چېچىنيە مەسىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى چېچىنيەنىڭ يەر مەيدانى تەخمىنەن 15مىڭ كۇۋادىرات كېلومېتىر بولۇپ، كاۋكاز تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي چېتىگە جايلاشقان، گىروزىيە بىلەن چىگرالىنىدۇ، ئاھالىسى 1مىليۇندىن ئاشىدۇ، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ. 19-ئەسىردە، يەنى چاررۇسىيە كاۋكاز ئۇرۇشى ئارقىلىق 1895-يىلىغا كەلگەندىلا چېچىنيەنى ئىمپىرىيە تىروتورىيەسىگە كىرگۈزگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە چېچەنلەرنى گىرمانىيە تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن ھەمكارلاشتى، دېگەننى باھانە قىلىپ، 400 مىڭغا يېقىن چىچەن ئاھالىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن سېبىرىيە رايۇنىغا قوغلىۋەتكەن. سوۋىت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋىتى 1957-يىلى يانۋارغا كەلگەندىلا، چېچەن –ئىنگوش ئاپتۇنۇم جۈمھۈرىيتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، رۇسىيە ئىتتىپاقداش جۈمھۈرىيتىنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. دۇدايىۋ سوۋېت ئىتتىپاقى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ گىنرالى چېچىنيەلىك دۇدايىۋ 1991-يىلى 6-سىنتەبىر قورال كۈچىگە تايىنىپ، چېچىنيە يەرلىك سوۋىت ھاكىمىيتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە "چېچىنيە جۈمھۈرىيتى زوڭتوڭى" بولغان. دۇدايىۋ سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىش ھارپىسىدا، "ئېگىلىك ھوقوقلۇق" چېچىنيە جۈمھۈرىيتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە چېچىنيە مىللىي قوغدىنىش ئەترىتىتىنى تەشكىللىگەن. چېچىنيە شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي "مۇستەقىللىق" يولىغا قاراپ ماڭغان. چېچىنيە بايرىقى ئىككى قېتىملىق چېچىنيە ئۇرۇشى رۇسىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زىمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن، 1994-يىلى دىكابىردا 60مىڭ كىشىلىك قوشۇننى سەپەرۋەر قىلىپ، 1-قېتىملىق چېچىنيە ئۇرۇشىنى قوزغىغان ۋە چېچىنيە قانۇنسىز قوراللىق كۈچلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن، بىراق 1996-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ، چېچىنيە قوراللىق كۈچلىرى رۇسىيە چېگراسىدا ئىلگىرى-ئاخىرى ئىككى قېتىم زور تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان. رۇسىيە ئارمىيەسى چېچىنيەدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.
1997-يىلى چېچىنيەدە زوڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مەشھەدۇۋ زوڭتۇڭلۇققا سايلانغان. ئۇ چېچىنيە "مۇستەقىللىقى"دا چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك بىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغان. رۇسىيە زوڭتۇڭى مېدىۋېدىۋ 2009-يىلى 16-ئاپرىل رۇسىيە فىدىراتسىيەسى ئارمىيەسىنىڭ چېچىنيە جۈمھۈرىيتىدىكى تىرورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان. بۇ ماھىيەتتە 10يىل داۋاملاشقان 2-قېتىملىق چېچىنيە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاش ئىدى. ئۇرۇشتىن كېيىن يامرىغان تېرورلۇق ھۇجۇملىرى گەرچە چېچىنيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان، چېچىنيە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلىرىنىڭ كاتتىباشلىرى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇرۇشتىن قالغان ئاسارەتلەر رۇسىيەنىڭ بېشىنى قاتتىق قاتۇردى. يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلار مەسىلىسى، قالايمىقان ئىجتىمائىي تەرتىپ، تۆۋەنلىمىگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ھەمدە رادىكال ئىدىيەلەر چېچىنيەدە تىرورىزىمنىڭ باش كۆتۈرىشىدىكى ئامىل بولۇپ قالدى. |