ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (1-قىسىم): پروفېسسور ياسۇخىدى فۇكۇموتو

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (1-قىسىم): پروفېسسور ياسۇخىدى فۇكۇموتو

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 1103 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

پروفېسسور ياسۇخىدى فۇكۇموتو
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى سانائەت ماتېماتىكا ئىنستىتۇتىنىڭ دېرىكتورى، پروفېسسور، دوكتور ياسۇھىدە فۇكۇموتونىڭ تەكلىپى بىلەن 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە فۇكۇوكا شەھىرىدىكى بۇ ئۇنىۋېرسىتىتتا 2 ھەپتىلىك ھەمكارلىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتە ئايالىم بىلەن بىرگە لوس ئانجىلىستىن ياپونىيەگە قاراپ يولغا چىقتىم. بىزنىڭ تەتقىقات تېمىمىز «ماگنىتلىق ئاقار جىسىم تەڭلىمىسى» نىڭ يېشىمىنى ئانالىتىك ۋە سان قىممەتلىك ئانالىز قىلىش بولۇپ، بۇ تېما ئۇستىدىكى تەتقىقاتىمىزنى 6 يىل بۇرۇن باشلىغان ئىدۇق. بۇ تەڭلىمە ئادەتتىكى ئاقار جىسىملارنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان تەڭلىمە بولماستىن، چاقماق چاققاندا ياكى قۇياش يۈزىدە ھەر كۈنى پارتلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ھادىسىلەرنىڭ پلازمالىق ھەرىكىتى ۋە سۇيۇقلۇق مېتال ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان مۇرەككەپ تەڭلىمە ئىدى. ئۇ تەڭلىمىنى مۇرەككەپ دېيىشىمدىكى سەۋەب بۇ تەڭلىمە ئادەتتىكى ئاقار جىسىمنى ئىپادىلەيدىغان نابىس-ستوكىس تەڭلىمىسى، ئۈزلۈكسىز تەڭلىمىسى ۋە ماگنىت مەيدانىدىكى ماكسىۋىل تەڭلىمىسى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلاتتى. بۇ تەڭلىمىنى ئەڭ دەسلەپتە ئوتتۇرىغا قويغان كىشى شىۋېتسىيەلىك فىزىكا ۋە ماتېماتىكا ئالىمى بولۇپ، ئۇ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1970 – يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىز 6 يىل ئىچىدە ئېرىشكەن يېڭى نەتىجىلىرىمىزنى بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا يەكۈنلەپ بولۇپ، ئۇنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان فىزىكا ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلماقچى ئىدۇق. بۇ تەتقىقات تۈرىگە ياپونىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ تەتقىقاتنى ئىشلەش پولات ئىشلەپچىقىرىشتىنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى (ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ نەتىجىلەر توغرىلىق ئايرىم يازما يېزىپ توختىلىمەن). مەن ياپونىيەگە ماڭغاندىن كېيىن، مەكتىپىمىزنىڭ تور بېتىدە ماڭا مۇناسىۋەتلىك بىر خەۋەر ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇ خەۋەرنى تور ئادرېسى http://bbs.izdinix.com/thread-62964-1-1.html نى چەكسىڭىز ئوقالايسىز.

بۇ قېتىمقى يول كىرايىم ۋە ياپونىيەدە تۇرغان ۋاقتىمدىكى تۇرمۇشقا كەتكەن ئىقتىسادىم قاتارلىق بارلىق ئىقتىسادنى ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈستىگە ئالاتتى. مەن 3-ئاينىڭ 12-كۈنى كەچكىچە مەكتەپتىكى بارلىق ئىشلىرىمنى تاماملاپ كەچ سائەت 8 لەردە ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. ئۆيگە كېلىپلا ئايالىم تەييارلاپ قويغان ئوخشىغان پولۇنى يېگەچ ئېلىۋالىدىغان لازىمەتلىكلەر توغرىسىدا ئايالىم بىلەن پاراڭلاشتىم. ئايالىم پاراڭ ئارىلىقىدا ماڭا «بۇ بېلەت ئەتە ئەتىگەن سائەت 12 دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئەمەستۇ، ئەگەر ئاشۇنداق بولسا مېڭىشىمىزغا پەقەت 3 سائەتتىن ئارتۇقراقلا ۋاقىت قالغان بولىدۇ، بىز ھازىرغىچە ھېچنېمىنى سومكىلارغا قاچىلىمىدۇق» دېدى ۋە بېلەتنى يەنە بىر قېتىم كۆرۈپ بېقىشىمنى تەكىتلىدى. مەن تاماقنى يەپ بولۇپ كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ، كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلخەت ئارقىلىق ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن بېلەتنى تەكشۈردۈم. بېلەتتىكى ۋاقىتقا قاراپ كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم. بىزنىڭ مېڭىشىمىزغا ئايالىم دېگەندەك يەنە 3 سائەتتىن كۆپرەكلا ۋاقىت قاپتۇ. مەن ئەھۋالنى ئايالىمغا دەررۇ ئۇقتۇردۇم. ئۇ ماڭا سىز چاقچاق قىلىۋاتىسىز دەپ ئىشەنمىگەن ھالدا بېلەتكە قاراپ، ۋاي راستكەن، ئەمدى قانداق قىلىمىز، يەنە 3 سائەتتىن كېيىن مېڭىشىمىز مۇمكىن ئەمەس دەپ ۋارقىراپ كەتتى. مەن ئايالىم ۋە بالىلىرىم بىلەن بۇ ئىش توغرىلىق مەسلىھەت قىلغاندىن كېيىن ئەتىسى چۈشتە مېڭىشنى قارار قىلدۇق. مەن ھازىرغىچە كىچىككىنە بىرەر خاتالىققىمۇ يول قويمىغان ماتېماتىك تۇرۇپ، بۇ قېتىم قانداق قىلىپ بۇ خاتالىقنى ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن ئەپسۇسلىنىپ ئۆز – ئۆزۈمگە ئاچچىقلاندىم. بېلەتنىغۇ ئۆزگەرتىپ كېچىكىپ ماڭساقلا بولىدىغان ئىش ئىدى، بىراق بېلەتنى ئۆزگەرتسەك ئەتىسى جۈمە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپتە قىلىدىغان بىرمۇنچە ئىشلىرىم ۋە كيۇشۇدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز 3 – ئاينىڭ 14-كۈنى كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بىزنى كۈتۈۋېلىش زىياپەتلىرى بۇزۇلاتتى. قىزىم مۇشۇنداق ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان قىز بولغاچقا، دەررۇ ماڭا «دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئىنسان يوق، شۇڭا بۇنچىلىك كىچىك ئىشلارغا ئاچچىقلىنىشنىڭ ئورنى يوق» دەپ ماڭا نەسىھەت قىلدى. قىزىمنىڭ دېگەنلىرى دۇرۇس ئىدى. ئىنسان ئاچچىقلىنىش بىلەن قانداقمۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلىسۇن. مەن دەررۇ دوكتور فۇكۇموتوغا، مەكتىپىمگە ۋە كيۇشۇدىكى دوكتور كاندىداتى پەرھات ئۇكامغا خەت يېزىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. قىزىم ئايروپىلان بېلىتى ساتقان شىركەتكە تېلېفون قىلىپ ۋاقتىمىزنى ئەتىسى چۈش سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتىگە ئۆزگەرتىپتۇ. خۇداغا شۈكرى، ئەتىسى چۈشتە ماڭىدىغان ئايروپىلان بار ئىكەن.



لوس ئانجېلېس خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسى

بىزنىڭ ماڭىدىغان ۋاقتىمىز ئەتىسىگە ئېنىق بېكىتىلگەندىن كېيىن، بىز يېرىم كېچىگىچە ياپونىيەگە ئېلىۋالىدىغان لازىمەتلىكلىرىمىزنى جىددىيلا سومكىمىزغا سېلىۋېتىپ، ئۇخلاپ قالدۇق. ئەتىسى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ، كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇدۇم. پروفېسسور ياسۇھىدە فۇكۇموتودىن ۋە كيۇشۇدىكى پەرھات ئۇكامدىن خەت كەپتۇ. مەن ئەسلىدە 3-ئاينىڭ 15-كۈنى يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن پروفېسسور بىلەن كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۆرۈشمەكچى ئىدىم. ئۇمۇ دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئاۋسترالىيەدىكى خەلقئارا ماتېماتىكا يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئەسلىدىكى كېلىش ۋاقتىنىڭ نەچچە سائەت كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى، مېنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10 لاردا كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ دىرېكتور ئىشخانىسىغا كېلىپ كۆرۈشۈشۈمنى ۋە مەن چۈشىدىغان مېھمانخانىدىن كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سانائەت ماتېماتىكا فاكۇلتېتىغىچە بارىدىغان ئارىلىق يوللىرىنىڭ خەرىتىسى، يوللاردا قايسى پويىزغا ۋە قايسى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ كېلىشىمنى تەپسىلىي يېزىپ ئەۋەتىپتۇ. پەرھات ئۇكام خېتىدە «كېرەك يوق ئاكا، ئولتۇرۇشىمىزنى يەكشەنبە كۈنى چۈشكە ئۆزگەرتتۇق» دەپ يېزىپتۇ. بۇ ئىككى خەتنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم. قېرىنداشلىرىمىزغۇ بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىدۇ. بىراق ياپونلۇقلار ئالدىدا ئۆز سەۋەنلىكىمدىن ۋەدە قىلغان ۋاقىتقا رىئايە قىلمىسام ياخشى بولمايتتى. ئەتىگەنلىك چاينى ئىچىپ بولۇپ مەكتىپىمگە كېلىپ مەكتەپتە بېجىرىدىغان بارلىق ئىشلىرىمنى ئەتىگەن سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكۈچە تاماملاپ بولدۇم. شۇنداق قىلىپ ئەتىگەن سائەت 10 دا بىز لوس ئانجېلېس خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىغا قاراپ يول ئالدۇق. بىز ئايروپىلان ئىستانسىدا بېجىرىدىغان بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ساق-سالامەت ئايروپىلانغا چىقتۇق. بىزنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانىمىز ياپونىيە «ئانا» شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى ئىدى. ئايروپىلان ئىچى بەكمۇ پاكىز ۋە ئادەملەرنىڭ مۇلايىملىق بىلەن سوئال سوراشلىرى مېنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى. مەن 1990 – يىلى ياپونىيەگە تۇنجى بارغىنىمدا مانا بۇ ئىللىق، مېھىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگەن ئىدىم. ئايروپىلان ئىچىدە بىر ئادەمنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى بولمايدۇ. قولىمىزغا ئېلىپ كىرگەن كىچىك سومكىلارنىڭ قويۇلىدىغان جايلىرىنى تالىشىدىغان ئىش پەقەت يۈز بەرمىدى. بىزنىڭ قولىمىزدا ئىككى سومكا بار ئىدى، ئۇنى ئولتۇرغان ئورۇندۇقىمىزنىڭ ئۇستىدىكى ئورۇنغا پاتقۇزالمىدۇق. مۇشۇ ئىشنى كۆرۈپ تۇرغان ئايروخانقىز دەرھال يېتىپ كېلىپ، بۇ ئورۇننى رەتلىۋەتكەندىن كېيىن، سومكىلىرىمىزنى ئاشۇ ئورۇنغا سىغدۇردى. بىر يېنىمدا ئايالىم يەنە بىر يېنىمدا ياپونلۇق ئولتۇردى. مەن ياپونلۇققا ياپونچە سۆزلەپ ئۇنىڭدىن ئەھۋال سورىۋالدىم. ئايروپىلان دەل سائەت 12 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغالدى. دۇنيادا ياپونلۇقتەك ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان مىللەت ئاز بولسا كېرەك. ۋاقىت ھايات، ۋاقىت ئېنېرگىيە، ۋاقىت پۇل، ۋاقىت ئالتۇندۇر. دۇنياغا قاراپ باقساق ۋاقىتقا رىئايە قىلغان مىللەتلەر دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ماڭماقتا. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاقىتقا بولغان چۈشەنچىمىزنى شەخسەن مەن ئانچە ياخشى ئەمەس دەپ ئويلايمەن. مەسلەن، ئادەتتىكى بىر سورۇنمۇ كەم دېگەندە 30 مىنۇت كۆپ بولغاندا 2 سائەت كېچىكىپ باشلىنىدۇ. زادى ھەرقانداق ئىشنى دەل ۋاقتىدا باشلىيالمايمىز. بىز تەرەققىي قىلىمىز ياكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتىمىز دەيدىكەنمىز ئالدى بىلەن ۋاقىت قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىپ، توغرا ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم. بىزنىڭ ۋاقىتقا بولغان توغرا چۈشەنچىمىز شەكىللەنمىسە ھەرقانداق گۈزەل غايىلىرىمىزمۇ بەربات بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا بالىلىرىمىزغا ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ۋاقىتقا رىئايە قىلىش توغرۇلۇق تەربىيە بېرىشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مېنىڭچە دۇنيادىكى ۋاقىتقا رىئايە قىلىدىغان مىللەتلەر ئەسلىدىنلا ئاشۇنداق تۇغما بولماستىن، ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت ئۆز خەلقىنى مائارىپ تەربىيىسى ئارقىلىق تەربىيەلىگەنلەردۇر. باشقا مىللەت قىلالىغاننى بىزنىڭ قىلماسلىقىمىزغا مەن پەقەت ئىشەنمەيمەن. بىزدىكى مەسىلە شۇكى، مائارىپقا سەل قاراش. مائارىپ بىر مىللەتنى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونلۇقلار ئادەم سويغان مىللەت ئىدى، بىراق ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇلار ئۆز مەدەنىيىتىنى ۋە مائارىپىنى يېڭى زامان مائارىپى ئارقىلىق ئۆزگەرتتى. 90-يىللاردا بىزدە دۇنياغا تونۇلغان بىرەر تەبىئىي پەن ئالىمى چىقمىغان ئىدى. ھازىر قارايدىغان بولساق بىزدىن دۇنياغا تونۇلغان ۋە دۇنيانى زىل-زىلغا سالغان ھەتتا نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلىش ئېھتىمالى بولغان شۆھرەت مۇتەللىپتەك ئالىملىرىمىز ۋۇجۇدقا كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى ياشلىرىمىز كىشىنى تولىمۇ خۇشال قىلىۋاتىدۇ. ياش ئالىملىرىمىز كەينى-كەينىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ. دېمەك بىز قىلىمىز دەيدىكەنمىز دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت قىلالىغان ئىشنى قىلالايمىز. شۇڭا دەۋرگە قاراپ ئۆزگىرىشىمىز، مائارىپقا چىڭ ئېسىلىشىمىز، تايىنى يوق قۇرۇق كونا نەرسىلەرگە ئىشىنىپ ۋاقتىمىزنى، كۈچىمىزنى سەرپ قىلماسلىقىمىز لازىم.
بىز 11 سائەتلىك ئۇزۇن ھاۋا يولىنى بېسىپ ئۆتۈپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، توكيوغا پويىز بىلەن بىرەر سائەت كېتىدىغان نارىتا خەلقئارا ئايروپىلان ئىستانسىسىغا ساق-سالامەت يېتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ بارىدىغان نىشانىمىز فۇكۇوكا شەھىرى بولغاچقا بۇ يەردە ئايروپىلان ئالمىشىپ يەنە تەخمىنەن ئىككى سائەتتەك جەنۇبقا ماڭغاندىن كېيىن ئاشۇ شەھەرگە بارىمىز. بىز نارىتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدىن ساق-سالامەت چىققاندىن كېيىن ياپونىيە دۆلەت ئىچىگە ماڭىدىغان ئايروپىلان ئېغىزىغا يېتىپ كەلدۇق. نارىتا بەكمۇ پاكىز ۋە بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ مۇئامىلىسى كىشىگە زوق بېرىدۇ ھەم كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. يولدا مېڭىۋېتىپ بېلىتىڭىزنى چىقىرىپ ئۇياق-بۇياققا قاراپ قالسىڭىز يول ئېغىزلىرىدا مېھمانلارغا سالام بېرىپ تۇرىدىغان قىز-ئوغۇللار يۈگۈرۈپ كېلىپ، سىزگە ياردەم كېرەكمۇ دەپ سوراپ تۇرىدىكەن. ياردەم تەلەپ قىلسىڭىز بارماقچى بولغان ئىشىك ئېغىزىغىچە سىزنى باشلاپ كۆرسىتىپ قويۇپ، سىزگە يەنە 90 گرادۇس ئېگىلىپ سالام قىلىپ قايتىدىكەن. يول بويىدا ياردەم قىلىشقا تەييار تۇرغان ئوغۇل-قىزلار ئادەم بولامدۇ-بولمامدۇ بېشىنى ئەگىپ سالام بېرىپ تۇرىدىكەن. ئىنسانغا قىلىنغان بۇنداق ئىللىقلىق سىزنىڭ مۇشۇ دۆلەتكە كېلىپ قالغانلىقىڭىزدىن ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدىكەن. خۇشاللىق بىر بايلىق بولۇپ، ئۇ سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى قىلىدىغان سېھىرلىك دورىدۇر. كىشىلەر خۇشال بولغاندا بىر-بىرىنى ياخشى چۈشىنەلەيدۇ ۋە مۇڭدىشالايدۇ. قوپال مۇئامىلىلەر، ئىنساننىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ۋە مائارىپ سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدۇ ئەلۋەتتە. ياپونىيە مەجبۇرىي مائارىپ تۈزۈمىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇ دۇنيادىكى ساۋاتسىزلار سانى نۆلگە يېقىن بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش نىسبىتى 2 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 46 پىرسەنتى ئالىي مەكتەپكە ياكى ئىككى يىللىق تېخنىكوم مەكتەپلىرىگە بارىدىكەن. ئۇيغۇرلارمۇ مانا مۇشۇنداق مۇھىتنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى مائارىپ تەربىيىسىنى ئېلىشى، ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىشى، ئىلىم-پەننى ئۆگىنىشى ۋە ھازىرقى زامان ئەخلاق تەربىيىسىنى ئۆگىنىشى لازىم.


داۋامى كېيىنكى يازمىدا...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى