ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (5-قىسىم): ئاينۇر ۋە يولدىشى

[تاشپولات روزى] ياپونىيە تەسىراتلىرى (5-قىسىم): ئاينۇر ۋە يولدىشى

ۋاقتى: 2015-11-01 ئاۋاتلىقى: 1470 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۈگۈن بۇ سورۇنغا ياردەملىشىپ بەرگەن ئاينۇر بارات سىڭلىم، 1970-يىلنىڭ كۈز پەسلىدە بۈگۈر ناھىيىسىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىلىغىچە ئۇ ئاپىسى بىلەن ئىككىسى بىللە تۇرمۇش كەچۈرگەن، (ئەينى چاغدا دادىسىنىڭ خىزمىتى ئۈرۈمچى تۆمۈريولدا ئىدى)


باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 2-يىللىقتا ئۇنىڭ دادىسى ئاخىرى خىزمىتىنى بۈگۈر ناھىيىسىگە يۆتكەپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولىدۇ، دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى تىرىشىپ ئالىي تېخنىكوم، ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتتۈرگەن زىيالىيلار ئىدى. دادىسى كىچىكىدىنلا، ئاينۇرنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان…قىزىم دەپ، ماختاپ ئۇچۇرىۋېتەتتى، ئۇ كىچىكىدىنلا سەل تارتىنچاق بولغاچ، بەكلا خىجىل بولۇپ كېتەتتى، شۇنداقلا دادىسى ئۇنى غەيرەت قىلىپ ئالىي مەكتەپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىپ ئوقۇشقا ئۈندىگەندەك تۇيۇلاتتى. ئۇ 1988-يىل كۈزدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغان ۋاقتىدا دادىسى ھەممىدىن بەكرەك خۇشال بولغان ئىدى، ھەمدە شۇ خۇشاللىقىدا ئۇنى ئۆزى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ، مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ قويۇپ قايتىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ، «ئالىي مەكتەپنىڭ 3-يىللىغىنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلى بولسا كېرەك. بىر كۈنى دادام خىزمەتتىن قايتىپ كېلىپلا، ھۆججەت سالىدىغان سومكىسىدىن بىر پارچە گېزىتنى چىقىرىپ بىر ئۇيغۇر قىزنىڭ ياپونىيەدە ماگىستىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلىكىنى، دىسسېرتاتسىيە ياقلاش مەيدانىدىكى نۇرغۇنلىغان ياپونىيەلىك ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ قىزغا يۇقىرى باھالارنى بەرگەنلىكىنى ئالدىرىماي ئوقۇپ بەردى. دادام گەرچە مېنىڭمۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان بولسىمۇ، دادامنىڭ مەقسىتىنى چۈشەنگەن ئىدىم. شۇ مەزگىلدە مېنىڭ چەتئەل تىلى سەۋىيەم ياخشى بولمىغاچ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىممۇ توشمايتتى. مانا مۇشۇ ۋاقىتتا ئۆزۈمنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكىمدىن ناھايىتى ئۆكۈندۈم… تۆت يىلدا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، يۇرتۇم بۈگۈرگە قايتىم. دادام ئۈرۈمچىدە خىزمەت تېپىشىمنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق ئاخىرىدا ئۆزۈمنىڭ بېكىتىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى. ئاپامنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس، ئىنىم بىلەن سىڭلىم مەندىن كۆپ كىچىك بولغانلىقىدىن ئائىلىگە ياردەم بېرىشىم كېرەك… دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۈگۈرگە قايتىشنى قارار قىلغان ئىدىم.»


ئاينۇر 1992 يىلى 8-ئايدىن باشلاپ ناھىيىلىك رادىو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ خەۋەرلەر بۆلۈمىدە مۇخبىر، تەرجىمان ۋە تەھرىر بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1996 -يىل ئەتىيازدا ئۇنىڭ ئوغلى بىر يېرىم ياشقا كىرگەندە، دادىسى تۇيۇقسىزلا جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن، 56 يېشىدا ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى… تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ قىسمەت ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بولىدۇ، دادىسىنىڭ شۇنچىلىك ياش كېتىپ قېلىشى ئۇنى روھىي جەھەتتىن ئوبدانلا قىينايدۇ. ئۇ «ئىسىت دادامغا بۇنى قىلىپ بەرسەم بوپتىكەن، ئۇنداق قىلماي، بۇنداق قىلسام بوپتىكەن دېگەندەك پۇشايمانلار» بىلەن ھايات تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ، خىزمەت ئائىلە ئەھۋالى خاتىرجەم رىتىملىق ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ قەيەرلەردىدۇر، رەھمەتلىك دادىسىنىڭ ئۇنىڭغا «سەنمۇ ھېلىقى ئۇيغۇر قىزدەك، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇساڭ، مېنى ھەممىدىن بەك رازى قىلىسەن قىزىم» دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇشقا باشلايدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 11 يىل ئۆتكەندە، يەنى 2003-يىل 3-ئايدا رەھمەتلىك دادىسىنىڭ روھىنى خۇش قىلىدىغان پۇرسەت ئۇنىڭغا ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىقىش ئىشى ھەل بولغاندا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئائىلىسىنى، 8 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ۋە خىزمىتىنى تاشلاپ ياپونىيەگە ئوقۇشقا كېلىدۇ. ئۇ ياپونغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزى ئويلىغان چەتئەلنىڭ ئۇنى بۇنداق سوغۇق قارشى ئالىدىغانلىقى نەدىن بىلسۇن!


ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ياپونىيە ھاياتىنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ، «مېنىڭچە ئىقتىساد ۋە تىل ئۆتكىلى، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، چەتئەلدىكى ئەڭ چوڭ بېسىم بولۇشى مۇمكىن. ياپونىيەگە كەلگەندىن كېيىن، مەندىن ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياپون تىلىنى مەندىن راۋان سۆزلەيدىغانلىقى، كومپيۇتېرنى مەندىن ياخشى ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزۈمنىڭ بەكلا ئارقىدا ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم. ياشلارنىڭ كەينىدە قېلىش مەن ئۈچۈن ئېغىر بېسىم بولدى. تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشالىشىم ئۈچۈن مەن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ، تىل ئۆگەندىم. ۋە بىر يېرىم يىلدىن كېيىن ماگىستىرلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن، دەسلەپكى ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى. 2005-يىل 4-ئايدا سەىنان گاكۇىن ئۇنىۋېرسىتېتى، خەلقئارا مەدەنىيەت تەتقىقات كافېدراسى خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپىنىڭ ماگىستىرلىق سىنىپىغا قوبۇل قىلىندىم. ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى بەكلا قىممەت بولۇپ، ئوقۇش پۇلى تۆلەش ئۈچۈن، مەن يەنە خىزمەت قىلىشىم كېرەك ئىدى. ياپونىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەينىدە قالماسلىق ئۈچۈن، ئۆگىنىشكە مەن ئۇلارىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق ۋاقىت چىقىرىشىم، تۇرمۇشۇم ۋە ئوقۇش پۇلۇم ئۈچۈن ئۆگىنىش قىلىشقا كەتكەندەك ۋاقىتنى ئاجرىتىشىم كېرەك ئىدى. ئوقۇيمەن ئىشلەيمەن دەپ، ھاردىم دېگىلىمۇ چولام تەگمەي يۈرۈپ، 2 يىلدا ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرۈپ دوكتورلۇق ئوقۇشقا كىردىم. 3 يىلدا دوكتورلۇق ئوقۇشۇمنى تاماملاپ 2011-يىلدىن باشلاپ مەكتىپىمدە، دوكتور تەتقىقاتچى ۋە تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. 2006 –يىلى يولدىشىم بىلەن ئوغلۇمنى ياپونىيەگە چاقىرتقاندىن كېيىن، يولدىشىمنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى بىلەن، ئۆگىنىشكە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان بولغان ئىدىم، ئوغلۇممۇ باشلانغۇچنىڭ 6-سىنىپىدىن باشلاپ ياپونىيەدە مەكتەپ تەربىيىسى ئېلىپ ھازىر كيۇسيۇ سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر دېتال كەسپىنىڭ 2-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ ۋە ئوغلۇمنىڭ ئوقۇشىمىز ئۈچۈن، يولدىشىم ھازىرغىچە نۇرغۇن جاپالارنى چەكتى ۋە ھېلىھەم چېكىۋاتىدۇ. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن مۇشۇنداق قىلىپ رەھمەتلىك دادامنى رازى قىلالىغاندىمەنمۇ… رەھمەتلىك دادام مېنىڭ مۇشۇ تاللىشىمنى قوللىغانمىدۇ…ھايات يولۇمدا تەمتىرىگەن، دېلىغۇل بولغان ۋاقتىمدا دائىم دادام ھايات بولغان بولسا «ئاخىرىغىچە يولۇڭنى داۋاملاشتۇرغىن قىزىم، ھازىرغىچە ماڭغان يولۇڭغا ئۆكۈنمەيدىغان پۇشايمان قىلمايدىغان بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ» دېگەن بولاتتى، دەپ ئۆزۈمگە تەسەللى بېرىمەن. مەن ئاينۇر سىڭلىمنىڭ بۇنداق قەيسەر، ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمايدىغان بۇنداق ئالىيجاناب روھىنى ياشلىرىمىز ۋە بارلىقىمىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن. غەلىبە تىنىمسىز تىرىشقان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر!
ياپون تەسىراتلىرىنىڭ كېلەركى 3- قىسمىدا يەنە بىرقانچە ئىرادىلىك قېرىنداشلىرىمنى ۋە مەن تەتقىقات ئېلىپ بارغان كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقات ۋە ئۆگىنىش ئەھۋالىنى بايان قىلىمەن.
2015 – يىلى 8 – ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى