ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

دۇنيادىكى ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر

دۇنيادىكى ئۆمۈر بويى بويتاق ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر

ۋاقتى: 2016-03-18 ئاۋاتلىقى: 2395 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1.ئەپلاتون ( مىلادىدىن بۇرۇنقى347-427يىللىرى)


"پلاتونچە مۇھەببەت" نىڭ ئاتىسى دەپ ئاتالغان داڭلىق پەيلاسوپ ئەپلاتون ئەرلەر ئارىسىدىكى ياخشى كۆرۈش ئالەمدىكى ئەڭ يۇقىرى ۋە ساپ دەرىجىدىكى ھېسسىيات دەپ قارايتتى. ئەمما ئۇ "گوموسېكسۇئال"(ھەمجىسنىس مۇھەببىتى) ئەمەس. يەنە ئۇنى ئەڭ ئاۋالقى كوممۇنىزم قوللىغۇچىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ"غايىۋى دۆلەت" دېگەن ئەسىرىدە نىكاھ ھەققىدە "غايىۋى جەمئىيەت :ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش،  ئورتاق خوتۇنلۇق، ئورتاق بالىلىق"بولىشى كېرەك دەپ قارىغان. 81 يېشىدا، بىر قېتىملىق توي مەرىكىسىدە ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغان.

2. كوپېرنىك (1543-1473) پولشا ئاسترونومى


تېلېسكوپ ۋە باشقا سىستېمىلىق كۆزېتىش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان دەۋردە ئۆزىنىڭ بىۋاستە سېزىمىغا تايىنىپ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى بايقىغان ۋە مۇشۇ سەۋەبلىك ئىتالىيە داڭلىق ئاسترونومى برۇنو ئۆز رازىلىقى بىلەن ئوتتا كۆيۈشنى قوبۇل قىلغان. ئۇ1491-يىلى كراكوۋ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئالەم جىسىملىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقاندا، جۇڭگو زىيالىيلىرى باگۇ ئەدەبىياتى بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ گەرچە ئېسىل تەبىقىدىكى ئاننا ئىسىملىك بىر قىز بىلەن 10 يىلدىن ئارتۇق بىللە تۇرغان بولسىمۇ لېكىن مۇتەئەسسىپ دىنىي جەمئىيەتنىڭ چەكلىشى سەۋەبىدىن ئىزچىل توي قىلمىغان. 1543-يىلى بۈيۈك ئەسىرى"ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكەت تەلىماتى" نەشىردىن چىقىپ بىر سائەتتىن كېيىن ۋاپات بولغان.

3. داۋىنچى(1519-1452) ئىتالىيە داڭلىق رەسسامى


بىر ئېغىز سۆز بىلەن ئۇنى تونۇشتۇرۇش مېنىڭچە ئەڭ مۇۋاپىق  يەنى ئۇ بىر"تالانت ئىگىسى". ئۇ بىر داڭلىق سەنئەتكار، ماتېماتىك، فىزىكىشۇناس، تىببىي ئالىم، لايىھەلىگۈچى، ئارخىتېكتور.... ئۇ ئىلگىرى تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئۇچار جىسىم، گاز شارى، ۋېلىسىپىت، سۇ چىقىرىش سىستېمىسى قاتارلىقلارنى لايىھەلىگەن. يەنە ئادەم ئاناتومىيەسى، ماسشتاب قاتارلىقلارنىمۇ تەتقىق قىلىپ باققان. 24 يېشىدا ئەر كىشىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى باشقىلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزى ئېتىراپ قىلمىغان. 1519-يىلى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.

4.  نيۇتون (1727-1642)  ئەنگىلىيە فىزىكا، ماتېماتىكا ئالىمى


ئامېرىكىنىڭ داڭلىق فىزىكا ئالىمى مېخائل خارت تۈزگەن "دۇنيادىكى 100 مەشھۇر شەخس" دېگەن نوپوزلۇق كىتابتا ئىسلام دىنىنىڭ بەرپاچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ كەينىدىنلا تىزىلغان ئسائاك نيۇتوننىڭ ئالمىنىڭ بېشىغا چۈشكىنىدىن باشلاپ دىففېرېنسئال ۋە ئىنتېگرال نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچە نۇرغۇنلىغان بايقاشلىرى، كەشپىياتلىرى، تەلىماتلىرى ھەقىقەتەن ئىلىم-پەن ساھەسىنى قايتىدىن ئۆزگەرتتى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ ھاياتىدا قىز بالىغا يېقىنلىشىپ باقمىغان بولۇپ، يالغۇزلۇق ئازابىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىشەنگەن خرىستىئان دىنىدىن تاپقان تەسەللىيسى بىلەن يەڭگەن ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە "پەن ۋە دىن بىرلىكتە مەۋجۇت" دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرغان.

5. نوبېل (1895-1833) شۋېتسىيە داڭلىق خىمىيە ئالىمى


نوبېلنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيتى ئۇنىڭ پارتىلىتىش دورىسىنى ياسىغانلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى تەسس قىلغانلىقىدا. دۆلەت، مىللەت، ئىرىق، جىنىسنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان بۇ مۇكاپات ھازىرقى زامان  ئېلىم-پەن ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپ مۇكاپاتىدۇر. نوبېل مۇھەببەتلەشكەن لېكىن قىز دوستى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ بىر ماتېماتىكا ئالىمى بىلەن توي قىلغان. مانا بۇ "پارتىلىتىش دورىسى" ئاتىسى دەپ نام ئالغان تالانت ئىگىسىنىڭ نوبېل مۇكاپاتىدا نېمىشقا ماتېماتىكا مۇكاپاتىنى تەسس قىلمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى.

6. ۋولتاير (1778-1694يىللىرى ) فرانسىيە داڭلىق يازغۇچىسى


لۇئىس XVI نىڭ كاللىسى ئېلىنىشىدىن بۇرۇن ۋولتاير ۋە لۇلىڭنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ :"مۇشۇ ئىككى كىشى دەل فرانسىيەنى ۋيران قىلغان كىشلەردۇر" دېگەنىدى. ھەقىقەتەن 18-ئەسىردىكى فرانسىيە جەمئىيىتى دۇنيادىكى ئەڭ بالدۇرقى ئىنقىلاب تەجرىبە ئېتىزى بولسا، ۋولتاير دەل ئاشۇنىڭ يول باشلامچىسى ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە 99 پارچە بۈيۈك ئەسەر يازغان بولۇپ، بىر ئېرى بار ئايال بىلەن 20 يىل مۇھەببەتلەشكەن بولۇپ، لېكىن بالىلىق بولمىغان. 1778-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ يۈرىكى كىچىك بىر قۇتىغا سېلىنىپ پارىژ دۆلەتلىك كۈتۈپخانىسىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.

7. ئاندېرسون (1875-1805يىللىرى) دانىيە داڭلىق يازغۇچىسى


ئۆزىنىڭ "سەرەڭگە ساتقۇچى قىز"، "پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى"، "قەيسەر قەلەي ئەسكەر"، "باشمالتاق قىز"، "سەت ئۆردەك چۈجىسى" ، "ئاق قار مەلىكە" قاتارلىق ئۆلمەس ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن دانىيە داڭلىق يازغۇچىسى ئاندېرسون كىچىكىدىن بىللە ئۆسكەن بىر قىزغا ئىزچىل مۇھەببەت باغلىغان، لېكىن توي قىلمىغان. ئۇ بەختلىك قىزچاقنىڭ ئىسمى بور بولۇپ، ئۇ يازغان بىر پارچە خەتنى ئاندېرسون ئۆلۈپ كەتكۈچە ساقلىغان.

8. ۋىنسېنت. ۋان گوف (1890-1853يىللىرى) گوللاندىيە داڭلىق رەسسىامى


مەيلى ئۇنىڭ نادىر رەسىملىرى قانچىلىك يۇقىرى پۇلغا سېتىلىشىدىن قەتئينەزەر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى قالمىدى. ئۇنىڭ قىسقىغىنە 37يىللىق ھاياتى نۇرغۇنلىغان ھاقارەتلەر، كەمسىتىشلەر، ئىشتىن بوشتىشلار بىلەن بولۇپ، بۇ رەھىمسىز ئىشلار ئۇنى روھىي كېسەللىك قىرغىقىغا سۆرەپ ئاپارغان. 1888-يىلى دوستى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەندە، بىر مەسىلە ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ، ئاچچىقىغا چىدىماي بىر قۇلىقىنى كېسىپ ئۇنى قورقىتىپ قاچۇرىۋەتكەن. 1890-يىلى 7-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قولىغا تاپانچا ئېلىپ، پىشانىسىگە تەڭلەپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

9. بېتخوۋىن(1829-1770يىللىرى) گېرمانىيە داڭلىق مۇزىكانتى


ئاشۇ ئاق ئارىلاش چاچلىرى، مەشھۇر ئاچچىقلىغان قىياپىتى، ئۆتكۈر كۆز نۇرى بىلەن كۆز ئالدىمىزدا گەۋدىلىنىدىغان گىرمانىيە داڭلىق مۇزىكانتى بېتخوۋىن 1770-يىلى گىرمانىيەنىڭ بوئىندا دۇنياغا كەلگەن. ئۆمرىدە "ھەسرەت"، "تەقدىر"، "سۈبھى"،"ئاي نۇرى"، "ئېلىسقا تەقدىم" قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىلارنى ئىشلىگەن. ئۇنىڭ ھاياتىمۇ ئازاب، مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق، تۈرلۈك كېسەللەرنىڭ قىيناشلىرى بىلەن تولغان . ئۇ نۇرغۇن قىزلارغا ئاشىق بولغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى ئۇنىڭغا بېرىشكە خالىمىغان. سەۋەبى ئۇنىڭ كۆرۈمسىز بولۇشىمۇ ياكى تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىقىشىمۇ بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس. دەل مۇشۇ خىلمۇ-خىل ئازابلار ئۇنىڭ تېخىمۇ نادىر مۇزىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشىدە ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ رولىنى ئوينىغان.

10. ئېلىزابېت (1603-1533يىللىرى) ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى


ئېلىزابېتنىڭ ياش ۋاقتى بەكمۇ ئوڭۇشلۇق بولمىغان. ئۈچ ياش ۋاقتىدا ئانىسى دادىسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. ئىنىسى ئېدۋارد 10 يېشىدا تەختكە چىقىپ 16 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن. ئاچىسى مارى ئەسەبىيلىشىش كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان. ئۇ 25 يېشىدا تەختكە چىققان. پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملەش ۋە ئەنگىلىيە ھاكىمىيىتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشى ئۇچۈن تويدىن ۋاز كەچكەن.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى