ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[ئاچىنۇق خاتىرىلىرى] ساياھەتنامە: (3) يورك

[ئاچىنۇق خاتىرىلىرى] ساياھەتنامە: (3) يورك

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 879 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەنگىليەدىكى يورك شەھرى ئۆزىنىڭ قەدىمىيلىقى بىلەن خىلىلا داڭقى بار ئىكەن. خۇددى ئالدىنقى تونۇشتۇرغان شەھەرلەردەك، شىمالى ياۋرۇپاغا مەدەنىيەت ئەكىرگەن رىملىقلار ھىسابلىنىدۇ. بىر ھىسابتا كىتابتا خاتىرلىنىش رىملىقلارنىڭ ئايىغى تېگىشى بىلەن باشلانغان. رىملىقلار ھازىرقى يوركتا مىلادى 71-يىلى ئەبوراكوم (كەلتىكچە سۆز دەپ پەرەز قىلىنىدۇ) دەپ ئاتالغان قورغان سالدۇرغان، ھەم بۇ قورغان رىملىقلار بۆلۈپ باشقۇرغان بىرىتانىيەدىكى ئىككى چوڭ مەمۇرىي رايوننىڭ بېرىنىڭ پايتەختى بولغان. يەنە بىر رايوننىڭ پايتەختى ھازىرقى لوندون بولغان. كېيىنچە يورك شۇ ئاساستا كېڭىيىپ ھازىرقى يوركنى شەكىللەندۈرگەن. يورك سۆزى ئەسلى يورۋىك سۆزىدىكىن كەلگەن بولۇپ ۋايكىڭلار، ئاساسلىقى دانىيەلىكلەر (شىمالى ياۋرۇپا قاراقچىلىقى) بۇ رايوننى ئىشغال قىلىپ خانلىق قۇرغاندا شۇنداق ئاتالغان ئىكەن. كېيىنچە شۇ دانىيەلىكلەر يەرلىكلەرگە ئاسسىمىلياتىسىيە بولۇپ كىتىپتۇ. شۇڭلاشقىمۇ بۇ رايوندىكى كىشىلەر ئىگىزىرەك كېلىدىكەن.


مىلادى 71-يىلى رىملىقلار تېكلىگەن مۇنار ۋە ئاساس چېركاۋ


شەھەرنىڭ جەنۇبى تېمى دەرۋازىسى

كونا چېركاۋ قالدۇقلىرى

كېلىففورد مۇنارى، بۇ يەردە 1190-يىلى يەھۇدى قەتلىئامى بولغان ئىكەن.

ۋايكىڭ بايرىمى

كىلىففورد مۇنارىدىن ئاساسى چېركاۋغا نەزەر

بۇ شەھەرنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە يېرى، شەھەر قورغىنى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان شەھەرلەردىن ھىسابلىنىدىكەن، دېمىسىمۇ كونا شەھەر قورغىنى ئاساسەن تولۇق، قورغان تېمى ئۈستىدە شەھەر ئايلىنىش كىشىگە بەكلا خوش ياقىدۇ، خۇددى تارىخ دەپتەرلىرىدە مىڭىۋاتقاندەك.

سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىدە شەھەر ئۆزىنىڭ برىتانىيە ئارىلىنىڭ ئوتتۇرسىغا دېگۈدەك جايلاشقان ئىستىراتىگيەلىك ئورنىدىن ياخشى پايدىلانغان. ئەڭ دەسلەپكى تۆمۈر يوللارنىڭ غول لېنىيەسى بولۇپ قالغان، شۇڭلاشقىمۇ دۆلەتلىك تۆمۈر يول مۇزىيى مۇشۇ شەھەردىكى ۋوگزال يېنىدا ئىكەن. مۇزىيدا ئەڭ دەسلەپكى پويىزدىن ھازىرقى يىڭى تېپتىكى پويىزلارغىچە بولغان تارىخى مودېللار ئارقىسىدا يورۇتۇلغان ئىكەن. ئوز دەرياسى ھەم ئۆز نۆۋىتىدە نۇرغۇن ئۇن زاۋۇتلىرىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولغان، بەزى ئۇن زاۋۇتلىرىنىڭ ئىزناسىنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدىكەن.

بۈگۈنكى كۈندە شەھەر ئەنگىليەدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان شەھەرلەرنىڭ بېرى بولۇپ قاپتۇ. بۇ يىللىق دۇنياغا داڭلىق فرانسىيەنى ئايلىنىش خەلقئارا ۋېلىسپىت مۇسابىقىسى مۇشۇ شەھەر ئەتراپىدا باشلىنىدىغان بولۇپ، شۇ پۇرسەتتە شەھەر ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا خېلىلا كۈچەۋاتىدۇ.

يورك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاساسى بىناسى


فىزىكا فاكۇلتېتى قورۇسىدىكى نيوتوننىڭ بېشىغا ئالما تاشلىغان دەرەخنىڭ شاخلىتىپ كۆچۈرۈپ كېلىنگەن بىر تۈپى.


مەنبە: ئاچىنۇق خاتىرىلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى