7000 توننا تۆمۈر، 12000 پارچە تۆمۈر زاپچاسلار، 2590000 تال قالپاقلىق مىخ ئىشلىتىلگەن ھەيۋەتلىك مۇنار
يانفوندا كۆرۈش
ئېففېل مۇنارى 1887-يىلى قۇرۇلۇشقا باشلىغان بولۇپ، 3 قەۋەتكە بۆلۈنگەن، ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەر يۈزىدىن 57.6 مېتىر، 115.7 مېتىر ۋە 276.1 مېتىر بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى، ئىككىنچى قەۋەتكە ئاشخانا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۈچىنچى قەۋەتكە مەنزىرە كۆرۈش راۋىقى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. مۇنار تۈۋىدىن مۇنار ئۇچىغىچە 1711 پەلەمپەي بولۇپ، ئومۇمىي ئىشلىتىلگەن تۆمۈر 7000 توننا، 12000 پارچە تۆمۈر زاپچاسلار، 2590000 تال قالپاقلىق مىخ ئىشلىتىلىپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك سېلىنغان.
ئېففېل مۇناىرىنىڭ ھەر بىر زاپچاسقا ئالدىن قاتتىق تەلەپتە تەرتىپ نومۇرى قويۇلغان بولغاچقا، قۇراشتۇرۇش جەھەتتە قىلچىمۇ خاتالىق كۆرۈلمىگەن. بۇ قۇرۇلۇش تامامەن لايىھەنىڭ روھىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئارىلىقتا ھېچقانداق ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىلمىغان. بۇنىڭدىن لايىھەنىڭ ئالاھىدە مۇۋاپىق، ھېسابلاشلارنىڭ ئىنتايىن توغرا بولغانلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، پەقەت ئاشۇ مۇنارنىڭ لايىھە چېرتىيوژ قەغىزى 5300 دىن ئاشىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 1700 پارچىسى پۈتۈن رەسىم ئىكەن.
ئېففېل مۇنارى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياسالغاندىن كېيىن، ئېگىزلىكى 300 مېتىر بولۇپ، تاكى 1930-يىلىغىچە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندە، مۇنارغا يېڭىدىن رادىيو ۋە تېلېۋېزور ئانتىسىنى ئورنىتىلغان. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى ھازىر 320 مېتىرغا بارغان. مۇنار ئۈستىدىن پۈتكۈل پارىژنىڭ مەنزىرىسىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ. ھەر كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بۇ مۇنارنى سەيلە قىلىپ كېتىدۇ.