نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئىزنالار >

شىنجاڭنىڭ پۇتبول تارىخى ھەققىدە قىسقىچە بايان

يوللانغان ۋاقتى: 05:43 29-08-2011 مەنبە: ھوررا مۇنبىرى ئاپتورى: مېردىئان ئەخ كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنبە ھۇررا مۇنبىرى http://www.urraclub.com/bbs

ئەسەرنىڭ يازغۇچىسى : مېردىئان ئەخمەت 


شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تارىخىغا ئائىت ماتېرىياللارنى تەپسىلىي كۆزەتسەك ، نۇرغۇن تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . ئالايلۇق ، تەپكۈچ تېپىش ، ئات بەيگىسى ، ئىلەڭگۈچ ، بېلىق تۇتۇش ، تۆگە بەيگىسى ، نەيزىبازلىق ، ئۆكۈز كۆتۈرۈش ، چەۋگەن ، چېلىشىش ، توپ ئويناش قاتارلىق ئويۇنلار مىلادىيىدىن بۇرۇنلا شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان .
پۇتبول ھەرىكىتىمۇ شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان . گەرچە پۇتبولنىڭ ئوينىلىشى ، توپنىڭ تىكىلىشى ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتىدىن خېلى يىراق ، ئىپتىدائىي سەۋىيىدە بولسىمۇ ، ئەمما ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى بۇنىڭدىن 1000 يىل بۇرۇن يازغان « تۈركىي تىللار دىۋانى » دا : « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملاردا قوزىنىڭ تېرىسىنى تولۇمچىلاپ سويۇپ ، ئۇنى ھاۋا ياكى يەل بىلەن تولدۇرۇپ ، تېپىپ ئوينايدىغان بىر خىل ئويۇنى بار ئىدى » دەپ خاتىرىلىگەن . « تۈركىي مىللىي مەدەنىيىتى » دېگەن كىتابتا : « پۇتبول ، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھۇنلاردىن بۇرۇن تۈركلەر ئارىسىدا ئوينالغان بولۇپ ، كۆك تۈركلەر دەۋرىدە ( مىلادىيە 540 - 740-يىللار ) جۇڭگوغا تارقالغان » دېيىلگەن . مەھمۇد قەشقەرىنىڭ « تۈركىي تىللار دىۋانى »دا يەنە : « ئۇرۇشتا پالۋانلار نەيزىلەشتى ، باتۇرلارنىڭ بېشىنى توپقا ئوخشاش دومىلاتتى » دەپ يېزىلغان . دېمەك ، يۇقىرىقى تارىخىي مەنبەلەردىن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ شىنجاڭدا خېلى بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز . 
 

ھازىرقى زامان پۇتبول ھەرىكىتى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيىدە بارلىققا كەلگەن ، 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەرەققىي قىلىپ مۇكەممەللىشىشكە قاراپ يۈزلەنگەن . يېڭى زامان پۇتبول ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاتۇش ئېكساق ئارقىلىق شىنجاڭغا تارقىلىشقا باشلىغان . 1850-يىللىرى ، ئېكساق خەلقى يەرلىك ئۇسۇلدا قولدا ياسىلىپ ئىچىگە سامان ، لاتا تىقىلغان ، ھايۋان بوغۇساقلىرىغا يەل تولدۇرۇلغان توپلارنى ئويناشقا باشلىغان . ئوينىغۇچىلار 3 ، 5 ، 6 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ ، قارىمۇقارشى ئوينايتتى . ۋاقتى 3 توپ ياكى 6 توپ كىرگۈچە ۋە ياكى زېرىككۈچە بولاتتى . ۋاراتا قەدەم ياكى تاپان ئارقىلىق ئۆلچىنەتتى .
1907-يىلى ، ئېكساق ھەزرىتى ھەبىب ئەجەم كۆك گۈمبىزى يېنىغا سەككىز سىنىپ ، ياتاق ، ئاشخانا ، مۇنچا ۋە 40 ئوقۇغۇچىسى بار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپى سېلىندى . بۇ مەكتەپكە تۈركىيىدە ئوقۇپ كەلگەن مەسئۇد سەپئىرى ، تۇرسۇن ئەپەندى ، كامىل ئەپەندى قادىر ئەپەندى قاتارلىق سەككىز نەپەر زىيالى ئوقۇتقۇچىلىققا تەيىنلەندى . مەكتەپ يېنىغا ئۇزۇنلۇقى 75 مېتىر ، كەڭلىكى 50 مېتىر كېلىدىغان مەيدان ياسىلىپ ، ئۇنىڭغا كەڭلىكى 19 تاپان ، ئېگىزلىكى ئادەم نورمال سەكرىسە قولى يېتىدىغان قىلىپ ياغاچتىن ياسالغان ۋاراتا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ( بۇ ھازىرمۇ ‹‹ توپخانا ›› دەپ ئاتىلىدۇ ) . ئەينى چاغدا ، بۇ مەكتەپتە رەسمىي زامانىۋىي تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىنىپ ، پۇتبول ، يېنىك ئاتلېتكا ۋە يەرلىك ئويۇنلار بىرلەشتۈرۈلۈپ دەرس ئۆتۈلدى ، ھەمدە 11 كىشىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇلدى . مەرىپەتپەرۋەر بايلاردىن ھۈسەن مۇسابايوف ، باۋدۇن مۇسابايوفلار بۇ ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ ، تۈركىيىدىن خىرۇمدىن تىكىلگەن توپلارنى كىرگۈزۈپ ، مەكتەپنى توپ بىلەن تەمىنلىدى . تۇرسۇن ئەپەندى ياشلار - ئۆسمۈرلەرنى تەشكىللەپ پۇتبول مەشقى ئېلىپ باردى . توپچىلارنىڭ ئورنىنى قەلئەچى ، بېك ، ياردەمچى بېك ، پورۋاسى دەپ ئاتىدى . 1920-يىلى تۇرسۇن ئەپەندى ، ئەنۋەر خەلپىتىم ، كېرىم قارى ، بېشىر ئاتاباي ، ئىبراھىم سەئىدى ، غوپۇر مۇھەممەد ھەسەن ، پەخىردىن ئەپەندى ، تۇرسۇن قارى ، ھاجى ئابلا ، ھەيدەر ئىدرىس ، رىشاد ھاجى ، سابىت مىرئەمەت ، مۇھەممەد تۆمۈر ، روزى مۇھەممەد نىياز ، قادىر روزى ، ناسىر مىرخېلىل ، ئابدۇراھمان يۈسۈپ ، ئابلەت مۇسا ، ئابلەت ناسىر قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئېكساق پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلدى . ئۇلار مەكتەپتە ، سۇ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەردە ئويۇن كۆرسىتىپ ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى .
 

 
1924-يىل 29-ماي كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، ئېكساق كوماندىسى مۇسابايوفنىڭ قەشقەردىكى ئىش بېجىرگۈچىسى ۋەلىخاننىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرى بىلەن قەشقەردە مۇسابىقىلەشتى . تاماشىبىنلار 10 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى ، مۇسابىقە 90 مىنۇت داۋاملاشتى . نەتىجىدە ، ئاتۇش ئېكساق كوماندىسى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن ئىنگلىزلارنى يەڭدى . شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن بۇ كوماندا قەشقەردە تۇرۇشلۇق شۋېتسىيە كونسۇلخانىسى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ ، ئۇلارنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يەڭدى.
بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ۋە قاتناشقۇچىلاردىن تەرەققىيپەرۋەر تۇرسۇن ئەپەندى ۋە تەلئەت مۇسابايوفلار 1932- ۋە 1936-يىللىرى ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىككى قېتىم قولغا ئېلىنىپ ، 3 ئايدىن 6 ئايغىچە تۈرمىدە يېتىپ چىقتى . تۇرسۇن ئەپەندى 1936-يىلى تۈرمىدىن چىقىپ دارىلمۇئەللىمىندە ئەپەندى بولۇپ ئىشلىدى ، 1937-يىل 11-ئايدا دوسكا ئالدىدا قولغا ئېلىنىپ ، جاللات شېڭ شىسەينىڭ تۈرمىسىدە 51 يېشىدا ۋاپات بولدى . جاللات شېڭ شىسەي ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى زاۋاللىققا يۈز تۇتتى ، تەنتەربىيە ئىشلىرىدىمۇ زور چېكىنىش بولدى .
 

 
دۆلىتىمىز ئازاد بولغاندىن كېيىن ، ئىكساق مەكتىپىنىڭ سابىق مۇدىرى ئىمىنجان تۇرسۇن 1951-يىل < ئىكساق دېھقانلار كوماندىسى > نى قۇردى . 1953-يىل ئەسلىدىكى ‹‹ توپخانا ›› ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ( شىنجاڭ تەنتەربىيە تارىخى ماتېرىياللىرى 1988-يىل 1-سانىدىكى ماتېرىياللاردىن رەتلەندى ) .
غۇلجا شەھىرىدە پۇتبول ھەرىكىتى 1920-يىللىرى بىخلىنىشقا باشلىغان بولۇپ ، پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىشى ئىكساق يېزىسىغا قارىغاندا سەل كېيىنرەك بولسىمۇ ، لېكىن غۇلجا شەھىرىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ، شارائىتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر جەھەتتىكى تەسىرى تۈپەيلىدىن پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تارقىلىشى تېز بولغان . 1933- 1944-يىللىرى غۇلجىنى ئاساس قىلغان ئۈچ ۋىلايەت تەنتەربىيىسى خېلى راۋاج تېپىپ گۈللەنگەن . شۇڭا ، يېنىك ئاتلېتكا تەنھەرىكەتچىلىرى 1933-يىلى نەنجىڭدە ئۆتكۈزۈلگەن كونا جۇڭگونىڭ 5-نۆۋەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان . بولۇپمۇ ئاشۇ مەزگىللەردە نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقتىن ، ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىشتە ھەر جەھەتتىكى ، بولۇپمۇ تەنتەربىيە جەھەتتىكى يېڭىلىقلارنى بىللە ئېلىپ كېلىپ ، ئۈرۈمچى ، غۇلجا شەھەرلىرىدە كەڭ تارقىتىپ ، تەنتەربىيە ۋە ھەر خىل مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ئومۇمىيۈزلۈك قانات يايدۇرۇشقا زور ھەسسە قوشقان .
1944-يىلى باشلانغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ، تەنتەربىيە ئىشلىرى ، بولۇپمۇ پۇتبول ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ ، زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى . ‹‹ مۇتەللىپ بېغى ›› ( ۋاڭ قادىر بېغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ھازىرقى خەلق باغچىسى )دا يېڭى تەنتەربىيە مەيدانى ياسىلىپ ، بۇ مەيداندا ھەر يىلى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەشكىللىگەن پۇتبول مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىلىپ تۇراتتى ، گېزىتلەردە تەنتەربىيە ، سالامەتلىك ھەققىدىكى ماقالىلەر ئۈزۈلمەي بېسىلىپ تۇراتتى . ھەر خىل مۇسابىقىلەرگە كېتىدىغان خىراجەتنىڭ ئاساسىي قىسمىنى ھۆكۈمەت چىقىراتتى ، قالغان قىسمى ھەر قايسى ساھەدىكى ئۆلىمالاردىن ئىئانە شەكلىدە يىغىلاتتى .
1944- 1949-يىللاردا ، خەلق باغچىسىدىكى مەيداندا پۇتبول قائىدىسى ۋە ئەدەپ – تەرتىپ بويىچە پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش خېلى ئومۇملاشقانىدى ، پۇتبول مۇسابىقە خەۋەرلىرى ، ئېلانلىرى ، ھەتتا نەتىجىلىرى گېزىتتە ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى . ئازادلىق ھارپىسىدىكى پۇتبول كوماندىلىرىدىن ئاساسلىقلىرى : ‹‹ بىلىم يۇرتى ›› ، ‹‹ ماياك ›› ، ‹‹ سوۋېت پۇقرالىرى ›› ، ‹‹ مائارىپچىلار ›› ، ‹‹ تېرە زاۋۇتى ›› ، ‹‹ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ›› ، ‹‹ تاتار مەكتىپى ›› ، ‹‹ ئاقارتىش يۇرتى ›› ، ... قاتارلىقلار بار ئىدى .
بۇ كوماندىلاردىن ‹‹ غودۇر ›› ( كېيىن ‹‹ ئاقارتىش يۇرتى ›› دەپ ئۆزگەرتىلگەن ) كوماندىسى ئەڭ كۈچلۈك كوماندا بولۇپ ، ئۇنىڭغا بەھرام يېتەكچى ئىدى ، ئەزالىرى ئەخمەت كامال ( كاپىتانى ) ، خەسەن ، ناپادىنىيە ، ئابدۇل قارىۋاي ، بەسىم ، ئەنۋەر ، تاجىدىن ، غىناخۇن ، ئابلىكىم ، رەخىم ، ئېلاخۇن ، تەلغەت ، بارى ، رىشات قاتارلىق ئۇيغۇر ، ئۆزبېك ، تاتار ، خۈيزۇ مىللەتلىرىدىن تەركىب تاپقانىدى .
يەنە بىر كۈچلۈك كوماندا پېشقەدەم پۇتبولچىلاردىن تەركىب تاپقان ‹‹ بىرلەشمە ›› كوماندا بولۇپ ، ئۇلار مەسخۇت ئاللايار ، مۇساباي ، خەمىت ، ئابباس مۆيدۈن ، مەھمۇت پورماش ، خەمىت كەنجى ئايۇپ ، ئايتۇرغان ( 50-يىللاردا تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان ) ، مەرغۇپ ، جەۋدەت ، ۋاخى ، ياسوكەيلەردىن تەركىب تاپقانىدى .
يۇقىرىقى پۇتبولچىلار ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرى ( 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ) شىنجاڭ ئۆلكىسى ، غەربىي شىمال مەمۇرىي رايونى ، ‹‹ 1-ئاۋغۇست ›› كوماندىلىرىنىڭ غوللۇق ئەزالىرى ئىدى . خەسەن ، تەلئەت ، غەزىز مىدىغەت ( چۆچەكتىن ) ، راۋىلدىنلار مەملىكەتلىك ‹‹ 1-ئاۋغۇست ›› پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغانىدى .
شىنجاڭ يېڭى ئازاد بولغان مەزگىللەردە ، ئۈرۈمچىگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بولۇپمۇ غۇلجا ، چۆچەكتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە پۇتبول ئوينايدىغانلار كۆپرەك بولغاچقا ، ئۈرۈمچىدىمۇ پۇتبول ھەرىكىتى ناھايىتى تېزلا ئومۇملىشىشقا باشلىدى . بولۇپمۇ 1953-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن ‹‹ بىزنىڭ كوچا كوماندىمىز ›› ناملىق سىنارىيە فىلىمى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا قويۇلغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەرگە بولغان تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولدى ، پۇتبول ئوينايدىغانلار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۇكتەك ئۆسۈپ يېتىلىشكە باشلىدى . 50-يىللاردىكى شىنجاڭ دارىلمۇئەللىمىن ( ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ) ، سابىق 2-دارىلمۇئەللىمىن ، شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى شۆبە مەكتىپى ( تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ ) قاتارلىق ئورۇنلار پۇتبول بۆشۈكى بولۇپ قالدى . ھىسامىدىن ئاكا ، تەلئەت ، ئېزىز ، چىڭ جىڭشياڭ ، شەرپىدىن قاتارلىقلارنىڭ ئۈرۈمچىنىڭ پۇتبول ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ ( بۇ جەھەتتىكى نۇرغۇن پاكىتلار ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە تەزكىرە كومىتېتى تەزكىرە ئىشخانىسى ئىشلەپ چىققان ‹‹ شىنجاڭ تەنتەربىيە تارىخىي ماتېرىياللىرى ›› دېگەن ژۇرناللاردا تەپسىلىي سۆزلەنگەن ) .


 مەنبە ھۇررا مۇنبىرى  http://www.urraclub.com/bbs

ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر