نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئىزنالار >

تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى

يوللانغان ۋاقتى: 03:33 28-04-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: admin كۆرۈلۈشى: قېتىم
نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىززىققۇچى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىپلا قالماستىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخ

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قىززىققۇچى چەتئەل ئالىملىرىنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپىيىپلا قالماستىن ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيىتى ۋە تارىخىغا قىززىققۇچىلارنىڭ ھەسسىلەپ ئارتىپ بارماقتا . ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەۋەرلەر ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرماقتا .

2010-يىل7- ئاينىڭ 17- كۈنى ، گېرمانىيە تېلىۋىزىيە قانىلى A RTE قانىلىدا فىرانسىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ تەكلىماكانغا كۆمۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى قېزىش جەريانى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر سائەتلىك ھۆججەتلىك فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىگە سۇنۇلدى .

مەزكۇر فىلىمدە ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ، ئاخىرقى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق بىر زامان ئۆز ۋەتىنىنىڭ يېپەك يولىنىڭ تۈگۈنى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ، دۇنيا مۇنبىرىدە دەۋر سۈرگەن سەلتەنەتلىك تارىخى ۋە مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى يورۇتۇپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، فىلىمدە ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنلىرى ئىشلەپ چىقارغان ئاجايىپ نەپىس ئۆي سايمانلىرى ۋە كىشىنىڭ زوقۇنى قوزغايدىغان رەڭلىك كىيىم - كېچەكلەر ئالاھىدە كۆرگەزمە قىلىنغان . تەكلىماكان قۇملىقىدىن تېپىلغان بۇ ئاسارە - ئەتىقىلەرنى فرانسىيە ئارخېئولوگلىرى ئۇيغۇر ئارخېئولوگى ئابدۇرۇسۇل ئىدرىس ئەپەندى بىلەن بىرگە قېزىپ چىقاغان .

بۇ فىلىمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ 1991 - يىلىدىن باشلاپ چەتئەل ئارخېئولوگلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىش ئېلىپ بېرىشقا يول قويغانلىقى ، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىزنالىرىنىڭ ئىلگىرى ۋەيران قىلىۋېتىلگەنلكى ، شۇنداق بولىشىغا قارىماي ، ئەگر تەكلىماكان قۇملىقىغا قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى ئىزچىل داۋام قىلغان تەقدىردە ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق مەدەنىيەت ۋە دۆلەت تارىخىغا ئائىت نۇرغۇنلىغان پاكىتلارنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئەسكەرتكەن ھەمدە قېزىپ ئېلىنغان جەسەتلەرگە كىيدۈرۈلگەن ئاجايىپ چىرايلىق كىيىم - كېچەكلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسەتكەن .

بۇ ئارخېئولوگىيە ئەترىتىگە تەكلىماكان ئەتراپىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى تۆگىلەر بىلەن يول باشلاپ ماڭغان بولۇپ ، ئۇلار كېرىيە ناھىيىسىنىڭ قارا دۆڭ رايونى ۋە يۇمۇلاق قۇم رايونلىرىدا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان .

ئارخېئولوگلار بۇ رايونلاردىن مۇمىيا قىلىنغان جەسەتلەرنى تاپقان . جەسەتلەرنىڭ مىلادىدىن ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرىكى دەۋرگە مەنسۇپلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سېرىق تەنلىكلەر ئېرقىغا ئەمەس ، بەلكى ھىندى - ياۋروپا قان تىپىدىكى ئاق تەنلىكلەر ئېرقىغا مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلار نىڭ ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر نەتىجىسىدە ئىسپاتلاپ ، جۇڭگو ئارخېئولوگلىرىنڭ كۆز ئالدىدا ئېلان قىلغان . ئىككى مىڭ يىللار ئىلگىرى تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە دەۋر سۈرگەن كېرىيە ھاكىمىيىتىگە ۋە مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغان بۇ يالدامىلار ئۈستىدىكى تەتقىقات ھېلىمۇ داۋام قىلماقتا ئىكەن . بولۇپمۇ يۇمۇلاق قۇم رايونىدىن تېپىلغان بەش نەپەر جەسەت پۈتۈن ساقلانغان بولۇپ ، جەسەتلەر ئورالغان يۇڭ رەختلەرنىڭ سۈپىتى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئارخېئولوگلارنى ھەيران قالدۇرغان . ئۇلار جەسەتنىڭ باش سۆڭىكى ۋە بەدەن ھالىتىنى ھەمدە كىيگەن ساپ مىللىيچە كىيىملىرىنى مودىل قىلىپ تۇرۇپ ، كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى يارىتىپ چىققان . كومپيۇتېردا يارىتىلغان بۇ قىياپەت تىپىك ئۇيغۇر قەدىمىي ئەجدادلىرىنىڭ سىماسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن .

بۇ فىلىمدە يەنە نامراتچىلىق چە بىچارىلىك ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ ، كېرىيە دېھقانلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈلگەن .

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە ، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدا فرانسىيە ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدىن باشقا ئەنگىلىيە ، تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترەتلىرىمۇ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن .


 

ياخشىكەن
(6)
85.7%
ناچاركەن
(1)
14.3%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر