجىلىك ۋە ناھىيە (شەھەر) لەر يۇقىرىغا مەلۇم قىلغان خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ ئومۇملاشتۇرۇپ، تەڭ دەرىجىلىك ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى قايتا سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىگە يوللايدۇ.
2) ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بەلگىلىمە بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك خام چوت لايىھىسى ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر يۇقىرىغا يوللىغان خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈپ ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى خام چوت لايىھىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر يىلى 2 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ قاراپ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى قايتا سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە يوللايدۇ.
3) ئاپتونوم رايوننىڭ خام چوت لايىھىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ۋە ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئىجرا قىلىشىغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ.3 - باب فوند خام چوتىنى تۈزۈش مەزمۇنى
9 - ماددا فوند خام چوتى فوند كىرىم خام چوتى، فوند چىقىم خام چوتى، فوند كىرىم - چىقىم قالدۇقى (ياكى يوچۇقى) نى بېكىتىش، جايلار يۇقىرىغا تاپشۇرۇش ياكى ئاپتونوم رايون ياردەم بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
10 - ماددا فوند كىرىمى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى كىرىمى، مالىيە ياردەم پۇلى كىرىمى، ئۆسۈم كىرىمى، يۆتكىمە كىرىم، باشقا كىرىم، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ بەرگەن ياردەم پۇلى كىرىمى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا: ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى كىرىمىنى سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرىدىغانلار سانى، سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى، سۇغۇرتا پۇلى نىسبىتى، ئىش ئورنىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ ئېشىشى، دائىرىسىنى كېڭەيتىش پىلانى ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ بېكىتىش كېرەك؛ ئۆسۈم كىرىمى ھازىرقى فوندنىڭ مەبلەغ ئەھۋالى ۋە فوندنىڭ بانكا ھېساباتىدىكى قالدۇقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ مالىيە ياردەم پۇلى كىرىمى مەركەز مالىيىسىدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىپ بەرگەن ياردەم مەبلىغى ۋە يەرلىك مالىيىدىن بېرىدىغان ياردەم مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ يۆتكىمە كىرىم شۇ رايوندىكى خادىملارنىڭ ئالدىنقى ۋە يېقىنقى يىللاردىكى تارقاقلىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ باشقا كىرىم فوند كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى ئېلىش ئەھۋالى ۋە ئالدىن كۆرۈشكە بولىدىغان باشقا كىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ بېكىتىلىدۇ؛ يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ياردەم پۇلى كىرىمى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان كىرىمى فوندنىڭ شۇ يىللىق كىرىم - چىقىم ئەھۋالى، شۇنىڭدەك جايلارنىڭ فوندنىڭ جەمئىي قالدۇقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
11 - ماددا فوند چىقىمى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى، داۋالاش ياردەم پۇلى چىقىمى، دەپنە - نەپىقە ياردەم پۇلى چىقىمى، يۆتكىمە چىقىم، باشقا چىقىم، تۆۋەن دەرىجىلىككە بەرگەن ياردەم پۇل چىقىمى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىككە تاپشۇرغان چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدا: ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى ئالدىنقى يىللىق كۈتۈنۈش پۇلى تەمىنات سەۋىيىسى، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلار سانى، يېڭىدىن قوشۇلغان دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلار سانى، كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ تەبىئىي ئېشىشى، تولۇقلاپ تارقىتىش پىلانى قاتارلىق ئامىللارنى ئۇنىۋېرسال ئويلىشىپ بېكىتىلىدۇ. داۋالاش ياردەم پۇلى چىقىمى، دەپنە - نەپىقە ياردەم پۇلى چىقىمى، يۆتكىمە چىقىم ۋە باشقا چىقىملار ئالدىنقى يىللىق چىقىم سەۋىيىسى، يېقىنقى يىللاردىكى ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ تۆۋەن دەرىجىلىككە بەرگەن پۇل ياردەم چىقىمى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىككە تاپشۇرغان چىقىم فوندنىڭ شۇ يىللىق كىرىم - چىقىم ئەھۋالى، شۇنىڭدەك جايلارنىڭ فوند جەمئىي قالدۇقى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
12 - ماددا فوند كىرىم - چىقىمى قالدۇقى (ياكى يوچۇقى) جايلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلى كىرىمى بىلەن كۈتۈنۈش پۇلى تەمىنات چىقىمى (ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى، داۋالاش ياردەم پۇلى چىقىمى، دەپنە - نەپىقە ياردەم پۇلى چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن قالدۇق (ياكى يوچۇق) نى كۆرسىتىدۇ.
13 - ماددا جايلارنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغىنى ۋە ئاپتونوم رايون بەرگەن ياردەم پۇل جايلارنىڭ شۇ يىللىق كىرىم - چىقىم قالدۇقى (ياكى يوچۇقى)، فوندنىڭ جەمئىي قالدۇقى، جايلارنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇل نىسبىتى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.4 - باب فوند خام چوتىنى ئىجرا قىلىش ۋە تەڭشەش
14 - ماددا ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى قەتئىي ئاپتونوم رايون چۈشۈرگەن فوند خام چوتى بويىچە ئىجرا قىلىشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى تەكشۈرۈپ، ئېلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يىغقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى، شۇنىڭدەك جايلارنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان فوند قالدۇقىنى مالىيە مەخسۇس سچوتىغا ۋاقتىدا، تولۇق تاپشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.
ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرىغا ئايغا بۆلۈپ پۇل تاپشۇرۇش پىلانىنى ئايمۇ ئاي سۇنۇشى، شۇنىڭدەك دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۆپىيىش - كېمىيىش ئەھۋالى توغرىسىدا ئىزاھات بېرىشى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ چىقىم قىلىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىگە ئاساسەن تۈرلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتىنى بېرىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى تاپشۇرغان پۇل ئىشلىتىش پىلانىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، تۈرلۈك سۇغۇرتا تەمىناتى چىقىم مەبلىغىنى قەتئىي خام چوت سۈرئىتى بويىچە بۇيرۇپ بېرىپ، كارخانىلاردىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
15 - ماددا جايلار ئۆزىگە قالدۇرۇپ قويغان فوند قالدۇقى ئاپتونوم رايوننىڭ بىر تۇتاش فوندىغا تەۋە بولىدۇ، ماقۇللۇقنى ئالماي تۇرۇپ ئىشلىتىۋېلىشقا بولمايدۇ. ھەقىقەتەن ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە، شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى ئۆز پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىگە يوللاپ تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ فوند قالدۇقىنى كىرىم - چىقىم يوچۇقىنى قاپلاشقا ئىشلەتسە، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن ھامان ئۇنى ئاپتونوم رايون كېيىنكى يىللىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتا مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىدىن 2 ھەسسىلەپ تۇتۇپ قالىدۇ.
16 - ماددا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ فوند خام چوتى ئىچىدە بېكىتىلگەن كىرىم - چىقىم يوچۇقىغا ئاپتونوم رايون مۇئەييەن نىسبەت بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ، كونكرېت ياردەم پۇل نىسبىتىنى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش تەلىپى ۋە فوند قالدۇقىنىڭ جايلارغا تارقىتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ؛ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ خام چوتتىن ئېشىپ كەتكەن كىرىم - چىقىم يوچۇقىنى شۇ جايدىكى مالىيە خام چوتى ئىچىدە %20 ىنى، قالدۇقىدا %80 ىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ناھىيە (شەھەر) نىڭ خام چوتتىن ئاشۇرۇلغان كىرىم - چىقىم يوچۇقىنى ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتىنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر بېكىتىدۇ. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) مالىيە ئۈستىگە ئالغان مەبلەغ ئەمەلىيلەشكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونغا فوند قالدۇقىنى ئىشلىتىشكە ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر فوند خام چوتى ئىچىدە بېكىتكەن كىرىم - چىقىمنىڭ قالدۇق قىسمىنى مۇئەييەن نىسبەت بويىچە ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرىدۇ، كونكرېت تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش تەلىپى ۋە فوند قالدۇقىنىڭ جايلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن بېكىتىدۇ؛ خام چوتتىن ئاشۇرۇلغان كىرىم - چىقىم قالدۇقى جايلارنىڭ ئىشلىتىشىگە قالدۇرۇلۇپ، كېيىنكى يىلنىڭ فوند كىرىم - چىقىم يوچۇقىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.
17 - ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە بېرىدىغان ياردەم مەبلىغىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى فوند خام چوتىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەخسۇس سچوتىدىن پەسىل بويىچە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مالىيە مەخسۇس سچوتىغا پەسىل بويىچە بۇيرۇپ بېرىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرىدىغان مەبلەغنى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مالىيە مەخسۇس سچوتىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە مەخسۇس سچوتىغا پەسىل بويىچە تاپشۇرىدۇ.
18 - ماددا ئاپتونوم رايون چۈشۈرۈپ بەرگەن فوند خام چوتىنى پرىنسىپ جەھەتتىن تەڭشەشكە بولمايدۇ. سىياسەت ئامىلى قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەردىن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتى فوند خام چوت تەڭشەش لايىھىسىنى تۈزۈپ، تەڭ دەرىجىلىك ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغا تەكشۈرتكەن ھەم مالىيە تارمىقىغا قايتا تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىگە دەرىجىمۇ دەرىجە يوللايدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسى جايلارنىڭ فوند خام چوت تەڭشەش لايىھىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە تەكشۈرتكەن ھەم ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىگە قايتا تەكشۈرتكەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن ئىجرا قىلىشىغا چۈشۈرۈپ بېرىلىدۇ.5 - باب فوند نەقچوتى
19 - ماددا خام چوت يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە يىللىق فوندى نەقچوتىنى ئومۇملاشتۇرۇپ بېكىتىدۇ. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن نەقچوت جەدۋەل نۇسخىسى، ۋاقتى بويىچە فوندى نەقچوتىنى دەرىجىمۇ دەرىجە تۈزۈشى، ئومۇملاشتۇرۇشى، يوللىشى كېرەك. نەقچوت مەلۇمات جەدۋىلىنى تۈزۈشتىن ئىلگىرى، ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مەمۇرىي تارماقلىرى ھېساباتنى قاتتىق سېلىشتۇرۇپ، ھېساب بىلەن جەدۋەلدىكى سانلارنىڭ ئوخشاش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەلۇمات جەدۋېلى تولۇق، سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقىي، توغرا، رەسمىيىتى مۇكەممەل بولۇش، ۋاقتىدا يوللاشقا، بىر قەدەر ئەتراپلىق يېزىقچە تەھلىل ئىزاھاتى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
20 - ماددا مالىيە مىنىستىرلىكى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكى تەستىقلىغان فوند نەقچوتىغا ئاساسەن ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىغا تەلەپ بويىچە دەرىجىمۇ دەرىجە تەستىقىي جاۋاب بېرىدۇ.6 - باب فوند خام چوتىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك قىلىش
21 - ماددا ھەر دەرىجىلىك مالىيە، ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى دۆلەتنىڭ سىياسىتى، قانۇن - نىزاملىرى بويىچە، فوند خام چوتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ، بايقالغان مەسىلىلەرگە تۈزىتىش پىكرى بېرىشى ھەمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى فوند خام چوتىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلىش ۋە مەلۇم قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فوندنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، ھەر بىر پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 10 كۈن ئىچىدە تەڭ دەرىجىلىك مالىيە تارمىقىغا خام چوت ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىشى كېرەك. ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مالىيە تارماقلىرى ھەر بىر پەسىل ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 20 كۈن ئىچىدە، خام چوت ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ۋە ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىگە مەلۇم قىلىشى كېرەك.
23 - ماددا ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندى ھېسابىنى سېلىشتۇرۇش ۋە مەلۇمات جەدۋېلى تۈزۈمى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى فوندىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە، مالىيە تارماقلىرىغا فوندى كىرىم - چىقىمى ۋە قالدۇق ئەھۋالىنىڭ پەسىللىك مەلۇمات جەدۋېلىنى ۋاقتىدا يوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرى فوندىنىڭ كىرىم - چىقىم ئەھۋالىنى قەرەللىك سېلىشتۇرۇپ، بايقالغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشى كېرەك.
24 - ماددا خام چوت ئىجرا قىلىش يىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ فوند خام چوتىنى تۈزۈش، خام چوت ئىجرا قىلىش، قالدۇقىنى ئىشلىتىش ۋە فوندنى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرىدۇ ھەمدە فوند خام چوتىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىگەن ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ، ئۇنىڭ كونكرېت چارىسىنى ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ.
25 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ھەر يىلى خام چوت ئىچىدىن شۇ يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى خام چوتى كىرىمىنىڭ ئۆتكەن يىلدىكىسىدىن ئاشقان سوممىسىنىڭ %5.0ى بويىچە مەخسۇس تاپشۇرۇش خىراجىتى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ خىراجەت ئاساسلىقى بىرىنچى سەپتىكى فوند يىغىپ تاپشۇرغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي خىراجىتىنىڭ يېتىشمىگەن قىسمىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بۇ خىراجەتنى يىغىپ تاپشۇرۇشنى تەقسىملەشنى جايلاردا دائىرىنى كېڭەيتىپ يىغىپ تاپشۇرۇش، نېسى قىلغانلارنى يىغىش، خام چوت تۈزۈش، خام چوت ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى بىلەن چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت تەقسىملەش چارىسى ئايرىم تۈزۈلىدۇ.7 - باب قوشۇمچە پرىنسىپ
26 - ماددا بۇ ۋاقىتلىق چارىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مەسئۇل بولىدۇ.
27 - ماددا بۇ ۋاقىتلىق چارە 2009 - يىلى 1 - يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.قوشۇمچە: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈش توغرىسىدا چۈشەندۈرۈشقوشۇمچە:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كارخانا ئىشچى -
خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى
فوندى خام چوت لايىھىسىنى تۈزۈش
توغرىسىدا چۈشەندۈرۈش1 - قىسىم فوند كىرىمى
فوند كىرىمى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى كىرىمى، مالىيە ياردەم پۇلى كىرىمى، ئۆسۈم كىرىمى، يۆتكىمە كىرىم، باشقا كىرىم، يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ياردەم پۇلى كىرىمى ۋە تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1. ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى كىرىمى نورمال كىرىم، دائىرىسىنى كېڭەيتىش كىرىمى، نېسى قالغان ھەقلەرنى يىغقان كىرىم، تولۇقلاپ تاپشۇرغان ھەق كىرىمى، ئالدىن تاپشۇرغان ھەق كىرىم قاتارلىق 5 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) نورمال كىرىم - ئالدىنقى يىلى سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشلەۋاتقان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ شۇ يىلى تاپشۇرغان ھەق كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ، كارخانا (يەرلىك كارخانا ۋە مەركەز كارخانىسى) ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، يەككە تىجارەتچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، ئەركىن كەسىپچىلەر، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەر بويىچە ئايرىم ھېسابات قىلىنىدۇ، ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىچە: نورمال كىرىم= ئالدىنقى يىلى ئىشلەۋېتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى سانى × شۇ يىلى ئېيىغا كىشى بېشىغا ھەق تاپشۇرغان مائاشى × ھەق تاپشۇرۇش خىراجەت نىسبىتى × يىغىپ تاپشۇرۇش نىسبىتى × 12 ئاي، بۇنىڭدا:
(1) شۇ يىلى ئېيىغا كىشى بېشىغا ھەق تاپشۇرغان مائاشى = ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرى شەخسىي ھەق تاپشۇرغان مائاشنىڭ ئومۇمىي سوممىسى ÷ ئالدىنقى يىلى ئەمەلىي ھەق تاپشۇرغان كىشى سانىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى 〕 × 1 + (يېقىنقى 3 يىلدا شەخسىي ھەق تاپشۇرغان مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى % × 50 + يېقىنقى 3 يىلدا خىزمەت ئورنىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتى% × 50)〔 (تۆۋەندە ئوخشاش).
(2) كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى %= 28 ، يەككە تىجارەتچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، ئەركىن كەسىپچىلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى % = 20.
(3) يىغىپ تاپشۇرۇش نىسبىتى %= 95 (تۆۋەندە ئوخشاش).
2) دائىرىسى كېڭىيىش كىرىمى - شۇ يىلى يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار شۇ يىلى تاپشۇرغان ھەق كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ، ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىچە: دائىرىسى كېڭىيىش كىرىمى = شۇ يىلى يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى × شۇ يىلى ئېيىغا كىشى بېشىغا ھەق تاپشۇرغان مائاشى × ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى × يىغىپ تاپشۇرۇش نىسبىتى × 6 ئاي. بۇنىڭدا:
(1) شۇ يىلى يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر سانى = ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرى سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سانى × يېقىنقى 3 يىلدا سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۆپىيىش نىسبىتى + شۇ يىلى ئىشقا ئورۇنلىشىش بايلىق مىقدارى × كوئېففىتسېنت. شۇ جاينىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بايلىق مىقدارى كۆرسەتكۈچىنى شۇ جاينىڭ ستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن، شۇ جايدىكى ستاتىستىكا تارمىقى ۋە ئەمگەك - ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى بىرلىكتە بېكىتىدۇ.
(2) ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەق تاپشۇرۇش نىسبىتى = يەككە تىجارەتچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، شۇنىڭدەك ئەركىن كەسىپچىلەرنىڭ ئىشلەۋېتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سانى ئىشلەۋېتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئومۇمىي سانىدىن ئىگىلىگەن نىسبىتى % × 20 + كارخانىلاردا ئىشلەۋېتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار سانىنىڭ ئىشلەۋېتىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار ئومۇمىي سانىدىن ئىگىلىگەن نىسبىتى % × 28 (تۆۋەندە ئوخشاش).
(3) شۇ يىلى ئېيىغا كىشى بېشىغا ھەق تاپشۇرغان مائاشنى ھېسابلاش ئۇسۇلى يۇقىرىقى بىلەن ئوخشاش.
3) نېسى قالغان ھەقلەرنى يىغقان كىرىم - جايلارنىڭ تارىختىن بۇيان نېسى قالغان ھەقلەرنى يىغقان كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ، ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىچە:
نېسى قالغان ھەقلەرنى يىغقان كىرىم = ئالدىنقى يىلى جەمئىي نېسى قالغان ھەق ئومۇمىي سوممىسى %× 60.
4) تولۇقلاپ تاپشۇرغان ھەق كىرىمى - دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرى ۋە تۈرمە كارخانىلىرىنى شۇ جاينىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى جەمئىيەت بىر تۇتاش غەملەش قاتارىغا كىرگۈزۈش قاتارلىق سىياسەت ئامىلى ۋە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق ھاسىل بولغان بىر قېتىملىق تولۇقلاپ تاپشۇرغان ھەق كىرىمىنى كۆرسىتىدۇ.
5) ئالدىن تاپشۇرغان ھەق كىرىمى - كارخانا شۇ يىلى كېيىنكى يىلغا ئالدىن تاپشۇرغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەق كىرىمى ھەمدە ۋەيران بولۇپ تۈزۈم ئۆزگەرتكەن كارخانىلار ۋەيران بولغاندىن كېيىن كېيىنكى يىللارغا ئالدىن تاپشۇرغان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى قاتارلىق كىرىملەرنى كۆرسىتىدۇ.
2. مالىيە پۇلى ياردەم كىرىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:
1) يۇقىرى دەرىجىلىك مالىيە ياردەم پۇلى كىرىمىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى «ئاپتونوم رايون تۆۋەنگە بەرگەن ياردەم ۋە جايلار ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرغان تۈر» دىكى چۈشەندۈرۈشكە قارالسۇن.
2) تەڭ دەرىجىلىك مالىيە ياردەم پۇلى كىرىمى تەڭ دەرىجىلىك مالىيىنىڭ شۇ جايدىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىغا بەرگەن ئەمەلىي ياردەم سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
3. ئۆسۈم كىرىمى، يۆتكىمە كىرىم، باشقا كىرىم ئالدىنقى يىللىق ئۆسۈم كىرىمى سانى، يۆتكىمە كىرىم سانى ۋە باشقا كىرىم سانى بويىچە تولدۇرۇلىدۇ.
4. يۇقىرى دەرىجىلىكنىڭ ياردەم پۇل كىرىمى، تۆۋەن دەرىجىلىكنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرغان كىرىمى ئۈچىنچى قىسىمدىكى فوند تەڭشەش قىسمىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.2 - قىسىم فوند چىقىمى
فوند چىقىمى ئاساسىي كۈتۈنۈش فوند چىقىمى، داۋالىنىش ياردەم پۇلى چىقىمى، دەپنە - نەپىقە ياردەم پۇلى چىقىمى، يۆتكىمە چىقىم، باشقا چىقىم، تۆۋەن دەرىجىلىككە بەرگەن ياردەم پۇل چىقىمى، يۇقىرى دەرىجىلىككە تاپشۇرغان چىقىم قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
5. ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى نورمال چىقىم ۋە يېڭىدىن كۆپەيگەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمىدىن ئىبارەت 2 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
1) نورمال چىقىم -- ئالدىنقى يىلى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمىنى كۆرسىتىدۇ، كارخانا (يەرلىك كارخانا ۋە مەركەز كارخانىلىرى) ئىشچى - خىزمەتچىلىرى، يەككە تىجارەتچى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلار، ئەركىن كەسىپچىلەر، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كارخانىلىرى ئىشچى - خىزمەتچىلىرىنىڭ ئايرىم - ئايرىم ھېسابلىنىدۇ، ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىچە: نورمال چىقىم = ئالدىنقى يىلى دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلار سانىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى سانى × ئالدىنقى يىلنىڭ كىشى بېشى ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى × 12 ئاي، بۇنىڭدا: ئالدىنقى يىلنىڭ كىشى بېشى ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى = (ئالدىنقى يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى - ئالدىنقى يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش چىقىمى) ÷ ئالدىنقى يىلى دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار سانىنىڭ ئوتتۇرىچە سانى + ئالدىنقى يىلنىڭ كىشى بېشى ئايلىق كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش سەۋىيىسى.
2) يېڭىدىن كۆپەيگەن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى شۇ يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمىنى كۆرسىتىدۇ. ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىچە: يېڭىدىن كۆپەيگەن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلار كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى = شۇ يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلار سانى × ئالدىنقى يىلنىڭ كىشى بېشى ئايلىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى × 6 ئاي. بۇنىڭدا: شۇ يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار سانى = ئالدىنقى يىلى دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلار سانىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى سانى × (1 + يېقىنقى 5 يىلدا دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كۆپىيىش نىسبىتى).
6. داۋالىنىش ياردەم پۇلى چىقىمى = ئالدىنقى يىللىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى چىقىمى × (1 + يېقىنقى 3 يىللىق داۋالىنىش ياردەم پۇلى چىقىمىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆپىيىش نىسبىتى).
7. دەپنە - نەپىقە ياردەم پۇلى چىقىمى = ئالدىنقى يىللىق دەپنە - نەپىقە پۇلى چىقىمى × (1 + يېقىنقى 3 يىللىق دەپنە - نەپىقە پۇلى چىقىمىنىڭ ئوتتۇرىچە كۆپىيىش نىسبىتى).
8. يۆتكىمە چىقىم، باشقا چىقىم ئايرىم - ئايرىم ئالدىنقى يىلىنىڭ يۆتكىمە چىقىم سانى ۋە باشقا چىقىم سانى بويىچە تولدۇرۇلىدۇ.
9. تۆۋەن دەرىجىلىككە بەرگەن ياردەم پۇل چىقىمى، يۇقىرى دەرىجىلىككە تاپشۇرغان چىقىم ئۈچىنچى قىسىمدىكى فوند تەڭشەش قىسمىنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.
10. شۇ يىللىق ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش چىقىمى شۇ يىللىق فوند خام چوتىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئەگەر ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەشكە توغرا كەلسە، چىقىم خام چوتى ئايرىم چۈشۈرۈلىدۇ.3 - قىسىم فوند تەڭشەش
11. فوند كىرىم - چىقىم قالدۇقى ۋە يوچۇقى فوند خام چوت كىرىمى بىلەن خام چوت چىقىمىنى ئۆزئارا توغرىلىغاندىن كېيىنكى پەرق سوممىسى قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ھېسابلاش فورمۇلىسى تۆۋەندىكىچە: فوندنىڭ شۇ يىللىق كىرىم - چىقىم قالدۇقى ۋە يوچۇقى = ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلى كىرىمى - ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى - داۋالىنىش ياردەم پۇلى چىقىمى - دەپنە - نەپىقە پۇلى چىقىمى.
فوند كىرىم - چىقىم قالدۇقى ۋە يوچۇقىغا 2 دەرىجىلىك تەڭشەش يولغا قويۇلىدۇ، ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەر قايسىسى بىر دەرىجىلىك تەڭشەش ئورنى بولىدۇ، ئاپتونوم رايون پەقەت ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭكىنىلا تەڭشەيدۇ، ۋىلايەت ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭكىنى تەڭشەيدۇ.
12. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭكىنى تەڭشىشى
ناھىيە (شەھەر) لەرنىڭ فوند كىرىم - چىقىمىنى ئۆزئارا توغرىلىغاندىن كېيىن، يوچۇق قىسمىغا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ياردەم پۇل بېرىدۇ، قالدۇق قىسمىدىن 2 ئايلىق چىقىم خىراجىتى قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، قالغان قىسمى پۈتۈنلەي ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرگە تاپشۇرۇلىدۇ.
13. ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭكىنى تەڭشىشى
ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ فوند كىرىم - چىقىمىنى ئۆزئارا توغرىلىغاندىن كېيىن، يوچۇق قىسمىغا ئاپتونوم رايون ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى فوند جۇغلانما قالدۇقىنىڭ چىقىم قىلىنىدىغان ئايلىق سانىغا ئاساسەن، مۇئەييەن نىسبەت بويىچە ياردەم پۇل بېرىدۇ؛ قالدۇق قىسمى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى فوند جۇغلانما قالدۇقىنىڭ چىقىم قىلىنىدىغان ئايلىق سانىغا ئاساسەن، مۇئەييەن نىسبەت بويىچە ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭدا:
1) ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى فوند جۇغلانما قالدۇقىنىڭ چىقىم قىلىنىدىغان ئايلىق سانى = ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى فوند جۇغلانما قالدۇقى ÷ (ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرىدىكى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى چىقىمى ÷ 12 ئاي).
2) جايلار ئاپتونوم رايونغا تاپشۇرغان سان ۋە ئاپتونوم رايون ياردەم پۇل بەرگەن سان تۆۋەندىكى جەدۋەلدىكى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ، x جايلارنىڭ فوند قالدۇقىنىڭ چىقىم قىلىنىدىغان ئايلىق سانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، جەدۋەلدىكى پىرسەنت ئايرىم - ئايرىم شۇ يىللىق فوند خام چوتىدىكى كىرىم - چىقىم قالدۇقى ۋە كىرىم - چىقىم يوچۇقىنىڭ پىرسەنتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.3. ئاپتونوم رايون پۈتۈن رايوننىڭ فوند كىرىم - چىقىم ۋە قالدۇق ئەھۋالىغا ئاساسەن، فوند جۇغلانما قالدۇقى چىقىم قىلىنىدىغان ئايلىق سانىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن چېكى، شۇنىڭدەك ياردەم بېرىدىغان پۇل ياكى يۇقىرىغا تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ۋاقتى - ۋاقتىدا تەڭشەيدۇ.
2008-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى关于印发"新疆维吾尔自治区企业职工基本养老保险基金预算管理暂行办法"的通知
历史上的今天:
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻘﻰ 2009/03/20ھەمدەم بەگ ھاجى 2009/03/20ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 2009/03/20جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى 2009/03/20
