ئافرىقا تەسىراتلىرى (2)
ۋاقتى: 2015-11-14
ئاۋاتلىقى: 1318 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قەدىرلىك ۋەتەنداشلار، قېرىنداشلار!
قانداق ئەھۋالىڭلار، ياخشى تۇرۇۋاتقانسلەر؟ مەندىن ئەھۋال سورىساڭلار خۇددى ئۆزۈڭلار كۆرگەندەك ساق–سالامەت… (بۇرۇن تور، تېلېفون ئومۇملاشمىغان چاغلاردا ئۆزئارا سالام خەت يېزىشاتتۇق. كۆپىنچە ھاللاردا خەتنىڭ بېشىنى مۇشۇنداق باشلايتتۇق–ھە). شۇنداق، ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن مەن ۋەتىنىمىزدىن شۇنچە يىراق يات بىر قىتئەدە، ئافرىقا تۇپراقلىرىدا ساق–سالامەت، ئىنتايىن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن. ئالدىنقى قېتىم يازغان «ئافرىقا تەسىراتلىرى (1) — ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ سېيررالىيۇندىكى كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرى» دېگەن يازمامنى ئوقۇغان بىر قىسىم تورداشلىرىمدىن مۇنداق بىر ئورتاق سوئال چۈشۈپتۇ: «بۇ يىگىت قانداق قىلىپ شەرقىي ئافرىقىدىكى شۇ يىراق، چەت، نامرات دۆلەتكە بېرىپ قالغاندۇ؟ ». جاۋاب ماڭا ئامانەت، شۇ ئامەنەتنى يەتكۈزۈۋېتىش ئۈچۈن قولۇمغا يەنە قەلەم ئېلىپ قالدىم. مۇشۇنداق سوئال سوراۋەرسەڭلار، مەن جاۋاپ بېرىۋەرسەم، ئاخىرى يازغۇچى بولۇپ كېتىپ قالىمەنمۇ تېخى، ھى ھى ھى… «رومان يازىدىغان شائىردەك…»
ئۇيغۇر مىللىتىمىز ئەزەلدىن تەۋەككۈلچى، ئەقىللىق، باتۇر، قورقماس، سودىغا ماھىر بىر خەلق بولۇپ، تارىختا دۇنياغا مەشھۇر «يىپەك يولى» مەدەنىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۇنيا سودا ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىدا ئاجايىپ مۇھىم رول ئوينىغان. سودىغا ماھىرلىقى، چېۋەرلىكى، ئەقىللىقلىقى ۋە باتۇرلۇقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان شۇنچە كاتتا بىر مىللەتتىن بىرقانچە ئوغلاننىڭ ئافرىقا قىتئەسىگە بېرىپ قېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە. بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ئافرىقىدىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ باشقا ھەر قايسى قىتئەلىرى، ھەر قايسى ئەللىرىدىنمۇ ھەر خىل–ھەر ياڭزا تىجارەت، ئوقەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزنالىرىنى تېپىش تەس ئەمەس. دېمەك، سوئالىمنىڭ جاۋابى شۇكى، مەن بۇ يەرگە سودا، تىجارەت قىلغىلى كەلدىم.
ئافرىقىغا كېلىپ قېلىش سەۋەبىمنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتتۈم. كېلەر قېتىم سىلەرگە ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، كىنولاردا تەسۋىرلەنگەندەك دەھشەتلىك بوران ۋە يامغۇردا ھازىرلا يالماپ يۈتۈۋېتىدىغاندەك ھەيۋەتلىك دولقۇنلارنى يېرىپ بېلىقچلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بېلىقچلار ۋە سىرلىق ئاتلانتىك ئوكيان توغرىسىدا مەلۇمات بېرىمەن. بەلكىم ئەمدى بىرقانچە ماتروسلارنى تەربىيەلەپ چىقارمىز، ھى، ھى… خەير–خوش، قېرىنداشلار، ئاللاھقا ئامانەت!داۋامى بار...
مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى