ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى توردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ

تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى توردىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 577 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندىكى ئىككى چوڭ قەدىمىي يادىكارلىق تاج ماھال مەقبەرىسى بىلەن ھۇمايون مەقبەرىسىنىڭ كىرىش بېلىتىنى توردىن ئالدىن سېتىۋالغىلى بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە ھەر يىلى قىش پەسلى ھىندىستان ساياھىتىنىڭ جانلىنىش مەزگىلى بولۇپ، بۇ ئىككى قەدىمىي يادىكارلىق ساياھەت رايونىدا دائىم ئۇزۇن ئۆچرەت تىزىلىپ كېتىدىكەن، كىرىش بېلىتىنى توردىن ئالدىن سېتىۋالغاندا، ئۆچرەت ساقلايدىغان نۇرغۇن ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن.


تاج ماھال مەقبەرىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 750 رۇپىيە، ھۇمايون مەقبەرىسىنىڭ 250 رۇپىيە، ئۇنىڭ ئېلېكتىرونلۇق بېلەت سېتىش سىستېمىسىنى ھىندىستان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش شىركىتى ۋە ھىندىستان پويىز بېلىتىنى توردىن سېتىۋېلىش سىستېمىسى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىققان. ئەگەر بۇ بېلەت سېتىش سىستېمىسى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا كەلگۈسىدە باشقا قەدىمىي يادىكارلىق ئورۇنلىرىغىمۇ  كېڭەيتىلىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى