ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئافرىقا تەسىراتلىرى (3)

ئافرىقا تەسىراتلىرى (3)

ۋاقتى: 2015-11-14 ئاۋاتلىقى: 1094 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئافرىقا تەسىراتلىرى 3–قىسمى: ئۇيغۇر يىگىتى رۇستەم ئالماس سەپىرىدە (مەزكۇر يازما ئەلپىدا ئۇچۇر تورىمىزدا 2014–يىلى ئېلان قىلىنغان، قايتا ھەمبەھرىلەندى)
‏ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ‏ئەزىز تورداشلىرىم، دوسىت–بۇرادەر، ئەل–ئاغىنىلىرىم!
ئەھۋاللاشمىغىنىمىزغىمۇ خېلى بوپ قالدى–ھە! شۇنداق، مەن ئالدىنقى يازمامدا كېلەر قېتىم سىلەرگە دولقۇن يېرىپ، بوران–چاپقۇنلۇق يامغۇرلۇق كېچىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئانا ۋەتىنىمىزدىن 20—30 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتلانتىك ئوكياندا بېلىقچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىز توغرىسدا بىر نەرسە يېزىپ سىلەرگە ئۇچۇر بەرمەكچى بولغان بۇ ھەم ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭىلىق بىر كەسىپ ئىدى. ۋەدەم بويىچە يېزىشقا تىرىشتىم. لېكىن، جۇغراپىيە، دېڭىز، دېڭىز قاتنىشى، بېلىقچىلىق ئىشلىرى قاتارلىق تەرەپلەردە بىلىم سەۋىيەمنىڭ كەمچىلىكى تۈپەيلى ۋاقتىنچە ئالدىراپ-سالدىراپ ئېلان قىلىۋەتمەي تۇراي، دەپ بۇ ساھەدە داۋاملىق بىلىم ئىگەللەپ ئىزدىنىۋاتىمەن. ھەي، مىڭ ئەپسۇس! بۇرۇن ئوقۇتقۇچىلىرىم ئاتلانتىك ئوكيان توغرىسىدا بىلىملەر سۆزلىگەندە مەن نەدە بولغىيتتىم، ئۆزۈمغۇ دەرسخانىدا بولمسا. ئەمما، شۇ خىيال دېگەن گۇيزە دەرسخانىدە ئەمەستە!
ئويلايتىم، ھىم، ئاتلانتىك ئوكياننى كىم كۆرۈپتۇ. ئۆزۈم ئىلىلىق تۇرۇپ ھېلغىچە ئىلى دەرياسىنى كۆرۈپ باقمىسام. ئافىرىقىنى كىم كۆرۈپتۇ، ھېلغىچە ئاۋۇ غۇلجا شەھىرىنى كۆرۈپ باقمدىمغۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ قىزىقكەن، نەدە ئادەمگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرنى سۆزلىگىچە ئالدىمىزدىكى ئۆستەڭ توغرۇلۇق سۆزلىسىچۇ. ئويلىرىمدىن پەخىرلىنىپ ئۆزۈمنى ئەقىللىق ساناپ كېتىشلىرىمچۇ تېخى. ئۇف، كىم بىلىدۇ دەيسىز، بىر كۈنلەردە شۇ يۇرتلارغا بېرىپ قالدىغىنىمنى، ئاشۇ بىلىملەرگە تەشنا بولۇپ قالىدىغىنىمنى. ئاللاھ ئادەمنىڭ رىسقىنى نەگە چاچسا شۇ يەرگە بېرىپ يەيدىغان گەپكەن. ئەمدى تويە مانا ياخشى ئوقۇمىغانغا. توۋا دەيمەن، شۇ ۋاقىتلاردا ئويلىسام پەقەت ئىمتىھان ئۈچۈنلا ئوقۇپتىكەنمىز. ئۈگىنىۋاتقانلىرىمىز بىر بىلىم، مەن بىلىم ئىگەللەۋاتىمەن دەپ ئويلىماي پەقەت ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆلۈك يادلاپتۇق، كىچىكلىكىمىزمۇ ياكى مائارىپىمىزدەك بىز بىلىپ–بىلمەي قالغان يوچۇقلىرىمۇ، ئۇنى بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ مەن شۇنداق بولغان. ئەسلى ئادەم تۇغۇلۇپ ئۆلگەنگە قەدەر ئۈگىنىش ئىچىدە ياشايدىكەن ئەمەسمۇ. ھەرخىل تېخنىكىلارنى ئۆگىنىش، ئۈندىدار ئويناشنى ئۆگىنىش دېگەندەك...(چاقچاق)
‏دېمەك، ئۆگىنىش ئۈچۈن ئاجىرىتىلغان ئاشۇ ۋاقىتلارنى قەدىرلەيلى دوستلار. بولمسا بۇرۇن تۈزۈك ئۆگەنمىگەن بىلىملەرنى قايتا ئۆگىنىمەن دەپ بىكاردىن–بىكارغا ئويناپ ساياھەت قىلىدىغان ۋاقتىلىرىمىزنى ئىسراپ قىلىۋېتىدىكەنمىز ئەمەسمۇ. بوپتىلا، ئەۋلادلار ئۇنداق قىلماس، بىلىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، بىلىمنىڭ ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكىنى ئېنتىرنېتتىن ھېس قىلىپ قالار
‏... ‏كىتابلىرىمىز توپا بېسىپ قالمىسۇن!...
ئامانەتنى چوقۇم يەتكۈزىمەن، ئۇيغۇر بېلىقچىلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار تەمىنلەنگەن يازما پات ئارىدا سىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
‏ئەمدى بۇ قېتىم قولۇمغا قەلەم ئېلىپ قېلىشىمدىكى سەۋەب مۇنداق:
‏ئالدىنقى قېتىم يازغان يازمامنى ئوقۇغاندىن كېيىن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزدا ئالماسقا نېسبەتەن قىزىقىش پەيدا بوپتۇ، دۇنيادىكى شۇنداق قىممەت سانىلىدىغان نەرسىلەرنى بىزنىڭمۇ بىلىشكە ئەلۋەتتە ھەققىمىز بارغۇ شۇنداقمۇ؟... ھوي رۇستەم، قېنى، بىلگەنلىرىڭنى بىر سۆزلەپ باققىنا، بىزمۇ ئاڭلاپ–چۈشنىپ بىلىم سەۋىيەمىزنى ئاشۇرۇۋالايلى، دەيدۇ. مەن ئوغۇل بالا مەرت بوپتىلا دېدىمدە، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر–تەلەپلىرىگە ئاساسەن ئالماس ھەققىدە كۆپچىلىككە ئازراق يۈزەكى بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىپ قوياي دەپ شارت–شۇرت قىلىپ يېزىشنى باشلاپ كەتتىم.
‏بىزدىمۇ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن تارتىپ قىممەت باھالىق نەرسىلەرگە ھېرىسمەنلىك ۋە ئىنتىلىش بولۇپ كەلگەن. ھازىرغىچە نۇرغۇن نەۋرىلەر بوۋىلىرى كۆمۈپ قويغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ يۈرمەمدۇ... (ئۆز نۆۋىتىدە دەپ قويسام، قالايمىقان كولاپ ئاتا -بوۋىلىرىمىزدىن قالغان مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمىساق) ھەتتا بۇ بىزنىڭ ئىسىملىرىمىزدىمۇ ئەكىس ئېتىپ تۇرۇپتىغۇ، ئەنە مەسىلەن، بىزدە ئالماس، گۆھەر، زۈمرەت (زۇمرەت بىر خىل كەم ئۇچرايدىغان يېشىل رەڭلىك ياقۇت بولۇپ، يۇرتىمىزنىڭ تاش قورغان رايونىدىن چىقىدۇ) دېگەندەك ئىسىملار جىققۇ، بەلكىم ئاتا–بوۋىلىرىمىز بۇرۇنلا ئالماس ئۈزۈكلەرنى تاقاپ بولغان ئوخشايدۇ، بولمسا نەدىن كېلىدۇ بۇ ئىسىملار... ئالدىرىماي بۇنىمۇ تەتقىق قىلىپ باقارمىز.
ئالماس يەنە بىليارت دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مەن بۇ يەردە ئىشلەنمىگەن ئەسلى تاش ھالەتتىكىلىرىنى ئالماس، ئىشلىنىپ تەييار قىلىنىپ قويغانلىرىنى بىليارت دەپ ئالماقچى، ئالماسنىڭ قاتتىقلىق دەرىجىسى 10 بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ قاتتىق تاش ھېسابلىنىدۇ. ئالماس—ۋەتىنمىزنىڭ شەندۇڭ، لياۋنىڭ، خۇنەن (خۇنەن تاۋيەن يەنى جيەن فامىلىلىك ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايون) قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. شىنجاڭدىن ھازىرغىچە تېخى بايقالمىدى، ئالماس دېسە كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ كاللسىغا دەررۇ ئافرىقا كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئالماس دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىن چىقىدۇ، رۇسىيەنىڭ ئالماس ئىشلەپچىقىرىشى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، ئۇندىن باشقا ھىندىستان، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق جايلاردىنمۇ كۆپ چىقىدۇ. بېلگىيە بولسا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالماس سودا بازىرى، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالماسلار شۇ يەرگە يىغلىپ ئاندىن يەنە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ–پۇشقاقلىرىغا تارايدۇ. ئالماسنىڭ ھەممىسىلا قىممەت پۇللۇق بولۇشى ناتايىن. سىلەر ئەسلى تاش ھالەتتىكى ئالماسلار بىلەن ئۇچرىشىشىڭلار كەمچىل. ئۇچراشقان تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ ئېلىم–سېتىم سودىسىنى قىلماڭلار. چۈنكى ئۇنى باھالاش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ، نەچچە يىللىق تەجرىبە كېتىدىغان ئىش. مەن ھازىر سىلەرگە قىرلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن بېرليانتلارنى كۆرۈش–تاللاش ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي. بۇنداق بېليارتلار بىلەن بىز تۇرمۇشمىزدا داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىمىز. بېرليانت تاللىغاندا مۇنۇ بەش نۇقتىغا دىققەت قىلىسڭىز، ئاساسىي جەھەتتىن ئالماقچى بولغان بېرليانتىڭىزنى چۈشىنىپ قالىسىز...
‏1. ئېغىرلىقى: ‏ بېرليانتنىڭ ئېغىرلىقى باھاسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى. ئادەتتە ئالماسنىڭ ئېغىرلىقى خەلقئارادا ‹كارانت›نى بىرلىك قىلىپ ئۆلچىنىدۇ. يېزىلشتا قىسقارتىلىپ «CT» دەپ ئېلىنىدۇ. بىزمۇ بۇندىن كېيىن خەلقئارا ئۆلچەم بويىچە شۇنداق دەپ ئالمىز. ئۇنداقتا، بىر كارانت قانچىلىك ئېغىرلىقتا دېسەڭلار 0.2 گىرام بولىدۇ. بىر گىرام 5 كارانتقا تەڭ، بىر كارانت بېرليانتىمۇ خېلى چوڭ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە 0.30 كارانتلىق بېرليانتلارمۇ كىچىك ھېسابلانمايدۇ. بېرليانتنىڭ ئېغىرلىقى قانچە چوڭ بولسا باھاسىمۇ ھەسسىلىنىپ شۇنچە ئېشىپ بارىدۇ.
‏ 2. رەڭگى: رەڭگى قانچە ئاق بولسا، شۇنچە قىممەت بولىدۇ. ئادەتتە رەڭنىڭ دەرىجسىنى خەلقئارادا ھەرپ بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئاق رەڭ «D» بولۇپ، ئىنگلىز تىلدىكى diamond يەنى ئالماس دېگەن سۆزنىڭ باش ھەرپى، ئاندىن F، E دەپ تىزىلىپ ماڭىدۇ. كەينىگە ماڭغانسېرى رەڭگى ساغىرىپ ماڭىدۇ. ھازىر ۋەتىنىمىزدە N رەڭگىچە بار. ئۇنىڭدىن كېيىنكى رەڭلەر بازاردا ئاساسەن سېتىلمايدۇ ( بۇ يەردە دېيىلىۋاتقىنى سۇس سېرىق ۋە قوڭۇر رەڭ بولۇپ، سېرىقلىقى ياخشى ئالماسلار رەڭلىك ئالماس تۈرىگە كىرىدۇ. ئۇنىڭ باھاسى ئادەتتە ئاق ئالماستىنمۇ قىممەت بولىدۇ. ھال رەڭ ئالماس ئەڭ قىممەت ناھايىتى كەم ئۇچرايدۇ). تاللىغاندا ئامال بار J رەڭنىڭ ئۈستىدىكى بېرليانتلارنى تالغان ياخشى، H رەڭنى بولسا كۆپچىلىك ئاق رەڭ بىلەن سېرىق رەڭنىڭ چېگرىسى دەپ قارايدۇ.
‏3. پاكىزلىقى (سۈزۈكلۈكى): ئەڭ پاكىز نۇقسانسىز بېرليانتنى IF دەيمىز. ئۇندىن باشقا P، SI، VS، VVS دېگەن دەرىجلىرى بار. VS چېگرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 10 ھەسسىلىك مىكرۇسكوپتا چوڭايتىپ كۆرگەندە ئىچىدىكى نۇقسانلارنى تەستە بايقىغىلى بولىدۇ. ئىچىدىكى ئەخلەتلىرىنى ئاددىي كۆز بىلەن ئاسانلا بايقىۋالغىلى بولدىغانلىرى P دەرىجلىكلەر بولۇپ، باھاسى ئەرزان بولىدۇ.
‏4. ئىشلىنىشى: ئىشلىنىشى شەكىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر بازاردا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقىنى ھەم قىممىتى دۈگلەك رەڭلىك بېرليانت يەنى بىز داۋاملىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتقان شەكىل، ئۇندىن باشقا نەشپۈت، يۈرەك، يامغۇر تامچىسى قاتارلىق نۇرغۇن شەكىللەر بار. باھاسى دۈگلەك شەكىلدىن ئەرزان تۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى كېسىش ئۇستىسنىڭ ماھارىتى ئەڭ ياخشى قىرلانغان دۈگلەك ئالماستا 8 يۈرەك 8 ئوقيا كۆرۈنىدۇ. كېسىشمۇ دەرىجىگە بۆلىنىدۇ. ئەڭ ياخشى كېسىلگەن ئالماس EX دېيىلىدۇ. ئاندىن VG، ناھايىتى ياخشى دېگەن مەنىدە؛ ئاندىن G ياخشى دېگەن مەنىدە. بۇلارمۇ بېرليانت باھاسىغا تەسىر كۆرستىدىغان ئامىللار.
‏ 5. گۇۋاھنامە: بېرليانت ئۆز قىممتىنى نامايەن قىلىپ كۆپىنچە ھاللاردا گۇۋاھنامە بىلەن بىللە يۈرۈيدۇ. 50 كارانتتىن يۇقىرى ئالماسلارغا خەلقئارادا مەخسۇس ئىسىم قويۇلىدۇ. ئۆزى كىچىك، رەڭلىك، كەم ئۇچرايدىغان ئالماسلارنىڭمۇ خەلقئارادا ئىسمى بولىدۇ. گۇۋاھنامىگە شۇ بېرليانتنىڭ رەڭ دەرىجسى، پاكىزلىق دەرىجىسى، شەكلى، كېسىلىپ ئىشلىنىشى قاتارلىق ئۇچۇرلار چۈشۈرۈلگەن بولىدۇ ھەم شۇنداقلا توردىن تەكشۈرەلەيمىز. ھازىر خەلقئارادا ئومۇملاشقان يۈز ئابرويلۇق گۇۋاھنامە بولسا GIA گۇۋاھنامسى بولۇپ، تەكشۈرۈلۈش ئۆلچىمى قاتتىق. ۋەتىنىمىزدە دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارسى تارقاتقان گۇۋاھنامىنىڭمۇ ئابرويى GIA دىن قېلىشمايدۇ، ھەتتا بەزىلەر دۆلەتلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنى GIA دىنمۇ قاتتىق دەپ قارايدۇ. ھەر ئېككىلىسى گۇۋاھنامىگە ئېرىشىش ئۈچۈن نەچچە ئاي كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئىككى خىل گۇۋاھنامىگە ئېگە بولغان بېرليانت قىممەت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا گۇۋاھنامە بېرىش ئورۇنلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بىزگە كۆپ ئۇچرايدىغىنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسنىڭ گۇۋاھنامسى نەچچە كۈندە چىقىدۇ.
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز تويلۇق ياكى سوۋغاتلىق زىبۇ-زىننەت سېتىۋالغاندا بېرليانت تاللىمايدۇ. سەۋەبى، ئۇنى مەبلەغ سېلىش ئوبيېكتى ئەمەس دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتىچۇ دېگەندە، بۇمۇ بىر خىل توغرا بولغان مەبلەغ سېلىش يولىدۇر. بەش يىل ئىلگىرى 1 كارانتلىق مۇكەمەل بېرليانتنى 40 -50 مىڭ يۈنگە ئالغىلى بولاتتى. ھازىر 80 مىڭدىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ كەتتى. ھازىرغا قەدەر ئىزچىل يانتۇ سىزىقلىق ئۆسۈش ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە. دۇنيادا ھازىر ئالماس زاپاس مىقدارى تۈگەشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ. بۇ داۋاملىق ئالماسنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. مەن شۇ ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىز ئالماسنى چۈشىنىپ قولىغا تاقاپ بولغىچە تۈگەپ كېتىپ قالمىسا بولاتتى دەپ ئەنسىرەۋاتمەن ھى ھى.....
‏بەك قىممەت ئوخشايدۇ دەپمۇ ئويلاپ قالماڭ. ئالما 6 تېلېفوننىڭ پۇلىغىمۇ خېلى يامان ئەمەس بېرليانت ئۈزۈك ئالغىلى بولىدۇ. ھەرگىز تويلاردا بېرليانت ئۈزۈك سېلىڭلار دەپ چىڭ تۇرۋالمايمەن جۇمۇ ھا ھا..‏ ھە، چاقچاقمۇ قىلشتۇق، بۇ نەرسىمۇ يېقىندىن بېرى بىزگە يات نەرسە ئەمەس بولۇپ قالدى. شۇ سېتۋالغاندا كۆپرەك دىققەت قىلىڭلار، خەير دوستلار، ئامان بولۇڭلار.
داۋامى بار...
مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى