ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

پۇتىن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە ۋىزىسىز كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى

پۇتىن جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيەگە ۋىزىسىز كىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 1509 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئۆتكەن يېرىم يىلدا ئامېرىكا، كانادا ئارقا-ئارقىدىن 10 يىللىق ۋىزا تۈزۈمىنى يولغا قويدى؛ سچېنگېن، ياپونىيە قاتارلىقلار بەستە-بەستە ۋىزا تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قولايلىق تەدبىرلەرنى قوللانماقتا، كورىيە ھەتتا «جۇڭگولۇقلارنى قارىشى ئېلىش كۈنى»نى تەسىس قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ Chinese پۇلدارلىرىنى ساياھەت ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇشغا جەلپ قىلماقتا. 


بۇ ۋاقىتتا پۇتىن يەنىلا ئۆزىنىڭ ئېتىنى مىنىپ، ئوۋچىلىقىنى قىلىپ يۈرىۋەرگەن ئىدى. نېمىگە ئالدىرايدۇ دەيمەن. خۇش خەۋەرنىڭ چوڭى ئاخىرىدا دېگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سىز؟

10-ئاينىڭ 20-كۈنى «پۇتىننىڭ قوللىغۇچىلىرى» نامىدىكى مىكروبىلوگدا ئېلان قىلىنىشىچە، پۇتىن زۇڭتۇڭ ئۇقتۇرۇشى چىقىرىپ، جۇڭگولۇقلارغا ۋىزىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (رەسىمگە قاراڭ)
مىكروبىلوگ مەزمۇنى: [پۇتىن زۇڭتۇڭ ئۇقتۇرۇشىنى ئىمزالىدى: جۇڭگولۇقلارغا ۋىزىنى بىكار قىلىشنى تەكىتلىدى!!] رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ھۆكۈمەتنى ئەيىپلەپ، ئالتۇن كېسەك دۆلىتى (بىرازىلىيە، رۇسىيە، ھىندىستان، جۇڭگو ۋە جەنۇبىي ئافرىقا) قاتارلىق دۆلەت پۇقرالىرىغا ۋىزىنى بىكار قىلىشنى 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. 
گەرچە بۇ بىر تەكلىپ بولۇپ، ھەرگىزمۇ 10-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنمىسىمۇ، ئەمما قىش كەلگەن ئىكەن، چوقۇم باھارنىڭ كېلىشى يىراق ئەمەسقۇ؟


رۇسىيە دۇنيادىكى كۆلۈمى ئەڭ چوڭ دۆلەت بولۇپ، يېرى كەڭ، نوپۇسى ئاز. تۈزلەڭلىكنى ئاساس قىلىدۇ. مۆتىدىل بەلباغ ئاسىيا سوغۇق بەلباغ كىلىماتىغا تەۋە. رۇسىيە بىر ساياھەت بايلىقى مول بولغان دۆلەت. رۇسىيەلىكلەر ناھايىتى قىزغىن ۋە ئوچۇق-يۇرۇق بولۇپ، بۇ تۇپراقتا شۇ يەرلىكلەرنىڭ كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايەن قىلغان. 
رۇسىيە دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي شىمال رايون كىلىماتىغا يېقىن دۆلەت بولۇپ، ئەڭ ياخشى ساياھەت مەزگىلى ھەر يىلى 5-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىن ئىبارەت. بۇ مەزگىلدە رۇسىيەنىڭ ھاۋاسى سوغۇق بولمايدۇ، ناھايىتى سالقىن، يېقىشلىق بولۇپ ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. ساياھەتچىلەر بۇ ۋاقىتتا رۇسىيەگە ساياھەتكە بارسا، بۇ دۆلەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە تاماشا قىلىپلا قالماي، يەنە ئىسسىقتىن ساقلىنىپ، ھاياتنىڭ ھوزۇرىنى قانغۇچە سۈرەلەيدۇ. 
ئەمما رۇسىيەنىڭ قىشلىق ھاۋاسى ناھايىتى سوغۇق بولۇپ، باشقىچە بىر خىل مەنزىرىدىن ھوزۇرلىنىشىڭىزغا يېتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. 


پىيازسىمان قۇرۇلۇشلار، ئېتىز-دالا مەنزىرىسى، رۇسىيە ئۇسلۇبىدىكى ياغان ئۆيلەر، چۈش كەبى كۈننى چىقىشى ۋە ئولتۇرۇشى، غەيرىي دۆلەت مەنزىرىسى كۈچلۈك بولغان كيچە مەنزىرىسى يۈرەكلىرىڭىزنى تىپىرلاتماي قالمايدۇ. 
رۇسىيە، ئوكرائىنا، پۇتىن دېگەن بۇ ئىسىملار ئىزچىل ھالدا باشخەۋەرلەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىسىملار بولۇپ، سىياسى-ئىقتىسادىي مەرتىۋىسىدىن باشقا، بۇ ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا قىتئەسىگە سوزۇلغان چوڭ دۆلەتنىڭ مەنزىرە رايونلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، تۆۋەندە بىر قانچە داڭلىق مەنزىرە رايونلىرى ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىمىز.

1. سانت پېتىرىبۇرگ قىشلىق ساراي مۇزىيى


قىشلىق ساراي ۋە سانت پېتىرىبۇرگ قۇرۇلۇشى چوڭ بىناسىدا 3 مىليوندىن ئارتۇق دۇنيادىكى قەدىمىي سەنئەت ئەسەرلىرى ساقلانغان. مەزكۇر مۇزىي دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارىخى ئەڭ ئۇزۇن بولغان كۆرگەزمىخانىدۇر. 

2. بايقال كۆلى


كۆل سۈيى ئاللىبۇرۇن 25 مىليون يىللىق ئىسسىق-سوغۇقنىڭ تاۋلىشىدىن ئۆتكەن، ئەڭ چوڭقۇر قىسمى 1673 مېتىر كېلىدىغان كۆل بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قەدىمىي تاتلىق سۇ كۆلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيا مىراسلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان جانلىقلىرىنىڭ قۇنالغۇسىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە تاتلىق سۇ يىلپىزى قاتارلىقلار بار.

3. ۋولگا دەرياسى


رۇسىيەدىكى 11 چوڭ دۆلەتتىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ۋولگا دەرياسى ياۋرۇپادىكى ئەڭ ئۇزۇن دەريادۇر. كېمىگە ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلغاندا، Preobranzhenskaya چېركاۋىنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەزكۇر چېركاۋ 1714-يىلى سېلىنغان بولۇپ، بىر تال مىخمۇ ئىشلىتىلمىگەن مۇقەددەس چېركاۋدۇر.

4. سىبېرىيە تۆمۈر يولى


سىبېرىيە تۆمۈر يولى مۇسكىۋا بىلەن ۋلادىۋوستوكنى تۇتاشتۇرىدىغان بولۇپ، رىلىس ئۇزۇنلۇقى 9258 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، مەزكۇر مۇساپىنى پويىز 8 كۈندە بېسىپ بولىدۇ. 7 سائەت رايونىدىن ئۆتىدۇ. 

5. سوچى ئولىمپىك باغچىسى


بۇ دېڭىز ساھىلى باغچىسى رۇسىيەنىڭ قىشلىق ئولىمپىك يىغىنى ئۆتكۈزۈش مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، يەنە F1 مۇسابىقە ماشىنىلىرى مۇسابىقىسى مەزگىلىدە 60 مىڭدىن ئارتۇق ماشىنا ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلىدۇ.

5. مۇسكىۋا باسىلىس چېركاۋى


چېركاۋنىڭ رەڭگارەڭ چوققىسى ئەڭ ئادەم جەلپ قىلىدىغان بولۇپ، 2014-يىللىق «10 چوڭ ئەڭ ئېسىل رەسىم تارتىش ئورنى» دەپ باھالانغان.

6. مۇسكىۋا قىزىل مەيدانى


قىزىل مەيدان دۆلەتلىك مۇزىي، كرېمل سارىيى، باسىلىس چېركاۋى، جىم مال سېتىۋېلىش مەركىزى يەنە ئەنئەنىۋىيلىكى ساقلاپ قېلىنغان مۇسكىۋا قەھۋە زالى قاتارلىقدىن تەركىب تاپقان. قىزىل مەيدان پۈتكۈل رۇسىيەنى ساياھەت قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ.

7. ئالتۇن ئۈزۈك چېركاۋى


چېركاۋ ياروسلاۋردا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، چېركاۋنىڭ يۇمىلاق تاشقى كۆرۈنۈشى خۇددى پىيازغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئالاھىدە تىپىك قۇرۇلۇشتۇر.

8. يېكاتېرىنبۇرگ چېركاۋى


چېركاۋ قۇرۇلۇشى ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە رېمونت قىلىنغان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چار پادىشاھى نىكۇلاس ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ئۆلتۈرۈلگەن جايدۇر. 

9. مۇسكىۋا كرېمل سارىيى


كرېمل سارىيى بەش سەلتەنەتلىك ئوردا، تۆت مۇقەددەس چېركاۋ، ھەيۋەتلىك ساراي تاملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 
ئەگەر راستىنلا ۋىزىنى بىكار قىلىۋەتسە بۇ جايلارغا ساياھەتكە بارغۇڭىز كېلىۋاتامدۇ؟

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى