ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970 - يىلى 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى درامما فاكۇلتىتى ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ بىرىنچى قارار تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 2007 -يىلغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007 - يىلىدىن باشلاپ كىنو - فىلىم پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.
ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ سەنئەت سائاسىدە مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدا پەقەت ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىلا كۆزدە تۇتۇلۇپ قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى _ ئۇستازلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ دادىسى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى قىزىقچى، يۇمۇرلۇق، ناخشا - مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئادەم بولۇپ، يۇمۇرىستىك گەپ - سۆزلىرى، چالغان مۇزىكىلىرى، سەنئەتكە ھېرىسمەن ئابدۇكېرىم ئابلىزغا بەكرەك تەسىر قىلغان. ئۇ 5 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر داپ ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ دادىسى دۇتار چالسا، ئۇ يېنىدا ئولتۇرۇپ داپ بىلەن تەڭكەش قىلىپ بېرىدىغان، دادىسىغا ئەگىشىپ ساز چالىدىغان بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكىغا قاتنىشىپ، داپ چېلىش ھەم لەپەر ئويناش، ھەر خىل قىزىقچىلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا «داپچى»، «لەپەرچى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. دېمەك ئۇنىڭدىكى بۇ تالانت پەقەت بىر «تالانت» لا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر سەنئەتكاردا بولۇشقا تېگىشلىك «ئالاھىدىلىك» بولسا كېرەك؟
ئۇ 1991 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى تۇنجى قېتىم «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى» ناملىق ئېتوتنى يېزىپ سەھنىدە ئوينىغان ھەم تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرۈپ ئېتوت ئويناشقىلا ئەمەس، بەلكى ئېتوت يېزىشقا ھەۋەس قىلىدىغان، تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزىتىدىغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. شۇ يىلى ئۇ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىچىدىكى «گاسنىڭ كېسەل يوقلىشى» ناملىق چۆچەكنى ئۆزگەرتىپ «گاس كۈيئوغۇل» ناملىق ئېتوتىنى يازغان. بۇمۇ تاماشىبىنلاردا ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قوزغىغان، كېيىن ئۇ يەنە «ئۇچرىشىش»، «ناباب دوختۇر، كاج بىمار»، «يېرىم دىدار»، «ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا»، «ئوغلۇمنىڭ تويى»، «تىلنىڭ سۆڭىكى يوق»، «ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئېتوت يېزىپ سەھنە، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ۋە VCD پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى»، «ھەۋەسكارنىڭ يېڭى ھەۋىسى»، «تۇماق سېتىش»، «يىراقتىكى موللا - داموللا»، «تىلنىڭ سۆڭىكى يوق»، «ئاجايىپ چۈش» قاتارلىق ئېتوتلىرى ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلىپ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىغان.
ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ ،تاماششىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ يېزىپ ئوينىغان ئېتوتلىرىنىڭ تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، تۇرمۇشچانلىقى كۈچلۈك، خەلق تىلىغا باي مەزمۇنلار بىلەن يۇمۇرىستىك تىل ھەم ھەرىكەتلەرنىڭ چەمبەرچاس گىرەلىشىپ، سەھنە تىلىدا ھەم ئوبراز يارىتىشىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقانلىقىدا، ئۇنىڭ قەشقەر شىۋىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ يېزىپ ئوينىغان ئېتوتلىرى ئاساسەن تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، ھەممىمىز كۈندە يولۇقۇپ تۇرىدىغان ۋەقەلىك بولغاچقا، تاماشىبىنلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كەلگەن .
ئابدۇكېرىم ئابلىز ھازىرغا قەدەر، «قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» ناملىق كىنو فىلىمى ۋە «باشقا قونغان ئامەت قۇشى»،«ئاخىرقى كۆل»، «دوزاخقا سەپەر»، «داپ»، «ساراڭ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقىنى، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىجرائىي رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىگەندىن سىرت، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «ئۈژمە كۆڭۈل يىگىت»، «ئازغۇن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم «ئۈچ باش»، «ئېگىز ئەخمەق، پاكار دىقماق، ئورۇق ئاۋاقنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى»، «ئابدۇكېرىم ئابلىز يۇمۇرلىرى» قاتارلىق كۈلدۈرگە ۋە يۇمۇرلۇق ئېتوتلارنىڭ رېژىسسورلۇقىنى مۇستەقىل ئىشلىگەن. ھازىرغىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەردىن «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «ئازغۇن»، «ئۈچ باش»، «ئابدۇكېرىم ئابلىز يۇمۇرلىرى» قاتارلىقلار بار.
ئۇنىڭ يەنە ھازىرغىچە 800 دىن ئارتۇق كىنوغا، 200 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ ، . 200 دىن ئارتۇق فىلىمنىڭ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى ئىشلىگەن. ئۇ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى قىلغان فىلىملەردىن «ئىللىق كۈز»، «مېنىڭ 1919-يىلىم» ناملىق كىنو فىلىمى ئاپتونوم رايون بويىچە «ساماۋى كۆۋرۈك» مۇكاپاتىغا ھەم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەجىمە قىلىپ ئىشلەنگەن فىلىملەرنى باھالاشتا «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .
ياش سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ يۇقارقىدەك ئېرىشكەن بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ھەم ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئەزىز كۆرۈرمەنلەردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە، ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بۇ ئوغلان مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت كۆۋرۈكىدىكى بىباھا گۆھەر. بىز بۇ ياش، تالانتلىق سەنئەتكارىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ تاماششىبىنلارغا مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولغان، ئىدىيىۋىي تەربىيىسى كۈچلۈك بولغان ئېتوت، كۈلدۈرگىلەرنى سۇنىشىنى ئۈمۇد قىلىمىز.
قاتناشقان فىلىملىرى
1994 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى
1995 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ باشقا قونغان ئامەت قۇشى
1996 - يىلى ھېكايە فىلىم __ ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى
1998 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ئاخىرقى كۆل
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ئۈچ باش
1999 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ دوزاخقا سەپەر
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ئېگىز ئەخمەق، پاكار دىماق
2000 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ داپ
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ساراڭ
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ چار خوراز
2001 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش
ناۋا كۈلكىلىرى
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ گۆردىن قاچقان ئۆلۈك
2002 - يىلى ھېكايە فىلىم __ قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى :
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ سەھرادىن كەلگەن دادا
2003 - يىلى تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ئازغۇن
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ساراڭنىڭ خىيالى
تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ ئادىمىي ھايۋان
2005 - يىلى ئابدۇكېرىم ئابلىز يۇمۇرلىرى
ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى
ھېكايە فىلىم __ تۇرپاندىكى مۇھەببەت ناخشىسى
2006 - يىلى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى
23 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات
2007 - يىلى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى
ھېكايە فىلىم __ مەمەتنىڭ 2008 - يىلى
2008 - يىلى ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېتوت كېچىلىكى
8 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى __ شىنجاڭ گۈلى
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|