ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لوندون، ئۇيغۇر دەرۋىشلەر بايرىمى ۋە يۇرتىمىزغا ئائىت يادىكارلىقلار (2)

لوندون، ئۇيغۇر دەرۋىشلەر بايرىمى ۋە يۇرتىمىزغا ئائىت يادىكارلىقلار (2)

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 986 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

2. لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى كىچىك تىپتىكى سوپىلار بايرىمى
بۇ ئۇنىۋېرسىتېت بىرىتانىيەدىكى چوڭ ئالىي ئوقۇللارنىڭ بېرى. ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى سانىلا 150 مىڭدىن ئاشىدىكەن. بۇ مەكتەپنىڭ بىر بۆلۈمچىسى بولغان ”شەرىق ۋە ئافرىقا تەتقىقاتى مەكتىپى SOAS“ دىمۇ بەشمىڭدىن ئوشۇق ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىكەن. دەل مۇشۇ بۆلەك بۇ يىل ئۇيغۇر دەرۋىش-سوپىلار تېمىسىنى ئاساس قىلىپ پائالىيەت ئۆتكۈزگەن ئىكەن. پائالىيەت مەزمۇنى كەسپى فوتوگراف لىسا خانىمنىڭ تەكلىماكاندا تارتقان سۈرەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، لوندوندىكى ئۇيغۇر ۋە برىتانىيەلىكلەردىن تەركىب تاپقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ ناخشا-مۇزىكا نومۇرلىرى، دوكتۇر رەيچىل ھاررىس (مەزكۇر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ھەم تەتقىقاتچى) خانىمنىڭ يۇرتىمىزنىڭ جەنۇبىدا تارتىلغان سوپى-دەرۋىشلەر ھاياتىنى كۆرسەتكەن فىلىم ئارقىلىق سوپىلار ھەم ئۇيغۇر مۇزىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشى، ھەقسىز تاماق ۋە ئاخىرىدا ۋەتەندىن تەكلىپ قىلىنغان سەنۇبەر تۇرسۇن قاتارلىق ئۈچ سەنئەتكارنىڭ نومۇر كۆرسىتىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئاپتۇ. پائالىيەتكە خىلى كۆپ مېھمانلار كەپتۇ. بولۇپمۇ سەنۇبەر خانىم مۇزىكا كەچلىكى ئۆتكۈزۈلگەن برۇنېي زالى نومۇرلار باشلىنىشتىن 15 مىنۇت بۇرۇنلا لىق تولدى، كىرەلمىگەنلەر ئىشىك سىرتىدىن ئاڭلىدى. بۇ پائالىيەتكە ئاقا-خان مەدەنىيەت فوندى ماددى جەھەتتىن ياردەم بېرىپتۇ. سەنئەتكارلىرىمىز ئاز كەم ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە دەم ئالماستىن ئۇيغۇر مۇقاملىرىدىن ئارىيە، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇزىكىلىرىدىن ئارىيەلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ بەردى. سەنۇبەر خانىم ھەم قىسقا ناخشىلىرىدىن بىر قانچىنى ئورۇنداپ بەردى. مۇزىكا ۋە ناخشا ئاۋازلىرى قەلبىمىزنى ئاچچىق-چۈچۈكلەرگە تولدۇرۇپ، روھىمىزنى ھىچ تۇيدۇرمايلى ۋەتىنىمىزگە ئېلىپ كەتتى. ئىچ-ئىچىمدىن نەقەدەر گۈزەل بىر مەدەنىيىتىمىز بار دەپ زوقلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم. يېنىمدا ئولتۇرغان بىرەيلەن گېرمانىيەلىك ئىكەن، ئارلىقلاردا ئانچە-مۇنچە سوئاللارنى سوراپ تۇردى. پائالىيەتتە ماڭا بىردىن-بىر ياقمىغان يەر، تېخى يېشىغا يەتمىگەن بالىلارنىڭ بارلىقى بولدى. ئادەتتە ياۋروپادا كونسېرتلارغا ئومۇميۈزلۈك كىچىك بالا ئەكىرمەيدۇ. گەرچە بۇ كەچلىكتە تەسىرى بەك چوڭ بولمىغان بولسىمۇ، ئارىلىق ئارلىقلاردىكى ئاندا ساندا چىقىپ قالغان يىغا ئاۋازلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى ئوبدانلا تارتىدىكەن. ئەلۋەتتە، مۇساپىرچىلقىتىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ھەر خىل كىشىلىرىمىز بار، مەدەنىيەت سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ھەم بۇنداق پائالىيەتلەرمۇ 10 يىلدا ئاران بىر كېلىدۇ. ھەم ئۇلارنىڭ بۇ يەردىكى ئائىلىسىدە بالىسىغا قارايدىغان ئادەم يوق بولۇشى مۇمكىن، كەلمەي دېسە چېدىيالمايدۇ… يەنىلا توغرا چۈشەنمەي ئامالىمىز يوق… ھەر ھالدا كىشىنى رازى قىلىدىغان بىر ئىش، ھېچكىمنىڭ تېلېفونى سايرىمىدى. ئادەتتە مۇشۇ يولداشلار بەك چاندۇرىدۇ، باشقا يەردە ئەمەس، تازا ئالىملار لېكسىيە سۆزلەۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئىلمى سورۇنلاردا بۇلارنىڭ تېلېفونى سايراپ توختىمايدۇ، بەزىلىرىنىڭ تېخى ئارقا-ئارقىدىن سايرايدۇ (ئۆزگىچە ئامراق بولسا كېرەك). بېيجىڭنىڭ پۇقرالارغا چەتكە چىققاندا ئەخلاق جەھەتتىن دىققەت قىلىش ھەققىدىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇشىنى بىر چەتكە قايرىپ قويغان چېغى. مەنچە، ئەنئەنىۋى ئەخلاق قاراشلىرىمىز سەل خېرىسقا ئۇچراۋاتىدۇ. ۋەتەندە بارغانچە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرىدىغان، باشقىلارنىڭ دەم ئىلىش، ئازادىلىكىگە دەخلى قىلىدىغان، قالايمىقان ئەخلەت تۆكىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قاپتۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ مىڭ يىل ئالدىدا يازغان ”قۇتادغۇبىلىك“ تىكى ئەخلاق دەستۇرلىرىمىزنى قايتىدىن تېپىۋالمىساق، ھەم چىڭ تۇتمىساق بولمايدىغان يەرگە كېلىپ قاپتۇ.

پائالىيەت برۇنىي زالىدا باشلىنىپ كەتتى

فوتوگراف لىزا روس خانىم تەكلىماكاندىكى ھايات كەچۈرمىشلىرىنى چۈشەندۈرۋاتىدۇ

سەنۇبەر خانىم ناخشا كېچىلىكى باشلىنىش ئالدىدا، زال ئىچى بالدۇرلا تولۇپ كەتتى

غەلبىلىك ئاياغلاشتى

3. بېرلىن شەھەر مۇزېيىنىڭ پروسسىيە مەدەنىيەت بايلىقلىرى تور بېتىگە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ماتېرىياللارنى چىقىرىپ قويۇپتۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، كەلگۈسىدە ۋەتەندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن مەدەنىي يادىكارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرەلەيدىغان ئوخشايمىز. تۆۋەندىكى ئادرېسقا كىرىپ ئىزدەش كۆزنىكىگە turfan دەپ كىرگۈزسىڭىز 100 يىللار بۇرۇن يۇرتىمىزدا تارتىلغان مىڭدىن ئوشۇق رەسىمنى كۆرەلەيسىز. قىزىققۇچىلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.


4. يېقىندا سېتۋالغان بىر قىسىم بىزگە ئائىت ئېسىل كىتابلار
ئەمەلىيەتتە بۇ كىتابلاردىن پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى ئىككىسىلا نىسبەتەن يىڭى چىققان كىتابلار (2012-يىل). بېرى كرىستوف باۋمېر ئاپتورلىقىدىكى ”مەركىزى ئاسىيا تارىخى“ ناملىق كىتابنىڭ بىرىنچى تومى بولۇپ، بۇ تومدا ئاساسەن قەدىمقى زامان قىسمى سۆزلىنىپتۇ، ئاساسەن مىلادىدىن بۇرۇن تېپىلغان يادىكارلىقلار، شەھەر خارابىلىرى ئاساس قىلىنىپ مەدەنىيەت ھادىسىلىرى سىلىشتۇرۇپ ئۆتۈلۈپتۇ. بىزگە مۇناسىۋەتلىك يەرلەرمۇ خېلى كۆپكەن: كىرورەن، خوتەندىن تېپىلغان موميالار، بۇيۇملار، تاشقا سىزىلغان رەسىملەر، تاش بالباللار (تاش ئادەم) دېگەندەك. كىتاب فوتو-سۈرەت قەغىزىدە ئىشلىنىپتۇ، رەسىملەر ھەم بەك كۆپكەن، كىتابمۇ ھەم چوڭ ئىشلەنگەچكە، رەسىملەر شۇنداق ئىنىق. ھەقىقەتەن ساقلاپ قويۇش قىممىتى بار كىتابكەن.
يەنە بىر كىتاب فرېدېرىك سار ئاپتورلىقىدىكى ”ئۇنۇتۇلغان مەدەنىيەت: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەرەب ئېستىلاسىدىن تۆمۈرلەڭگىچە بولغان ئالتۇن دەۋرى“ (تەخمىنى مەنە تەرجىمىسى، ئۇدۇل تەرجىمىسى يوقالغان گۈللىنىش ياكى پاراسەت دېگەندەك بولۇشى مۇمكىن). بۇ كىتاب ماڭا بەكلا يارىدى، رەسىملەرمۇ كۆپكەن، رەڭلىك رەسىملەرمۇ باركەن. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شۇ ئالتۇن دەۋرىدىكى مەدەنىيەت نامايەندىلىرى ياخشى تونۇشتۇرۇلۇپتۇ، ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمەن.

ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت بەزى كىتابلار

oghuzkb قەلىمى
يورك
17.05.2014

مەنبە: ئاچىنۇق خاتىرىلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى