ئىران دۇنيادىكى دىنىي ھاكىمىيەتنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىشتە يەنىلا چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ساناقلىقلا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغاچقا ، ئىران ئاياللىرىمۇ غەربتە نەچچە قېتىم كۆتۈرۈلگەن ئاياللار ھەرىكىتى دولقۇنىغا ئەگىشىپ ئازادلىققا ئېرىشىشكە باشتىن – ئاخىر ئامالسىز قالغان. خەۋەر قىلىنىشىچە ، ئىراننىڭ قانۇنىدا يۈزى ئېچىلمىغان ياش قىزلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىكەن ، بىراق بۇنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ يولى ھەرگىزمۇ يۈزى ئېچىلمىغان قىزلارنى ئۆلۈم جازاسىدىن كەچۈرۈم قىلىۋېتىش بولماستىن، بەلكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىشتىن بۇرۇن ، تۈرمىدە گۇندىپايلارغا ئۇلارنىڭ يۈزىنى ئاچقۇزۇش ئىكەن . ئاشكارىلىنىشچە ، ئىران ئىپپىتى بۇزۇلمىغان ياش قىزلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشقا بولمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەنلىكتىن ، تۈرمە جازا ئىجرا قىلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇنقى ئاخشىمى ‹‹ۋاقىتلىق توي›› مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، ‹‹ئەر›› نىڭ رولىنى ئالغان زىندان قاراۋۇلىغا قىزنىڭ يۈزىنى ئاچقۇزۇپ ، ئىپپىتى بۇزۇلمىغان قىزلارغا ئۆلۈم جازاسى بەرگىلى بولماسلىق توسالغۇسىنى يوقىتىدىكەن. يۈزى ئېچىلمىغان ياش قىزلارنىڭ ‹‹ۋاقىتلىق توي›› غا بولغان ۋەھىمىسى ئەتىسى سەھەردە ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسىنىڭكىدىن بەك كۈچلۈك بولغاچقا ، بۇ قىزلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ‹‹توي مۇراسىمى›› نىڭ ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، بەزىدە بۇ قىزلارنىڭ يېمەكلىكىگە ئۇيقۇ دورىسى سېلىۋېتىلىدۇ. |