ساياھەت يانبىلوگى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

[ئاچىنۇق خاتىرىلىرى] ساياھەتنامە: (1) كوپېنھاگېن

[ئاچىنۇق خاتىرىلىرى] ساياھەتنامە: (1) كوپېنھاگېن

ۋاقتى: 2015-10-25 ئاۋاتلىقى: 858 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

كوپېنھاگېندا بىر كۈن
گېرمانىيەگە ئوقۇشقا چىقىش باھانىسى بىلەن ئانچە-مۇنچە ساياھەت قىلىشمۇ نىسىب بولدى. ياۋرۇپا شېڭگىن رايونى (Schengen) دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ساياھەتنى بەكلا قولايلاشتۇرۋەتتى. ھازىرغىچە شېڭگىن رايونىغا 26 دۆلەت كىرىپ بولدى. ئەگەر سىزدە مۇشۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرىنىڭ ۋىزىسى بولسا، قالغانلىرىنى رەسىميەتسىزلا ئايلىنالايسىز. 2007-يىلدىن باشلاپ 2013-يىلغىچە قىسقا دەم ئىلىشلاردىن پايدىلنىپ ئاۋىستىرىيە، شىۋىتسارىيە، ئىتالىيە، سان-مارىنو (دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت)، فرانسىيە، شىۋىتسىيە، دانىيە قاتارلىق شېڭگىن ئىچىدىكى دۆلەتلەرنى ۋە تۈركىيەنى زىيارەت قىلدىم. مانا بۈگۈن، بۇ ئۇزۇندىن بېرى پىلانلاپ كىلۋاتقان ساياھەتنامەمنى ۋاقىتنىڭ قارشى تەرتىۋى بويىچە خاتىرلەش نىسىب بولىۋاتىدۇ.
يىقىندا گېرمانىيەدىن شىۋىتسىيەنىڭ لۇند شەھرىگە خىزمەت كۆرۈشۈشى ئۈچۈن بارغان ئىدىم. لۇندتىكى ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ، ئۇ يەردە تۇرمايلا كوپېنھاگېنغا (دانىيەچە كۆبنھاۋن) كېلۋالدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن دانىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى ئارھۇس (دانيەچە ئووھۇس دەيدىكەن) تىكى قېرىندىشىمىز ھاجىگۈلنىڭ دوكتۇرلۇق دىسسىرتاتسىيەسى بولاتتى. بۇ پۇرسەتتە، دانىيەدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇشنى قارار قىلغان ئىدىم. لۇندتىن باشلانغان 40 مىنۇتلۇق پويىز سەپرىمدىن كېيىن كوپېنھاگېننىڭ مەركىزى ۋوگزالىغا يىتىپ كەلدىم. دانىيە بىلەن شىۋىتسىيە پەقەت كىچىككىنە بوغاز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ. بۇ بوغازنىڭ جەنۇب تەرىپىدە دانىيەنىڭ پايتەختى كوپېنھاگېن بىلەن شىۋىتسىيەنىڭ ئىككىنچى چوڭ شەھرى مالمۆ بىر-بىرىگە قاراپ تۇرىدۇ. ئىككى شەھەر يېرىمى كۆۋرۈك، يېرىمى دىڭىز ئاستى تونىلىدىن بىر گەۋدە قىلىنغان تۆمۈريول ھەم يۇقۇرى سۈرئەتلىك تاشيول ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغان ئىكەن. مالمۆدىن كوپېنھاگېنغا قاراپ كىتىۋاتقان بولسىڭىز، دىڭىزنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكەن پويىز دىڭىز بوغۇزنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە سۇنىڭ ئوتتۇرسىدىنلا كۆۋرۈككە چىقىپ قالىدىكەن. دىڭىز يۈزى بىلەن تونىلنىڭ چىقىش ئىغىزىدىكى ئىگىزلىك پەرقى شۇ قەدەركى، دىڭىز سۈيى كۆتۈرۈلسە ئالدى بىلەن شۇ تونىلنى باسقۇدەك دەپ ئويلايسىز.


ئۆرزۇند كۆۋرۈكى


مەركىزى ۋوگزال ئالدىدىكى تۈرك تېز-تاماق بوتكىسى

كوپېنھاگېنغا 2009-يىلى بىر كەلگەن ئىدىم، لېكىن ئۇ چاغدا خەلقئارا مۇھىت يىغىنى سەۋەبلىك يىشىل-تىنچلىق تەشكىلاتىنىڭ گېرمانىيە بۆلىكىگە قاتنىشىپ 100 مىڭلىغان نامايىشچىلار بىلەن دۇنيا مۇھىتى ئۈچۈن بىر كۈن كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلغان ئىدىم. بۇ قىتىم ھەر ھالدا ئالدىرماي ئايلىنىش نىسىب بولدى. كونا شەھەر مەركىزىدىكى ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن، شەھەر ئايلىنىش پىلانىمغا ئايلانما مۇنار،بېلىق-قىز، نىلىز-بورنىڭ ھەيكىلى، يىڭى-پورت ۋە كونا شەھەر مەركىزىنى كىرگۈزۈپ قويدۇم.
كوپېنھاگېن دۇنيادا نامى بار ۋېلىسپېتلىكلەر شەھرى. كۆپىنچە يوللاردا ۋېلىسپېتلىكلەر ۋە پىيادىلەر يولى ئايرىلغان. مىھمانخانىدىن 70 دانىيە كرونىغا بىر ۋېلىسپېتنى ئىجارە ئالدىمدە، شەھەر ئايلىنىشنى باشلىۋەتتىم. بىرىنچى بېكەت كونا شەھەردىكى ئايلانما مۇنار بولدى. بۇ مۇنار دانىيەدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئاسترونومىيە كۆزىتىش مۇنارى بولۇپ، بۇ مۇناردا داڭلىق ئاسترونۇم تېخو ھاياتىدا ناھايتى كۆپ سانلىق مەلۇمات خاتىرلىگەن. دەل شۇ خاتىرلەردىن پايدىلانغان گېرمانىيەلىك ئاسترونۇم كېپلېر ئۆزىنىڭ ئۈچ قانۇنىنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ ھەقتە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ”ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرىسىدىكى ئالىملار“ ناملىق كىتابتا ئوقۇغان ئىدىم. مانا ئەمدى ئەينى ۋاقىتتىكى تەسەۋۋۇرۇمدا كۆرگەن مۇناردا تۇرۇپتىمەن. مۇنار ھازىر مۇزىيغا ئايلىنىپتۇ. بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چېركاۋ ھەم مەكتەپ رولىنى ئۆتىگەچكە، بۇ مۇنارنىڭ يېنىدىمۇ چېركاۋ باركەن. مۇنار ئىچىدە ئەسلىدە ھەم كۈتۈپخانە بولۇپ، كېيىنچە كىتابلار دۆلەتلىك كۈتۈبخانىغا يۆتكىلىپتۇ. بۇ مۇنارغا 50 مېتىر كىلىدىغان يەردە ئەنقەرە رىستۇرانى بار ئىكەن، رىستۇران ئېچىلغىنىغا ئۇزۇن بوپتۇ. تۈرك رىستۇرانلىرى ۋە تېز تاماق بوتكىلىرى ئۇچراپ تۇرىدىكەن.

ئايلانمۇ مۇنار رەسەتخانىسى


ئايلانما مۇناردىن كېيىن، كوپېنھاگېننىڭ نامايەندىسىدىن بېرى بولغان بېلىق-قىز ھەيكىلىنى كۆرۈش ئۈچۈن شەھەرنىڭ شىمالىدىكى دىڭىز ساھىلىغا يۈرۈپ كەتتىم. ھەيكەل ئويلىغىنىمدىن كۆپ كىچىككەن. ھەيكەل 1913-يىلى ئېدۋارد ئېرىكسېن تەرپىدىن ئويۇلغان بولۇپ، ھەيكەلتراشنىڭ ئايالى مودېل بولۇپ بەرگەن. بېلىق-قىز ئەسلى ھانس كرىستئان ئاندېرسېن ئىجادىدىكى ئوبراز بولۇپ، ھىكايېدە ياش ھەم كىلىشكەن شاھزادىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بېلىق-قىز ھەر كۈنى سەھەر ھەم گۇگۇمدا دىڭىز تېگىدىن چىقىپ شاھزادىسىنى پەقەت بىر قىتىم كۆرۋىلىش ئۈچۈن زارىقىپ كۈتۈشتەك مەزمۇن ئاساس قىلىنىدىكەن. شۇ ھىكايېنى ئاساس قىلغان دراممىنى كۆرگەن كارخانىچى كارل ياكوبسېن قاتتىق تەسىرلىنىپ، ھەيكالتراشقا شۇنداق بىر ھەيكەل ياساشنى بۇيرۇيدىكەن ھەم كوپېنھاگېن شەھرىگە سوۋغا قىلىدىكەن. بەزىدە ئېكىسكورسىيەلەر ئۈچۈن بۇ ھەيكەل دۇنيانىڭ باشقا يەرلىرىنىمۇ ئايلىنىپ كىلىدىكەن. ھەيكەل بار شۇ ساھىلنىڭ يېنىدىلا ناھايتى چوڭ ئاممىۋى باغچە بار ئىكەن. ياۋرۇپادىكى چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇ، شەھەردە باغچە كۆپ، بۇنداق باغچىلار بەدەن چىنىقتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى سورۇنى. ئىغىر خىزمەت بىسىمىدا ياشاۋاتقان خىزمەتچىلەر شۇنداق چىنىقىش ئارقىلىق روھى كەيپىياتىنى تەڭشەش بىلەنلا قالماي بەدەن ساغلاملىقىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ. باغچىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ نىلىز بورنىڭ ھەيكىلىنى كۆرۈش ئۈچۈن كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۈرۈپ كەتتىم. كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتى ھەقىقەتەن بەك چوڭكەن. نىلىز بور ئىنستىتۇتىنى خىلى تەستە تاپتىم. بىنانىڭ ئالدىدا رىتسار ھەيكىلى باركەن، بەلكى ئالىملارنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى رىتسارلارغا ئوخشاتقان بولسا كېرەك. بۇ ئالىمنىڭ ئىسمىنى دانىيەچە نىلىز بو دەپ تەلەپپۇز قىلىدىكەن، ”بو“ سۆزىدىكى ”ئو“ تاۋۇشى قىسقا ھەم ئۈزۈك دېيىلىدىكەن، دانىيەلىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ چۈشەندۈرمىسى بويىچە خۇددى ئوتتا پىشۇرۇلغان بەرەڭگە ئاغزىڭىزدا كەپلىشىپ قالغاندەك تەلەپپۇز قىلسا توغرا بولۇمىش. ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ، بولۇپمۇ كۋانىت فىزىكىسىنىڭ مۇھىم ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان بۇ ئالىمنىڭ ئاتىسىمۇ كوپېنھاگېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفىسسور بولغان، بالا ۋاقتىدىكى بور داۋاملىق دادىسىنىڭ تەجىربىسىگە ياردەملىشىپ، كىچىكىدىلا فىزىكا بىلىملىرى بىلەن ياخشى تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىرىشكەن ھەم كۈچلۈك قىزىقىش تۇرغۇزغان. فىزىكىدىن باشقا، نىلىز بور ئىنىسى بىلەن بىرگە كوپېنھاگېندىكى بىر پۇتبۇل كوماندىسىدا ئاساسلىق ئەزالاردىن بولغان. ئىككى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ۋېرنېر ھايزېنبېرگكە ئۇستاز بولغان نىلىز، گېتلىرنىڭ ئاتوم بومبىسى ياساش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىش تەلىپىنى رەت قىلىپ ئەنگىليەگە چىقىپ كەتكەن. ئۇرۇشتىن كېيىن دانىيەگە قايتىپ كەلگەن. نىلىز بورنىڭ ئوغلى ئاگې بورمۇ كېيىنچە داڭلىق فىزىكا ئالىمى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى، ھەم ئاتىسىغا ئوخشاش نوبېل مۇكاپاتى ئالدى.

بېلىق-قىز ھەيكىلى

نىلىز بور ئىنىستىتۇتىنى زىيارەت قىلىپ بولغان ۋاقتىمدا گۇگۇم چۈشۈپ قالغان ئىدى. شەھەرنى ئوتتۇردىن كېسىپ ئۇدۇللا يىڭى پورتقا (Nyhavn) باردىم. ئەپسۇس، 11-ئايدىكى بۇ پورت كۆپ جىمىپ قاپتۇ. پورتنىڭ ئەتراپىدىكى پارلامېنىت سارىيى، مەرمەر چېركاۋ قاتارلىقلارنى بىرەر قۇر ئايلانغاندىن كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ شەھەر مەركىزىدىكى كۈتۈپخانىسىغا باردىم. كۈتۈپخانا قارشىسىدا تاتلىققىنە قەھۋەخانىدا بولۇپ، قارىماققا ئۇزۇن تارىخقا شاھىت بولغاندەك بۇ كۈتۈپخانا پۈتۈنلەي كونا كىتابلار بىلەن بېزىلىپتۇ. كىتابقا ئامراق ئادەمگە تېپىلماسلا جايكەن دەپ قالىسىز. كەچ بولغاندا بۇ قەھۋەخانىدىن كۆزۈمنى قىيالماي خوشلىشىپ ياتىقىمغا يۈرۈپ كەتتىم. ۋېلىسپېتلىك ئايلىنىش بۇ شەھەردە ھەقىقەتەن ئەڭ ياخشى تاللاشكەن. يوللىرى ۋېلىسپېتلىكلەرگە قولايلىق بولۇپلا قالماي، ۋېلىسپېتلىك ئايلانغىنىڭىزدا خۇددى شۇ شەھەردە ياشاۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدىكەنسىز. راست، بۇلارنىڭ ۋېلىسپېتىنىڭ پىدالىنى ئارقىغا تەپسىڭىزلا چىپ تورمۇزلىنىدىكەن، خىلى تەستە كۆندۈم. ھەممە نەرسىسىدىن مۇزدەك سوغۇق چىقىپ تۇرىدىغان، كىشىلىرىمۇ ناھايتى سوغاققان بولغان بۇ شەھەر ماڭا يەنىلا بەك تەرتىپلىك تۇيغۇ بەردى. ماڭا ھەممىدىن بەك ياقمىغان يېرى بۇ يەردىكى شامال بولدى. دېيىشىچە بۇ شەھەردە 365 كۈننىڭ پەقەت بىر كۈنىدىلا سىرىتتا شام ياققىلى بولىدىكەن.

يىڭى پورت

مەنبە: ئاچىنۇق خاتىرىلىرى


تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى