ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (3-قىسىم): فۇكۇوكا شەھىرى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (3-قىسىم): فۇكۇوكا شەھىرى

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 1110 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش


بىز ئەتىگەنلىك ناشتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ياتىقىمىزغا كىرىپ يۈك-تاقلارنى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ، چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 يېرىمدا، نىجات ئۇكىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىش ئۈچۈن بىزنى ئېلىپ بارىدىغان پەرھات ئۇكىمىزنى ساقلاپ تۇردۇق. مەن ياتاقتا ئۇنى ساقلىغاچ مۇشۇ مېھمانخانا جايلاشقان يەرنىڭ خەرىتىسىنى كۆرۈپ، بۇ يەرنىڭ تارىخىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقتىم. بۇ يەر بۇرۇن دېڭىز ئىكەن. ياپونلۇقلار مۇشۇ دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ، بۇ يەرنى بىر گۈزەل يېڭى شەھەرگە ئايلاندۇرۇپتۇ. بىز چۈشكەن مېھمانخانا يېنىدىلا فۇكۇوكا مۇنارى بار ئىكەن. بۇ مۇنار 1989-يىلى قۇرۇلۇپتىكەن. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 234 مېتىر بولۇپ، ئۇ 14 ئايدا ياسىلىپ بولۇپتۇ. ئۇ 7 بال يەر تەۋرەشكە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭغا كەتكەن مەبلەغ تەخمىنەن 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە مۇشۇ ئەتراپتا ئەڭ كۈچلۈك بولغاندا 6 بال يەر تەۋرەپتىكەن. بۇ مۇنار ياپوندا دېڭىز بويىغا سېلىنغان مۇنارلار ئىچىدە ئەڭ ئېگىزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېڭىزنى قۇرۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپ قۇرۇلغان شەھەرنى كۆرىشىم مەن ئۈچۈن بىرىنچى قېتىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز تۇرغان مېھمانخانا ئەتراپىدا يەنە داڭلىق دۇكانلار، مۇزېي، كىتابخانا، ۋە ئۈستى ئېچىپ-يېپىلىدىغان كالتەك توپ ئوينايدىغان تەنھەرىكەت مەيدانى قاتارلىقلار بار ئىكەن. مەن دېڭىز سۈيىنى يوقىتىپ مۇشۇ بىنالارنى سالغان ياپونلۇقلارغا ھەقىقەتەن قول قويدۇم. ياپونلۇقلار ھەقىقەتنىمۇ ئىشچان خەلق. ئۇلاردا مەسئۇلىيەتچانلىق، تىرىشچانلىق، يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئۈستۈن. چۈنكى ئۇلار مائارىپنى بۇرۇندىن باشلاپلا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ياپونىيەنىڭ يەر بايلىقى ئاساسەن يوق. شۇنداق بولسىمۇ دۇنيادا ئېنېرگىيىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەر ئىچىدە 5- ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇرۇن ياپونىيە دۆلىتى يادرو ئېنېرگىيە ئىستانسىلىرىنى كۆپ قۇرۇپ، ئېنېرگىيىنى شۇ ئارقىلىقمۇ تولۇقلايتتى. بىراق نەچچە يىللار بۇرۇن يەر تەۋرەشتىن كېلىپ چىققان ئېغىر رادىئاكسىيەلىك بۇزغۇنچىلىقتىن ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئازىيىپ، ياپون دۆلىتىنى ئېغىر زەربىگە ئۇچراتتى. بىراق ياپونىيە يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تەتقىق قىلىپ بۇ بوشلۇقلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇلدا ئېنېرگىيە ھاسىل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەۋاتىدۇ. مەسىلەن يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا ياپونىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى سۇدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش يەنە دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن يەردىكى سۇ دېڭىز قىرغىقىغا يىراقراق يەردىكى سۇدىن ئىسسىقراق بولۇپ، سوغۇق سۇ بىلەن ئىسسىق سۇ ئۇچراشقان ۋاقتىدىكى تېمپېراتۇرا پەرقىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش. ياپونىيە دېڭىز بىلەن ئورالغاچقا بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا ناھايىتى كۆپ توك ئېنېرگىيىسى پەيدا قىلالايدۇ. ياپونلۇقلار تەڭرى بەرگەن ئەقىلنى زايە قىلماي ئىشلىتىپ، ئۇنى ئۆز خەلقى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئىشلەتمەكتە.


چۈش ۋاقتى سائەت 11 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە پەرھات ئۇكىمىزدىن تېلېفون كېلىپ، بىزنى بىرىنچى قەۋەتتە ساقلايدىغىنىنى دېدى. ماڭا پەرھاتنىڭ دەل دېيىشىپ قويغان ۋاقتىدا بىزنى ئالغىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئادەملەردىكى ۋاقىت چۈشەنچىسىنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقى ئاشۇ ئادەمنىڭ قانداق مۇھىتتا ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆز قەۋمىنىڭ مائارىپ ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلىپ يەتتىم. بىز بىرىنچى قەۋەتتە پەرھات بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن بىزنى ئۆيگە چاقىرغان نىجات ئۇكامنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدۇق. ئۇنىڭ ئۆيى بۇ مېھمانخانىدىن ماشىنا بىلەن 30 مىنۇتلۇق يەردىكى ئائىلىلىكلەر قوروسىدا تۇرىدىكەن. بىز ماشىنىدا قىزغىن پاراڭلاشقاچ نىجات ئۇكامنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. نىجات بىزنى ماشىنا قويىدىغان يەردە ساقلاپ تۇرۇپتۇ. ئۇ تولىمۇ خۇشخۇي، چاقچاقچى يىگىت بولغاچقا پاراڭلىرىمىز مۇشۇ يەردىلا قىززىپ كەتتى. بىز ئۇنىڭ يول باشچىلىقىدا بىنادىكى بىر ئۆينىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ توختىدۇق. ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ رەپىقىسى ۋە باشقا مېھمانلار چىقىپ، بىزنى ئۆي ئىچىگە تەكلىپ قىلدى. بىز ئۇلار بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتۇق. نىجاتنىڭ رەپىقىسى گۈلبوستان ناھايىتى ئوچۇق-يورۇق مېھماندوست سىڭلىم ئىكەن. ئۆي ئىچىدە يەنە ئاينۇر سىڭلىم ۋە ئادىل ئىنىم قاتارلىق مېھمانلار بار ئىكەن. بىز بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن قىزغىن كۆرۈشتۇق. مەن بىلەن ئايالىم ئۆيگە كىرىپلا ئالدى بىلەن بۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈنۈگۈن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئولتۇرۇشىغا ۋاقتىدا كېلەلمەي سەت ئىش بولغانلىقىنى دەپ، ئۇلاردىن ئەپۇ سورىدۇق. مەن ئەزەلدىن بىرىنىڭ ئۆيىگە ياكى ياكى پائالىيەتكە ياكى ئولتۇرۇشقا ياكى خىزمەتكە كېچىكىپ باققان ياكى بالدۇر قايتقان ئىنساندىن ئەمەس ئىدىم. شۇڭا بۇ قېتىمقى ياپونىيەگە بىر كۈن كېچىكىپ قېلىش مېنى بەكمۇ ئازابلىدى. مەن شۇنداق ئويلايمەن تاساددىپى بىر ئىش بولمىسىلا بىرى چاقىرغان پائالىيەت ياكى ئولتۇرۇش بولسۇن 10 مىنۇت كېچىكسىڭىز مېنىڭچە بارمىغىنىڭىز تۈزۈك. مۇشۇنى قىلالمىغان ئادەمنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىتتا ۋە ئاشۇ ئادەمنىڭ ئەخلاقىدا ئېغىر مەسىلە بارمىكىن دەپ ئويلايمەن. ۋاقىتنى توغرا ھەل قىلماسلىق ئاخىرقى ھېسابتا بېرىپ ئاشۇ ئادەمنىڭ باشقا ئىشلارنىمۇ ۋاقتىدا ھەل قىلماسلىقىغا بېرىپ تاقىلىدۇ.


بىز ئۆيگە كىرىپلا ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلغان جوزىغا كۆزىمىز چۈشتى. ياپونلۇقلار بىز ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش پاكار جوزا ئەتراپىدا ئولتۇرۇپ تاماقلىنىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارغا بۇ ئادەت تازا ماس كېلىدۇ. شۇڭا ئادىتىمىز بويىچە باداشقاننى قورقماي قۇرۇپ ئولتۇرۇپ جوزا ئۈستىگە تىزىلغان مەززىلىك تاماقلارغا باققاچ قىززىق پاراڭلاشتۇق. ئۈستەل ئۈستىگە پولو، قولداما، نارىن قاتارلىق تاماقلار قويۇلغان بولۇپ، تاماقلار تازا ئوخشاپتۇ. بۇ تاماقلارنى ئوخشاتقان ئۆي ئىگىسى گۈلبوستان سىڭلىمىزغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن مېھماندوست خەلق. بىرەر مېھمان كېلىدۇ دېسە نەچچە كۈنلەپ مېھماننىڭ تەييارلىقىنى قىلىمىز. ھەتتا مېھمان كەلگۈچە ئۆيلەرنى تازلاپ پاك-پاكىز قىلىمىز. ئامېرىكىدىكى بىز قېرىندىشىم بۇ توغرىلىق قىزىقارلىق قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى، ھازىر ئۆيىمىزدە بالىلارغا مۇشۇ ھەپتە مېھمان كېلىدۇ دەپ بولغۇچە، تازىلىقنى قاچان باشلايمىز دەيدىغان بولدى، دەپ. بىز بىرسىنى تونۇمدۇق ياكى تونىمامدۇق ئۇ سالام بەرسە يوق دېگەندە بىر پىيالە چاي بولسىمۇ ئالدىغا قويىمىز. بۇنداق ئاق كۆڭۈل مىللەت دۇنيادا بەكلا ئاز ئۇچرايدۇ مېنىڭچە. بىز تاماق يېگەچ ئۆزئارا تونۇشتۇق ۋە پىكىرلەشتۇق. بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن بۇ دۆلەتتە قانداق جاپا مۇشەققەتلىك بىلەن تىرىشىپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇق ۋە ئۇلاردىن سۆيۈندۇق. سىز ئۆز يۇرتىڭىزدىن باشقا ئەلگە چىقىپ ئازراق بولسىمۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىناي دېسىڭىز، ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىڭىز، ئاشۇ دۆلەتنىڭ قۇرۇپ چىققان مىللەتلەرنى ھۆرمەتلەشنى بىلىشىڭىز، ئاشۇ دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىنى بىلىشىڭىز، ئاشۇ دۆلەت مىللەتلىرى بىلەن قويۇق ئارىلىشالايدىغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئۇنداق قىلالمايدىكەنسىز سىزنىڭ ئۇ دۆلەتتە تۇرۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ۋە ئۇ دۆلەتمۇ سىزنى قوينىغا ئالمايدۇ.


داۋامى كېيىنكى يازمىدا...

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى