نورۇز ئېشىنى ئېتىش ئۇسۇلى
يوللانغان ۋاقتى: 03:21 21-03-2011 مەنبە: ئاشپەز مۇنبىرى ئاپتورى: بودەك كۆرۈلۈشى: قېتىم
1.نورۇز ئېشى ئېتىشئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار ( 10 كىشىلىك ) قوي قوۋۇرغا گۆشى1كلو ، قوي باڭزىسى 2 دانە ، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ، بۇغداي 1كلو
1. نورۇز ئېشى ئېتىش ئۈچۈن كېتەرلىك خۇرۇچلار ( 10 كىشىلىك )
قوي قوۋۇرغا گۆشى 1كلو ، قوي باڭزىسى 2 دانە ، قوينىڭ لوق گۆشى 300 گرام ،
بۇغداي 1كلو ، كۆكباش قوناق 200گرام ، نوقۇت 200 گرام ، گۈرۈچ 100 گرام ، كۆكپۇرچاق 100گرام ، ماش 100 گرام ، تېرىق 100گرام ، ئارپا 100گرام ، قىزىلپۇرچاق 100 گرام .
سۇ ماي 200 گرام ، قىزىلمۇچ 500 گرام، سەۋزە 1باش ، پىياز 1 باش ، پەمىدۇر 2 دانە ، ئاش كۆكى 100 گرام ، چانغۇر 500 گرام ، تۇرۇپ 200 گرام ، زەنجىۋىل 50 گرام ، سامساق 100 گرام ،
تۇز يېتەرلىك ، ئاچچىقسۇ 100 گرام ، قېتىق 50 گرام ، ئاقمۇچ 20 گرام ، شېكەر 30 گرام
2. تەييارلاش جەريانى :
1. 6 سائەت بۇرۇن بۇغداري ، پۇرچاقلار ، نوقۇت ، ئارپا ، تېرىق ، ماش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم ئايرىم قاچىغا سېلىنىپ يۇيۇلغاندىن كېيىن ئىلىمان سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ . كۆكتاتلار پاكىز يۇيۇلىدۇ.
2. بىر چوڭ قازانغا قوۋۇرغۇلۇق گۆش بىلەن باڭزىلار سېلىنىپ يېتەلىك سۇ ( 10 كلو ) قۇيۇلۇپ كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ كۆپۈگى ئېلىنغاندىن كېيىن ، ئوت پەسلىتىلىپ سۇس ئوتتا گۆش پىشقىچە قاينىتىلىدۇ . ئاندىن قوۋۇرغۇلۇق گۆش سۈزىۋېلىنىپ 10 بۆلەككە بۆلىنىدۇ .
3. شورپا قايناۋاتقان ۋاقىتتا ، سەۋزە ، چامغۇر ، قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر ، تۇرۇپلار كىچىك چاسا شەكىلدە توغرۇلۇدۇ ، سامساق ، پىياز ، زەنجىۋىللەر چانىلىدۇ ، ئاشكۆكى 2 سانتا ئۇزۇنلۇقتا توغرۇلىدۇ . لوق گۆش ئۇششاق چاسا شەكىلدە توغرۇلىدۇ
4. قازاندىكى شورپىغا چىلانغان بۇغداي قاتارلىقلار ۋە گۈرۈچ ، چامغۇر ، سەۋزە ، تۇرۇپ قاتارلىقلار سېلىنىپ بوش ئوتتا قاينىتىلىدۇ ، قازاننىڭ تېگىگە تارتىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن پات - پات ئارىلاشتۇرۇپ تۇرۇلىشى كېرەك .
5. يەنە بىر قازاننى ئوتقا قويۇپ ، ماي قۇيۇپ قىززىغاندا توغرالغان گۆشنى سېلىپ قورۇپ ئاقارغاندىن كېيىن ، پىياز ، سامساق ، زەنجىۋىل ، تۇز قىزىلمۇچ ، تۇز ، شېكەر ، ئاقمۇچ ، ئاچچىقسۇ ، سۇ قۇيۇپ تەمىنى تەڭشەپ قىيما ( يۈزلۈك ) قىلىنىپ ، تەييار قىلىنىدۇ .
6 . قازاندىكى بۇغداي قاتارلىقلار پىشقاندا تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشەپ ، قېتىقنى قۇيۇپ ، قاچىلارغا ئۇسۇلۇ پ ئۈستىگە قورۇۋالغان قىيما ۋە ئاش كۆكى سېلىنىدۇ .
ئالاھىدىلىكى : بۇ تۈركى ، تاجىك مىللەتلىرىنىڭ جەم بولۇپ باھارنى كۈتىۋېلىشتا ئىستىمال قىلىدىغان كاتتا تامىقى بولۇپ ، بۇنىڭ خۇرۇچلىرى كۆپ ، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى ، تۇزلۇق ، تاتلىق ، ئاچچىق ، چۈچۈك ، مەززىلىك ، پۇراقلىقتىن ئىبارەت ھەممە تەملەر تولۇق.
مەنبە:ئۇيغۇر ئاشپەز مۇنبىرى
|
------分隔线----------------------------