دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت پۇللۇق ياتاقلىق مەكتەپنىڭ كۆپ قىسىمى ياۋروپادا بولسىمۇ، شىۋىتسارىيە ئاقسۆڭەكلەر مەكتىپى ئەڭ جىق رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1. شىۋىتسارىيە رور «خان خەمەتى ئىنىستىتوتى»
بۇ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ياتاق پۇلى 50 مىڭ ياۋرو ( تەخمىنەن 71 مىڭ 350 ئامېرىكا دوللىرى ) ئىكەن. «پادىشاھلىق ئىنىستىتوتى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بۇ مەكتەپنىڭ ياتىقى بىر كۆلنىڭ يېنىدىكى قەلئەگە جايلاشقان بولۇپ، ئومومىي يەر مەيدانى 28 گېكتار ئىكەن، ئىچىدە يەنە چويلا توپ مەيدانى، يەلكەنلىك كېمە مەركىزى، ئۇۋلىتىش، ساڭنا ۋە ھورداقخانىلارمۇ بار ئىكەن. 2. شىۋىتسارىيە بوسرېس ئىنىستىتوتى
بۇ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ياتاق پۇلى 48 مىڭ ياۋرو ( تەخمىنەن 72 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، بۇ جەنۋە تاغلىق رايونىدىكى خەلقئارالىق ياتاقلىق مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپتىكى رېستۇراننىڭ ئىچىدە قار تېيلىش مەيدانى، سەنئەت نومۇرلىرىنى قويۇش مەركىزى، رەقەملىك ئۈنگە ئېلىش ئۆيى ۋە ئات مىنىش مەركىزى بار. 3. شىۋىتسارىيە ئاگىرون ئىنىستىتوتى
بۇ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ياتاق پۇلى 43 مىڭ 200 ياۋرو ( تەخمىنەن 63 مىڭ 200 ئامېرىكا دوللىرى) ئىكەن. بۇ مەكتەپ ئالپىس تېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ نىسبىتى 5: 1 توغرا كېلىدىكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دالا پائالىيىتى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئادەتتە قار تېيىلىش ياكى پىيادە مېڭىشتىن ئىبارەت. 4. شىۋىتسارىيە زوسىنگو تاغلىق ئوتتۇرا مەكتىپى
بۇ مەكتەپنىڭ بىر يىللىق ياتاق پۇلى 43 مىڭ ياۋرو ( تەخمىنەن 62 مىڭ 900 ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ، مەكتەپ قار تېيىلىشنىڭ ئەڭ گۈزەل مەنزىرىلىك جايى بولغان سان مورىسقا جايلاشقا، مەكتەپتە 200 ئوقۇغۇچى ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدۇ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ياتاقتا يېتىپ ئوقۇيدىغان باشقا بالىلارغا ئوخشاشلا دالا پائالىيىتىگە ئىنتايىن بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 5. شىۋىتسارىيە روسان Brillantmont خەلقئارلىق مەكتىپى
بىر يىللىق ياتاق پۇلى 40 مىڭ ياۋرو ( 58 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ، مەكتەپ «باغچا شەھىرى» دەپ نام ئالغان روساغا جايلاشقان، بۇ يەردىن قارىغاندا جەنۋە كۆلى بىلەن ئالپىس تېغىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولۇپ، مەكتەپ 125 يىللىق تارىخقا ئىگە. 6. شىۋىتسارىيە گوستاد خەلقئارالىق مەكتىپى
يىللىق ياتاق پۇلى 40 مىڭ ياۋرو ( 58 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ، بۇ شىۋىتسارىيەدىكى ئەڭ كچىك، ئەڭ قىممەت ياتاقلىق مەكتەپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە مەكتەپتە ئامېرىكىچە مائارىپ بىلەن ئەنگىلىيە مائارىپى قوللىنىلىدىغان بولۇپ، تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. 7. شىۋىتسارىيە ھېسسىن ئامېرىكا مائارىپى مەكتىپى
يىللىق ياتاق پۇلى 39 مىڭ 200 ياۋرو ( 57 مىڭ 350 ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ، مەكتەپ شىۋىتسارىيەنىڭ ئەڭ گۈزەل قار تېيىلىش مەنزىرىلىك ئورنىغا جايلاشقان، مائارىپ سېستىمىسى ئامېرىكا مائارىپىنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، يەنە خەلقئارالىق دېپلوم بېرىلىدىكەن. 8. شىۋىتسارىيە سانجارىئوۋ تەتقىقات ئورنى مارك-روسسىنبېرىگ خەلقئارلىق مەكتىپى
يىللىق ياتاق پۇلى 39 مىىڭ ياۋرو ( 57 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) بولۇپ، مەكتەپ ياتىقى كونسىتانىس كۆلىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. مەكتەپ مۇھىتى كىشىگە ئىنتايىن ياقىدۇ، مەكتەپتە ئەنگىلىيە مائارىپى ۋە ئامېرىكا مائارىپى قوللىنىلىدۇ. 9. شىۋىتسارىيە كلارىنسى ساينىت گىئورگىي مەكتىپى
يىللىق ياتاق پۇلى 38 مىڭ ياۋرو ( 56 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ، مەكتەپ ياتىقى شىۋىتسارىيەنىڭ ساينىت گىئورگىيدىكى مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل بىر باغچا ئىچىگە جايلاشقان، يىراقتىن قارىغاندا ئالپىس تېغى بىلەن جەنۋە كۆلىنىڭ كۆرگىلى بولىدۇ، بىراق بۇ مەكتەپ ئەنگىلىيەنىڭ تۇنجى ياتاقلىق مەكتىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 10. ئەنگىلىيە ۋاندىسور ئېتون جامائەت مەكتىپى
يىللىق ياتاق پۇلى 37 مىڭ 500 ياۋرو ( تەخمىنەن 54 مىڭ 490 ئامېرىكا دوللىرى ) بولۇپ، بۇ مەكتەپ 1440- يىلى قۇرۇلغان، بۇ مەكتەپ نۇرغۇن سىياسىيونلارنىتەربىيلەپ چىققان. داڭلىق يازغۇچى گىئورگى ئورۋېل بىلەن ئىقتىسادشۇناس كايرنىسمۇ مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئىكەن.
|