نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئىزنالار >

ئۇيغۇرلاردىن چىققان داڭلىق ۋاراتار ئوسمان .

يوللانغان ۋاقتى: 05:52 29-08-2011 مەنبە: ھۇررا مۇنبىرى ئاپتورى: مەخمۇت يۈسۈپ كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى پۇتبول ( ۋاراتارلىق ) كەسپىگە بېغىشلىدى .

ئوسمان ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش .
ئوسمان : ئۇيغۇر ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ( 36 يېشىدا ۋاپات بولغان ) . 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىغا كىرگەن بولۇپ ، بىرىنچى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان . بوي ئېگىزلىكى 1.74 مېتىر ، ئېغىرلىقى 64 كىلوگىرام .
كەسپىي ئالاھىدىلىكى : ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق ، مۇكەممەل ، ھەرىكىتى ئىنچىكە . ئورۇن ئېلىش ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، توپ تېپىشى ئۆلچەملىك ، توپ بېرىشى نىشانلىق . 1958-يىلى شىنجاڭ كوماندىسى ئافغانىستان كوماندىسى بىلەن پۇتبول مۇسابىقىسى ئېلىپ بارغاندا ۋاراتاردا تۇرغان . 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالانغان .

 

بۇ ماقالە ۋە سۈرەت << شىنجاڭ تەنتەربىيىسى تارىخىي ماتېرىياللىرى >> ژۇرنىلىنىڭ 1989-يىللىق 1-،2-قوشما سانىغا بېسىلغان، ئاپتورى: مەخمۇت يۈسۈپ


مەن ئۆز ئادىتىم بويىچە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، ئاستا قەدەم تاشلاپ نەنلياڭ رايونىغا قاراپ كېتىۋاتاتتىم . دەل خەلق تىياتىرخانىسىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ، تىياتىرخانا ئالدىدىكى كىچىك مەيداندا بىر تۈركۈم كىچىك پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەدەپ بېرىلىپ پۇتبول ئويناۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى . تۇيۇقسىزلا ئۇلار ۋاراتارلىق توغرىسىدا سۆزلىشىپ قالدى . مەنمۇ تۇرۇپ قالدىم .
_ مەن ئوسمان ۋاراتار .
_ ياق ، سەن بولالمايسەن ، سېنىڭ كۆزۈڭ كۆك ئەمەس .
_ ياق ، سەن پاكار .
_ ياق ، سېنىڭ رەڭگىڭ قارا .
_ ... ... ... ...
راستىنى ئېيتقاندا بۇ زاماندىشىم ، كەسىپدىشىم ۋە قوشنام يادىم كۆتۈرۈلۈپ قېلىشقا ئازلا قاپتىكەن . شۇڭا بالىلارنىڭ بۇنداق سۆھبەتلىشىشىنى ئاڭلاپ ۋىللىدە قىزاردىم - دە ، ئارقىدىنلا كۆيدۈرۈلگەندەك يۇڭدەك پىژژىدە قورۇلۇپ كەتتىم . شۇڭا سەيلەمنى تاشلاپ ئۆيگە كەتتىم .
قەلەمنى ئېلىپ ئەسلەپ قالدىم . ئوسمان 1940-يىلى تۇرپان ناھىيىسىدە تۇغۇلۇپ ، ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ، ئۈرۈمچى 1-باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋە 2-ئوتتۇرا مەكتەپتە خەنزۇچە ئوقۇغان . ئۇ پۇتبول تېپىشنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن كوچا كوماندىسىدا ئاساس ياراتقان ، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئىدى .
1953-يىلى ياز پەسلى . ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا ھەر يەكشەنبە ئەتىگەندىن تاكى قاراڭغۇ چۈشكىچە پۇتبول مۇسابىقىسى داۋام قىلاتتى . مانا مۇشۇنداق كۈنلەردە بېشىغا فۇژاركا كىيگەن ، ئۇچىسىغا سۈر رەڭ يۇڭ رەختتىن گىمناستيوركا كىيىپ ، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىغان ، ئاق سېرىق ، كۆك كۆزلۈك بىر ئۆسمۈر بالا ۋاراتارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ، ۋاراتارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتەتتى .
بىر مەزگىل قايتا - قايتا تەكرارلانغان بۇ ھالەت ، يېڭى بازار كوچا پۇتبول كوماندىسىنىڭ كاپىتانى ئابلا خوتەك باشلىق بىر نەچچەيلەننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ - دە ، پاراڭلىشىش ، سىردىشىش ئارقىلىق ئوسماننى ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە مەزكۇر كوماندىغا قوبۇل قىلىدۇ ( شۇ ۋاقىتتا بىرەر كوچا كوماندىسىغا كىرىشمۇ خېلىلا تەس ئىدى . كوماندىنىڭ ئۆزىگە يارىشا ئىنتىزامى ، تۇرمۇش تەرتىپى بولاتتى ) .
ئوسمان شۇ ۋاقىتتىكى پېشقەدەم ۋاراتار چېن جىڭشياڭ ( شۇ ۋاقىتتىكى بانكا كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى ) ، گو يۇڭفۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ھەم ئۇلارنىڭ ھەرىكەت كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋاراتار بولۇپ يېتىشتى . شۇڭا ، 1956-يىلى يازدا چىڭداۋدا ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشتى . نەتىجىدە قېرىنداش ئۆلكە ، شەھەر كوماندىلىرى ۋە چىڭداۋ تاماشىبىنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىدۇ . چىڭداۋدىن قايتىپ كېلىپ كۈچكە كۈچ ئۇلاپ ، مەغرۇرلىنىشتىن ساقلىنىپ ، تىرىشىپ مەشق قىلىپ ، كەسپىي سەۋىيىسىنى يەنە بىر بالداق ئۆستۈرۈپ ، 1957-يىلى چاڭچۈندە ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، 11 كوماندا ئىچىدە 3-بولىدۇ ، بۇنىڭدا ئوسمان ئالاھىدە تۆھپە يارىتىدۇ .
1958-يىلى ئوسمان شىنجاڭ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ ، بىر مەزگىللىك مەشقتىن كېيىن ، نەزەرىيە ، ئەمەلىيەت جەھەتتە ۋاراتارنىڭ تېخنىكا ، تاكتىكىسى ۋە بەدەن سۈپىتىدە يېڭىچە ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ . بۇ ھال ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت كوماندىسىنىڭ ۋاراتارلىرى شۈي فۇسىڭ ، جاڭ جىنشۇ ، ئاۋغۇست كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى خۇاڭ جاۋۋىنبىلارنىڭ ئوسمانغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغايدۇ . ئۇلار ئوسمان بىلەن دوست بولىدۇ . ھازىرغىچە ئىزدەك - سورىقىنى قىلىپ تۇرىدۇ . ئوسمان كوماندىغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تىرىشىپ مەشق قىلىپ ، مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن ، 1960-يىلى مەملىكەتلىك 1-دەرىجىلىك تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالىنىدۇ .
ئوسمان 1960-يىلىدىن 1965-يىلىغىچە تازا كامالەتكە يېتىپ ، راسا كارامەت كۆرسىتىۋاتقان ئالتۇن چاغلىرىدا ، << مەدەنىيەت ئىنقىلابى >> باشلىنىپ قالىدۇ ... ئىنقىلابتىن كېيىنمۇ ئوسمان يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي كوماندىنىڭ ئېھتىياجىغا بويسۇنۇپ ، داۋاملىق ۋاراتارلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
1974-يىلى پۇتبول ئىككىنچى كوماندىغا تېرىنېرلىققا يۆتكىلىپ ، تا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ۋاراتار تەربىيىلەش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
ئۇنىڭ تەربىيىسىنى كۆرگەن ۋاراتارلاردىن ئىلھام جۇڭگو ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە يۇگوسلاۋىيە ، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقىپ ، مەشق مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىدۇ . ھېكمەت مەملىكەت ئىچىدە ، بولۇپمۇ شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە تاماشىبىنلاردا ياخشى تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ .
ئوسماننىڭ كەسپىي جەھەتتە ۋاراتار تېخنىكىسى ئەتراپلىق بولۇپ ، ھەرىكىتى پىششىق ، ئۆلچەملىك ئىدى . ئورۇن ئېلىشى ياخشى ، بۇلۇڭ توسۇشقا ماھىر ، مۇسابىقىدە تەمكىن ، سالماق ئىدى .
ئوسمان ئاق يۈزلۈك ، قارا قاشلىق ، كۆك كۆزلۈك ، بوي ئېگىزلىكى 1.73 مېتىر بولۇپ ، بەدەن قۇرۇلمىسى گويا قېلىپتا قۇيغاندەك ، ستانوكتا قىرغاندەك ئۈگىلىرى بىر - بىرىگە ماسلاشقان ، تەنھەرىكەتچىگە لايىق كېلىشكەن يىگىت ئىدى .
ئوسمان پۇتبولچىلا ئەمەس ، بەلكى تالانتلىق ئارتىس ئىدى ، ئۇ كوماندىمىز گۇرۇپپىسىدا ناخشىچى ھەم ئۇسسۇلچى ئىدى ، ماھىرلىق بىلەن رول ئالاتتى . 1963-يىلى باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تەنتەربىيە سىستېمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كېچىلىكىدە كوماندىمىز ئورۇنلىغان كومېدىيىدىكى ئايال رولىنى ئوسمان چاندۇرماي ، قانائەتلىنەرلىك ئورۇنداپ ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەنىدى . شۇ يىلنىڭ ئاخىرى كوماندىمىز گۇاڭدۇڭ مېيشەندە قىشلىق مەشق ئېلىپ بارىدۇ ، تەلەپكە بىنائەن يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن مېيشەن خەلقىگە شىنجاڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنىڭدىمۇ ئوسمان ، ئەخمەتجان ( كوماندىدىكى يەنە بىر ۋاراتار )لار ئورۇندىغان لەپەر ، نومۇرلىرى ئالاھىدە ئالقىشقا ئېرىشىدۇ .
ئوسمان ھاياتنى قىزغىن سۆيەتتى .
ئوسمان ئۆز كەسپىنى قىزغىن سۆيەتتى .
ئەپسۇس ! ئۇ قۇياش نۇرىدىن پەقەت 36 يىل بەھرىمەن بولالىدى . ئۇ قىسقىغىنە ھاياتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى پۇتبول ( ۋاراتارلىق ) كەسپىگە بېغىشلىدى .


مەنبە ھۇررا مۇنبىرى  http://www.urraclub.com/bbs/read.php?tid=460

ياخشىكەن
(10)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر