ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (2-قىسىم): فۇكۇوكا شەھىرى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (2-قىسىم): فۇكۇوكا شەھىرى

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 1123 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

فۇكۇوكا شەھىرى

بىز نارىتا دۆلەت ئىچىگە ماڭىدىغان ئايروپىلان ئېغىزىغا كەلسەك، ئادەملەر قاتار-قاتار ئۆچىرەتكە تىزىلىپ تۇرۇپتۇ. بىرەر ئادەمنىڭ رەتتىن چىقىپ تۇرغىنىنى كۆرگىلى بولمىدى. ئادەملەر خۇددى بىر تۈز سىزىقنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان نۇقتىلاردەك كۆرۈنىدىكەن. بىزگە يەنە بىر تەسىر قىلغان يېرى ئادەمنىڭ مۇشۇنداق زىچلىقىغا قارىماي، بەدەندىن چىقىدىغان سېسىق پۇراقنىڭ بۇرنىڭىزغا پەقەتلا پۇرىمايدىغانلىقى بولدى. ھەتتا ھاجەتخانىنىڭ ئىچىگە كىرسىڭىزمۇ سېسىق پۇراقنى پۇرىغىلى بولمايدىكەن. كېيىن ئۇقسام ھاجەتخانىنىڭ ئىچىدىكى تەرەت ئورۇندۇقلىرىنىڭ ئىچى تەرىپىگە پۇراقنى سۈمۈرۈۋالىدىغان ئەسۋابلار ئورنىتىلغان ئىكەن. بىراق سىرتتىن قارىسىڭىز بۇنداق ئەسۋابلارنى كۆرگىلى بولمايدىكەن. قېرىنداشلارچە تەكلىپ: بىزدە دوست ئاغرىتىپ دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتىدۇ دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا كۆڭۈلگە كەلسىمۇ ھەقىقەتنى ئېيتقۇم كەلدى. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى خېلى كۆپ ئادەملەر بەدەن تازىلىقى ۋە ئېغىز تازىلىقىغا سەل قارايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا بار بولۇپ، ھەتتا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە كېلىپمۇ تازلىقتا ئۆزگىرىش ھاسىل قىلمايدۇ. مەن بۇ يەردە دەۋاتقان كىشىلەر ھەرگىزمۇ كەمبەغەل، قولىدا ھېچ نەرسىسى يوقلار ئەمەس. مېنىڭ دەۋاتقىنىم پۇلى بار ھەتتا بەزىلىرى خېلى يامان ئەمەس ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقانلار. ئۇنداقتا ياپونلۇقلارنىڭ تېنى پۇرىمامدۇ؟ مېنىڭچە ھەرقانداق بىر ئىنساندا تەن پۇرىقى بولىدۇ. ياپونلۇقتا سېسىق تەن پۇرىقى ۋە ئېغىز پۇرىقى بولمىسا، ئۇلار ماگىزىنلارغا سېسىق قولتۇق پۇرىقىنى ۋە ئېغىز پۇرىقىنى يوقىتىدىغان دورىلىرىنى تىزىپ قويمىغان، ھەم ئىشلەپچىقارمىغان بولاتتى. مەن ياپونىيەدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بىر ياپونلۇق قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى ئارىلاۋاتقان ۋاقتىدىكى ھېسسىياتىنى تەسۋىرلەپ كىتابىغا دۆڭكۆرۈكتىكى ئۇزۇن كەتكەن بازارغا كىرىپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كەتكۈچە سېسىقچىلىقنىڭ دەستىدىن ھوشىدىن كېتىشكە ئاز قالغانلىقىنى يازغانلىقىنى ئوقۇغانىدىم. مەن ياپوندىكى ۋاقتىمدا ئىشخانامغا ئىككى ئۇيغۇر بالىسىنى ئەكەلگەن ئىدىم. بىر كۈنى ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشۇمغا ئىككى ياپونلۇق ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ قانداق سېسىق پۇراقتۇ، دەپ پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، شۇ چاغدىلا ئىشخانا ئىچىنىڭ ئىنتايىن سېسىق قولتۇق پۇرىقى بىلەن قاپلانغانلىقىنى بىلدىم. بۇ پۇراقنىڭ كىمدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاشۇ قېرىندىشىمىزنى سىرتقا باشلاپ چىقىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. قولتۇقنىڭ سېسىق پۇرىقىنى يوقىتىدىغان دورىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى قەيەردىن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردىم. ئۇ قېرىندىشىمىز ماڭا ھازىرغا كەلگۈچە قولتۇق دورىسى ئىشلىتىپ باقمىغانلىقى، مۇنچىغا 2 – 3 كۈندە بىر قېتىم چۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ياپونىيەدە ھەر كۈنى مۇنچىغا چۈشمىسىڭىز بەدىنىڭىزنىڭ سېسىق پۇرىقى باشقىلارنى ئارامسىزلاندۇرىدۇ. ئارىمىزدا يەنە ئېغىز پۇرىقىغا دىققەت قىلمايدىغان كىشىلەرمۇ خېلى كۆپ. بەزىلەر بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندا ئېغىزىدىن كېلىۋاتقان سېسىق پۇراققا چىداپ تۇرالمايمىز. بىر مىللەت پاكىز، ئەخلاقلىق بولۇش ئۈچۈن ئۆي ئىچى ۋە سىرتىنىلا پاكىز سۈپۈرۈپ قويۇش كۇپايە قىلمايدۇ. بىزمۇ بەدەن پۇرىقى ۋە ئېغىز پۇراقلارغا قاتتىق دىققەت قىلىشىمىز لازىم. بەزىلەر مۇنچىغا كۆپ چۈشسە سوغۇقى ئېشىپ كېتىدۇ، دەپ ئۆزىنىڭ سېسىقچىلىقىنى يوشۇرماقچى بولىدىكەن. مېنىڭچە مۇنچىغا چۈشۈپ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە ياپونلۇق ۋە ئامېرىكىلىقلار ئاللىقاچان كېسەل بولۇپ كېتەتتى. بىزمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش تازىلىققا ئېتىبار بېرىشىمىز لازىم. ئەجىبا بىز يۇقىرىقىدەك ناچار ئادەتلىرىمىزنى يوقىتالمامدۇق؟ مېنىڭچە تەربىيە كۈچەيتىلسە بۇنداق ناچار ئادەتلەرنى ئۆزگەرتەلەيمىز. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇنچىغا چۈشۈش مەدەنىيىتىنىمۇ خېلى بۇرۇنلا باشقا مىللەتلەرگە ئۆگەتكەن ئىكەن. مۇشۇنداق بىر ئېسىل مەدەنىيىتىمىزنى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرالمىغانلىقىمىزدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمەن. تازىلىقتا ياخشى بولۇش – بولماسلىق بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ قانداقلىقىنى بىلدۈرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا بىز ھەدېسىلا باشقا مىللەتلەرگە باھا بەرمەي، ئۆزىمىزنىڭ قانداقلىقىنى ياخشى بىلىپ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. تازىلىقتا ياخشى بولغان مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرى يۈرۈشلۈك، ئۆمرى ئۇزۇن بولىدىكەن. تەكلىپىم شۇكى، بىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز ياكى بىرەر سورۇنغا بارماقچى بولسىڭىز مۇنچىغا چۈشتىڭىزمۇ ياكى چۈشمىدىڭىز، كىيىم ئالماشتۇردىڭىزمۇ ياكى ئالماشتۇرمىدىڭىز، قولتۇقىڭىز پۇرامدۇ ياكى پۇرىمامدۇ، ئېغىزىڭىز پۇرامدۇ ياكى پۇرىمامدۇ دېگەنلەرنى تەكشۈرۈۋەتكەندىن كېيىن بېرىڭ.


سولدىن پەرھات، ئەخمەتجان، نىجات. ئۇلار توغرىلىق كېيىنكى يازمامدا تەپسىلىي توختىلىمەن.
بىز ئايروپىلانغا چىقىش ئۆچىرىتىنى ساقلاۋاتقىنىمىزدا ياپونلۇق بىر قىز بىزنىڭ ئايروپىلان ۋاقتىمىزنى سورىدى. مەن ئۇ قىزغا بېلەتنى كۆرسەتسەم، سىلەرنىڭ مېڭىش ۋاقتىڭلارغا ئاز قاپتۇ، دەپ بىزنى باشقا يول بىلەن باشقا بىر ئايروپىلان كىرىش ئېغىزىغا ئەكېلىپ قويدى. بىز بۇ يەردە 10 مىنۇت تۇرغاندىن كېيىن، ئايروپىلانغا چىقتۇق. ئايروپىلان دەل چۈشتىن كېيىن سائەت 5 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە قوزغىلىپ، كەچ سائەت 8 دىن بۇرۇن فۇكۇوكا شەھىرىگە يېتىپ كەلدى. فۇكۇوكا شەھىرىنىڭ ئەتراپى دېڭىز بولۇپ، فۇكۇوكا ناھىيىسىنىڭ غەربىگە جايلاشقان. نوپۇسى 1 مىليون 520 مىڭ بولۇپ، ناھايىتى گۈزەل شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر كىشىلەر ئەڭ ياخشى ياشىيالايدىغان دۇنياۋى شەھەرلەر نامىغىمۇ ئېرىشكەن ئىكەن. بىز فۇكۇوكا ئايروپىلان ئىستانسىنىڭ بىخەتەرلىك ئېغىزىدىن چىقىپ ، بىزنىڭ كېلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان ئىككى قېرىندىشىمىز بىلەن ناھايىتى قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۇق. بىرى، پەرھات ئابدۇۋەلى ئۇكام بولۇپ، ئۇ ھازىر كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ. مەن ئۇنى بۇ قېتىم مېنى ياپونىيەگە تەكلىپ قىلغان پروفېسسورغا 2009-يىلى تونۇشتۇرغانىدىم. ئۇ كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كەلگەندىن كېيىن ياخشى ئوقۇپ ماتېماتىكا پەنىلىرى بويىچە 2012-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئاپتۇ. ئۇ ھازىر مۇشۇ مۇئەللىمنىڭ قولىدا ماتېماتىكا پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋېتىپتۇ. يەنە بىرى نىجات سەدىردىن ئىنىمىز بولۇپ، ئۇ مۇشۇ شەھەردىكى بىر شىركەتتە خىزمەت قىلىۋېتىپتۇ. بۇ مېنىڭ بۇ ئىككى ئىنىم بىلەن تۇنجى كۆرۈشىشىم ئىدى. ھەر ئىككىلىسى خۇش چاقچاق قىزغىن يىگىتلەر ئىكەن. نىجات ئۇكام ناھايىتى يۇمۇرىستىك، گەپلىرى ئوچۇق، خۇش چاقچاق يىگىت ئىكەن. بىز ئۇلار ئەكەلگەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ئىككى ھەپتە تۇرىدىغان مېھمانخانىغا قاراپ يول ئالدۇق. بىز يولدا كېتىۋېتىپ خۇددى بۇرۇندىن تونۇشىدىغان ئاكا-ئۇكىلاردەك قىزغىن پاراڭلارغا چۈشۈپ كەتتۇق. بىز يول ئۈستىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ قورساقلىرىمىزنى تويغۇزغاچ كۆپ پاراڭلاردا بولدۇق. بۇ يەردىن چىقىپ كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئالدىنالا ئورۇنلاشتۇرغان فۇكۇوكا شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان فۇكۇوكا مۇنارىنىڭ يېنىغا جايلاشقان مېھمانخانىغا يېتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ ياتىقىمىز 12-قەۋەتتە ئىكەن. بىز ياتاققا سومكىلارنى كۆتۈرۈشۈپ بىرگە كىردۇق. ياتاق ناھايىتى پاكىز بولۇپ، ھاجەتخانا، مۇنچا، كىيىم – كېچەك قويىدىغان ئىشكاپ، تېلېۋىزور ۋە تاماق ئېيتىدىغان ئايرىم بىر ئۆيىمۇ بار ئىكەن. ئىنىمىزدىن بىرى «پروفېسسورنىڭ ياتىقى ئالاھىدە بولىدىكەن جۇمۇ» دەپ قويدى. دېمىسىمۇ ياتاق ھەقىقەتەن ئېسىل ئىكەن. بىز تۇرغان ياتاقنىڭ دېرىزىسىنى ئاچسا داڭلىق فۇكۇوكا مۇنارى كۆرۈنىدىكەن. ئۆي ئىچىدە تۇرۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىسىڭىز ئاجايىپ بىر گۈزەل مەنزىرىنى كۆرىدىكەنسىز. ياپونلۇقلار ئۆيىگە مېھمان چاقىرىشتىن ئاۋۋال، مېھماننىڭ خۇشال بولىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن چاقىرىدۇ. يىراقراق يەرلەردىن مېھمان چاقىرسا ھەتتا بېرىپ كېلىش پۇلىنىمۇ كۆتۈرۈپ بېرىدۇ. بىز ياتاقتا بىرئاز پاراڭلاشقاندىن كېيىن ئىككى ئىنىمىز بىزنىڭ بالدۇرراق دەم ئېلىشىمىزنى، ئۇزۇن يول بېسىپ كەلگەنلىكىمىزنى تەكىتلەپ، ئەتە چۈشتە نىجات ئىنىمىزنىڭ ئۆيىگە يىغىلىدىغانلىقىمىزنى، پەرھات ئۇكامنىڭ بىزنى چۈش ۋاقتى سائەت 11 يېرىملاردا كېلىپ ئېلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىز بىلەن خوشلىشىپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. ياتاق ئىچى بىزگە بىرئاز سوغۇق بىلىندى. مەن ئۆي ئىسسىتقۇنى ئاچاي دەپ كۇنۇپكىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى تاپالماي قالدىم. ۋاقىتقا قارىسام كەچ سائەت 12 دىن ئېشىپتۇ. مەن مېھمانخانا مۇلازىمەت ئورنىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈردۈم. تېلېفون ئالغان مۇلازىمەت خانىمى ماڭا ھازىر ياتىقىڭىزغا بېرىپ كۆرسىتىپ بېرەي، 3 مىنۇت خاپا بولماي تۇرۇپ تۇرسىڭىز، دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ مۇلازىمەتچى خانىم دەل 3 مىنۇت ئۆتكەندە ياتاق ئىشىكىنى چەكتى. مەن ئۇ خىزمەتچىگە ئىشىكنى ئېچىپ بەردىم، ئۇ خانىم ئۆيگە كىرىپ ئىسسىتقۇنى ئاچىدىغان كۇنۇپكىنى كۆرسىتىپ چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئۇ ماڭا «مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق بىرقانچە مېھمان بىزگە تېلېفون قىلىپ كۇنۇپكىنىڭ قەيەردىلىكىنى سوراۋاتىدۇ، بىز قۇلايسىز نەرسىلەرنى ياتاققا ئورۇنلاشتۇرغىنىمىزدىن كۆپ ئەپسۇسلىنىمىز، كېلەر ئايدا بۇ كۇنۇپكىنى ئاسانلا بىلىدىغان باشقا يېڭى كۇنۇپكىغا ئۆزگەرمەكچى» دېدى ۋە ئۆزرە بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. ياپونلۇقلارنىڭ بۇنداق ئىشلاردىنمۇ ئەپۇ سوراپ، مېھماننىڭ كۆڭلىنى ئېلىش روھى ۋە ئاۋۇ خانىمنىڭ دەل 3 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆي ئىشىكىنى چېكىشى بىزنى يەنە بىر قېتىم تەسىرلەندۈردى. بىز 13 سائەت ئايروپىلان ئۈستىدە بولغاچقىمىكىن بەكمۇ چارچىغاندەك ھېس قىلدۇق. شۇڭا دەررۇ ئۇخلاپ كەتتۇق.

بىز ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 8 لەردە ئورنىمىزدىن تۇرۇشتۇق. بىز ئورنىمىزدىن تۇرۇپ يۈز-كۆزىمىزنى يۇيۇپ ئەتىگەنلىك تاماققا چىقىشقا تەييارلىق قىلدۇق. بۇ قېتىم ياپونىيە سەپىرىمدە مېنى ئۆزىگە ئالاھىدە جەلپ قىلغىنى ئادەمنىڭ تەرەت يولىنى سۇ بىلەن ئاپتوماتىك يۇيۇپ قويىدىغان تەرەت ئورۇندۇقى بولدى. بۇنداق ئورۇندۇق ياپونىيەدە ئاساسەن ئومۇملىشىپتۇ. ئايروپىلان ئىستانسىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇشۇنداق ئورۇندۇق ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆردۇق. ئامېرىكىدىكى ۋاقتىمدا ياپونىيە خەۋەرلىرىدە چاغان ۋاقتىدا ياپونىيەگە كەلگەن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئالغان سوۋغىسى مۇشۇ تەرەت ئورۇندۇقى ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. مېنىڭمۇ مۇشۇ خىل ئورۇندۇقنى ئامېرىكاغا ئېلىپ كەتكۈم كېلىپ كەتتى. بۇ ئورۇندۇق ئادەمگە ھەقىقەتەن ھۇزۇر بېرەتتى. ئۇ تەرەت يولىڭىزنى ئاپتوماتىك يۇيۇپ قويغاندىن سىرت، ئىسسىق شامال بىلەن قۇرۇتۇپمۇ قويىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئادەتتىكى تەرەت ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ تەرەت يولىنى قەغەز ئارقىلىق تازىلىغاندا ئەڭ پاكىز تازىلىدىم دېگۈچىلەر قەغەزنى 8 قېتىم يىرتىپ ئالىدىكەن. شۇنداقتىمۇ يەنە پاكىز بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق قەغەزدە سۈرتۈلگەن تەرەت يولىدا ھەرخىل كېسەل پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن بولۇپ، داۋالىنىش ھەققى ئۈچۈن كۆپ چىقىم كېتىدىكەن، بۇ چىقىملار دۆلەتكە بولغان ئېغىر بېسىم بولۇپ، ئىسراپچىلىق ئىكەن. شۇڭا ياپونىيە شىركەتلىرى مۇشۇنداق چىقىمنى ئازايتىش ئۈچۈن تەرەت يولىنى سۇ بىلەن يۇيۇپ قويىدىغان تەرەت ئورۇندۇقىنى ئىجاد قىپتۇ. بۇ ئورۇندۇققا يەنە سېسىق پۇراقنى سۈمۈرۈۋالىدىغان ئەسۋابلارمۇ ئورنىتىلغانىكەن. شۇڭا ھاجەتخانا ئىچىدە پەقەت سېسىق پۇراق دىمىقىڭىزغا كەلمەيدىكەن. مەن مېھمانخانىلاردا ياتسام ئۆينىڭ پاكىز ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىشكاپنىڭ ئۈستىنى يەنە ئادەمنىڭ قولى بارمايدىغان يەرلەرنى ئورۇندۇققا چىقىپ بىگىز بارمىقىم بىلەن سۈرتۈپ تەكشۈرۈپ باقىمەن. ماۋۇ ياتاقنى تەكشۈرسەم بارماق قولۇمغا قىلچىمۇ توپا قونمىدى. مەن كۆرگەن ياپونىيەدىن باشقا دۆلەتلەردىكى مېھمانخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ مۇشۇ تەكشۈرۈشۈمدىن ئۆتەلمەيدۇ. ئىنساندا قارشى تەرەپكە نىسبەتەن ھەقىقىي يۈرىكىدىن چىققان مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بولسا مانا مۇشۇنداق پاكىزلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. مەن بىر مىللەتنىڭ پاكىز ياكى پاكىز ئەمەسلىكى ئۇنىڭ ساپالىق ياكى ساپاسىز مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ دەپ قارايمەن. پاكىزلىق ئىنساننىڭ گۈزەل ساغلام بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان زۆرۈر شەرتتۇر. ياتاق ئىچىدىكى يۈز يۇيىدىغان ئورۇن بولسۇن ياكى مۇنچىغا چۈشىدىغان ئورۇن بولسۇن تامغا «سۇنى تېجەڭ» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ.


ياپونلۇقلار مۇشۇ خەتنى كۆرۈپ، ئاشۇ شوئارغا ئەمەل قىلىدۇ، ئۇ شوئارنىڭ كۈچى ياپونىيەدە بەكمۇ زور، چۈنكى ياپونلۇقلار بۇ شوئارنى قانداقتۇر بىرىنىڭ يېزىپ قويغان شوئارى دەپ قارىماي ئۆزىمىز ئۈچۈن زور پايدىسى بار دەپ قارايدۇ. پۇلى بار ياپون بايلىرىمۇ مۇشۇ شوئارغا ئەمەل قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مەكتەپلەردە نېمىنىڭ يامان ئىش نېمىنىڭ يامان ئەمەسلىكىنى ئۆگەنگەن. مەن بۇ بايانلارنى يېزىۋاتقاندا 1999-يىلى بولغان بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. 1999-يىلى ياپونىيەدىكى چاغلىرىم ئىدى، شۇ چاغدا ئىككىنچى قېتىملىق «ئۈمىد» يىغىنى بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن، مەن مۇشۇ يىغىننىڭ رەئىسلىكىنى ئۆتىگەن ئىدىم. شۇ يىللىق يىغىنغا ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان خىمىيە ئالىمى، جۇڭگو مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، دوستۇم زەپەر ئابلىزنى تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ۋىزىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەدىكى بىر ياپونلۇق ئىقتىساد جەھەتتىن گۇۋاھلىق بەرمىسە، ۋەتەندىن ئادەم چاقىرتقىلى بولمايتتى. مەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ياتاق بىناسى سېلىپ بەرگەن ۋە ئوقۇش مۇكاپاتى بەرگەن باي خاسۇمى ئەپەندىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋالنى دېسەم، ئۇ ماڭا ماقۇل بولغاندىن كېيىن، مەندىن «ماتېرىياللىرىم ساڭا قاچان كېرەك» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا مۇمكىن بولسا ئەتە بولسا ياخشى بولاتتى، دېسەم. ئۇ ئەپەندى ئىككىلەنمەستىن «بولىدۇ، ئەتە ئۆزۈم بارلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ بارىمەن، ئەتە ئەتىگەن سائەت 10 لاردا ياپونىيە كۆچمەن ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشەيلى» دېدى. ئەتىسى ئەتىگە سائەت 10 دىن بۇرۇن بىنا ئالدىغا كەلسەم بۇ ئەپەندىمۇ كېلىپ بوپتۇ. بىز ئۆزئارا كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، بىنا ئىچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ مەن ئەكەلگەن ماتېرىياللار بىلەن ئەپەندىنىڭ ماتېرىياللىرىنى بەردۇق. ئۇلار ماتېرىيالنى كۆرگەندىن كېيىن «ۋاقىت بەك قىس ئىكەن، بىز پوچتىدىن ۋىزا ئەۋەتسەك كېلەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا ھازىرلا بېجىڭدىكى ياپونىيە ئەلچىخانىسىغا تېلگراپ خېتى يوللايمىز، كەلمەكچى بولغان كىشى ۋىزىنى ئەتە قولىغا ئالىدۇ» دېدى. ياپونلۇقلارنىڭ ۋىزىنى بۇنداق تېز بېجىرىشى ھېلىقى ياپونلۇق باينىڭ بولغانلىقىدىن ئىدى. دېگەندەك دوستۇم زەپەر ۋىزىنى ئۆز ۋاقتىدا تاپشۇرۇپ ئېلىپ يىغىنغا ئۈلگۈرۈپ كەلدى. بىز ئىشلىرىمىزنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ پاراڭلاشقاچ چۈشلۈك تاماق يېدۇق. ئۇ يېقىندا دوستۇم دوكتور ئۆمەرجان ئابلا بىلەن ۋەتەنگە بېرىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بەكمۇ ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بېرىشىدا ۋەتەندىكى ئىككى مەكتەپكە ئىقتىساد جەھەتتىن ياردەم پۇلى بەرگەنلىكىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. ئۇ ئۈرۈمچىدىكى پائالىيەتلىرىنى سۆزلەۋېتىپ، «مەن ئۈرۈمچىدە بىر ھەپتە تۇرغان ۋاقتىمدا، ۋاننىغا سۇ تولدۇرۇپ، مۇنچىغا چۈشۈپ باقمىدىم» دېدى. ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈنلىكىنى سورىسام. ئۇ «ئۈرۈمچىدە سۇ قىس ئىكەن، شۇڭا سۇنى تېجىدىم» دېدى. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىشكە بولىدىكى، ياپونلۇقلار سۇنى تېجەش شوئارىغا دۆلەت سىرتىدىمۇ ئەمەل قىلىدىكەن.


بىز ئەتىگەنلىك ناشتىنى مېھمانخانا ئاشخانىسىدا يېيىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقتۇق. ئۆيدىن چىقىشىمىز بىلەن ئۆي تازىلىقىنى قىلىدىغان خادىملارغا ئۇچراپ قالدۇق. ئۇلار بىزگە 90 گرادۇس ئېگىلىپ «خەيرىلىك ئەتىگەن» دېدى ھەمدە بىزدىن «ئۆيۈڭلارنى تازىلىۋەتسەك بولامدۇ» دەپ سورىدى. مەن «بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردىم. شۇنىڭ بىلەن لىفىتقا چىقىپ بىرىنچى قەۋەتكە چۈشمەكچى بولدۇق. لىفىتتا كېتىۋاتساق، لىفىت ئارىلىقتىكى بىر قەۋەتتە توختىدى. ئىشىك ئېچىلدى، قارىسام ئىككى تازىلىق قىلىنىدىغان خانىم ئالدىمىزدا كۆرۈندى. ئۇلار بىزگە سىلەر چۈشۈۋېرىڭلار دەپ لىفىتقا چىققىلى ئۇنىمىدى. مەن ئايالىمغا «ئۇلار نېمىشقا چىقمايدىغاندۇ، بەلكىم لىفىت نومۇرىنى خاتا بېسىپ قالغان بولسا كېرەك» دېدىم. كېيىن ئۇقسام، مېھمانخانا خادىملىرى مېھمانخانىدا لىفىتقا ئولتۇرغان كىشىلەر بىلەن بىر ۋاگونغا چىقسا مېھمانغا قىستاڭچىلىق ۋە كۆرۈمسىزلىك ئەكىلىپ قويىمىز دەپ قارايدىكەن. بىز لىفىتتىن چۈشۈپ كىرمەكچى بولغان ئاشخانىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن مۇلازىمەت ئورنىغا كەلسەك، بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان بارلىق خادىملار بىزگە ئېگىلىپ سالام بېرىپ بىزنىڭ ئەتىگەنلىگىمىزنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلىدى ۋە بىزنىڭ سوئالىمىزغا ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن جاۋاب بەردى. ئەتىگەندىلا مۇنداق ئېسىل مۇئامىلىلەرنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈنكى ھاردۇقلار چىرايىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپلا كەتتى. ياپونلۇقلار ئىنساننىڭ پسىخولوگىيىسىنى بۇرۇنلا چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن ئىكەن. قارشى تەرەپنى ھۆرمەت قىلىش ئىنساننىڭ گۈزەل ئەخلاقىدۇر. قوپاللىق، ھاكاۋۇرلۇق، مەنمەنلىك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان نومۇسسىزلىقتۇر. كىشىلەر ئارىسىدا ھۆرمەت بولغاندا ھەرقانداق بىر ئىنسان بىلەن ياخشى ئۆتكىلى بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. بىز رېستۇرانغا كىرىپ ياپون تاماقلىرىنى بۇيرۇتتۇق. كۈتكۈچى بىزگە گۈرۈچ بىلەن مىسوشىرو(پۇرچاق بىلەن دۇفۇ) نى قانچە قېتىم يېسەك بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئەتىگەنلىك گۈرۈچى ئىككى خىل بولىدىكەن، بىرى ئاق گۈرۈچ يەنە بىرى مۇگى( چالا ئاقلانغان) گۈرۈچ بولىدىكەن. ئايالىم ئاق گۈرۈچنى، مەن مۇگى گۈرۈچنى بۇيرۇتتۇق. ھەر ئىككىلىسىنىڭ باھاسى 7 ئامېرىكا دوللىرىغا توغرا كېلىدىكەن. ياپونىيەنىڭ گۈرۈچى دۇنيادا ئەڭ مەززىلىك گۈرۈچ بولغاچقا، ئىككى قاچا يەۋەتتۇق. بىز تاماقتا چىققان بېلىق، بىللە كەلگەن دۇفۇ ۋە ئۇششاق سەيلەرنىڭ ھەممىسىنى قويماي پاك-پاكىزە يەۋەتتۇق. ياپونلۇقلار تاماقنى ئاشۇرۇپ قويۇشنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرگەچكە، ئاشخانىلاردا تاماق ئاشۇرۇپ قويىدىغانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. ياپونلۇقلار تاماقنى ئۆزىگە چۇشلۇق بۇيرۇتىدىكەن، شۇڭا ئۇلاردا تاماق ئىسراپچىلىقى بولمايدىكەن.
مەن 1997-يىلى 15 ياپونلۇقنى شىنجاڭغا ساياھەتكە ئاپارغانىدىم. ئۇلار شىنجاڭدا بىر ھەپتە ساياھەتتە بولدى. بىز ئالدىنئالا ياتاق ۋە ھەر كۈندىكى 3 ۋاخلىق تاماق پۇلىنى تاپشۇرۇۋەتكەن ئىدۇق. ھەر كۈنى 3 ۋاق تاماق چىقاتتى، تاماقلار ئۈستەلگە دۆۋىلىنىپ كېتەتتى، ئارقىدىن شۇ پېتى ئېشىپ قالاتتى ۋە تاشلىنىپ كېتەتتى. ياپونلۇقلار بۇنداق ئىسراپچىلىقنى كۆرۈپ، ماڭا پۇلنى ئوخشاش ئالسۇن، بىراق بىزگە بۇنداق ھەددىدىن ئارتۇق تاماقلارنى ئەپچىقمىسۇن دەپ ئۆتۈنگەن ئىدى. مەن ئاشخانا بىلەن پاراڭلىشىپ تاماق مىقدارىنى كۆپ قىسقارتقان بولساممۇ تاماق يەنىلا كۆپ چىقىپ كېتىپ، ئىسراپچىلىق بولغان ئىدى. مەن ئاشخانا ئىگىلىرىگە «تامىقىمىزنىڭ مىقدارىنى يەنىمۇ ئازايتىۋەتكەن بولساڭلار» دېسەم، ئۇلار «بۇنداق قىلساق، باشقا مېھمانلار ‹بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقى ئاز ئىكەن› دەپ ئاشخانىمىزغا كىرمەيدىغان بولىۋالىدۇ» دەپ، تاماقنى ئاز ئۇسۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.

داۋامى كېلەر قېتىملىق يازمىدا...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى