ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى ھەققىدە
يوللانغان ۋاقتى: 02:03 28-04-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
ھەريىلى5-ئاينىڭ5-كۇنى«ئۇيغۇر دوپپامەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ
ھەريىلى5-ئاينىڭ5-كۇنى«ئۇيغۇر دوپپامەدەنىيەت بايرىمى» تەبرىكلىنىدۇ
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللى باش كىيىمى.
دوپپا-ئۇيغۇرلارنىڭ ئستىتىك قارىشىدا ئەكىس ئەتكەن تەبىئەت گۈزەللىكىنىڭ ئوبرازى. ئۇيغۇرلار بوستانلىق مەدەنىيتىگە قەدەم قويۇپ،شەھەرلىششكە يۈزلەنگەندىن تارتىپلا ماددى ۋە مەدەنىۋى تۇرمۇشىڭ سۈپەتلىك بولۇشىغا كۆپ تىرىشقان .جۇملىدىن كىيىم-كىچەك مەدەنىيتىدە تاشقى كۆرۈنۈشكە ،يارىشىمچانلىققا ئەھمىيەت بەرگەن.
ھەرخىل مىللەتلەر،ھەرخىل كەسىپ ،ھەر خىل ئىھتىياج تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان باش كىيىمىنى كىيىشىدۇ.ھەرقانداق باش كىيىمى ئىجتىمائى ئالاقىدە ئەڭ تىز ۋە بىۋاستە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.بۇگۇنكى دۇنيادا باش كىيىمى –بەزىدە كەسىپكە ۋەكىللىك قىلسا ،بەزىدە ئىجتىمائى ئورۇنغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.لىكىن ئۆزگىچە مىللى مەنىگە ۋە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان،ھەرقانداق ياشتىكى كىشىنىڭ كىيىشگە ماس كىلىدىغان،ئوبرازلىق سەنئەت تۇيغۇسى بىرەلەيدىغان،تەبىئەت بىلەن زىچ باغلانغان ئستىتىك زوق بىرەلەيدىغان باش كىيىمى بۈگۈنكى مەدەنىيەت ئالىمىدە كۆپ بولمىسا كىرەك.
بادام ، چىمەن قاتارلىق دوپپىلار-ئەمگەكچان،تەبىئەت ۋە گۇزەللىكنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجادىيتى .
كەڭرى كەتكەن ياۋرو-ئاسىيا يايلىقىدا ياشاپ كەلگەن بارچە تۈركى خەلقلەر ،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ خوشنىسى بولغان تاجىكلار،ئىسرائىلىيە يەھۇدىيلىرى ھەممىسى مەلۇم ئوخشاشلىققا ئىگە بولغان باش كىيمى كىيدۇ. مۇتەخەسسلەر ،تارىخشۇناسلار تارىم بوستانلىقىدا كىيىپ كەلگەن بادام ۋە چىمەن،چىكەن دوپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قول-ھۈنەر سەنئىتىنڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر دوپپىسىغا ئىگە بولۇش، بوۋا-مومىلىرىمىزدىن قالغان بۇ ئسل مەدەنىيەتنى داۋام ئەتتۈرۈش ،بۇلارنى تۇرمۇشىمىزدا گەۋدىلەندۇرۈش –بىز ئىز ئىزلىگۈچىلەرنىڭ زۆرۈر ئشى.
ئۇيغۇر دوپپىسى-ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىدۇر.
ئۇ كۆركەملىكى ، ئەپلىكلىكى ، مىللى جەلىبكارلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس ، بەلكى مەملىكىتمىزدە ياشاۋاتقان قىرىنداش مىللەتلەردىن خەنزۇلارنىڭ ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ شۇنداقلا ھەرساھە چەتئەللىك دوستلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئىرىشىپ كەلمەكتە. دوپپا كەيگەنلەر – كەيمىگەنلەرنى ھەۋەستە قالدۇرۇپ كەلمەكتە.
دوپپا –ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم مىللى ھەم دىنى باش كىيىمى بولۇش سۇپىتدە ئەنئەنىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىرگە كىشگە ئىللىق كەيپىيات،يىقىملىق تۇيغۇ بەخش ئىتىدۇ.ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىيىنىش ئستىتىك ئىڭنى ئەكىس ئەتتۇرىدۇ.قەدىمكى دەۋىرلەردىن ئىزچىل كىيىلىپ كەلگەن بۇ باش كىيىم ئەلۋەتتە نۆۋەتتىمۇ كىيىشكە ماس كىلىدۇ. ئۇ زامانىۋى ھەم كىلاسسسىك مەدەنىيەتكە ئورتاق ۋەكىللىك قىلالايدۇ.
دوپپا مۇئەييەن چەكلىك سورۇنلاردىلا ئەمەس،باشقا كۇندىلىك تۇرمۇش بىلەن باغلانغان ھەرقانداق مەدەنى، ئاممىۋى ۋە ئىجتىمائى سورۇنلاردا كىيىشكە ماس كىلىدۇ.
دوپپا –قانداقتۇر بىر سىنىپ ياكى بىردەرىجىگە ئەمەس ،بەلكى ئورتاقلىق ۋە باراۋەرلىككە،خۇراپاتلىققا ئەمەس،مەدەنىيلىككە ،ئارقىدا قىلىشقا ئەمەس –مەزمۇت قەدەم تاشلاشقا ،يىتىم قىلىشقا ئەمەس بىرلىككە ،ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە ئۇزۇلۇپ قىلىشى ئەمەس داۋاملىششقا،ۋارسلىق قىلىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
دوپپا مەدەنىيتى ھەققىدە
ناخشا ئۇسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن داڭلىق بولغان ئۇيغۇر مىللىتى ئۇزۇن تارىخىقا ۋە پارلاق مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە يىرىدە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. دوپپا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تىپىك قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمىدىن ئىبارەت. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدا ياكى شىمالىدا بولسۇن، ئەر- ئايال ، قىرى - ياش بولسۇن، مەيلى قىش ياكى باھار - ياز بولسۇن ، ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى دوپپا كىيىشكە ئادەتلەنگەن. ئۇ تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى بولۇپ قالماستىن بەلكى بىر خىل كۈچلۈك مىللى تۈسكە ئىگە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇمى.
دوپپا- ئۇيغۇرلارنىڭ گۈلتاجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر كىيىم- كىچەك مەدەنىيىتىدە ئەزەلدىن مۇھىم تۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەر قىتىم ھېيىت ئايەم، توي - تۆكۈنلەردە ، كۆڭۈل ئىچىش سورۇنلىرىدا بولسۇن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇققانلار ئۇچرىشىشى بولسۇن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ خىل نەپىس ئىشلەنگەن دوپپىنى كىيىپ ياسىنىدۇ. ئالاقە سورۇنلىرى، يىغىلىش ھەتتا دوپپا كۆرگەزمىسىدە ھەر خىل دوپپىلار كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. كىشىلەر نەپىس دوپپىلاردىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قالىدۇ. دوپپا يەنە كىشىلەر سوۋغا سۈپىتىدە باشقىلارغا سوۋغات قىلىنىدۇ، نەپىس سەنئەت بويۇمى سۈپىتىدە تىزىپ قويۇلىدۇ. ئۇنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ قالماستىن يەنە دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئالقىشقا ئىرىشمەكتە.
بۇ بىر قىسىم مۈنەۋۋەر قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئەت مىراسىنى يىغىش، رەتلەش، تەتقىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، مىللى سەنئىتى ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش، يىڭىلاش، ۋەتىنىمىز مىللەتلىرىنىڭ مەدىنىيەت سەنئەتنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشتە بەلگىلىك تۈرتكىلىك رولنى ئوينايدۇ.
تىكىلىشى :بۇ دوپپىلارنىڭ ھەممىسى تۇت تالا ئۇچ بولۇڭ شەكىللىك خىرىت بىلەن جۇپلەپ تىكىلىدۇ ،ئۇستىگە تەكشى كەشتىلەش ،تۇگۇپ زەر يىزىپ بىلەن يۇگەپ كەشتىلەش،كىرسىت شەكىللىك كەشتىلەش ئۇنچە مارجانلارنى تىزىپ تىۋېتلەپ كەشتىلەش ،كاتەكچى توسما توسما كەشتىلەش ،گىرەلەشتۇرۇپ كەشتىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەرخىل سىزىقلار ،قاپارتما كەشتە نەقىشلىرى ئارقىلق ئەڭ ئاخىردا قارا مەشۇت يىپ بىلەن گۇللەرنى بويلىتىپ كەشتىلەپ پوتكۇزۇلۇپ چىقىلىدۇ.
ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوپپا نۇسخىسى تۈرلىرىنىڭ كۆپ، شەكلى خىلمۇ- خىل. يىڭنە ئىشلىتىش ئۇسۇلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن: تەشمە تىكىش ئۇسۇلى، ئىلماپ تىكىش ئۇسۇلى، مارجان قىستۇرۇش ئۇسۇلى، گىئومىتىرىك تىكىش ئۇسۇلى، زەر يىپتا تىكىش ئۇسۇلى، + شەكىللىك تىكىش ئۇسۇلى .. قاتارلىقلار. تىكىش ئۇسۇلى: رەخت تاللاش، نۇسخا تاللاش، يىپ تاللاش، تىكىش، ئەستەرلەپ سىزىق- سىزىق ئارلىقىدىن پىلتىكۈچ بىلەن قەغەزدە پىلتە بېرىش، قوندۇرۇش، قېلىپقا سېلىش، ئىچىگە ناۋات سۈيى پۈركۈپ يات بېرىش. دوپپىنىڭ ماتىريالى ھەرخىل رەڭدىكى دۇخاۋا، مەخمەل، تاۋار- دۇردۇن، ئەستەر ئۈچۈن شايى ئەتلەس ياكى ئاددىي يىپ رەخت، مەشۇت يىپ، ( يىگىرمە تۆتتىن ئوتتۇز ئىككى خىلغىچە)، ئاق خەسە، قەغەز، شىلىم، ناۋات، جىيەك، قېلىپ، پىلتىكۈچ، گۈل نۇسخا تامغىسى( ئويما) قاتارلىقلار.
كۆپ قىسىم دوپپىلار قول ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ ئايرىمىسى بويىچە تۆت نوختا ئاساس قىلىنىدۇ. ئۆز ئارا جىپسىلاشتۇرۇش، يۈرۈشلۈك شەكىل، ئەڭ ئاخىرىسى قارا جىيەك تۇتۇش، ھەمدە قاتلاشقا ماسلاشقان بولۇپ، ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، بەش گۈل بەرگىسى(بەش بۇرجەكلىك) شەكىللىك دوپپىلارنى ئاز ساندا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما سانى بەك ئاز. دوپپا نۇسخىسىنىڭ جىيەك شەكلى كۆپ خىل ، نۇسخىلىرى ئۈزگىچە بولۇپ ئادەتتە تۆت گۈل بەرگىسى چىكىلگەن ئايرىم شەكىلگە ئىگە بولىدۇ. دوپپىنىڭ ئۈستى بىلەن تۆت جىيەك سىممىتىرىك كىلىدۇ. نۇسخا قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن تەھلىل قىلساق كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئىلماپ تىكىش، تۆشۈك تىشىپ تىكىش ئۇسۇللىرىدا بىر تەرەپتىكى ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلمىغا بىر ياكى ئىككى نۇسخا چۈشۈرۈشكە بولىدۇ. بىر ئۈچ بۇلۇڭلۇق قۇرۇلما بىر گورۇپپا قىلىنىدۇ. نۇسخىسى ئىنچىكە ۋە زىچ تىكىلىدۇ. تەگلىك تۇتۇقراق رەخىتلەردىن تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ تەگلىك رەڭ بىلەن گۈل رەڭىگى روشەن پەرقلىنىدىغان قىلىنىپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ ھەممە يىرىگە گۈل چىكىلگىنى چىمەن دوپپا دەپ ئاتىلىدۇ.
بادام دوپپا - گۈل نۇسخىسى بولسا بادامنى ئاساسىي شەكىل قىلغان بولىدۇ. يەنە قوشۇمچە گۈل چۈشۈرىلىدۇ. بۇ خىل دوپپىنى كۆپرەك ئەرلەر كىيىدۇ. ئادەتتە قارا تەگلىك ئاق گۈللۈك نۇسخىسىدا بولۇپ، شەكلى كۆپ، ئۆزگىرىشچان. بۇ خىل دوپپىلارنىڭ رەڭگى ئاددىي ھەم قەدىمىي ئۇسلۇپتا، كۆركەم، نەپىس، چىرايلىق. بۇنى ئادەتتە بادام دوپپا دەپ ئاتايدۇ. بۇخىل دوپپا شىنجاڭدىلا ئەمەس ئوتتۇرا ئاسىياغىمۇ كەڭ تارقالغان.
چىمەن دوپپا
دوپپا مەدىنيىتىگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ مەزمونلارنى قەلىب سەيناسىدا كۆرۈڭ
مەرھەمەت بۇيەرنى چېكىڭ.
|
------分隔线----------------------------