ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (4-قىسىم): پەرھات ئابدۇۋەلى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (4-قىسىم): پەرھات ئابدۇۋەلى

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 935 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئەمدى بۇ سورۇندىكى مېھمانلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇۋېتەي، بىزنى ماشىنا بىلەن ئەكەلگەن ئۇكىمىز پەرھات ئابدۇۋەلى، ئۇ غۇلجا پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ، ئاشۇ مەكتەپنىڭ فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇ ھازىر ئائىلىسى بىلەن فۇكۇوكا شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا دوكتور كاندىداتتا ئوقۇۋاتىدۇ. مەن 2008-يىلى ۋەتەندىكى تور بەتلەردە مەن بىلەن ھازىر بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان پروفېسسور ياسۇخىدە فۇكۇموتو ئەپەندىگە ئۇيغۇرلاردىن بىر ئوقۇغۇچى ئېلىش ئۇقتۇرۇشىنى چىقارغان ئىدىم. كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار شۇ چاغدا بۇ ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلغان ئىدى. مەن بارلىق ئىلتىماس قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر ياش ئوقۇتقۇچىنى كۆرسەتكەن ئىدىم، ئۇ بالا ياپونغا ئوقۇشقا چىقىدۇ. بۇ پروفېسسورنىڭ تەلىپى بەك قاتتىق بولغاچقا ئوقۇتقۇچىنىڭ شەرتلىرىگە كۆنەلمەي ۋەتەنگە قايتىپ كېتىدۇ. 


ئۇ بالا قايتىپ كەتكەندىن كېيىن مەن غۇلجا پىداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پەرھات ئابدۇۋەلىنى بۇ پروفېسسورغا تونۇشتۇردۇم. پەرھات ئابدۇۋەلى يېڭى كەلگەندە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلەپلىرىگە كۆنەلمەي بەك زېرىكىدۇ. ماڭا خەت يېزىپ ئۆزىنىڭ باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كېتىشنى سورايدۇ. مەن ئۇنىڭغا داۋاملىق تىرىشىش كېرەكلىكىنى جاپاغا چىدىسا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەيتتىم. ئۇ جاپالىق تەلەپلەرگە چىداپ ئاخىرى بۇ پروفېسسورنىڭ قولىدا ئوقۇپ قالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ ماگىستىرلىقنى تۈگەتكەندىن كېيىن، تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى دوكتۇرلۇققا كىرىدۇ. ئۇ بۇلتۇر ياپونىيە فىزىكا ژۇرنالىدا ماقالە ئېلان قىلدى. مەن ئۇنىڭ جاپاغا چىداپ دوختۇرلۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇرۇنمۇ تەكىتلىگەن ئادەمدە ئېنىق نىشان، قەيسەر ئىرادە، جاپاغا چىداش روھى بولسا ھەرقانداق بىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ. شۇڭا قانداق شارائىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر يەتمەكچى بولغان مەقسەت ئۈچۈن جاپاغا چىداپ ئۈزلۈكسىز بىلىم ئىگەللىشى لازىم.


بۈگۈنكى ئولتۇرۇشنىڭ ساھىبخانى نىجات سەدىردىن بىلەن گۈلبوستان ئەيسا بولۇپ، نىجات ئۇكام، خۇش-چاقچاق، ناھايىتى قىزغىن، يۇمۇرىستىك يىگىت ئىكەن. ئۇ ھەر بىر سۆزىگە قىزىقارلىق يۇمۇرىستىك چاق-چاق ئارىلاشتۇرۇپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇردى. مەنمۇ چاقچاقچىلىرىغا پاس چىقىرىپ بېرىپ ئۆي ئىچىنى كۈلكە بىلەن توشقۇزدۇق. ئادەم خىزمەت بىلەن دەم ئېلىشنى تولۇق ھەل قىلالمىسا تۇرمۇشتا كۆپ ئاۋارىچىلىكلەرنى كەلتۈرۈپ قويىدۇ ئۆزىگە. خىزمەت قىلغاندا يۈز پىرسەنت بېرىلىپ خىزمەت قىلىشىمىز، دەم ئالغاندا يۈز پىرسەنت خۇشال بولۇپ تۇرمۇشىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشىمىز لازىم. دەم ئېلىشنى ۋە چاقچاق قىلىشنى بىلمىگەن ئادەم چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ دوختۇرخانىغا بارىدۇ ئۇ كىشىلەر مېنىڭچە. كۈلكە تەن ساغلاملىقنىڭ ئەڭ ياخشى ھەقسىز دورىسىدۇر. نىجات ئۇكام يېزىقچىلىقتىمۇ ماھارىتى بولۇپ، كۆپلىگەن شېئىرلارنى يېزىپتۇ.


نىجات سەدىردىن ۋە ئايلىسى
مېنىڭ يۈرىكىم
گۇگۇمدا مۇڭ بېسىپ تۇرۇپ قاپتىمەن،
خىياللار ئىلكىگە پېتىپ قاپتىمەن.
توپا باسقان تەكچىدە تۇرار يۈرىكىم،
تونۇماستىن سوئال سوراپ ساپتىمەن.
«نىچۈن تۇرىسەن توپا بېسىپ تەكچىدە؟
قايدىن كەلدىڭ؟ بارار جايىڭ ئېنىقمۇ؟
تەپچىپ تۇرار ئوتقاش كەبى قانلىرىڭ،
چىقماس سەندىن نەپەس ئالغان تىنىقمۇ.»
ئۆكسۈپ تۇرۇپ بايان ئەتتى ئۇ ماڭا:
«ئەسلى ئورنۇم ئەمەس ئىدى بۇ تەكچە،
توۋا دەيمەن ئەخلەت كەبى تاشلاندىم،
شۇ سەۋەبتىن كۆڭلۈم يېرىم بىلەكچە.»
توۋا دەيمەن توۋا مىڭلارچە توۋا،
قانداق ئىنسان كېرەك قىلماس يۈرەكنى؟
پۇچىلاندىم غەزەپ-نەپرەت ئىچىدە،
تۈردۈم شۇندا جاسارەتتە بىلەكنى.
«ئىگەڭ كىمدۇر ئېيتقىن ماڭا تارتىنما،
ئۆزۈم بېرەي جاجىسىنى ئۇنىڭ مەن.»
زۇۋان چىقتى توپا باسقان تەكچىدىن:
«توۋا دېمە، ئىگىسى دەل ئۆزۈڭ سەن.»
«نېمە دەيسەن؟» غەزەپ بىلەن تىل سالدىم،
گاللىرىنى بوغماق بولۇپ ساراڭنىڭ.
«يارىم دەپ ئاھ ئۇرۇپ ماجال يوق تەندە،
ھەمشېرىكى بولالمايمەن ياراڭنىڭ.»
ئۆكسۈپ تۇرۇپ نىدا قىلدى يۈرىكىم،
«قەددىڭنى تىك تۇتقىن زارلانما ھامان.
ماڭساڭسەن تاپارسەن بوۋاڭ ئىزىدىن،
ئۇپۇقلار ئارا مەشرىق-مەغرىب تامان.»

سولدىن ئاينۇر، گۈلبوستان

گۈلبوستان ئەيسا سىڭلىم، ئۈرۈمچىدىكى مائارىپچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1978-يىلدىن 1983-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1983-يىلدىن 1989-يىلغىچە ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1989-يىلدىن 1993-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتىدا 2002-يىلىغىچە خىزمەت قىلىدۇ. 2002-يىلى 10-يىلى ياپونىيە فۇكۇوكا شەھىرىگە كېلىپ، ياپون تىلىنى بىر يىل ئوقۇيدۇ. 2003-يىلدىن باشلاپ كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مائارىپ ئىنسانشۇناسلىق كەسپىنىڭ ماگىستىرلىقىغا ئوقۇشىغا كىرىپ، 2007-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فۇكۇوكا شەھىرىدىكى بىر شىركەتكە مۇقىم خىزمەتچى بولۇپ كىرىپ، ھازىرغىچە مۇشۇ شىركەتتە ئىشلەۋاتىدۇ. بۈگۈنكى سورۇننىڭ تائاملىرىنى گۈلبوستان سىڭلىم تەييارلىغان بولۇپ، تاماقلار ئىنتايىن مەززىلىك پىشىپتۇ. بىز بۇ تاماقلاردىن ناھايىتى ياخشى ھۇزۇرلاندۇق. قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن گۈلبوستان سىڭلىم سىلەرگە كۆپ رەھمەت!


داۋامى كېيىنكى يازمىدا...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى