ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ئافرىقا تەسىراتلىرى (1)

ئافرىقا تەسىراتلىرى (1)

ۋاقتى: 2015-11-14 ئاۋاتلىقى: 1091 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ئافرىقا تەسىراتلىرى (1)—ئۇيغۇر يىگىتى رۇستەمنىڭ ئافرىقا سېيرالىيۇندىكى كۆرگەن–ئاڭلىغانلىرى (مەزكۇر يازما ئەلپىدا ئۇچۇر تورىمىزدا بۇلتۇر (2014–يىلى) يوللانغان، قايتا ھەمبەھرىلەندى)
يېقىندىن بېرى قارىسام دوستلار چەمبىرىكىدە ئافرىقا قىتئەسىدە تارالغان «ئيبولا ۋىرۇسى» ھەققىدە خېلى كۆپ ئۇچۇرلار يوللىنىپتۇ. ھەتتا مېنىڭ دەل مۇشۇ ۋىرۇس يامرىغان مەملىكەت—سېرالىيۇندا ئىكەنلىكىمدىن خەۋەردار بىر قىسىم دوستلۇرۇم ۋە ئائىلەمدىكلەر بۇ توغرىسدىكى خەۋەرلەرنى ماڭا بىۋاسىتە يوللاپ، مېنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىمغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. شۇنداقلا كۆپرەك دىققەت قىلشىمنى، بولسا قايتىپ كېلشىمنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
بۈگۈن مەن تۇرۇۋاتقان بۇ دۆلەت—سېرالىيۇندا پۈتۈن بىر كۈن مەملىكەت مىقياسىدا سىرتقا چىقىش چەكلەندى. ئاڭلىشىمچە، نۇقتىلىق ئورۇنلارغا بېرىپ، ئۆيمۇ–ئۆي كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارارمىش. سەۋەبى، بىر قىسىم كىشىلەر كېسەللىكىنى ۋە كېسەللەرنى يوشۇرۇپ قويغان بولۇشى مۈمكىنكەن. يەنە بىر قىسىم يەرلىك ئاھالىلارنىڭ دېيىشىچە، بۈگۈن پرېزىدېنت (ئەلباشى) ئۆيدىن چىقماي، دۇئا–تىلاۋەت قىلىشقا بۇيرۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن سىرتقا چىقمىدۇق. ۋاقتىم بار ۋاقتىدا ماڭا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئائىلەمدىكلەر ۋە دوستلۇرۇمغا رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش ۋە شۇنداقلا «ئېيبۇلا ۋىرۇسى»نىڭ كېلىپ–چىقىشى، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى توغرىسدا دوستلۇرۇم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئۇزۇن بوپتىكەن قولۇمغا قەلەم ئالمىغىلى، كۆپرەك پىكىر بېرەسىلەر...
بۇ قېتىمقى ۋىرۇس دەسلەپتە «گىينى»(دۆلەت نامى)دە بايقالغان. ئەمەليەتتە بۇ ۋىرۇس ئەڭ دەسلەپ 1976–يىلى ئوتتۇرا ئافرىقىدىكى كونگۇ دۆلىتىدە پەيدا بولغان. بۇ قېتىمقىسىنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، تارقىلىشى ئىنتايىن تېز، ئۆلگەن ئادەم سانى كۆپ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋىرۇس مايمۇن، شەپەرەڭ قاتارلىق ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىشتىن ئادەملەرگە يۇققان ئىكەن. شۇ پەيتلەردە مەن دەل گىينىدا ئىدىم (ئالتە ئاي ئىلگىرى كېسەللىك ئەھۋالى ئانچە ئېغىر ئەمەس، ئاز كۈن تۇرۇپ تىجارەت ئېھتىياجى بىلەن گاناغا كەتكەن). ياتىقىمنىڭ ئارقا تەرىپىدە بىر رېمونتخانا بار بولۇپ، شۇ رېمونتخانىدىكى ئىشلەمچى بالىلارنىڭ شەپەرەڭنى كاۋاپ قىلىپ يېگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن. گىينى ئاھالىسىنىڭ %90نى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇنى يېگەنلەر باشقا دىندىكىلەر، ئەلۋەتتە. ئۇ يەردە مەلۇم بىر مەزگىلگە كەلگەندە شەپەرەڭ شۇنداق كۆپىيىپ كېتىدۇكى، ئەييۇھەنناس! بىر تۈپ دەرەختە نەچچە يۈزلىگەن شەپەرەڭنى كۆرەلەيسىز. مەن ھەتتا شۇ ھالەتنى سۈرەتكە تارتىپ «شەپەرەڭ ئاپىتى» دەپ دوستلار چەمبىرىكىگىمۇ يوللىغان(بۇ شەھەردىكى كۆرۈنۈشلەرنى كۆرۈپ، يېزا–ئورمانلىقلار دەپ ئويلاپ قالدىڭىز، ھەقاچان.)
مايمۇنغا كەلسەك، ئۇمۇ ئىنتايىن كۆپ. لېكىن، ئۇنى يەرلىكلەرنىڭ يېگىنىنى كۆرمىدىم. ئەمما، گانا دۆلىتىنىڭ ئاكىرار بىلەن كۇماشى دېگەن يول بۆلىكىدە باشقىلارنىڭ ئورمانلىقتىن ئوۋلاپ چىققان ئۆلۈك مايمۇنلارنى سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن (گانادا ھازىرچە ۋىرۇس بايقالغىنى يوق. قوشنا دۆلەت نېگىرىيەدە بىر كىشى بايقىلىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىم. نېگىرىيەنىڭ نوپۇسى 100 مىليوندىن ئاشىدۇ. ئافرىقىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ زىچ دۆلەتلەرنىڭ بىرسى. ئەگەر ئۇ يەردە ۋىرۇس تارقاپ كەتسە، ئىش چاتاق. ئۇ دۆلەت بىلەن گانانىڭ باردى–كەلدىسى قويۇق، ھەم شۇنداقلا ۋەتىنىمىزنىڭ گۇاڭجۇ، يىۋۇ قاتارلىق سودا مەركەزلىرى بىلەنمۇ باردى–كەلدىسى بار.)
گەپنى يىغىنچاقلساق، بۇ كېسەللىك بىزگە ھارام قىلىنغان، پاسكىنا، مەينەت، ئۆلۈك ھايۋانلارنى قالايمىقان ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان. بۇ كېسەللىك ھاۋا ئارقىلىق يۇقمايدىكەن، ئادەم بەدىنىنىڭ بىۋاسىتە تېگىشىشى، ئادەم بەدىنىدىكى تەر قاتارلىق سۇيۇق ئاجراتمىلارنىڭ ئۇچرىشىشى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق يۇقىدىكەن.‏ گېينىدىن باشلانغان بۇ ۋىرۇس ئاساسلىقى سېيرالىيۇن، لىبىرىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە يامىرىغان بولۇپ، بۇلار ئۆزئارا قوشنا دۆلەتلەر. بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە كىرىپ چىقىشى ئۈچۈن پاسپورت، ۋىزا قاتارلىق نەرسىلەر تەلەپ قىلىنمايدۇ. كىملىك ئارقىلىق خالىغانچە كىرىپ چىقىدۇ. كېسەللىك گېينىدە يامرىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تەدبىر قوللىنىپ بولغىچە، ئادەملەر ئۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ سېيرالىيۇن، لىبىرىيەگە كىرىپ بولدى. ھەتتا سېيرالىيۇندا تارقىلىش ئەھۋالى گېنىيدىنمۇ تېز بولۇپ كېتىدۇ. سېيرالىيۇندىكى ھالقىلىق مەسلە كىشىلەر بۇنداق كېسەللىك يوق، دەپ ئۆز–ئۆزىنى ئالداپ ھۆكۈمەت ۋە غەربچە داۋالاشقا نىسبەتەن گۇمان بىلەن قارايدۇ. يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاشقا تىرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ يۇقۇملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېسەلنى يوشۇرۇپ قويىدىغان، كېسەللەر دوختۇرخانىدىن قاچىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. شۇ سەۋەبلەر تۈپەيلى، بۇ رايوندا ۋىرۇس كېڭىيىش ئەھۋالى بىر قەدەر تېز بولدى.
يەنە بىر يىغىنچاقلايدىغان گەپ، بىزدىمۇ شۇنداق پىتنە -ئىغۋالارغا بەكرەك ئىشىنىدىغان ئەھۋالار يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەينى يىللاردا ۋەتىنىمىزدە تارالغان «سارىس ۋاباسى»دىمۇ «ۋاي ئۇيغۇرلارغا يۇقمايدىكەنەي» دېگەندەك ئىغۋالار چىققان ئەمەسمىدى. ھازىر پىدائىيلار ھەر كۈنى كوچىلاردا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. كىشىلەرگە ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ. پۈتۈن جايدا ئالاھىدە دىققەت قىلىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ. ھەر قايسى ئورۇنلارغا، تاللا بازارلىرى ئالدىغا دورىلانغان سۇ قويۇپ قولنى يۇيۇپ كىرىش تەۋسىيە قىلىنىۋاتىدۇ.
‏ بۇ ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدىكى دىققەت قىلىدىغان مەسىلە يەنىلا تازلىققا ئەھمىيەت بېرىش، يىغىنچاقلىغاندا يېمەك–ئىچمەكتىكى پاكىزلىق مەسىلىسى. قەدىمدىن تارتىپ بىز ئۇيغۇرلاردا ھارامدىن يىراق تۇرىدىغان، قالايمىقان نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمايدىغان، پاكىزلىقنى سۆيىدىغان ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىز بار ئىدى. ئەنە شۇ ئەنئەنىلىرىمىزنى ھەرگىز ئۇنۇتمايلى، قېرىنداشلىرىم! ئەمەلىيەتتە بۇ كىچككىنە بىر ئاددىي تۇرمۇش ساۋاتى. چوڭقۇرراق ئېيتساق، ئاتا–بوۋىلىرىمىز تۇرمۇش تەجرىبىلىرى ئارقىلىق يەكۈنلىگەن، ئەجدادتىن ئەۋلاتقا مىراس قالدۇرغان قىممەتلىك ئەڭگۈشتەر. بۇنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغىنى بولسا چوڭ بىر ھەقىقەت.‏ مەن تۇرۇۋاتقان بۇ شەھەر فىرى تاۋىن (سېيرا لىيۇن پايتەختى )دە ھازىرچە كېسەللىك ئەھۋالى بايقالمىدى. قايتىپ بارغىنىمدا، مەن بىلەن كۆرۈشمەي قېچىپ يۈرمەڭلار يەنە(چاقچاق!). گېينىگە يېقىن ئۆلكىلەردە بولۇپمۇ، كىنىما بىلەن كەيلاۋ دېگەن ئىككى ئۆلكىدە ئەھۋال ئېغىر. بۇ ئىككى ئورۇننى ھازىر ھۆكۈمەت قامال قىلدى. تەخمىنەن 950000 (توققۇز يۈز ئەللىك مىڭ) ئاھالە قامال ئىچىدە بولۇپ، پەقەت دوختۇرلار بىلەن ھەربىيلەرلا كىرىپ چىقالايدىكەن. گۈرۈچ باھاسى ئۈچ ھەسسە، تۇز باھاسى ئىككى ھەسسە ئۆرلەپ كېتىپتۇ. ھە راست، ھېلىقى شەپەرەڭ يېگەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردۈم. ئۇلار ساق–سالامەت يەنىلا شەپەرەڭ يەپ يۈرگۈدەك. ئۇ جاي گېيىنى پايتەختى كوناكىرى بولۇپ، كېسەللىك ئەھۋالى يوق دېيەرلىك. ئېغىرراق جايلار ئاساسەن پايتەختتىن 7 -8 يۈز كېلومىتىر يىراقلىقتىكى يېزا–قىشلاقلاردۇر. ھازىرغىچە مېنىڭ بىلىشىمچە ۋىرۇس ھازىر گېينى، سېيرالىيۇن، ‏لېبىرىيە، نېگىرىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتكە كېڭەيگەن. ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچلار سانى 1400 دىن، ئۆلگەنلەر سانى 800دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ سان ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ. نېگىرىيەدە ئەھۋال ياخشى، خەۋەردە دېيىلىشچە ئۆلگەن ئادەم سانى بىر.
‏ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسا قىزىش، بېشى قېيىش، قۇسۇش قاتارلىقلار ئىكەن. بۇ دۆلەتلەر نامراتلىقتا ئارقىدىن ساناققا كىرىدىغان دۆلەتلەر بولۇپ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى قالاق، بۇ دۆلەتلەرگە ۋىرۇس چوڭ بىر سىناق ۋە خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە.
داۋامى بار...
مەنبە: ئەلپىدا ئۇچۇر تورى

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى