ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

400 يىل بىر تامچىمۇ يامغۇر يېغىپ باقمىغان قۇملۇقتا يامغۇر ياغقاندىن كېيىنكى مۆجىزە

400 يىل بىر تامچىمۇ يامغۇر يېغىپ باقمىغان قۇملۇقتا يامغۇر ياغقاندىن كېيىنكى مۆجىزە

ۋاقتى: 2015-10-29 ئاۋاتلىقى: 1443 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئاڭلاشلارغا قارىغاندا جەنۇبىي ئامېرىكا قەتئەسىدىكى بىر چىلې (Chile) بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ «دۇنيادىكى ئەڭ قورغاق رايون» دېگەن نامى بار. يەنى كۆپچىلىككە تونۇش بولغان ئاتاكاما قۇملۇقىدىن ئىبارەت. 
بۇ قۇملۇقنىڭ قورغاقلىق دەرىجىسى تارىخى خاتىرىلەردە خاتىرىلىنىشىچە، 16-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان 400 يىل ئىچىدە بىر تامچىمۇ يامغۇر يېغىپ باقمىغان. 
بۇ رايوندا ئۇزاق مۇددەت يامغۇر ياغمايدىغان بولغاچقا، تەبئىيلا ھېچقانداق ئۆسۈملۈك ئۆسمەيدىكەن، ھەممە يەر چەكسىز قاقاسلىقتىنلا ئىبارەت.
2003-يىلى، ئامېرىكىدىكى بىر كىچىك تەشكىلات بۇ يەرگە كېلىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان، كېيىن «ئىلىم-پەن» ژۇرنىلىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ يەر ناھايىتى قۇرغاق، شۇڭا تۇپراقتا ھېچقانداق ھاياتلىق ھادىسىسى مەۋجۇت ئەمەس، ھەتتا يەككە ھۈجەيرىلىك جانلىقلارمۇ مەۋجۇت ئەمەس دېيىلىدۇ. 
بۇ يەردىكى دەل مۇشۇ خىل ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت سەۋەبلىك، ئامېرىكا NASA بۇ يەرنى مارس دەپ قاراپ تەجرىبە ئېلىپ بارغان. 
بۇ قاقاسلىشىپ كەتكەن بۇ جايغا يېقىندا ئىككى مەيدان يامغۇر يېغىپ، ھەممە بىراقلا ئۆزگەردى...
كۈچلۈك تەيفېڭ بورىنىنىڭ تەسىرىدە، بۇ رايوندا 2015-يىلى 10-ئايدىن باشلاپ يامغۇر يېغىپ، پۈتۈن ئەتراپ يېشىل بوستانلىققا ئايلاندى.
ھەممە يەر رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزىغا ئايلانغان.
بۇ رەڭگارەڭ گۈللەرگە قاراپ، سىز يەنە بۇ يەرنىڭ نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا تېخى ھاياتلىق ھادىسىسى مەۋجۇت بولمىغان قاقاسلىق ئىدى دەپ تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟
يېشىللىق ۋە گۈللۈك ھازىر بۇ جاينى چۆچەكلەر دۇنياسىغا ئايلاندۇردى.
تەبىئەتنىڭ بۇ ھىممىتىدىن بۇ جاي 20 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇڭا شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ئالاھىدە ھىممەتلىك يامغۇرغا چەكسىز مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
10-ئاي جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ باھار پەسىلى بولغاچقا، يامغۇر سۈيىنىڭ تەسىرىدە، ئەسلىدە كۆپ يىل ئۆچەكتە ياتقان گۈللەر ئاخىرى يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى.
ھاياتلىق ھامان مۆجىزىگە تولغان بولىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى