نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئىزنالار >

‹‹ شىئەن ۋەقەسى ››دىكى يۇشۇرۇن تارىخ

يوللانغان ۋاقتى: 06:15 02-08-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
-

1936- يىلى گومىنداڭنىڭ جاڭ شۆلياڭ باشچىلىقىدىكى شەرقىي – شىمال ئارمىيىسى ۋە ياڭ خوچىڭ باشچىلىقىدىكى 17- قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى پارتىيىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللى بىرلىك سەپ سىياسىتىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسى بىلەن 12- دىكابىردا شىئەندە «كومۇنىستلارنى يوقۇتۇش» نى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن جياڭ جيېشىنى قامىۋالدى. مانا بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچى – سىرتىنى زىل – زىلگە كەلتۈرگەن «شىئەن ۋەقەسى» دۇر. بۇ ۋەقە بەزىدە «12- دىكابىر ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 جياڭ جيېشىنى سۇراق قىلىش توغرىسىدىكى تالاش- تارتىش

 

     «شىئەن ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىنىنى ئاچىدۇ. يىغىنغا مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش مەسئۇلى جاڭ ۋېنتيەن رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. يىغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى «شىئەن ۋەقەسى» نى مۇزاكىرە قىلىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش فاڭجېنىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت بولىدۇ .

     بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ خاتىرىسى ھازىر مەركىزىي ئارخىپ سارىيىدا ساقلانماقتا. يىغىن خاتىرىسىنى ئېچىپ قارىغاندا، شۇ قېتىمقى يىغىندىكى تالاش – تارتىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

     يىغىندا ماۋزېدۇڭ ئۆز دوكلاتىدا توختالغان مۇنداق ئىككى مەسىلە تالاش- تارتىش قوزغايدۇ. ماۋزېدۇڭ: «مېنىڭچە ۋەقەدىن كىيىن ماھىيەتلىك بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش لازىم، ئۇنى ياپونغا قارشى سۈييۇەن كومىتېتى دەپ ئاتىساق، نام جەھەتتە مەملىكەتلىك ھۆكۈمەت بولمىسا» دەپ تەكلىپ بىرىدۇ. ماۋزېدۇڭ يەنە «بىز شىئەننى مەركەز قىلىپ پۈتۈن مەملىكەتكە رەھبەرلىك قىلىپ نەنجىڭنى تىزگىنلىسەك، غەربىي شىمالنى ياپونغا قارشى ئالدىنقى سەپ قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، ياپونغا قارشى بىرلىك سەپ مەركىزى شەكىللەندۈرسەك» دېگەننى تەشەببۇس قىلىدۇ.

     ماۋزېدۇڭنىڭ بۇ خىل قارىشىغا قارىتا جۇئېنلەي ئالدى بىلەن ئوخشاش بولمىغان قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، «بىز سىياسىي جەھەتتە نەنجىڭ بىلىن قارشىلاشماسلىقىمىز لازىم» دەيدۇ. تەبىئىيكى، ئۇ «شىئەننى مەركەز قىلىش» نى تەشەببۇس قىلمايدۇ. جاڭ ۋېنتيەن ئۇزۇن ۋاقىت ئويلانغاندىن كېيىن، ئاخىر ئېغىز ئاچىدۇ. ئۇ جۇئېنلەينىڭ پىكىرىنى ئېنىق قوللايدۇ. ھالبۇكى باۋئەندىكى ئۆڭكۈردە بولغان تالاش- تارتىشتا جياڭ جيېشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئەڭ جىددىي بولىدۇ .

     ماۋزېدۇڭ دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ «جياڭ جيېشىنى سوراق قىلىش»، «جياڭ جيېشىنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاش»، «جياڭ جيېشىنى يوقىتىش» نى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ «بىزنىڭ قارىشىمىزچە جياڭ جيېشىنى يوقىتىشنىڭ قايسى جەھەتتىن بولسۇن پايدىسى بولىدۇ » دەيدۇ.

     جياڭ جيېشىنى ئۆلتۈرۈش- ئۆلتۈرمەسلىك مەسىلىسىدە جۇئېنلەي بىلەن جياڭ ۋېنتيەن ئېغىز ئاچمايدۇ. جياڭ ۋېنتيەن مەزمۇنلۇق قىلىپ «ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىپ، جاڭ جيېشى سىستېمىسى قوشۇنىنى چەتكە قېقىۋېتىش لازىم» دەيدۇ.

 

ستالىن «جياڭ جيېشىنى ئاغدۇرۇۋېتىش» قا قارشى تۇردى

 

     «شىئەن ۋەقەسى» يۈز بېرىشى بىلەنلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 12- دېكابىر كەچ سائەت 12 دە، 13- دېكابىر سەھەر سائەت 4 دە، 13- دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالغا ئۈچ قېتىم تېلېگرامما بىرىدۇ.

     13- دېكابىر كەچ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ جاۋاب تېلېگراممىسى يېتىپ كېلىدۇ . جاۋاب تېلېگرامما ئۈچ نۇقتىغا بۆلۈنگەن ئىدى. بىراق ئۈچىنچى نۇقتىدىكى جياڭ جيېشىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا تەشەببۇس قىلغان جياڭ جيېشىنى سوراق قىلىش، جياڭ جيېشىنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاش، جياڭ جيېشىنى يوقۇتۇش بىلىن ئوخشىمايتتى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ستالىن ج ك پ نىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا مۇنۇلارنى يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئۆتىنىدۇ: جۇڭگو كومپارتىيىسى ئالدى بىلەن شۇنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەككى، جياڭ جيېشى ياپونغا قارشى تۇرىدۇ. جياڭ جيېشىنى يوقىتىۋەتسە ئىچكى ئۇرۇش قوزغىلىدۇ، بىراق ئىچكى ئۇرۇش پەقەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا پايدىلىق بولىدۇ . ستالىننىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش داھىيسى بولۇشقا جياڭ شۆلياڭنىڭ لاياقىتى توشمايدۇ. ماۋزېدۇڭنىڭ كۈچى يەنىلا ئىنتايىن ئاجىز. پەقەت جياڭ جيېشىلا چاقىرىق قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ ، جۇڭگودىكى ھەر خىل سىياسىي كۈچلەرنى يېتەكلەپ ياپونغا قارشى تۇرالايدىغان داھىي بولالايدۇ.

     ستالىننىڭ تېلېگراممىسى ماۋزېدۇڭنىڭ قولىغا تەگكەندە بۇ ئىشنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمەيدۇ. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال باۋئەنگە تېلېگرامما ئەۋەتكەندىن سىرت شاڭخەيدە بولۇۋاتقان پەن خەننيەنگىمۇ تېلېگرامما ئەۋەتىدۇ. پەن خەننيەن نەنجىڭگە بارغاندا سوڭ چىڭلىڭ بىلەن سوڭ زىۋىن پەن خەننيەندىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا جياڭ جيېشى ئۆلتۈرۈلمىسىلا، جياڭ جيېشىنىڭ ھاياتىغا كاپالەتلىك قىلىنسىلا ھەر قانداق مەسىلىنى مەسلىھەتلىشىشكە بۇلىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەن خەننيەندىن كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال بىلەن ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا سوڭ چىڭلىڭ، سوڭ زىۋىن ئاكا- سىڭىلنىڭ پىكىرىنى ئەينەن ئىنكاس قىلىدۇ.

     16- دېكابىر كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال پەن خەننيەنگە جاۋاب تېلېگرامما ئەۋەتىپ «پىكىرىڭلارنى توغرا تاپتۇق، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ئۇقتۇرۇڭ، شىئەن ۋەقەسىنى تىنچلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن» دەيدۇ. يەنە شۇ كۈنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى دېمتىروۋنىڭ ئۆزى تۈزگەن ھەمدە ئىمزا قۇيۇپ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ئەۋەتكەن تېلېگراممىنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شىئەن ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ روشەن يوليورۇقى دېيىشكە بولىدۇ :

1. جاڭ شۆلياڭنىڭ ھەرىكىتى قانداق مەقسەتتە بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئوبيېكتىپ جەھەتتە جۇڭگونىڭ ياپونغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ كۈچلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ ھەمدە ياپونىيىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئىلھام بىرىدۇ.

2. ۋەقە تۇغۇلغان ئىكەن جۇڭگو كومپارتىيىسى يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئويلىشىشى ھەمدە مۇئەييەن شارائىت ئاستىدا ۋەقەنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى قەتئىي تەشەببۇس قىلىش لازىم.

 

جياڭ جېشىغا قارىتىلغان تاكتىكىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى

 

     ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ تېلېگراممىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندا كاللىسىدىن ئۆتمىدى دېيىشكە بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئىنكاسى ئارقىمۇ ئارقا يېتىپ كېلىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ كونا رەقىبى جياڭ جيېشىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى قايتىن ئويلىنىشقا باشلايدۇ. 18- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن جۇئېنلەي ياڭ خوچىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يەنە بىر پارچە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ماۋزېدۇڭنىڭ جياڭ جيېشىغا قاراتقان تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. جۇئېنلەينىڭ بۇ تېلېگراممىسىدا ئاشكارىلانغىنى ئەڭ يېڭى ئۇچۇر بولۇپ ، ئىنتايىن مۇھىم ئىدى:

1. سوڭ مېيلىڭ، جياڭ جيېشىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ياپونغا قارشى تۇرۇشقا ئۆزگەردى.

2. نەنجىڭدىكى ياپونپەرەسلەر پائال ھەرىكەت قىلىپ  «جياڭ جيېشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» بىلەن ۋاڭ جىڭۋېينى تەختكە چىقارماقچى. ۋاڭ جىڭۋېي ھەممىگە ئايان ياپونپەرەس، جياڭ جيېشى ئۆلتۈرۈلگەن ھامان، ۋاڭ جىڭۋېي ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ . ئۇنداق بولغاندا ئىش يەنىمۇ چاتاق بولىدۇ . ماۋزېدۇڭ «ۋاڭ جىڭۋېينىڭ ۋەتەنگە قايتىشى» دىن ئىبارەت بۇ ئېغىر يۈزلىنىشكە دىققەت قىلسا قانداق.

     جۇئېنلەي، جاڭ ۋېنتيەنلەرنىڭ نەسىھىتى، ستالىننىڭ تېلېگراممىسى، سوڭ مېيلىڭ، سوڭ زىۋىنلارنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى خالىشى، جياڭ جيېشىنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىشى …….. مانا مۇشۇنداق بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە ماۋزېدۇڭ ئاخىرىدا جياڭ جيېشىنى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدۇ . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «شىئەن ۋەقەسى» توغرىسىدا گومىنداڭ مەركىزىگە ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا بەش تۈرلۈك شەرتنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن «پارتىيىمىز شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، ئەگەر پارتىيەڭلار پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۇقىرىدىكى جىددىي تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرسىلا، دۆلەت، مىللەت قۇتقۇزۇلۇپلا قالماي، جياڭ جيېشىنىڭ بىخەتەرلىكى، ئەركىنلىكىدىمۇ مەسىلە بولمايدۇ» دەپ كۆرسىتىدۇ.

     بۇ تېلېگرامما ئۈچ كۈن ئاۋۋال يەنى 15- دېكابىر قىزىل ئارمىيىنىڭ ماۋزېدۇڭ قاتارلىق 15 رەھبىرىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا كۆرسىتىلگەن «جياڭ جيېشىنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپ، دۆلەت خەلقىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا تاپشۇرۇش» دېگەن سۆز بىلەن روشەن ئوخشىمايدۇ. بۇ ماۋزېدۇڭنىڭ 1936- يىلى 9- ئاينىڭ 1- كۈنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى نامىدىن چۈشۈرگەن يوليۇرىقىدىكى «جياڭ جيېشىنى ياپونغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلاش» قا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ.

ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر