ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شاڭخەي ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى

شاڭخەي ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى

ۋاقتى: 2016-01-17 ئاۋاتلىقى: 1233 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

شاڭخەي ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرى

توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي تەرجىمىسى
شاڭخەي مەملىكىتىمىزنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز ياقىسى ــ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ قۇيۇلۇش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، قىسقارتىلىپ «خۇ» دەپ ئاتىلىدۇ، يەنە «شېن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شاڭخەي مەملىكىتىمىز چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى 1-چوڭ شەھەر، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزدىكى مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق تۆت چوڭ شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە سۇ تىرانسپورت مەركىزى. شەھەرنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 6340.5 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ % 0.06 نى ئىگىلەيدۇ. شەھەرنىڭ قارىمىقىدا 16 رايون، بىر ناھىيە بار. 2011-يىلى 8-ئايغىچە پۈتۈن شەھەردە دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇس 23 مىليون 26 مىڭ 600 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىرتتىن كەلگەن دائىمىي نوپۇس سەككىز مىليون 979 مىڭ 500 ئەتراپىدا.
شاڭخەي 700 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر بولۇپ، ئىلگىرى يىراق شەرقنىڭ خەلقئارالىق پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولغان. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، شاڭخەي پۇدۇڭنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە شەھەر قىياپىتى قاتارلىق تەرەپلەردە زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر تەرەققىياتى ئومۇمىي پىلانىدا، شاڭخەينى 2020-يىلىغىچە زامانىۋى خەلقئارالىق چوڭ شەھەر ۋە خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا، سۇ تىرانسپورت مەركەزلىرىنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2010-يىلى شاڭخەينىڭ پۈتۈن يىللىق ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 16 مىليارد 872 مىليون 420 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن % 9.9 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، 1-كەسىپنىڭ ئېشىش قىممىتى 114 مىليون 150 مىڭ يۈەن بولۇپ، % 6.6 تۆۋەنلىگەن. 2-كەسىپنىڭ ئېشىش قىممىتى يەتتە مىليارد 139 مىليون 960 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، % 16.8 ئاشقان. 3-كەسىپنىڭ ئېشىش قىممىتى توققۇز مىليارد 618 مىليون 310 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، % 5 ئاشقان.
شاڭخەي جۇڭگونىڭ تارىخىي ئۇزۇن، مەدەنىيەتلىك قەدىمىي شەھىرى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بارلىققا كەلگەن جايى بولۇپ، 1921-يىلى 7-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۇ شەھەردە چاقىرىلغان. خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، ئەتراپىدا يېقىنقى زامان غەرب ئۇسلۇبىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ مۇجەسسىمى بولغان ۋەيتەن كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ، يېڭىدىن تەرەققىي قىلىپ گۈللەنگەن پۇدۇڭ پۇل مۇئامىلە، سودا رايونىمۇ كىشىدە گۈزەل تۇيغۇلارنى قوزغايدۇ. شەھەر ئىچىدىكى يۈيۈەن باغچىسى، لوڭخۇا مەسچىتى قاتارلىق تارىخىي باغچا، ئورمانلىق، قەدىمىي ئىزلار كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. سۇن جۇڭشەن، سۇڭ چىڭلىڭ، ماۋ زېدۇڭ، جۇۋ ئېنلەي، لۇ شۈن، لى پېڭجاڭ، جياڭ جېيېشى قاتارلىق جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەربابلار ئىلگىرى شاڭخەيدە ئولتۇراقلاشقان ياكى تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بۇ شەھەرگە ئۆزگىچە رەڭدارلىق ئاتا قىلغان. بۈگۈنكى شاڭخەي جۇڭگونىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا، سودا، پۇل مۇئامىلە ۋە ئۇچۇر مەركىزى بولۇپلا قالماستىن بەلكى، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ جەمگاھىغا ئايلاندى. شاڭخەي ھازىر تەرەققىي قىلىپ بىر خەلقئارالىق چوڭ شەھەرگە ئايلاندى، يەنە 2010-يىلى «شەھەر، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن!» دېگەن تېمىدىكى دۇنياۋى كۆرگەزمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
1. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى خاتىرە كۆرگەزمىسى، تولۇنئاي كېمىسى
2010-يىللىق جۇڭگو شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى، يەنى 41-نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسى 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە جۇڭگونىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ قېتىمقى دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا يەرمەنكىسى بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق دۇنيا يەرمەنكىسىنى ئۆتكۈزۈشى ھېسابلىنىدۇ. شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدە «شەھەر، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن!» دېگەن چاقىرىق باش تېما قىلىنغان بولۇپ، يەرمەنكىگە 190 دۆلەت، 56 خەلقئارالىق تەشكىلات قاتناشقان. كۆرگەزمىنى كۆرگەن ئادەم سانى 70 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈش تارىخىدا ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.
شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى خاتىرە كۆرگەزمىسى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ «مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ، رەڭدار ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغانلىقىنىڭ، تەسىرىنىڭ ئۇزاققىچە ئۇنتۇلمايدىغانلىقىنىڭ شاھىدى» بولۇپ، كىشىلەرنى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلگەن ئاشۇ مىنۇتلاردىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا باشلاپ كىرىدۇ. كۆرگەزمە سىرتقى بوشلۇق، ئۈچ قەۋەت جەمئىي بەش كۆرگەزمە بوشلۇقىغا ئايرىلغان.
تولۇنئاي كېمىسى
تولۇنئاي كېمىسى جۇڭگو 2010-يىلى شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىدە كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇرغان قىزىق نۇقتىلىق كۆرگەزمە سارىيىنىڭ بىرى بولۇپ، سەئۇدىي ئەرەبىستان كۆرگەزمە سارىيىنىڭ قايتا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىنكى نامى. بۇ كۆرگەزمە سارىيىنىڭ باش تېمىسى «ھاياتلىقنىڭ كۈچى» بولۇپ، ئىگىلىگەن كۆلىمى 6100 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ساراينىڭ ئۈستى ۋە ئاستى سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەر بىلەن جۇڭگودا ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈكلەردىن شەكىللەنگەن گۈللۈك بولۇپ، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ قۇملۇقتىكى دۆلەت ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا جۇڭگو-سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر دوستلۇققا سىمۋول قىلىنغان. ساراي ئىچى بىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئۈچ ئۆلچەملىك كىنوخانا بولۇپ، ئېكرانىنىڭ چوڭلۇقى 1600 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېكراننىڭ چوڭلۇقى تەخمىنەن ئىككى پۇتبول مەيدانىغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇ ساراي ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن تاماشا قىلغۇچىلارنى سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە يىپەك يولىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، نوپۇسى، تارىخى، سىياسى، شۇنداقلا قول ھۈنەر سەنئىتى قاتارلىقلار ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.
2. «شەرق» گۆھىرى تېلېۋىزىيە مۇنارى
شەرق گۆھىرى مۇنارى شاڭخەينىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 1994-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى قۇرۇلغان. بۇ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى 468 مېتىر بولۇپ، ۋەيتەندىكى «دۇنيا قۇرۇلۇشلىرى كۆرگەزمە توپى» بىلەن بىرىكىپ ئۆزگىچە مەنزىرىنى ھاسىل قىلغان. بۇ مۇنارنى لايىھەلىگۈچى ئۆزىنىڭ مول تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ 11 دانە چوڭ–كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان، ئېگىز–پەسلىكى گىرەلىشىپ كەتكەن شارسىمان جىسىملارنى كۆك ئاسماندىن تاكى ياپيېشىل چىملىققىچە بولغان ئارىلىقتا ئارقىمۇ–ئارقا تۇتاشتۇرغان ھەمدە ئىككى دانە قىزىل ياقۇتتىن ياسالغان كۆزنى قاماشتۇرىدىغان غايەت زور شارسىمان جىسىم ئېگىزدە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ شارلار پۈتۈن قۇرۇلۇشنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرغان. «شەرق» گۆھەر تېلېۋىزىيە مۇنارى ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئىككى مىليون 800 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغان بولۇپ، تاماشا قىلىش، يېمەك–ئىچمەك، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش، كېمە بىلەن ساياھەت قىلىش، يەرمەنكە، تارىخنى چۈشىنىش، رادىيو–تېلېۋىزىيە تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارنى بىر گەۋدە قىلغان ئۇنىۋېرسال خاراكتېرلىك ساياھەت–مەدەنىيەت مەنزىرە نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.
3. شاڭخەي شەھىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى
شاڭخەي شەھىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات كۆرگەزمىخانىسى شاڭخەينىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كۆرگەزمىخانا بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. «بۇيۇملار بىلەن مەنزىرىنى بىرلەشتۈرۈپ» بەلگىلىك دائىرە ھاسىل قىلىش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى تېخنىكىنى ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلغان. بۇ كۆرگەزمىخانىدا يەنە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، سەھنە جابدۇقلىرى، مودېللار، كۆپ ۋاستىلىك ئۈسكۈنىلەر قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى شاڭخەينىڭ گۈزەل تارىخى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارغا مەدەنىيەتلىك شاڭخەينىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى نامايان قىلىدۇ.
4. شاڭخەي دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسى
شاڭخەي دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسى ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز–ئوكيان جانلىقلىرى كۆرگەزمىخانىسىنىڭ بىرى بولۇپ، 155 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ئاستى ئېكسكۇرسىيە قىلىش تونېلى بار، ئومۇمىي كۆلىمى 20 مىڭ 538 كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇنىڭدا جەمئىي توققۇز كۆرگەزمە رايونى، 32 ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمە ئىدىشى بار بولۇپ، دۇنيادىكى بەش قىتئە، تۆت ئوكياندىن كەلتۈرۈلگەن 350 خىل، 10 مىڭدىن ئارتۇق سۇ جانلىقلىرى بىلەن كەم ئۇچرايدىغان قىممەتلىك بېلىق تۈرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ.
5.ۋەيتەن
ۋەيتەن شاڭخەي يېقىنقى زامان تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، جۇڭگو يېقىنقى زامان قۇرۇلۇشلىرى ئەڭ توپلاشقان، پۇل مۇئامىلە كەسپى ئەڭ بۇرۇن توپلانغان جاي ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر بۇ جاينى «دۇنيا قۇرۇلۇشلىرى كۆرگەزمىخانىسى ۋە شەرقنىڭ ‹ۋال كوچىسى› » دەپ ئاتىۋالغان. ئۇ شىمالدا سۇجۇ دەريا ئېغىزىدىكى ۋەيبەيدۇ كۆۋرۈكىدىن باشلىنىپ، جەنۇبتا جىنلىڭ شەرقىي يولىغىچە بولغان ئارىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1500 مېتىر كېلىدۇ. 20–ئەسىرنىڭ 90–يىللىرىدا شاڭخەي شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋەيتەن بىنجياڭ رايونىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ باردى. بۇ قۇرلۇشتا ۋەيتەننىڭ ئەسلى مەنزىرىسى مۇكەممەل ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، يەنە بىنجياڭ تاماشا سۇپىسى، شۇنداقلا ھەرخىل ھەرياڭزا قۇرۇلۇشلارنى سالغان ھەمدە قاپارتما نەقىشلەرنى ئويۇپ چىققان. بۇ قۇرۇلۇشلار ۋەيتەنگە تېخىمۇ زامانىۋى پۇراق ئاتا قىلغان بولۇپ، شاڭخەيگە كەلگەنلەرنىڭ بىر قېتىم ساياھەت قىلىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ.
6. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1–قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلغان ئورۇن
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1–قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ يىغىن ئورنى خاتىرە سارىيى شاڭخەي شەھىرى گۈللەندۈرۈش يولى 76 نومۇرغا جايلاشقان. 1921–يىلى 7–ئاينىڭ 23–كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1–قېتىملىق مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بۇ جايدا ئېچىلغان بولۇپ، يىغىنغا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 53 نەپەر پەرتىيە ئەزاسىغا ۋاكالىتەن 13 كىشى قاتناشقان. فىرانسىيە كونسېسىيەسىنىڭ ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، يىغىننىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى (7–ئاينىڭ 31–كۈنى) قۇرۇلتاي جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ ناھىيەسى نەنخۇ كۆلىدىكى بىر كېمىدە ئېچىلغان. قۇرۇلتايدا 1–قېتىملىق پارتىيە پىروگراممىسى بىلەن خىزمەت ۋەزىپىسى قارار قىلىنىپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. خاتىرە سارىيى 1952–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، «بىر چوڭ» يىغىن زالى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇش تارىخىي كۆرگەزمە ئۆيى بىلەن ئىنقىلاب تارىخى مەخسۇس ۋاقىتلىق كۆرگەزمە ئۆيىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پارتىيە قۇرۇلۇش كۆرگەزمە ئۆيىدە جەمئىي 170 نەچچە پارچە تارىخىي ئاسارە–ئەتىقىلەر، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە سۈرەتلەر بار بولۇپ، ئاساسلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرلۇشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، ھەرقايسى جايلاردىكى كوممۇنىستىك كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۇنياغا كېلىشى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

7. چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى، يۈيۈەن باغچىسى
چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى
چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى شاڭخەينىڭ ئەڭ قايناق چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى ساياھەت رايونىغا جايلاشقان. بۇ ئىبادەتخانا يۈيۈەن باغچىسىغا ئىنتايىن يېقىن بولۇپ، شاڭخەينىڭ مۇھىم تەرىقەتچىلىك ئورنى ھېسابلىنىدۇ. مىڭ سۇلالىسى يۇڭلې يىللىرىدا (1403— 1424) قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىرغىچە 600 يىلغا يېقىن تارىخنى باشتىن كەچۈرگەن. ئارىلىقتا كۆپ قېتىم ۋەيران بولۇپ، كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىنغان.
يۈيۈەن باغچىسى
يۈيۈەن باغچىسى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خۇسۇسىيلارنىڭ باغچىسى بولۇپ، 1559–يىلى قۇرۇلغان. ئۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى باغۇ–بوستانلىقتىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بىلەن لايىھەلەش ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۈيۈەن باغچىسى 1982–يىلى گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى قىلىپ بېكىتىلگەن. باغچىدا جياڭنەندىكى ئۈچ چوڭ داڭلىق قاشتېشى بار.
چېڭخۇاڭمياۋ ئىبادەتخانىسى بىلەن يۈيۈەن باغچىسى ساياھەت قىلىشتىكى مەشھۇر جايلار بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مال سېتىۋېلىشتىكىمۇ ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. بۇ جايدا ئۇششاق تاۋارلاردىن تارتىپ يەرلىك مەھسۇلاتلار ۋە ئالادىدە مەھسۇلاتلار بازارلىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال بازارلار ۋە مەشھۇر يېمەك–ئىچمەكلەرمۇ بار.

8. شاڭخەي شەھەر پىلانلاش سارىيى
شاڭخەي شەھەرلىك پىلانلاش سارىيى شاڭخەينىڭ تاشقى تەشۋىقاتىدىكى كۆزنەك. بۇنىڭدا «شەھەر، ئادەم، مۇھىت، تەرەققىيات» ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭدا شاڭخەينىڭ شەھەر پىلانلاش، قۇرۇلۇش تەرەققىياتىدىكى نەتىجىلەر كۆرەك قىلىنىپ، شەھەر ئاممىسىنى شەھەر پىلانلاشقا بولغان ئىنكاسى، ئۇلارنىڭ شەھەر پىلانلاشقا قاتنىشىش ئىدىيەسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن شەھەر ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان. شاڭخەي شەھەرلىك پىلانلاش سارىيىنىڭ كۆرسىتىش دائىرىسى دۇنيادىكى ئوخشاش تۈردىكى سارايلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ساراي شاڭخەي شەھىرىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسىگە مۇناسىۋەتلىك كەلگۈسى 20 يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى نامايان قىلغان. بۇ ساراي ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىۋېرساللىقى، ئېچىۋېتىشچانلىقى، ئاممىۋىلىقىنى نامايان قىلغان.

9. شاڭخەي مادامې تۇسسادس مۇم ھەيكەللەر كۆرگەزمىخانىسى
مادامې تۇسسادس مۇم ھەيكەللەر كۆرگەزمىخانىسى پۈتۈن دۇنيادىكى سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى مۇم ھەيكەل كۆرگەزمىخانىلىرىنىڭ بىرى. كۆرگەزمە قىلىنىدىغان مۇم ھەيكەللەرنىڭ ھەربىرىنىڭ تەننەرخى بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن يۇقىرى بولۇپ، مۇم ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى لوندوندىكى 200 يىلدىن ئارتۇق ھەيكەل ياساش تەجرىبىسىگە ئىگە ئورۇنلاردا تۈجۈپىلەپ ياسالغان. شاڭخەيدە كۆرگەزمە قىلىنغانلىرى جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان داڭلىق شەخسلەردۇر. شاڭخەي مادامې تۇسسادس مۇم ھەيكەللەر كۆرگەزمىخانىسى «پەردە ئارقىسىدا»، «سېھىرلىك شاڭخەي»، «تارىخىي مەشھۇر شەخسلەر ۋا داھىيلار»، «كىنو»، «مۇزىكا»، «تەنھەرىكەت» ۋە «سۈرئەت»تىن ئىبارەت يەتتە ئاساسىي كۆرگەزمە رايونىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆرگەزمە قىلغۇچىلار 80 دىن كۆپ كىشىگە گويا راستتەك تۇيغۇ بېرىدىغان جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرگە داڭلىق چولپانلارنىڭ مۇم ھەيكەللىرى بىلەن بىرگە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ گۈزەل ئەسلىمە قالدۇرالايدۇ. يەنە «چولپانلار» بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىش، كىنودا رولغا چىقىش، توپ ئويناش قاتارلىقلارنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ.

10. نەنجىڭ يولى پىيادىلەر كوچىسى
نەنجىڭ يولى شاڭخەيدىكى مۇھىم سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى. ئۇ شەرقتە ۋەيتەندىن باشلىنىپ، غەربتە جىڭئەن ئىبادەتخانىسىغىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 500 مېتىر كېلىدۇ. ئۆتمۈشتە بۇ كوچا «ئون چاقىرىملىق ياۋرۇپالاشقان بازار» دەپ نام ئالغان. 1999–يىلى بۇ «جۇڭخۇا سودا 1–كوچىسى»نى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگودىكى 1–نومۇرلۇق پۈتۈن كۈنلۈك پىيادىلەر كوچىسىغا ئايلانغان. بۇ كوچا ھازىر بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ، شاڭخەيگە كەلگەنلەر چوقۇم بېرىشقا ئەرزىيدىغان جايغا ئايلاندى. نەنجىڭ يولىدىكى سودا سارايلىرىدا داڭلىق مەھسۇلاتلار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ئېسىل نەرسىلەر، ھەرقايسى جايلارنىڭ داڭلىق ئالاھىدە، يېڭى مەھسۇلاتلىرى، شۇنداقلا ئىمپورت قىلىنغان داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرلىرى نەچچە ئون مىڭ خىلغا يېتىدۇ. بۇ كوچىغا ھەر كۈنى كېلىپ-كېتىدىغان خېرىدارلارنىڭ سانى تەخمىنەن 170 مىڭ ئادەم (قېتىم)دىن كۆپرەككە يېتىدۇ. نەنجىڭ كوچىسىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ.

11. جۇڭگو سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى
جۇڭگو سودا ئايرۇپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى ئايرۇپىلان نۇقتىلىق مەخسۇس تۈرلىرى بويىچە چوڭ تىپتىكى يولوچىلار ئايرۇپىلانى تۈرلىرى بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان ئەمەلىي گەۋدە، شۇنداقلا بىر تۇتاش غول لىنىيەلىك ئايرۇپىلان بىلەن تارماق لىنيەلىك ئايرۇپىلانلارنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، مەملىكىتىمىزنىڭ پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئايرۇپىلان سانائىتىدىكى ئاساسلىق گەۋدە ھېسابلىنىدۇ. بۇ شىركەت 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى شاڭخەيدە قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى پۇقرالار ئىشلىتىدىغان ئايرۇپىلانلار ۋە ئالاقىدار تەتقىقاتلار، ئىشلەپچىقىرىش، سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، سېتىش ۋە مۇلازىمەت، ئىجارە بېرىش ۋە توشۇش تىجارىتى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇ شىركەت باشتىن-ئاخىرى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، بازارلىشىش، گۇرۇھلىشىش، تاۋارلىشىش، خەلقئارالىشىشتىن ئىبارەت ئەركىن تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. پۈتۈن كۈچى بىلەن بىخەتەر، تېجەشلىك، ئازادە، مۇھىت ئاسىرايدىغان چوڭ تىپتىكى يولوچىلار ئايرۇپىلارنى ياساشنى نىشان قىلىپ كەلدى.

12. شاڭخەي ئېلېكتىرو لىنگاڭ ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ياساش بازىسى
شاڭخەي ئېلېكتىرو لىنگاڭ ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەرنى ياساش بازىسى ئاساسلىقى ئېغىر تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر، ئىستانۇك، يۇقىرى بېسىملىق تىرانسفورماتور، شامال كۈچى ئېلېكتىر ئىستانسىسى، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق تۈرلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ تىپتىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانا. بۇ كارخانا شاڭخەينىڭ پەن تەتقىقات، لايىھەلەش، ياساش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، شاڭخەينىڭ ئۈسكۈنە ياساش سانائىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئېشىش نۇقتىسى ۋە سانائەت بازىسىغا ئايلاندى ھەمدە چوڭ تىپتىكى زامانىۋى ئۈسكۈنە ياساش سانائىتى بويىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى باشلامچى ئورۇن بولۇشقا ئاساس ھازىرلىدى.

13. تەڭگە تاغ سۇ ئاستى پورتى
تەڭگە تاغ سۇ ئاستى پورتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئارال شەكىللىك سۇ ئاستى سۈنئىي پورت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ شاڭخەي شەھىرى جەنۇبىي خۇيلۇچاۋ پورتىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىن تەخمىنەن 30 كىلومېتىر ئارىلىقتىكى دېڭىزدا بولۇپ، ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 15 مېتىر كېلىدۇ. بۇ پورت 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. تەڭگە تاغ پورت رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى شاڭخەي خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى كاتتا نەتىجە بولۇپلا قالماستىن، يەنە شاڭخەي پورتلىرىنىڭ دۇنيادىكى كۈچلۈك پورت بولۇشقا باشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تەڭگە تاغ پورت رايونىغا 1-، 2-، 3-قارارلىق ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا مەبلەغ سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەڭگە تاغ پورت رايونىغا توپلانغان قاچىلاش ساندۇقلىرىنىڭ كىرىش-چىقىرىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا. پورت ئېچىلغان بىرىنچى يىلىلا ئۈچ مىليون 240 مىڭ دانە ئۆلچەملىك ساندۇق تەييارلانغان، 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە 10 مىليون 100 مىڭ دانىگە يەتكەن بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى % 32.5 ئاشقان. تەڭگە تاغ مەركىزىي پورتىنىڭ شاڭخەيدىكى توپلانغان ساندۇقلىرىنىڭ كىرىش-چىقىرىش مىقدارى جەھەتتە دۇنيادىكى چوڭ پورتلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، شاڭخەينىڭ خەلقئارالىق سۇ تىرانسپورتى مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2020-يىلىغىچە تەڭگە تاغ پورتى دۇنيادىكى كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى ئەڭ چوڭ پورتقا ئايلانغۇسى. پۈتۈن قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن يىللىق كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى تەخمىنەن 25 مىليون ئۆلچەملىك ساندۇققا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
شەرقىي دېڭىز كۆۋرۈكى جۇڭگودىكى تۇنجى دېڭىزىدىن ھالقىپ ئۆتكەن كۆۋرۈك بولۇپ، تەڭگە تاغ پورتى بىلەن شاڭخەي شەھىرىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان دېڭىز ئۈستى كۆۋرۈكىدۇر. بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 32 كىلومېتىر، كەڭلىكى 31.5 مېتىر بولۇپ، ئالتە ماشىنا يولى بار، ئەڭ چوڭ ھالقىش ئارىلىقى 420 مېتىر، 5000 توننىلىق پاراخۇتلار بىمالال ئۆتەلەيدۇ.

14. جۇ جەمەتى قورۇقى (جۇجياجياۋ)
جۇ جەمەتى قورۇقى (جۇجياجياۋ) شاڭخەي شەھىرى چىڭپۇ رايونىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شاڭخەي شەھىرىنىڭ مەركىزى بىلەن بولغان ئارىلىقى 48 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 54.5 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
جۇ جەمەتى قورۇقى (جۇجياجياۋ)نىڭ تارىخى ئۇزۇن، ساياھەتچىلىك بايلىقى مول بولۇپ، «جياڭنەننىڭ گۆھىرى» دەپ نام ئالغان ھەمدە 1991-يىلى شاڭخەيدىكى تۆت چوڭ تارىخىي مەدەنىيەتلىك مەشھۇر بازارنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان. بازار رايونىدا 36 يەردە تولىمۇ سىپتا ھەم نەپىس ياسالغان تاش كۆۋرۈك، سۇغا قارشى ياسالغان توققۇز كوچا، ئاھالىلەرنىڭ سۇغا تايىنىپ بىنا قىلىنغان تۇرالغۇ ئۆيلىرى ۋە يەرلىرى بار بولۇپ، ھازىرغىچە مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇسلۇب ساقلاپ قېلىنغان. بولۇپمۇ، ساۋگاڭ پورتىدىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن چاغدىكى مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى قۇرۇلۇشلاردىن بەش سۈڭگۈچلۈك، تاش ئەگمىلىك كۆۋرۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە ۋە ھەشەمەتلىك. بۇ كۆۋرۈك شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئەڭ قەدىمىي تاش ئەگمىلىك كۆۋرۈكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

15. شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى

شاڭخەي پەن-تېخنىكا سارىيى شاڭخەينىڭ «تەبىئەت، ئادەم، پەن-تېخنىكا»نى باش تېما قىلغان، پۇقرالارنىڭ پەن-تېخنىكا ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى نىشان قىلغان مۇھىم پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەلىم-تەربىيە بازىسى ۋە ئارامگاھ، ساياھەتچىلىك بازىسى. ساراي ھەرخىل گېئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن يەر پوستىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش رايونى، يامغۇرلۇق ئورمان يەر شەكلى، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى، غەلىتە ئۆسۈملۈك تۈرلىرى، ھاياتلىقتىكى سىرلىق جانلىقلار رايونى، ئۆسمۈر بالىلارنىڭ تاشقى دۇنيانى كۆزىتىپ، پەن-تېخنىكا ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىدىغان بالىلار پەن-تېخنىكا باغچىسى، تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ، كۆپ خىل ئىلىم-پەن ھادىسىسى ئارقىلىق ئەقلىي قابىلىيەتنى نامايان قىلىش رايونى، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مەنبەسى لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بۆشۈكى رايونى، ھازىرقى زامان ئۇچۇر ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە تېخنىكىسى بويىچە كۆرۈش، ئاڭلاش باغچىسى رايونى قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. سارايدا يەنە ئىستىرېئولۇق چوڭ پەردە، شارسىمان پەردە، D 4 قاتارلىق ئۈچ كىنوخانا بار.


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى