-
ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش - [ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسەتلىرى]
2009/03/20
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ھۆججىتى
ش ھ [2008]61- نومۇرلۇق
گوۋۇيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش
خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى
ئىزچىللاشتۇرۇشقا دائىر يولغا قويۇش پىكرىئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، ناھىيىلىك (شەھەرلىك) خەلق ھۆكۈمەتلىرى، مەمۇرىي مەھكىمىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تارماقلىرى ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى:
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، تۈزۈلمىنى ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن ئىش ئورنىدىن قالغانلار ۋە ئىشسىزلارنى قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، ئەمگەكچىلەرنى تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئېھتىياج بىلەن ئەمگەك كۈچى ئومۇمىي مىقدارى ئېشىپ كېتىش، ساپاسى ماس كەلمەسلىكتەك زىددىيەت يەنىلا ئىنتايىن گەۋدىلىك بولۇپ، يېڭى ئەمگەك كۈچلىرى، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەنلەر، قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى بېسىم كۈنسېرى ئېغىرلىشىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋەزىپىسى ئىنتايىن ئېغىرلاشتى. شۇڭا، «گوۋۇيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (گ [2008] 5 - نومۇرلۇق ھۆججەت) نىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تۆۋەندىكى يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق:
1. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك
1) ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش لازىم. ئەمگەكچى ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللاش، بازار تەڭشەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى مۇھىم نىشان قىلىپ، خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك يىرىك پىلان ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسپىي تەربىيە ۋە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، جەمئىيەتتىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ تولۇقلاش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى لازىم.
2) پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپ يوللار بىلەن كۆپەيتىش لازىم. بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، تۈۋرۈك كەسىپلەر ۋە ئۆزگىچە كەسىپلەرنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا - كىچىك كارخانىلار، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلار ۋە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدە بولمىغان ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تېز، تەرتىپلىك، ماس تەرەققىي قىلىشىنى تېزلىتىپ، ئەمگەكچىلەرگە تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش شەكلىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ساھەلىرى ۋە يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش لازىم.
3) ئىگىلىك يارىتىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، ئىگىلىك يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىش، ئۆزى كەسىپ تاللاشنى قوللاشتەك سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش، ئىگىلىك يارىتىش مۇلازىمىتى، ئىگىلىك يارىتىش بويىچە تەربىيىلەش بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تەرتىپنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مەشغۇلاتنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كۆپەيتىپ، بازار ئىجازىتى چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىپ، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىگىلىك يارىتىش ئېڭى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك ياراتقۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت ھازىرلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىنى ئىگىلىك ياراتقۇچىغا ئايلاندۇرۇش لازىم.
4) ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرگۈزۈپ، نىشاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرگە بولغان ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ماھارەت تەربىيىسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش پراكتىكىسىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ۋە ئىگىلىك يارىتىشىغا يېتەكلەش لازىم.
5) ئىشسىزلىقنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىشسىزلىقنى تىرىشىپ ئازايتىش كېرەك. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە مەبلەغ سالىدىغاندا ۋە ئۇنى بېكىتكەندە، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ماكرولۇق تىزگىنلەش بىلەن ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار خادىملارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم. ئىشسىزلىقتىن ئالدىن سىگنال بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى خەلقئارا ئىقتىساد ۋەزىيىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇش سەۋەبىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكەن ساھەلەر ۋە كارخانىلار، شۇنىڭدەك ئىشسىزلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان قىيىنچىلىقى بار جايلار، قىيىنچىلىقى بار ساھەلەرگە قارىتا ئىشسىزلىقنى تىزگىنلەش لايىھىسى تۈزۈپ، ئىشسىزلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش لازىم.
6) ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. شەھەر - بازارلاردىكى يېڭىدىن كۆپەيتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشسىزلىق نىسبىتىنى تىزگىنلەش، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى بولۇپ ئۇزۇن مەزگىل ئىشسىز قالغانلار، شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئالىدىغانلارنى ئازايتىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ۋە ۋەزىپىسى قىلىپ، دەرىجە بويىچە ئايرىپ، نىشانلىق مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي نەتىجىسىنى سىنايدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ قىلىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت ئورنىتىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى نىشانى ۋە ۋەزىپىسى قىلىش لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى نىشانلىق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، ئۆزىگە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئۆزىدىن بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمىتىنى سىناش، تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى لازىم.
2. سىياسەت ئارقىلىق قوللاش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پائال ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ يولغا قويۇش كېرەك
7) ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت بىلەن قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرنى جىپسىلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش لازىم. قانۇندىكى تەلەپ بويىچە، سىياسەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش ئوبيېكتى ۋە مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەشغۇلات چارىلىرىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سىياسەتنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم.
8) «ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ <گوۋۇيۈەننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» (ش پ [2005] 16 - نومۇرلۇق ھۆججەت) دە بەلگىلەنگەن باج يىغىش سىياسەتلىرى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ، تەستىقلاش مۇددىتى 2008 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش ئوبيېكتى يەنىلا «قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى» ئالغانلار بولىدۇ. 2009 - يىلىدىن كېيىنكى باج يىغىش سىياسىتى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار كارخانا قۇرسا، ئالاقىدار شەرتلەرگە ئۇيغۇن كەلسىلا، باج يىغىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە بەھرىمەن بولالايدۇ. مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىكى ئېتىبار بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قوشۇلما قىممەت بېجى، تىجارەت بېجى، كارخانا تاپاۋەت بېجى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قاتارلىق باج يىغىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.
9) ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار ۋە مېيىپلەر يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا باشقۇرۇش تۈرى، تىزىملاش تۈرى ۋە كىنىشكا تۈرىدىكى مەمۇرىي، كەسپىي ھەقلەر بەلگىلىمە بويىچە ئېلىنمايدۇ، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. كونكرېت سىياسەت مالىيە، تەرەققىيات - ئىسلاھات تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
10) ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش لازىم. «قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى» ئالغانلار، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» (تۆۋەندە «ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» دەپ قىسقارتىلدى) ئالغان ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار، ھەربىيدىن قايتقانلار ۋە كەسىپ ئالماشتۇرغانلار، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك ياراتقان دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانسا ياكى ئۆزى ئىش تېپىپ، ئۆزى ئىگىلىك يارىتىپ مەبلىغى يېتىشمەي قالسا، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قەرز پۇل بېجىرگۈچى بانكىلار ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان قەرز پۇلى ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئاساسىدا 3 پىرسەنت پوئىنتى ئۆستۈرىدۇ. پايدىسى ئاز تۈرلەردىكى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنى مەركەز مالىيىسى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى فوندى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك مالىيە ئورۇنلاشتۇرغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىدىن چىقىم قىلىنىدۇ. ئۆسۈمى كۆتۈرۈۋېتىلگەن مەبلەغنى ئىشلىتىش يوللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئۆسۈمى كۆتۈرۈۋېتىلگەن مەبلەغ ئىچىدىكى قىسمەن مەبلەغنى كېپىللىك فوندىنىڭ خېيىمخەتەر تولۇقلىمىسىغا ئىشلىتىش مېخانىزمى ۋە قەرز بېرىشتىكى مۇكاپاتلاش مېخانىزمىنى قوللاش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم، كونكرېت سىياسەتنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئايرىم تۈزۈپ چىقىدۇ. ئىناۋەتلىك مەھەللىلەر بىلەن قەرز پۇل بېجىرگۈچى بانكىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىناۋەتلىك مەھەللە، ئىگىلىك يارىتىش تەربىيىسى، ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئوتتۇرىسىدىكى بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش لازىم. ئىناۋەتلىك مەھەللىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن ئىگىلىك يارىتىش تەربىيىسىگە قاتناشقان ھەمدە تەربىيىلەشتە لاياقەتلىك كىنىشكىسى ئالغان ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئىناۋەتلىك مەھەللە قەرز ئالغۇچى ئۈچۈن كېپىللىك ئاپپاراتىنى ئىناۋەت كېپىللىكى بىلەن تەمىنلەيدۇ، قەرز ئالغۇچى قايتا كېپىل تاپمىسىمۇ بولىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كۆتۈرۈۋېتىشتىكى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئاز سوممىلىق قەرز كېپىللىك فوندىنى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئۇششاق كارخانىلارنى قەرز پۇلى كېپىللىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش لازىم. كونكرېت ئىشلار جۇڭگو خەلق بانكىسى، مالىيە مىنىستىرلىكى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 2007 - يىل يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تەكشۈرتىلگەن ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلى تۈرى ئەسلىدىكى سىياسەت بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
11) ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يۆلەش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار ئادەتتە يېشى چوڭىيىپ قالغان، مېيىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان، ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان، شۇنىڭدەك يېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار شەھەرلەردىكى بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەر، ئەر - خوتۇن ئىككىلىسى ئىشسىز قالغان ئائىلىلەر، شەھەر - بازارلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە ئەزالىرى؛ 50 ياشقا توشقان ئەرلەر، 40 ياشقا توشقان ئاياللاردىن شەھەر - بازارلاردا ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار؛ ئىشسىز قالغىنىغا بىر يىلدىن ئاشقان شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار؛ ئەمگەك ئىقتىدارىنى قىسمەن يوقاتقان مېيىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېرىدىن ئايرىلىپ قالغان (ھۆكۈمەتنىڭ يەرنى سېتىۋېلىشى سەۋەبلىك) ھەمدە يۇقىرىقى شەرتلەرنىڭ بىرىگە مۇۋاپىق كەلگەن دېھقانلارمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا كىرىدۇ. ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىلتىماسىنى بېكىتىش تەرتىپىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈزۈپ چىقىدۇ. كارخانىلار ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى قوبۇل قىلىپ، بىر يىلدىن ئارتۇق ئەمگەك توختامى ئىمزالىسا ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلى تاپشۇرسا، مۇناسىپ مۇددەتتە ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ياردەم پۇلى، شۇنىڭدەك مۇۋاپىق بولغان ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلىقىنى مەلۇم قىلسا ھەمدە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرسا، مەلۇم سوممىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى ۋە ئىش ئورنى ياردەم پۇلى بېرىش مۇددىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيىگە چىقىش يېشىغا 5 يىلدىن ئاز قالغانلارنىڭ مۇددىتىنى پېنسىيىگە چىققىچە ئۇزارتقاندىن سىرت، باشقا خادىملارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
12) ش پ [2005] 16 - نومۇرلۇق ھۆججەتتە بەلگىلەنگەن «قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى» ئالغانلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى سىياسىتى داۋاملىق ئىجرا قىلىنىدۇ، تەستىقلاش مۇددىتى 2008 - يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بولىدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 3 يىلدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.
13) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى نىشانىغا ئاساسەن، مەبلەغ سېلىنمىسىنى تەدرىجىي كۆپەيتىپ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى ئاجرىتىپ ئېلىشنى باشقۇرۇش چارىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» (ش ھ ب [2008]72 - نومۇرلۇق ھۆججەت) نىڭ روھىغا ئاساسەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىگە كىرگۈزۈشى لازىم. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ئىشقا تونۇشتۇرۇش، كەسپىي تەربىيىلەش، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى، كەسپىي ماھارەتنى باھالاپ بېكىتىش، ئالاھىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىشكە، ئاز سوممىلىق قەرز كېپىللىك فوندى ۋە پايدىسى ئاز كۆرۈلىدىغان تۈرلەردىكى ئاز سوممىلىق كېپىللىك قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈمىنى كۆتۈرۈۋېتىش، شۇنىڭدەك ئىختىساسلىقلار بايلىقى بازىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپلار، ئىلغار شەخسلەرنى مۇكاپاتلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. جايلارغا بېرىلىدىغان ئىشقا تونۇشتۇرۇش ياردەم پۇلى، كەسپىي تەربىيىلەش ياردەم پۇلى، جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، كەسپىي ماھارەتنى باھالاپ بېكىتىش ياردەم پۇلى، ئالاھىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، شۇنىڭدەك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى يۆلەش مەبلىغىگە ئاپتونوم رايون مالىيىسى مەخسۇس يۆتكەپ چىقىم قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇۋاپىق ياردەم بېرىدۇ ھەمدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 2 ۋىلايەت، 1 ئوبلاستنى نۇقتىلىق قوللايدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىنى ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈزۈپ چىقىدۇ.
3. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بارلىق ئەمگەكچىلەرگە يۈزلەنگەن كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك
14) جايلار بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەتلىشىش تەرتىپلىك بولغان ئىختىساسلىقلار بايلىقى بازىرى قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، تارماقلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى بازىرىنىڭ ياخشى تەرتىپىنى قوغدىشى لازىم. شەھەر، ناھىيە (شەھەر، رايون)، نۇقتىلىق يېزا (بازار) لار ئىختىساسلىقلار بايلىقى بازىرى قۇرۇشى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى بازىرى ئۇچۇر تورى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقى بازىرى ئۇچۇر مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار ئۇچۇرى ئېلان قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشقا تونۇشتۇرۇش ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلارنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن ھەمدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشقا تونۇشتۇرۇش ۋاسىتىچى ئاپپاراتلىرىغا بەلگىلىمە بويىچە ئىشقا تونۇشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
15) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى جامائەت ئىشقا تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىنىڭ نامىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتى ۋە دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىدىكى خادىملار شتاتىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت ئورنى بەرپا قىلىپ، ئەمگەكچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى بىر يولىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، ئەمگەكچىلەرنى ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. كوچا، مەھەللىلەردىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىپ، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت تەرتىپى ۋە ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.
16) جايلار ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىزىملىتىش ۋە ئىشسىزلىققا تىزىملىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى لازىم. جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تىزىملىتىشى ۋە ئىشسىزلىققا تىزىملىتىشىنى ھەقسىز بېجىرىشى ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرغانلارنى ستاتىستىكىلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار ئاكتىپلىق بىلەن ئىش ئىزدىشى، جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىشى ھەمدە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىشسىزلىق ئەھۋالىنى قەرەللىك دوكلات قىلىپ تۇرۇشى لازىم. ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش - ئىشسىزلىق بويىچە تىزىملىتىش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، ئىشسىزلىققا تىزىملاتقان ئىش ئىزدىگۈچىلەرگە ھەقسىز «ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» تارقىتىپ بېرىلىدۇ ھەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىشتا بەھرىمەن بولىدىغان يۆلەش سىياسەتلىرى ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ. ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار «ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» نى ئېلىپ ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى يۆلەش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار تىزىملىتىش كىنىشكىسىدە ئەسكەرتىپ قويۇلىدۇ. «ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» نى تارقىتىش ۋە باشقۇرۇش چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى تۈزۈپ چىقىدۇ. «ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» نىڭ تارقىتىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىش لازىم.
17) شەھەر - يېزىلاردىكى بارلىق ئەمگەكچىلەرگە يۈزلەنگەن كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. تۈرلۈك كەسپىي ئىنستىتۇتلار، كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى ئاپپاراتلىرى ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن ئاۋۋالقى تەربىيىلەش، ئىش ئورنىدا تەربىيىلەش، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە تەربىيىلەش ۋە ئىگىلىك يارىتىش بويىچە تەربىيىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش؛ ئەمگەكچىلەرنى ھەر خىل شەكىلدىكى تەربىيىلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. «ئىش تەلەپ قىلىش بويىچە تىزىملىتىش كىنىشكىسى» ياكى «قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسى» ئالغان شەھەر - بازارلاردىكى ئىشسىزلىققا تىزىملاتقانلار، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرى كەسپىي ماھارەت تەربىيىسى، ئىگىلىك يارىتىش تەربىيىسى ۋە مەخسۇس كەسپىي ماھارەت تەربىيىسىگە قاتناشسا، بەلگىلىمە بويىچە تەربىيىلەش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىگە قارىتا قانات يايدۇرۇلغان «بىر يىلدا بىر ئائىلىدىكى بىر كىشىنى بىر تېخنىكىغا ئىگە قىلىش» ئارقىلىق بېيىتىشتىن ئىبارەت ماھارەت تەربىيىسى قۇرۇلۇشى ۋە «بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى تېخنىك ئىشچى قىلىش» تەك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى زورايتىش لازىم. ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلار، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان يېزا ئەمگەكچىلىرىنى دەسلەپكى كەسپىي ماھارەت بويىچە باھالاپ بېكىتىپ، كەسپىي سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغانلارغا بىرلا قېتىمدا كەسپىي ماھارەتنى باھالاپ بېكىتىش ياردەم پۇلى بېرىش لازىم. كەسپىي تەربىيىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق بېكىتىش لازىم؛ ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئەمەلىي تەربىيىلەش تەننەرخىنى تولۇقلاشقا يەتمىسە، ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشكە بولىدۇ. كەسپىي تەربىيە ياردەم پۇلى چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسپىي تەربىيە ياردەم پۇلىنى تەربىيىلەش سۈپىتى، ئىشقا ئورونلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈنۈمى بىلەن چېتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ تەربىيىلەشكە قاتنىشىش ۋە تۈرلۈك كەسپىي تەربىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەربىيىلەش بىلەن تەمىنلەش ئاكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم. زاپاس ئەمگەك كۈچلىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەلىپى ۋە تەربىيىلىنىش ئارزۇسى بولغان تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى 3 ئايدىن يۇقىرى، 12 ئايدىن تۆۋەن مۇددەتتە زاپاس ئەمگەك كۈچلىرى تەربىيىسىگە قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنى مۇناسىپ كەسپىي سالاھىيەتكە ياكى مۇئەييەن كەسپىي ماھارەتكە ئىگە قىلىش ھەمدە كەسپىي تەربىيە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلىش لازىم، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار يەنە كەسپىي ماھارەتنى باھالاپ بېكىتىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. كونكرىت تۈرلۈك تەربىيىلەش ياردەم پۇلى چارىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، مالىيە نازارىتى تۈزۈپ چىقىدۇ. كەسپىي تەربىيىدىكى تۈرلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ياردەم پۇلى مەبلىغى بىلەن تۈرنى ئايلاندۇرۇشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەسپىي تەربىيىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش لازىم.
4. بارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارغا يۈزلەنگەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بېرىش كېرەك
18) جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بولغان، ئىشلەشنى ئاكتىپلىق بىلەن تەلەپ قىلىۋاتقان ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پائال ياردەم قىلىشى ۋە ئۇلارنى يۆلىشى لازىم. جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى ياردىمى قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، بارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنى ئالدى بىلەن يۆلىشى ۋە ئۇلارغا نۇقتىلىق ياردەم قىلىشى لازىم.
19) بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى بېرىشنى كۈچەيتىش كېرەك. جايلار كوچا، مەھەللىلەردىكى جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئاپپاراتلىرىغا تايىنىپ بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنى يوللاپ بېكىتىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستىقلاپ بېكىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردىمى ئىلتىماسىنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى لازىم. ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ھازىرلاپ، قاراتمىلىقى بولغان ئاساستىكى ئىشقا تونۇشتۇرۇش، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيىلەش قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئىش ئورنى ياردىمى بىلەن تەمىنلەپ، بىرمۇ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ياردەم قىلىشى لازىم. بۇنىڭ ئىچىدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەن ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بارلارغا يۆلەش سىياسەتلىرىنى ۋاقتىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشى لازىم. ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش، ھەرىكەت ھالىتىدە ياردەم قىلىشتەك ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، شەھەرلەردىكى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجى بار بولغان ئائىلىلەردىن ئاز دېگەندە بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
20) بايلىق ئېچىش تىپىدىكى شەھەرلەر ۋە مۇستەقىل سانائەت - كان رايونلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بازار ئېھتىياجى ماس كېلىدىغان داۋاملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى ساھەلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش لازىم. بايلىقى تۈگەپ كېتىش ياكى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلار مەركەزلىشىپ قالغان جايلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يۆلىشى ۋە ئۇلارغا ياردەم بېرىشى لازىم.
5. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك
21) جايلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شەھەر - يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلىغان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت خىزمەت مېخانىزمىنى كۈچەيتىشى لازىم. ئالاقىدار تارماقلار ئىش تەقسىماتى بويىچە فۇنكسىيىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىشى ھەمدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مېيىپلەر بىرلەشمىسى، شۇنىڭدەك باشقا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئورتاق ياخشى ئىشلىشى لازىم.
22) جايلار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى تەشۋىقات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت قانۇن - نىزاملىرى ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى ئۇسۇللىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئەمگەكچىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى ئۆزگەرتىش، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك يارىتىش، ئۆزى ئىش تېپىش ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۈستىگە ئالىدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تىپىك تەجرىبىلەرنى تەشۋىق قىلىش لازىم. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇنلار ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەپ ۋە مۇكاپاتلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ياخشى بولغان جامائەت پىكرى مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىپ بېرىشى لازىم.
23) جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار كادىرلارنىڭ قانۇن بىلىملىرى تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىيەتنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشى لازىم. يۈرۈشلەشكەن نىزام ۋە سىياسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ، قانۇننىڭ پرىنسىپى ۋە تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، قانۇننىڭ باشقۇرۇشچانلىقىنى كۈچەيتىشى لازىم. «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەتچىلىك قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
24) جايلاردىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، خەلق ئىشلىرى، مالىيە تارماقلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى، ئىجتىمائىي ياردەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشى لازىم. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىجتىمائىي ياردەم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رىغبەتلەندۈرۈش - چەكلەش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش شەرتى ۋە تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنىڭ بار - يوقلۇقىنى توغرا ئايرىش ئاساسىدا، ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش، كەسپىي تەربىيىنى قوبۇل قىلىش، شۇنىڭدەك جامائەت پاراۋانلىقى ئەمگىكىگە قاتنىشىش ئەھۋالى بىلەن چېتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت سىياسەت يېتەكچىلىكىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلار ۋە ئەمگەك ئىقتىدارى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بولغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى ئېلىۋاتقانلارنى ئىشقا تونۇشتۇرۇش، كەسپىي تەربىيە ۋە جامائەت پاراۋانلىق ئەمگىكى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە بېرىشقا تەشكىللەپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۇلارنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى ۋە يېتەكلىشى لازىم.
25) ئاپتونوم رايونلۇق شەھەر - يېزىلارنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەربىيىلەش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئالاقىدار ئەزا ئورۇنلار ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ۋە مۇشۇ يولغا قويۇش پىكرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا ئائىت يانداش تەدبىر ۋە چارىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ تۈزۈپ چىقىشى لازىم. ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىلەر ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان يولغا قويۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ۋە سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى لازىم.2008 - يىل 9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى
贯彻国务院关于做好促进就业工作通知的实施意见历史上的今天:
ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻤﭙﯩﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﻘﻰ 2009/03/20ھەمدەم بەگ ھاجى 2009/03/20ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى 2009/03/20جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەمگەك قانۇنى 2009/03/20
