ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

بىن لادېنغا سەل قارىغىلى بولمايدۇ

يوللانغان ۋاقتى: 16:53 05-02-2011 مەنبە: قانۇنچىلىق گېزىتى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
كىشىلەر دائىم ئامېرىكىنىڭ ئاۋارىچىلىكى دۇنيانىڭ ئاۋارىچىلىكى دەيدۇ، بۇ گەپ بىر ئاز مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ھە
 
كىشىلەر دائىم ئامېرىكىنىڭ ئاۋارىچىلىكى دۇنيانىڭ ئاۋارىچىلىكى دەيدۇ، بۇ گەپ بىر ئاز مۇتلەقلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيىتىنىڭ دۇنياغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، ئامېرىكا ئاۋارچىلىككە يولۇقسا، دۇنياغا نۇرغۇن ئاۋارچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ."11-سىنتەبىر" ۋەقەسىدىن كېيىنكى يەر شارى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن بۇ ھەقىقەتنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.
"11-سىنتەبىر"ۋەقەسى يۈز بېرىپ ھازىرغىچە ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىك نېمە؟ بۇنىڭ جاۋابى ئاففانىستان، ۋال كوچىسىمۇ ئەمەس، بەلكى بىن لادىن. ئامېرىكىدىكى مەلۇم تەتقىقات مەركىزى ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا ئامېرىكا خەلقىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چوڭ خەۋەر يەنىلا "11-سىتەبىر" ۋەقەسى بولغان. بىنلادېننىڭ ئۆلۈك-تىرىكلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئەمما  خەتەرلىكلىكى ھەممىگە ئايان.
ئامېرىكىدا بۇ نەچچە بىر يىلدا چوڭ تېرورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، كىشىلەر ھەر ۋاقىت سەگەك ھالەتتە تۇرماقتا. چۈنكى ئاپتوموبىل بومبا، پوسولكا بومبا قاتارلىق ئامېرىكا دائىرىلىرىگە ئارامچىلىق بەرمىگەن، يېقىندا يەنە "بازا"تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاشخانا، مېھمانسارايلىرىغا زەھەر تاشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىپ كىشىلەردە قوقۇنچ پەيدا قىلغان.
ئون يىللىق تېررورىزىمغا قارشى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكىلىقلارنىڭ پىسخىكىسى تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن. بۇ ئاساسلىقى خەۋپسىزلىكنى قوغداش ساھاسىگە زور مەبلەغ سېلىنغانلىقتىن بولغان، ئامېرىكا بۇ يىل "11-سىنتەبىر" ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ ئون يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ. بۇ ۋەقە ئامېرىكا ۋە دۇنيانى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ئۆزگەرتمەكتە. ئامېرىكا خەۋپسىزلىك خىزمىتىنىڭ قايسى سەۋىيەگە يېتىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ، شۇڭا خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ مۇقىمسىزلىقىنى مۇزاكىرە قىلغاندا، بىن لادېننى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. ئەمەلىيەتتە "11-سىنتەبىر" ۋەقەسىنىڭ تەسىرى بۈگۈنكى دۇنيادىكى نۇرغۇن مەسىلىلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر ئامېرىكا يەنە مۇشۇ خىل ھۇجۇمغا ئۇچرىسا، تاشقى ئىستراتىگىيەنى قانداق تەڭشەش مۇھىم مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
 


                                                                                         _________ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
ياخشىكەن
(24)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر