ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

شىنجاڭدىكى ئەڭ كىچىك يېزىغا سەپەر (ياتوڭغۇز يېزىسى)

شىنجاڭدىكى ئەڭ كىچىك يېزىغا سەپەر (ياتوڭغۇز يېزىسى)

ۋاقتى: 2015-11-14 ئاۋاتلىقى: 1187 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى ئۈرۈمچى خەۋىرى: (مۇخبىر نۇزىگۈل ئىمىر) بۇ قېتىم ئاپتوموبىل بىلەن بىر گۇرۇپپا ئادەملەر ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، قۇملۇق تاشيولى بويلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدا 10كۈنگە يېقىن زىيارەتتە بولدۇق. بۇ جەرياندا قانماي كۈلۈشتۇق، جاپانىمۇ تارتتۇق، لېكىن بىزنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى يەنىلا زىيارەت داۋامىدا ئۇچراتقان شۇ يېقىملىق كۈلكىلەر بولدى. سەپىرىمىزدە تۇنجى بېكەت شىنجاڭدىكى ئەڭ كىچىك يېزا دەپ ئاتالغان ياۋا تۇڭگۇز يېزىسى ئىدى، ئەمما ئەپسۇس تۇنجى قېتىم قۇملۇق تاشيولىدا ماڭغانلىق سەۋەبىدىنمۇ، بىز يولدىن ئۆتۈپ كېتىپ قاپتۇق، ئاخىرى شۇ يەردىكى كادىلارنىڭ يول باشلىشى بىلەن كەينىمىزگە يىنىپ، قايتىدىن بۇ يېزىنى تېپىپ زىيارىتىمىزنى باشلىدۇق. بۇ يىل ئالتە ياشقا كىرگەن مەڭگۈنۇرنىڭ مەكتىپى ھازىر بۇ يېزىدىكى ئەڭ چىرايلىق قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى، ئەتىگەنلىك دەرسنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەڭگۈنۇر يەنە مەكتەپتە ھەقسىز چۈشلۈك تاماق يەيدۇ، تاماقتىن كېيىن مەكتەپتىكى چىرايلىق بىزەلگەن ياتىقىدا ئارام ئالالايدۇ، يېزىدىكى بۇ مەكتەپنىڭ شارائىتى ھازىر چوڭ شەھەردىنمۇ قېلىشمايدۇ. ئەمما قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بۇ يىگانە يېزىنىڭ ئەھۋالى بۇرۇن بۇنداق ئەمەس ئىدى. شۇ يەرلىك مەمەت سۇلايمان ئاكىنىڭ ئېيتىشىچە، قۇملۇق تاشيولى تېخى تۇتاشمىغان چاغلاردا ياۋا تۇڭگۇز ھەقىقەتەن قۇملۇقتىكى بىر يىگانە ئارالغا ئوخشايدىكەن، گەرچە بۇ يەرنىڭ قوغۇنلىرى شۇنچە تاتتىق بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ يېقىندىكى ناھىيە بازىرىغىمۇ ئۈچ كۈن يول مېڭىشغا توغرا كەلگەچكە، دېھقانلار ئامالسىز سودا قىلىپ پۇل تېپىش ئويىدىن ۋاز كەچكەن. تۇرمۇش قىيىنچىلىقىدىن باشقا ئۇ چاغلاردا كىشىلەرنىڭ يەنە بىر چوڭ باش ئاغرىقى ئوقۇش مەسىلىسى ئىدى، ئۇ چاغلاردا ئارىلىق مەسىلىسى تۈپەيلىدىن يېزىغا ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىشمۇ تەسكە توختىغان. باشلانغۇچنى بىر ئاماللار بىلەن پۈتتۈرگەن كېيىن، يەنە داۋاملىق ئوقۇش ئۈچۈن نەچچە كۈن يول مېڭىپ ناھىيەگە بېرىشقا توغرا كەلگەچكە، يول ئازابى ۋە ئىقتىساد مەسىلسىى تۈپەيلىدىن كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچى ئامالسىز ئوقۇشتىن چېكىنگەن، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن تۇردى ئىبراھىم ئاكا كىچىك ۋاقىتلىرىدا قومۇشلاردىن قوپۇرۇلغان ئاددىي كەپىلەردە يۈكلىنىپ ئولتۇرۇپ، ياغاچ پارچىسى بىلەن يەرگە خەت يىزىپ، بىلىم ئېلىشنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقان، مانا ھازىر ئۇنىڭ كىچىك قىزى ئايىمگۈل يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچسى بولدى، ئۇنىڭ پىداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇپ، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولغىنى يەنىلا شۇ قۇملۇق تاشيولى. قۇملۇق تاشيولى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ياۋا تۇڭگۇز يېزىسىدىكى دېھقانلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدىغان پۇرسەتنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاخىرى كۆردى. تاشيول تۇتاشقاندىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ئىچىملىق سۇ، توك مەسىلىسى ھەل قىلىندى، دېھقانلار ئارقا-ئارقىدىن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى تۇرمۇش ئۇلارنىڭ چىھرىگە يېڭى كۈلكىلەرنى ئاتا قىلدى.
Tags:

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى