مىھىربان شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .
ئىماننىڭ شەرىتلىرى نەچچە؟
جاۋاپ- يەتتە دۇر.
1-غەيىپكە ئىمان كەلتۇرمەك.
2-غەيىپ ئىشلارنى پەقەت ئاللاھ ئۆزى بىلىدۇ دەپ تونۇش.
3-جەننەت ۋە دوزاخنى كۆرمەي تۇرۇپ بارلىقىغا ئىشەنمەك .
4- ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىلەرنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلماق.
5- ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ ئىتىقاد قىلماق.
6-خەۋىپتۇر يەنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورۇقماقلىق .
7-رىجادۇر يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۇمۇتۋار بولماق.
ئىماننىڭ ۋاجىپلىرى قانچىدۇر؟
جاۋاپ -12دۇر .
1-ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولماق.
2-فاسىق ئاللاھنىڭ ئەمىرىنى تۇتمايدىغانلاردىن يىراق بوماق.
3-ئۇسۇزلارغا سۇ بەرمەك ھەتتا ھايۋانلارغىمۇ .
4-ئاغىرىقلارنىڭ ئەھۋالنى سورىماق .
5-غىرىپ مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالماق .
6-ئۆلۇك يۇيماق.
7-ئاداۋەتلىشىپ قالغان ئىككى ئادەمنى ياراشتۇرۇپ قويماق.
8-مەرھەمەت قولى بىلەن يىتىملەرنىڭ بىشىنى سىلىماق.
9-يول ئۇستىدىكى تاش چالمىلارنى ۋە باشقاھەر قانداق ئادەملەرگە ئازار بىردىغان نەرسىلەرنى يولدىن يىراق قىلماق.
10-يول ئۇستىدىكى نىجاسەتلەرنى كۆممەك.
11-قەبرىستانلىقلارنى زىيارەت قىلماق.
12-ئەھلى ئايال ۋە بالا چاقىلىرىغا دائىم ئىسلامى ئەدەپ- قائىدىلەرنى ئۇگىتىپ ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا يىتەكلەپ يامان ئىشلاردىن توسۇش يەنى دوزاقتىن قورقۇتۇپ جەننەتتىن ئۇمۇتۋار قىلماق .
ئاللاھ تالا ئىماننى نىمىدىن ياراتتى؟
جاۋاپ -ئاللاھ ئىماننى نۇردىن ياراتتى.
ئىمان دىگەن نىمە؟
جاۋاپ- ئاللاھدىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوقتۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دىگەنلىك.
ئىمان ئىتماقلىق مۆمىنلەرگە پەرىزمۇ؟ ۋاجىپمۇ؟ ياكى سۇننەتمۇ؟
جاۋاپ -ئىمان ئىتماقلىق پەرىزدۇر .
ئىماننىڭ ئەمىلى قايسىدۇ؟
جاۋاپ -ئىماننىڭ ئەمىلى ناماز، روزا،ھەج،زاكات ۋە باشقا تائەت ئىبادەتلەردۇركى بەندىدىن سادىر بولىدۇ ، بۇلارنىڭ ھەمىسى پەرىزدۇر.
شەرىئەتنىڭ ھۆكۇملىرى نەچچە تۇرلۇكتۇر؟
جاۋاپ -توققۇز تۇرلۇكتۇر.
1-پەرىز. 2-ۋاجىپ. 3 -سۇننەت. 4-مۇستەھەپ. 5-ھالال. 6-ھارام . 7 -مۇباھ. 8-مەكرۇھ. 9-چەكلەنگەن ئىشلار.
ئىسلامنىڭ ۋاجىپلىرى نەچچە؟
جاۋاپ- يەتتە دۇر .
1-سەدىقە فىتىرە بەرمەك 2-قۇربانلىق قىلماق 3-ۋىترى نامىزىنى ئوقۇماق 4-ئۆمۇرە تاۋاپ قىلماق 5-ئاياللار ئىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلماق 6-ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرمانىدا بولماق 7-ئۇرۇق تۇققانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرماق.
ئادەم باللىرىغا قايسى نەرسىلەرنى بىلدۇرۇش پەرىز؟
جاۋاپ- ئاللاھ تالانى بار ۋە بىر دەپ تونۇتماق پەرىز .
ئىماننىڭ بىشى دىگەن نىمە؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ بىشى ئاللاھدىن باشقا ھىچ بىر ئىلاھ يوقتۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر دىمەكتۇر.
ئىماننىڭ جىنى نىمە ؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ جىنى قۇرئان ئوقۇماقلىق.
ئىماننىڭ تىنى نىمە ؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ تىنى بەش ۋاخ ناماز ئوقۇماقلىق.
ئىماننىڭ يىلتىزى نىمە؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ يىلتىزى ئىخلاس.
ئىماننىڭ جايى نەدە؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ جايى مۆمۇنلەرنىڭ كۆڭلى دىلىدا .
ئىماننىڭ شىخى نىمە ؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ شىخى –تائەت ،ھايا ۋە تەقۋادارلىقتۇر.
ئىماننىڭ ئوزۇقى نىمە؟
جاۋاپ- ئىماننىڭ ئوزۇقى بىلىم ئۇگەنمەكتۇر.
ئىماننىڭ ھالاۋىتى نىمە؟
ئىماننىڭ ھالاۋىتى پاكلىقتۇر،ھارامدىن پاك بولۇش،ئىپپەتلىك بولۇش.
ئىبادەتنىڭ يىلىكى نىمە؟
جاۋاپ- ئىبادەتنىڭ يىلىكى دۇئا قىلماقلىقتۇر.
ئىماننىڭ مۇستەكەم تۇرۇشىغا نەچچە نەرسە شەرىتتۇر؟
جاۋاپ- ئۇچ نەرسە.
1-ئىمان بىلەن بولغىنىغا خوش بولۇش. 2
-ئىمانىنىڭ زاۋال بولۇپ كىتىشىدىن قايغۇرۇش.
3-ئىماننى سۆزىدە ياكى ھەركەتتە ۋە ياكى ئىتىقادتا خاراپ قىلغۇچى نەرسىلەردىن قورۇقماسلىق .
سۆزىدە بولغىنى شۇكى كىشى ئىماندىن چەتنەيدىغان سۆزنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە سۆزلىسە.ھەركەتتە بولىغىنى شۇكى كىشى مۇشۇ ھارام ئىشنى قىلسا ئىماندىن چەتنەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە قىلسا.ئىتىقادتا بولىدىغىنى شۇكى كىشى ھالالنى ھارام دەپ ياكى ھارامنى ھالال دەپ ئىتىقاد قىلسا بۇ ئىش كۇفۇرلۇققا ئىلىپ بارىدۇ.
ئىماننىڭ پەرىزلىرى نەچچە؟
جاۋاپ - تۆت دۇر.
1-ئاللاھنى بىر دەپ بىلىپ ،ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ئىتىقاد قىلماق.
2-ئاللاھقا ئىمان كەلتۇرمەك .
3-ئىماننى سالامەت قىلماق.
4-ئىماننى ئۆزى بىلەن ھەمرا بىلمەكتۇر.
مىھىربان شەپقەتلىك ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.
مۇسۇلمانمۇ سىز ؟
جاۋاپ- ئەلھەمدۇللاھى مۇسۇلماندۇرمەندۇرمەن.
قاچاندىن بىرى؟
جاۋاپ -ئەلمىساقتىن بىرى مۇسۇلماندۇرمەندۇرمەن .
ئەلمىساقنىڭ مەنىس نىمە؟
جاۋاپ -ئاللاھ تەلانىڭ قىيامەتكىچە يارتىلىدىغان ئادەم ئەۋلاتلىرىنى ئادەم ئاتىنىڭ ئۇچىسىدىن چىقىرىپ ئىمان ھەقىدە ئالغان ئەھدىسىدۇر مانا بۇ ئەھدىنى ئەلمىساق دەيمىز.
ئاللاھ تەئەلانى تونۇمسىز ؟
جاۋاپ -ئەلھەمدۇللاھ تونۇيمەن.
قانداق تونۇيسىز؟
جاۋاپ- ئاللاھ تەئەلا ھىچ نەرسىگە ئوخشىمايدۇ،ھىچ نەرسە ئاللاھ تەئەلاغا ئوخشىمايدۇ.
نەچچە سۇپەت بىلەن تونۇيسىز؟
جاۋاپ - ئون سۇپەت بىلەن تونۇيمەن.
ئۇ 10 سۇپەت قايسىلار ؟
1-سۇپىتى ئاللاھ تىرىكتۇر ھەرگىز ئۆلمەس، ئاللاھنىڭ تىرىكلىگى جان ۋە جىسىم بىلەن ئەمەس ،بەلكى ئۆزگە لايىق سۇپەت بىلەن تىرىكتۇر.
2-سۇپىتى بىلگۇچىدۇر ئاللاھنىڭ بىلمەكلىگى پىكىر، خىيال بىلەن ئەمەستۇر ،بەلكى ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن بىلگۇچىدۇر ،كائىناتتىكى نەرسىلەردىن ھىچ نەرسە ئاڭا مەخپىي ئەمەستۇر .
3- سۇپىتى ئاللاھ ھەر نەرسىنى خالىسا بولۇر،ھەر قانداق نەرسىنى خالىمىسا بولماس.
4-سۇپىتى ئاللاھ سۆزلىگىچىدۇر ئاللاھنىڭ سۆزمەنلىگى ئىغىز ۋە تىل بىلەن ئەمەستۇر،بەلكى ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن سۆزلىگىچىدۇر.
5-سۇپىتى ئاللاھ ئاڭلىغىچىدۇر ،ئاللاھنىڭ ئاڭلىماقلىقى قۇلاق بىلەن ئەمەس ،بەلىكى ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن ئاڭلىغۇچىدۇر.
6-سۇپىتى ئاللاھ كۆرگۇچىدۇر ،ئاللاھنىڭ كۆرمەكلىكى كۆز بىلەن ئەمەس ئۆزىگە لايىق سۇپەت بىلەن كۆرگۇچىدۇر .
7-سۇپىتى ئاللاھ ھەر ئىشقا كۇچى يەتكۇچىدۇر.
8-سۇپىتى ئاللاھ پەيدا قىلغۇچىدۇر ،يوقتىن بار قىلغۇچىدۇر.
يەنە ئىككى سۇپىتى بولۇپ بىر سەلبى يەنە بىرى تەنەززۇھ، سەلبنىڭ مەنىسى ئاللاھ جىمى ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكتۇر.
سىز كىمنىڭ بەندىسى؟
جاۋاپ- ئاللاھنىڭ بەندىسىدۇرمىز.
كىمنىڭ ئۇممىتى؟
جاۋاپ- مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۇمىتىدۇرمىز .
سىز كىمنىڭ دوستى؟
جاۋاپ- چاھاريەلەرنىڭ دوستىدۇرمىز،ئىبراھىم خەلىلۇلانىڭ مىللىتىدۇرمىز.
كىملەر سىزنىڭ قىرىندىشىڭىز؟
جاۋاپ- يەر يۇزۇدىكى مۆمۇنلەر بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىزدۇر.
دىنىڭىز نىمە؟
دىنىمىز ئىسلامدۇر، ئىمامىمىز يىتەكچى ،ئاساسىزمىز قۇرئاندۇر.
قىلبىڭىز قەيەردە؟
جاۋاپ- قىلبىمىز خانە كەئەبەدۇر.
چەھاريالارنىڭ ئىسمى شەرپى .
1-ئابۇبەكرى سىدىق. 2-ئۆمەر ئىبنۇلخەتتاب. 3-ئوسمان ئىبنۇ ئەففان. 4-ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ.
ئاللاھ دىنىمىزنى مۇستەھكەملەپ ھەمىمىزگە كۇچلۇك ئىمان ئاتا قىلىپ جىمىكى كىشىلەرگە ئىنساپ پاكلىق ۋىجدان، غۇرۇر ،شەرمى ھايا ۋە خاتىرجەملىك ئىناق بەخىتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغايسەن
ئامىن !
سالام ئۈرۈمچى ئونۋىرسال توربېكىتى
|