ئەزالار مەشغۇلات رايۇنى »»»»» ئەزا نامى : پارول : تەستىق كودى : تىزىملىتىڭ | پارولنى قايتۇرۇش | 中文

نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئون چوڭ ھەربىي مانىۋېر

يوللانغان ۋاقتى: 04:35 24-03-2011 مەنبە: ئىنتېرنېت ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
1. ئالتۇن رەڭلىك كۆزئەينەكلىك يىلان بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە؛ قاتناشقان دۆلەتلەر: ئامېرى

1. «ئالتۇن رەڭلىك كۆزئەينەكلىك يىلان » بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 2010-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە؛ قاتناشقان دۆلەتلەر: ئامېرىكا، تايلاند، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە سېنگاپور؛ ئورنى: تايلاندنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى رايوڭ ۋىلايىتىگە جايلاشقان ئۇتاباۋ دېڭىز ئارمىيە ئايرودرومى؛ مانىۋېرغا قاتناشقان قورال-ياراغلار: بىر دانە تىك ئۇچار ئېلىپ يۈرۈيدىغان ھۇجۇمچى پاراخوت ۋە بىردانە قوغلىغۇچى پاراخوتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 4 دانە ئۇرۇش پاراخوتى، F-18 تىپلىق « چوڭ سېرىق ھەرە » كۈرەشچى ئايروپىلانى، « قارا بۈركۈت » تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە « چىنوك » تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئۇرۇش ئايروپىلانى؛ قاتناشقان ئەسكىرىي كۈچ: 14 مىڭ 73 نەپەر ھەربىي، بۇنىڭدا تايلاند ئەسكىرى 4658 نەپەر، ئامېرىكا ئەسكىرى 8741 نەپەر.

2. « تىنىچ ئوكياننى ئايلىنىش » بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 2010-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، ۋاقتى 40 كۈن؛ ئورنى ھاۋاي دېڭىز چېگرىسى؛ مانىۋېر مەزمۇنى : دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش تۈرلىرى ئاساسلىقى راست ئوقتا توپقا تۇتۇش، رازۋېتكا قىلىش، مىنا تازىلاش، دېڭىزدا توسۇش، سۇ قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش، ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش، پاراخوتقا قارشى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى ھۇجۇم قىلىش. قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: 14 دۆلەتتىن كەلگەن 34 دانە ئۇرۇش پاراخوتى، 5 دانە سۇ ئاستى پاراخوتى، 170 دانە ھەربىي ئايروپىلان ۋە 20 مىڭدىن كۆپ ئادەم قاتناشتى.

3. روسىيە «يىراق شەرق-2010» كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە؛ ۋاقتى روسىيەنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايونى؛ قاتناشقان قورال-ياراغ ۋە ئەسكىرىي كۈچ: قىسىملار 20 مىڭ كىشىگە يەتكەن، 2500 دانە بروۋنىك، 70 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 30 دانە ھەربىي پاراخوت قاتناشقان.

4. « سۇنماس ئىرادە » دېڭىز بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى : 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە، 4 كۈن ئېلىپ بېرىلغان؛ قاتناشقۇچى دۆلەتلەر: ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە؛ ئورنى: ياپون دېڭىز ساھىلى؛ قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: ئامېرىكا « جورجى ۋاشىڭتون » ناملىق ئاۋىئاماتكىسى، جەنۇبىي كورىيەنىڭ « دوكدو » ناملىق ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوتى، 200 دانىدىن كۆپ ئۇرۇش ئايروپىلانى؛ قاتناشقان ئەسكىرىي كۈچ: 8000 نەپەر.

5. « B ئەركىنلىك قوغدىغۇچى » بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە؛ قاتناشقان دۆلەتلەر: ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە؛ ئورنى: كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەرب، شەرق تەرىپىدىكى سېرىق دېڭىز ۋە ياپون دېڭىزى؛ قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: K-9 شېرانپىل زەمبىرەك، K1A1 ئۇرۇش تانكىسى، ۋەتەنپەرۋەر PAC-3 باشقۇرۇلىدىغان بومبا، AH-64D قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلان؛ قاتناشقان ئەسكىرىي كۈچ: 30 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 56 مىڭ جەنۇبىي كورىيە ئەسكىرى، بىر قىسىم ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئامېرىكا زېمىنىدا تۇرۇپ، ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق مانىۋېرغا قاتناشقان؛ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا قاتناشقان ئەسكەر سانى ئەڭ كۆپ مانىۋېرلارنىڭ بىرى.

6. « تىنىچلىق بۇرچى-2010 » بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە؛ قاتناشقان دۆلەتلەر: روسىيە، جۇڭگو، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان؛ ئورنى: قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشىق مەيدانى؛ قاتناشقان ئەسكىرىي كۈچ: جەمئىي 5000 نەپەر. ھەر قايسى دۆلەتلەر مىڭدىن ئەسكەر ئەۋەتكەن.

7. ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە؛ قاتناشقان دۆلەتلەر: ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە؛ ئورنى: جەنۇبىي كورىيەنىڭ غەربىي دېڭىز ساھەسى بولغان سېرىق دېڭىز؛ قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: جەنۇبىي كورىيە تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت(KDX-II) قاتارلىق 2 دانە قوغلىغۇچى پاراخوت، قوغدىغۇچى پاراخوت، چارلاش پاراخوتى، P-3C چارلاش ئايروپىلانى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى، ئامېرىكىنىڭ « جون ماكىئىن » ناملىق ۋە «Fitzgerald» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى، يادرولۇق سۇ ئاستى پاراخوتى، دېڭىز ئۈستى چارلاش ئايروپىلانى قاتارلىقلار.

8. « ياڭراق گۈلدۈرماما » ھاۋا ئارمىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 22-كۈنىگىچە؛ قاتناشقان دۆلەتلەر: ئامېرىكا، جەنۇبىي كورىيە؛ ئورنى سېرىق دېڭىز؛ مانىۋېرغا قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: 250 دىن كۆپ ئۇچقۇچى قاتناشتى. جەنۇبىي كورىيەنىڭ F-15K ۋە F-16 يۈرۈشلۈك كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ F-16 ۋە KC-135 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 دانە كۈرەشچى ئايروپىلان مانىۋېرغا قاتناشتى.

9. ئامېرىكا-جەنۇبىي كورىيە سېرىق دېڭىزدىكى بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى 11-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە؛ ئورنى: كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى سېرىق دېڭىز؛ قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: ئامېرىكا « جورجى ۋاشىڭتون » ناملىق ئاۋىئاماتكىسنى قاتناشتۇرۇشتىن سىرت، يەنە چارلاش پاراخوتى، قوغلىغۇچى پاراخوت قاتارلىق ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قاتناشتۇردى. جەنۇبىي كورىيەمۇ ئىككى دانە 4500 توننىلىق جەنۇبىي كورىيە تىپلىق قوغلىغۇچى پاراخوت ھەمدە چارلىغۇچى پاراخوت، قوغدىغۇچى پاراخوت، سۇ ئاستىغا قارشى ئايروپىلان قاتارلىق قوراللىرىنى ئىشقا سالدى.

10. « ئۆتكۈر قىلىچ » ھەربىي مانىۋېرى. ۋاقتى: 12-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە؛ ئورنى: ئوكىناۋانىڭ شەرقىدىكى دېڭىز ساھەسى ۋە ياپونىيەنىڭ ھەر قايسى ھەربىي بازلىرى؛ قاتناشتۇرۇلغان قورال-ياراغلار: ياپونىيە 40 دانە ھەربىي پاراخوت، 250 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئامېرىكا 20 دانە ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 150 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى، « جورجى ۋاشىڭتون » ناملىق يادرولۇق ئاۋىئاماتكىسىنى، B52 ئىستراتىگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانىنى قاتناشتۇردى؛ ئەسكىرىي كۈچ: ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسىدىن 34 مىڭ ئەسكەر، ئامېرىكا ئارمىيىسىدىن 10 مىڭدىن كۆپ ئەسكەر قاتناشتى.

ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر