ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

مالايسىيا جۇڭگو قاتارلىق بەش دۆلەتنى ھەقسىز ۋىزا بىلەن تەمىنلىمەكچى

مالايسىيا جۇڭگو قاتارلىق بەش دۆلەتنى ھەقسىز ۋىزا بىلەن تەمىنلىمەكچى

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 670 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ كۇئالالۇمپۇردىن 12 – ئاۋغۇست بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا ھازىر جۇڭگو، ھىندىستان، پاكىستان، بېنگال ۋە سرىلانكا قاتارلىق بەش دۆلەت كىشىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق چېگرىدىن كىرىش ۋىزا ھەققىنى كۆتىرىۋېتىشنى ئويلاشماقتا.

بۇ ئارىلىقتا تاراتقۇلار مۇنداق خەۋەر بەردى، مالايسىيانىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى مۆيدىن 11 – چىسلا مۇنداق دېدى، بۇنداق قىلىشتىن مەقسەت ئاساسلىقى مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئىككى قېتىم ۋەقەگە ئۇچرىشى ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرنى تۈگىتىش ئۈچۈن. ئۇ مۇنداق دېدى، ئىچكى كابېنت مىنىستىرى مۇساپىرلار ئىدارىسىگە مۇشۇنداق پىلان تۈزۈش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن بولۇپ، بۇ پىلان بۇ يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەسلى ياكى كېلەر يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.


ئۇ مۇنداق دېدى، ھۆكۈمەتمۇ ھازىر جۇڭگو ۋە ھىندىستان كىشىلىرىنىڭ ۋىزىسىز يەرگە چۈشۈش سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلماقتا، جۇڭگو ئاۋىئاتسىيەسى شىركەتلىرى ئايرۇپىلان ھۆددىگە ئېلىپ مالايسىيادىن جۇڭگوغا بېرىش، ھەمدە ئىراندا ساياھەت قىلىپ تۇرۇش ۋاقتىنى ھازىرقى 14 كۈندىن 30 كۈنگە ئۇزارتىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىشىۋاتىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو سىنگاپور ۋە ھىندونېزىيەدىن قالسىلا مالايسىيانى ساياھەت قىلىشقا ئامراق 3 – چوڭ دۆلەت ئىكەن. بۇلتۇر جەمئىي بىر مىليون 558 مىڭ 785 نەپەر جۇڭگولۇق ساياھەتچى چېگرىدىن كىرگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى 1.25 مىليون ئادەمگە قارىغاندا، ئادەم سانى %24.6 كۆپەيگەن. بىراق مالايسىيا ئايرۇپىلان ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۆپ دەرىجىدە ئازلاپ كەتكەن.
مۆيدىن مۇنداق دېدى، مالايسىيا ئايرۇپىلان ۋەقەسىنىڭ تەسىرى سەۋەبلىك، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر كۆپ دەرىجىدە ئازلاپ كەتكىنى بىلەن، مالايسىيا بۇ يىل 1 – ئايدىن 5 – ئايغىچە يەنىلا 1153 نەپەر ساياھەتچىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، بۇ سان بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.1 ئارتۇق.
ئېگىلىنىشىچە، مالايسىيا كېلەر يىل مالايسيا يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىلەرنى مالايسىياغا كېلىشكە جەلپ قىلىدىكەن. ھۆكۈمەت كېلەر يىل 29 مىليون 400 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچى قوبۇل قىلىشنى، ساياھەتچىلىك كىرىمىنى ھازىرقى 76 مىليارد مالايسىيا دوللىرىدىن 89 مىليارد مالايسىيا دوللىرىغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى