ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

لوندون، ئۇيغۇر دەرۋىشلەر بايرىمى ۋە يۇرتىمىزغا ئائىت يادىكارلىقلار (1)

لوندون، ئۇيغۇر دەرۋىشلەر بايرىمى ۋە يۇرتىمىزغا ئائىت يادىكارلىقلار (1)

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 1012 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۇ قىسىمدا تۆت بۆلەك تېما بار:
1. لوندون
تۇنجى تەسىرات: زامانىۋىلىق بىلەن قەدىمىيلىك تولىمۇ كۈچلۈك بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر شەھەركەن. بۇنداق دېيىشىم مەيلى ۋېنا، مەيلى رىم، مەيلى پارىژ ۋە ياكى ئىستانبول بولسۇن، شەھەرنىڭ كونا قىسمى ياخشى ھەم تەخمىنى ئايرىم ساقلانغان، يىڭى زامانغا خاس ئېگىز بىنالار شەھەرنىڭ ئايرىم بۆلەكچىسىگە، بولۇپمۇ كونا شەھەر قىسمىغا تەۋە بولمىغان قىسمىغا جايلىشىغلىق. لوندوندا بۇ ئىككى تەرەپنى ئايرىماق سەل قېيىنكەن، خۇددى گېرەلىشىپلا كەتكەندەك. بىر يېنىڭىزدا ئېگىز ئەينەك بىنالار، بىر يېنىڭىزدا نەچچە يۈز يىللىق تارىخى بار قورغانلار. تاكسىلىرىمۇ سىزگە سانائەت ئىنقىلابىنى ئەسلىتىدۇ، كونىچە قالپاق كىيگەن، تېنىشىپ قالغانلارغا يول كۆرسىتىدىغان ئادەملەر. ئۈستىدە سىمسىز ئىنتېرنېت بەلگىسى بار كونىچە تېلېفون بوتكىسى (بۇمۇ ياخشى ئۇسۇلكەن، ۋاقتى ئۆتكەن نەرسە ھەر ھالدا يېڭىچە فۇنكسىيە بىلەن داۋاملىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۋېتىپتۇ).
لوندوننىڭ شەھەر ئىسمىنىڭ كېلىش مەنبەسى ھەققىدە ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن قاراش يوق. ھازىرچە لوندوننى مىلادى 121-يىلى خاتىرلەنگەن لاتىنچە لوندىنىيۇم دېگەن سۆزگە باغلايدۇ. شۇ چاغلاردا لوندوندا تەخمىنەن 60 مىڭ نوپۇس بولغان. تۇنجى ئاھالىلەر مەركىزى مىلادى 43-يىلى رىملىقلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىكەن.

كىڭىز كروس پويىز ۋوگزالىدىن چىقساقلا، ئوڭ تەرەپ 100 مېتىر دائىرىدە برىتانىيە كۈتۈپخانىسى بار ئىكەن، قىزىل خىشتا سېلىنغان بۇ بىنا قونچاق فىلىملىرىدەكلا ئەپسانىۋى، كىشىگە سۈر-رېئال تەسىر بېرىدىكەن. كىتابقا ئامراقلىقىمدىن يوقلىماي ئۆتكۈم كەلمىدى، ئەپسۇس كىتاب كۆرىدىغان يېرىگە كېرەلمىدىم، يەكشەنبە بولغاچقا ئىچىنى ئاچمايدىكەن، پەقەت ئېكىسكۇرسىيە زالى، ماگىزىن قاتارلىق بىر قانچە قىسمىلا ئوچۇق ئىكەن.


برىتانىيە كۈتۈپخانىسى

مۇسۇلمان ئۈچۈن يات يۇرتتا قوساق غېمى چوڭ ئىش ئەلۋەتتە. بولۇپمۇ بىزدە ئىسسىق تاماققا ئاجايىپ كۆنگەن مىللەتكە ئىسسىق بىر نەرسە يېمىسە تاماق يېگەندەك بولمايدۇ. قىززىق يېرى بۇ سوغاقتا ياشايدىغان رايونلاردىكى خەلقلەرنىڭ يېمەكلىرىمۇ سوغاق، ئىچىملىكلىرىمۇ سوغاق، نەدە ئىسسىقتا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكلىرىمۇ ئىسسىق… ھەر ھالدا يېڭى تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىش كۆپ قولايلىقلارنى ئەپ كېلىدۇ كىشىگە. يانفونۇمغا ئاۋازىمنى چىقىرىپ ”لوندوندىكى تۈرك رىستۇرانىلىرى“ دېسەملا، ئىنگىلىز تىلى ئاۋاز پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ماڭا گۇگىل ئارقىلىق لوندوندىكى بارلىق ئاشخانىلارنىڭ خەرىتە ئورنى ھەم ئادرىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. خەرىتىدىكى ئورنۇمغا ئاساسەن ماڭا ئەڭ يېقىن تۈرك رىستۇرانىنى مىنۇت ئىچىدە تاپالايمەن. شۇنداق قىلىپ، چۈش ۋاقتىدىن ئەمدىلا ئۆتكەن بولغاچقا 300 مېتىر نېرىدا بىر تۈرك رېستۇرانى بارلىقنى تاپتىمدە خوشاللىقىمنى باسالماي يۈرۈپ كەتتىم. بېرىپ قارىغۇدەك بولسام، سىرتىغا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ قويۇپتۇ، رىستۇراننى ۋاقتىنچە توختاتتۇق، ئىچىنى يىڭىلاۋاتمىز دەپ. ھىم، تېخنىكا يەنە يېتەرلىك ئەمەسكەن، بولسا ئۇچۇرلار جانلىق، ۋاقتى-ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ تۇرسا قانداق ياخشى بولار ئىدى. ھازىرقى تەرەققىيات تېزلىكىدىن قارايدىغان بولساق، ئاز ۋاقتقا قالماي بۇ ئىشلارمۇ ئېنىق ئەمەلگە ئېشىپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پىلاننى ئۆزگەرتىپ ئىككىنچى بىر تۈرك ئاشخانىسىغا يۈرۈپ كەتتىم.

پىيادە مېڭىش خوش ياقمىدى، نېمىلا دەيلى بۇ چوڭ شەھەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتىم قىس. ئاپتۇبۇس ھەم مېترولار قىممەتچىلىك (شەھەرنىڭ 1-چەمبىرەك رايونىدا پەقەت بىر قېتىملىق ئاپتۇبۇس بېلىتى 2.4 فوند، مېترونىڭ 4.7 فوند، قوش قەۋەتلىك قىزىل رەڭلىك شەھەر ئايلىنىش ساياھەت ئاپتوبۇسى 30 فوندتىن يۇقرى ئىكەن، توردىن بالدۇر سېتىۋالسا ئەرزانراق توختايدىكەن)، ھەم داۋاملىق بېكەتتە ساقلايدىغان ئىش. شۇڭا شەھەر مەركىزى رايونىغا مۇقىم قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوماتىك ۋېلىسىپت ئىجارە سېستىمىسىدىن پايدىلىنىشنى قارار قىلدىم. نەچچە مىڭ ۋېلىسىپت شەھەرنىڭ ئاساسى ساياھەت رايونىدىكى 700 دىن ئوشۇق ئوخشاش بولمىغان ئورونلارغا توختىتىپ قويۇلغان بولۇپ، 24 سائەتلىك ياكى بىر ھەپتىلىك ئارىيەت ئىلىش بېلىتىنى ئېلىۋالسىڭىز، يېرىم سائەت ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ تۇرسىڭىزلا ئارتۇق خىراجەت تۆلىمەيدىكەنسىز. بانكا كارتىڭىز بىلەن كوچىدىلا ئاپتوماتىك ماشىنىدىن بېلىتىنى ئېلىپ 24 سائەتلىك ئىجارىگە پەقەت ئىككى فوندستېرلىڭلا تۆلەيدىكەنسىز، ئەلۋەتتە ئەجەللىك بىر شەرتى بار ئىكەن، ھەر قېتىم ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىز 30 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسە پۇل تۆلىمەيدىكەنسىز. ۋاقىت ئېشىپ كەتسە، ھەققى تىك سىز بويلاپ دېگۈدەك ئېشىپ ماڭىدىكەن. ئەمەلىيەتتە يولغا پىششىق بولسىڭىز 5 تىن 10 مىنۇتقىچە بىر ساياھەت نۇقتىسىدىن يەنە بىر ساياھەت نۇقتىسىغا بېرىپ بولىدىكەنسىز، شۇڭلاشقىمۇ 30 مىنۇت دېگەن بەكلا ئۇزۇن ۋاقىت ئىكەن. ئاپتوبۇس بېكەتلىرىدىكى خەرىتىدىن، ياكى يانفونىڭىزنى ئېچىپ ۋېلىسىپت تورى خەرىتىسىدىن ئەڭ يېقىن يەردىكى ۋېلىسىپت توختىتىش جايىنى ئاسانلا تاپالايدىكەنسىز. ياخشى يېرى بۇنداق جايلار يولنىڭ بويىدىلا بولىدىكەن، يىراقتىنلا پەرق قىلىپ بولىدىكەنسىز.

ئاپتوماتىك ۋېلىسپىت ئىجارە ئېلىش سېستىمىسى مەخسۇس نۇقتىلىرى


ۋېلىسىپىتنىڭ ياردىمىدە رەت تەرتىۋى بويىچە شەرقى شىمالدىن باشلاپ دۇكانغا تولۇپ كەتكەن ئوكسفورد كوچىسى، پادىشاھ ئوردىسى بولغان باكىڭھەم ئوردىسى، ۋەستمىنىستېر خانىقاسى ۋە چېركاۋى، پارلامېنت سارىيى، تەمىز دەرياسى (تايمىس دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ، لوندوننى ئوتتۇردىن كېسىپ ئۆتىدۇ)، لوندون كۆزى (بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوققىلى بولىدىغان چوڭ تىپتىكى ئايلانما چاق)، ترافالگا مەيدانى (لوندوننىڭ مەركىزىدىكى سىمۋوللۇق مەيدان)، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كىڭىز ئىنستىتۇتى (نۇرغۇنلىغان نوبېل مۇكاپات ساھىبلىرى، داڭلىق كىشىلەر چىققان)، سان-پائۇل چېركاۋى (لوندون شەھىرىنىڭ يەنە بىر سىمۋولى)، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى، لوندون خاتىرە مۇنارى، لوندون مۇنارى، مۇنار كۆۋرۈكى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت سارىيى قاتارلىقلارنى ئايلىنىپ چىقتىم. بىر قارىماققا شەھەرنىڭ ئاساسى رايونى بەكمۇ چوڭ ئەمەستەك تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئەمەلىيەتتە كۆپىنچە چوڭ تىپتىكى شەھەرلەرنىڭ ئاساسى نامايەندىلىرى بەك چوڭ بولمايدۇ، خۇددى بېيجىڭمۇ زىجىنچېڭنى مەركەز قىلغان ئىككىنچى ئايلانما ئېچىگە مەركەزلەشكەندەك.

ۋەستمىنىستېر خانقاسى
گوتىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇ چېركاۋ لوندوندىكى ئەڭ قەدىمى قۇرۇلۇشلاردىن بىرى بولۇپ، 11-ئەسىردىلا لوندوننى ياۋروپادا شۆھرەتكە ئىگە قىلغان چېركاۋلاردىن بىرى بولغان. تارىختا برىتانىيە پادىشاھلىرىنىڭ شاھلىق ئورنىغا چىقىش، توي ۋە ئۆلۈم مۇراسىملىرى بىردەك مۇشۇ چېركاۋدا ئۆتكۈزۈلگەن. خانىقانىڭ ئارقىسىدىلا ۋەستمىنىستېر ئوردىسى بولۇپ، 16-ئەسىرنىڭ بېشىغىچە خان ئوردىسى بولغان. كېيىن پارلامېنىتنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنى بولۇپ، ھازىرغىچە شۇ رولىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. خانقانىڭ يان تەرىپى مەيدان بولۇپ مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى بىلەن تولۇپتۇ. كۆزۈمگە بەكرەك چۈشكىنى نېلسون ماندىلا بىلەن چېرچېلنىڭ بولدى.

ۋەستمىنىستېر خانىقاسى يان تەرىپى


پارلامىنېت سارىيى


سان پائۇل چېركاۋى
بۇ چېركاۋنىڭ ئاساسى 7-ئەسىرگە تاقىشىدىغان بولۇپ ئەسلى گوتىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. 1666-يىلى لوندون شەھرى غايەت ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ شەھەر ئاساسەن ۋەيران بولغان. 3 يىلدىن كېيىنلا ئەسلى چېركاۋ ئاساسىدا باروك ئۇسلۇبىدا ھازىرقى چېركاۋ قەد كۆتۈرۈپتۇ. شۇڭلاشقا بۇ شەھەر لوندوننىڭ شەھەر سىمۋوللىرىدىن بىرى بولۇپلا قالماي، ئىنگىلىز خەلقنىڭ مىللى كىملىك نامايەندىسى دەپمۇ قارىلىدىكەن. بۇ چېركاۋغا يېقىن يەردە شۇ ئوت ئاپىتىگە بېغىشلانغان خاتىرە مۇنارىمۇ باركەن.


لوندون كۆزى

پادىشاھ تۇرۇشلۇق جاي باكىڭھام سارىيى


بۇ شەھەرنىڭ ماڭا ھەممىدىن ياققان يېرى چوڭ تېپتىكى مۇزېيلارنىڭ كىرىش بېلىتىنىڭ ھەقسىز بولۇشى بولدى، بۇنىسى كەم ئۇچرايدۇ. رىمدا بايرام كۈنلىرى مۇزىيخانىلار ھەقسىز، ئادەتتە ھەقلىق. گېرمانىيىدە مۇزېيلاردا ئومۇميۈزلۈك ھەق ئېلىنىدۇ، لېكىن خىلى ئەرزان. يورك ۋە ئېدىنبۇرگدا مۇزېيلار قىممەتچىلىك، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 فوندستېرلىڭ. ھەر ھالدا لوندوندا ھەقسىزلىرى بار ئىكەن، بولۇپمۇ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە مۇزېيلار بىردەك ھەقسىز ئىكەن، پەقەت ئاممىۋى قاتناش سەل قىممەتتەك بېلىندى. شۇنداقتىمۇ ۋېلىسىپىتلىك ئايلىنىش بەك قولايلىق بولىدىكەن. جۇغراپىيەگە پىششىقلىقىم تازا پايدا قىلدى. كىچىكىمدە خەرىتە سىزىشقا ئاجايىپ ئامراق ئىدىم، شۇڭا خەرىتىنى بىرلا كۆرۈۋالسام خۇددى كاللامغا GPS ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغاندەك كېتىۋېرىمەن (بەك پو ئېتىۋەتتىم، كەچۈرۈڭلار، پو ئېتىش سالامەتلىككە پايدىلىق دەپ ئاڭلاپ شۇ). شۇنداق قىلىپ ۋېلىسىپت بىلەن يېرىم كۈندىلا لوندوندىكى ئاساسى يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك كۆرۈپ ئۈلگۈردۈم، يازدىكى كۈننىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ تازا پايدا قىلدى. ساياھەتچى بۇنداق كۆپ شەھەردىن پارىژ، رىملارنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن. ماڭا ھەممىدىن يارىغىنى پارلامېنت بىناسى ۋە تۇتاش كەتكەن سائەت مۇنارىغا ئىشلىتىلگەن خىشنىڭ رەڭگى بولدى، كىشىگە شۇنداق يېقىملىق ھەم ئىسسىق كۆرۈنىدىكەن. يەنى قۇرۇلۇشنىڭ شەكلى قەدىمىيلىقنى ئەسلەتسە، رەڭگى يېڭىلىق سېزىمى بېرىدىكەن. تويماي قاراپ ئەتراپىدىن پەرۋانىدەك ئايلىنىپ كېتەلمەيلا قالدىم.


ئوت ئ‍اپىتى خاتىرە مۇنارى


پۇل مۇئامىلە مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش


ئەجدىرھا ھەيكىلى

لوندون مۇنارى (بۇرۇنقى خان ئوردىسى ۋە قورغان، 11-ئەسىرلەردە سېىلىنغان، ب د ت دۇنيا مەدەنىيەت نامايەندىلىرىگە كىرگەن)

تارىخى ئۇزۇن بولمىغان مۇنار كۆۋرۈكى

ئوڭ تەرەپتىكىسى لوندون مۇنار قورغىنى، سول تەرەپتىكىسى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسى

مۇنار كۆۋرۈكىدىن ئۆتكىنىمدە كەچلىك تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. توردىن لوندون ئۇيغۇر رېستوران دەپ ئىزدىسەم يىپەك يولى رېستورانى دەپ چىقىرىپ بەردىم، قارىماققا ئۇيغۇرلار ئاچقاندەكلا. لەغمەننى ئاجايىپ سېغىنغان قورساقنىڭ دەردىنى بىر چىقىرىش مەقسىتىدە لوندوننىڭ خىلىلا جەنۇبىغا جايلاشقان رىستۇرانغا قاراپ يولغا چىقتىم. خېلى ۋاقىت سەرپ قىلىپ بارغىنىمغا چۇشلۇق ئىش بولمىدى، بەختكە قارشى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەسكەن، ئامما كىچىك ئاشخانىنىڭ ئىچىگە ئادەم لىق تولۇپتۇ، خوجايىن ھەم كۈتكۈچىلىرىنى كۆرۈپلا 180 گرادۇس بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتتىم. قارىغاندا ياۋروپادىكى چوڭ شەھەرلەر ئىچىدىكى لوندوندا ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى يەنە ساقلايدىغاندەك قىلىمىز… … (ۋىنا، پارىژ، ميۇنخېن، فرانكفورت، ئىستانبول، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە بار.)


تۈرك قوي كاۋىپى

ئۇيغۇر لەغمىنى يېيىش چۈشۈم غەرق بولغاندىن كېيىن، يەنىلا بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رېستۇرانىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. تەلىيىمگە ياتاققا قايتىش يولۇمدىلا بىرى بار ئىكەن، ئىمپېرىيە ئۇرۇش مۇزېيىنىڭ ئالدىدىلا. ۋېلىسىپىتنى رىستۇران ئالدىدىكى يولنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان مەخسۇس توختىتىش مەيدانىغا توختىتىپ قويۇپ، ئازادە ھەم ئۆزگىچە لايىھىلەنگەن رېستۇراندا كەچلىك تاماقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۋالدىم.
ئىككىنچى كۈنلۈك سەپىرىمنىڭ كۈندۈزلۈك قىسمىنى لوندوندىكى مۇزېيلارغا ئايرىپ قويغان ئىدىم. مەنچە لوندونغا كەلگەن ئادەم لوندوندىكى مۇزېيلارنى كۆرمەي كەتمەسلىكى كېرەك. ئەينى ۋاقىتتا كۈنى پاتماس ئىمپېرىيە ئاتالغان برىتانىيە پۈتۈن دۇنيادىن ئاز نەرسە يىغمىغان. يەنە بىرىگە سانائەت ئىنقىلابى مۇشۇ دۆلەتتە باشلانغان. داڭلىق مۇزېيلاردىن برىتانىيە مۇزېيى، تەبىئەت مۇزېيى، ئىلىم-پەن مۇزېيى، ئۇرۇش مۇزېيى قاتارلىقلار بار. ئالدى بىلەن ھايدى باغچىسىنىڭ ئاستىغىلا جايلاشقان، تەبىئەت مۇزېيى بىلەن تام خوشنا ئىلىم-پەن مۇزېيىدىن باشلىدىم. ئۇنداق قىلمىسام كەسپىمىگە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك بىر تۇيغىدا بولۇپ قالغۇدەكمەن. ئامما بۇ مۇزېي چوڭلارنىڭلا ئەمەس، بالىلارنىڭ ئېسىل مۇزېيى ئىكەن. كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇپ، تۆت قەۋەتلىك مۇزېينى تۈگىتىشمۇ ئاسان ئەمەسكەن. خۇددى ئىنسانىيەت تارىخىنى قايتىدىن، تېخىمۇ ئوبرازلىق كۆرگەندەك بولۇپ قالىدىكەن كىشى. ماڭا بەكرەك تەسىر قىلغىنى، كىچىك بالىلارنىڭ كۆپلۈكى بولدى. كۆپىنچىسى مۇئەللىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە كەپتۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار مۇزېيدىكى پەننى مودېللاردىن پايدىلىنىپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋېتىپتۇ. مۇزېي خادىملىرى ئۇلارغا ئېرىنمەي ئىلىم-پەننىڭ قىزىقارلىق تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرگىلى تۇرۇپتۇ. سەككىز ياش ۋاقتىمدا بۇزۇق رادىئونى ئېچىپ ئىچىنى كۆرگەن ۋاقىتتىكى ھاياجىنىمنى ئەسلەپ قالدىم، ئەگەر شۇ چاغدا مۇشۇنداق بىر مۇزېيغا كىرگەن بولسام قانچىلىك ھاياجانلىنار ئىدىم ھە؟ تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن… نىمە دېگەن بەخىتلىك بالىلار بۇ! شۇنداق قىلىپ ئەسلى ئۈچ سائەت پىلان قىلغان مۇزىيدا تۆت سائەت ئايلىنىپ، تەبىئەت مۇزېيىغا كىرىش پىلانىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ھەر ھالدا كېلەر قېتىم كېلىشكە ئازراق باھانە قالدى. چۈشلۈك تاماقنى ترافالگا مەيدانىغا بەش مىنۇتچە كىلىدىغان بىر تۈرك رىستۇرانىدا يەپ (گۇگىلغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت)، يولۇمنى برىتانىيە مۇزېيىغا قاراتتىم. ئەسلى پىلاندا سەنۇبەر خانىمنىڭ ناخشا كېچىلىكى يەتتىدە باشلىناتتى، خىيالىمدا برىتانىيە مۇزېيىنى تىز ۋاراقلاپ چىقىشقا ۋاقىت كەڭ يېتەتتى. بىر قېرىندىشىمىزنىڭ تېلىفونىدىن ئەمەلىيەتتە پائالىيەتنىڭ سائەت بەشتىلا باشلىنىدىغىنىنى كېچىكىپ ئۇقۇپ قالدىم. برىتانىيە مۇزېيىنىڭ دەرۋازىسىدىن ئەپسۇسلانغانچە ئۆتۈپ، مۇزېيغا يېقىنلا يەردىكى پائالىيەت ئورنى بولغان لوندون ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ برۇنېي زالىغا يۈرۈپ كەتتىم.

تەبىئەت مۇزېيى


ئىلىم-پەن مۇزېيىدا فىزىكىدىن تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان بالىلار

ئىلىم-پەن مۇزېيىدىن بىر كۆرۈنۈش

ترافالگا مەيدانى

برىتانىيە مۇزېيى

تېلېفون بوتكىسى (سىمىسىز تور باركەن)


لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شاھ ئىنىستىتۇتى (King’s College)

مەنبە: ئاچىنۇق خاتىرىلىرى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى