ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

يوللانغان ۋاقتى: 2012-05-15 03:47 مەنبەسى: ئېنتىرنىت ئاپتورى: atayar كۆرۈلۈشى: قېتىم
دۆلەت نامى : تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستەققىلىق كۈنى : 1923 - يىلى 10 ئاينىڭ 29 - كۈنى يەر مەيدانى : 783.562كىۋادرات كىلومېتىر . تۈركىيە نوپۇسى : 7
  

دۆلەت نامى : تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى


مۇستەققىلىق كۈنى : 1923 - يىلى 10 ئاينىڭ 29 - كۈنى
يەر مەيدانى : 783.562كىۋادرات كىلومېتىر .
تۈركىيە نوپۇسى : 71892808 ( تۈركىيەلىكلەر 80 % ، كوردلار 15% ئاز قىسمدا ئارمانلار ۋە ئەرەبلەر بار .)
تىلى : تۈرك تىلى (ھۆكۈمەت تىلى )
پايتەختى : ئەنقەرە
پۇلى : يېڭى تۈرك لىراسى
ۋاقىت پەرقى : ئۈرۈمچىدىن 4 سائەت ، بېيجىڭدىن 6 سائەت كېيىن .
تېلفۇنى : +90
دۆلەت بايرىقى : قىزىل رەڭدە ، بىر ھىلال ئاي بىلەن ، بىر ئاق بەش يۇلتۇز بار . قىزىل رەڭ قان بىلەن غەلبىنىڭ سىموۋۇلى ، ھىلال ئاي بولسا قاراڭغۇلۇقنى يوقىتىپ يورۇقلۇقنى كۈتىۋالغان ھەمدە تۈركى خەلقىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغانلىقىنىڭ سىموۋۇلى ، باشقا شەھەرلەر ئىستامبول ( ئەڭ چوڭ شەھىرى) ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ، ئىزمىر ، ئانتاليا .
جۇغراپىيىلىك ئورنى : تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە مۆتىدىل بەلباغ ھاۋا كېلىماتى بىلەن ئەزەلدىن نۇرغۇن ياۋروپا ۋە باشقا ئەللەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلىب قىلغان ، نۇرغۇنلىغان تارىخى مىراسلار بار ...تۈركىيە ئۆزىنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرى بىلەن ( ساياھەتچىلەرنىڭ جەننىتى) دىگەن گۈزەل نامى بار .
تۈركىيە غەرىپتە بالقاندىن شەرىقتە كائۇكاسىيەگە . 1000 كىلومېتىر سوزۇلغان ، شىمالدا قارا دېڭىزغا جەنۇپتا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە سوزۇلغان ، ھاۋا كېلىماتى مۆتىدىل ، يەر شەكلى مۇرەككەپ . بۇ يەر دۇنيادا ئۆسۈملۈك بايلىقىغا ئەڭ مول دۆلەت دىگەن نامى بار .
ئىستامبۇل : تۈركىيە ئىستامبۇل ۋىلايىتىنىڭ مەركىزى ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ، شۇنداقلا ياۋرۇپادىكى ئەڭ چوڭ شەھەرنىڭ بىرسى ، نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدۇ .
ئىستامبۇل تارىختا نۇرغۇنلىغان ، ئوخشاش بولمىغان ئىسىملارنى قوللانغان ، بۇ ئىسىملار ئوخشاش بولمىغان ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدىكى مەدەنىيەت ، تىل ، دىنى تەسىرلەرگە ئۇچرىغان ، تارىختا ئىستامبۇل كونىستاتىن شەھىرى ، بايزەنتىم قاتارلىق ئىسىملارنى قوللانغان ، بۇ ئىسىملاردىن باشقا ئىستامبۇل يەنە 2 - رومى دەپمۇ ئاتالغان .
10 - ئەسىردىن باشلاپ ئىستامبۇل تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر تەرىپىدىن ، ئىستامبۇل دەپ نام بېرىلگەن . بۇ سۆز گىرىك تىلىدىن كىرگەن بولۇپ ( شەھەر ئىچىدە دىگەن مەنىسى بار ) . 1453 - يىلى تۈركلەر رەسمىي ئىستامبۇلنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ، ئىستامبۇل دىگەن بۇ ئىسىم ئومۇملىشىشقا باشلىغان . ئىستامبۇل 15 - ئەسىردىن تاكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانغا قەدەر تۈركىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن .
ئىستامبۇلدا مول مەدەنىيەت مىراسى بار بولۇپ ، دۇنياغا مەشھۇر سۇلتان ئەھمەد قاسىمى ، ئاسىيا ۋە ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان بوسفور كۆۋرىكى ۋە سان -ساناقسىز تارىخى كاما ۋە باشقا قۇرۇلۇشلار .
ئىستامبۇل نوپۇسى 10 مىليوندىن ئاشىدىغان دەرىجىدىن چوڭ بىر شەھەر بۇلۇپ ، ئاھالىسى تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ 1970 - يىلىدىن كېيىن شىددەت بىلەن كۆپەيگەن. نۇرغۇنلىغان فابرىك - كارخانىلار جايلاشقان . گەرچە بۇ نۇرغۇنلىغان ئامانلىق ۋە باشقا مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بولسىمۇ ، لىكىن گويا تۈرك خەلقى ئۆزى ئېيتقاندەك ئىستامبۇل گويا بوسفور بوغۇزىدىكى بىر چاقناپ تۇرغان بىر نۇرغا ئوخشاش پۈتۈن تۇركلەرنىڭ پەخرى .
تۈركىيەدە مائارىپ : تۈركىيەدە مائارىپ 6 ياشتىن 14 ياشقا قەدەر مەجبۇرىي مائارىپ تۈزىمى يولغان قويۇلغان ، پۈتۈن دۆلەتتە 820 دىن ئارتۇق ئۇنۋېرسىتىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى بار . ئومۇمىي سانى 1 مىليوندىن ئاشىدىغان ئوقۇغۇچىسى بار . 15 ئاساسلىق دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئۇنۋېرسىتىتلار ئىستامبۇل ۋە ئەنقەرەگە جايلاشقان .
1923 -يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى يېڭىدىن قورۇلغاندا پۈتۈن دۆلەتتە 10% كە يەتمەيدىغان كىشى خەت تونىيالايتتى . مۇستافا كامال يىتەكچىلىكىدە ، مائارىپ ئىنتايىن تېز تەرەققى قىلدى ، 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا پۈتۈن دۆلەتنىڭ ساۋاتلىق بۇلىشى 76 % كۆتۈرۈلدى .
بۈگۈن تۈركىيەدە 85 ئۇنۋېرسىتىت بار ، ئاساسلىق دۆلەت ۋە شەخسىي ئىگىدارچىلىققىلغان . دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكىنىڭ ئوقۇش پۇلى ئىنتايىن تۆۋەن ، ئەمما شەخسىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى بەزىدە 15000 دوللارغا يېقىنلىشىدۇ . ھەر يىلى مەكتەپكە دۆلەتتىن بىر تۇتاش ئىنتاھان ئېلىپ قوبۇل قىلىنىدۇ .بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تەلەيلىك ئوقۇغۇچىلار ئۇنۋېرسىتىت ھاياتىنى باشلايدۇ . تۈركىيەنىڭ ئۇنۋېرسىتىتلىرىنىڭ تۈزىملىرى بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ ، بەزى ئۇنۋېرستىتلار دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالسا بەزى ئۇنۋېرسىتىتلار ھەتتا ئەڭ ئاددىي ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرىدىن كەمچىل ھالەتتە .
ئىستامبۇل ئۇنۋېرسىتىتى : تۈركىيەدە تارىخى ئەڭ ئۇزۇن ، ئەڭ ئاساسلىق ئالىي بىلىم يۇرتىدۇر . كۆپلىگەن مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ، ئاساسلىق رول ئوينىماقتا . نۇرغۇنلىغان تۈركىيەگە داڭلىق سىياسەتچى سودىگەرلەر ۋە باشقا نۇرغۇن ساھەلەردە مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشكەن كىشىلەر بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى . مەكتەپ ئىستامبۇلنىڭ نۇرغۇن رايونلىرىغا تارقالغان بۇلۇپ ئاساسلىق مەكتەپ رايونى ئىستامبۇلنىڭ بېيازىت مەيدانىغا جايلاشقان . تارىخقا نەزەر سالساق ، ئىستامبۇل ئۇنۋېرسىتىتىي 1846 - يىلى 23 - ئىيۇلدا قۇرۇلغان لېكىن تېخىمۇ ئۇزاق تەكشۈرسەك ئەمەلىيەتتە بۇ مەكتەپ 1453 - يىلدىن باشلاپلا بىر مەدرىس سۈپىتىدە ئىستامبۇلغا يەرلەشكەن . بۈگۈن پۈتۈن مەكتەپنىڭ 5 ئوقۇش رايونى 2000 غا يېقىن فىراپپىسورى ۋە 4000 غا يېقىن ياردەمچى تەتقىقاتچى ، 6000 دىن ئارتۇق تۇلۇق كۇرس ۋە 8000 غا يېقىن ماگىستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىسى بار .
ئىستامبۇل ئۇنۋېرسىتىتىي نۇرغۇن تۈرك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ ۋە ئۈمىدى پۈكۈلگەن مەكتەپ ، ئۇ شۇنداقلا تۈركىيەنىڭ پەخرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۈركىيەگە ۋە شۇنداقلا دۇنيا ئىلىم - پەن ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ تۆھپىلەرنى قوشۇش ئۈچۈن ئىزلەنمەكتە ...

ياخشىكەن
(29)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>