نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت

ئۇيغۇر فامىلىسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

يوللانغان ۋاقتى: 03:33 26-07-2011 مەنبە: رەشىد بلوگى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

 ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى

 دۇنيادا فامىلىسىز ياشاۋاتقانلاردىن ئافرىقا قىتئەسىدە ئاز ساندا قەبىلە - مىللەتلەر بار. مەدەنىي مىللەتلەر ئارىسىدا بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر فامىلە ئىشلەتمەي ياشاۋاتقان يالغۇزلا ئۇيغۇرلار قالدى.
    ھەر قانداق بىر ئۇيغۇردىن فامىلىڭىز نېمە دەپ سورىسىڭىز، دادىسىنىڭ ئىسمىنى دەيدۇ. ھەر بىر پەرزەنت دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە سۈپىتىدە قوللانغاچقا  فامىلە، ئۇ ئادەم بىلەن بىللە گۆرگە كىرىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بالىسىنىڭ فامىلىسىنىڭ ئۆمرىمۇ ئۇنى قوللانغۇچىنىڭ ئۆمرىدىن ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلاردا 10 ئەۋلاد بۇرۇنقى ئەجدادلىرىنىڭ ئائىلە شەجەرىسىنى بىلىدىغانلار بەك ئاز. بىر ئائىلە ئەزالىرى ئۆلىدۇ، تۇغۇلىدۇ، يەنە ئۆلىدۇ، 100 يىللار، 1000 يىللار ئۆتسىمۇ فامىلە ئۆلمەيدۇ. دۇنيادىكى مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ مەدەنىي ئەنئەنە مەۋجۇت.
    يېڭى دەۋر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە، تۇنجى فامىلە ئىشلەتكەن كىشى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى. ئايالى ماھىنۇر قاسىمى، ئوغلى ئادىل قاسىمى... ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلەردىن ھەممىمىزنىڭ خەۋىرى بار. ئەخمەتجان قاسىمىدىن ئۈلگە ئېلىپ فامىلە قوللانغانلاردىن بىرسى، سەيپىدىن ئەزىزى، ئايالى ئايىم ئەزىزى، قىزى ئارزۇگۈل ئەزىزى…سەيپىدىن ئەزىزى، ئۆزىگە ۋە ئائىلىسگە راۋا كۆرگەن فامىلىنى نېمىشقا خەلقىگە راۋا كۆرمىدى. (بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تارىخچىلار غا ھاۋالە قىلىمەن)بۇنىڭدىن مەلۇماتىم يوق.
 ئۇيغۇرلار ھېچ قاچان فامىلە قوللىنىپ باقمىغانمۇ؟ قوللانغان؛ -مەھمۇت كاشغەرىي. مەھمۇتنىڭ دادىسىنىڭ ئىسمى كاشغەرىي ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. <كاشغەرىي> فامىلىدۇر. <كاشغەرىي>سۆزىنى <تەخەللۇس>دېگۈچىلەر بار. بۇ خاتا. مەھمۇت كاشغەرىي ئەگەر <كاشغەرىي> دېگەن فامىلىسى يېرىگە، دادىسىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ قويغان بولسا ئىدى، <دىۋانى-لۇغەتىت تۈرك> ۋە ئاپتورىنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىنى قانداق ئىسپاتلايتتۇق؟ چۈنكى كىتابنىڭ ئىسمى <دىۋان لوغەتىت ئۇيغۇر> ئەمەس. مەھمۇت كاشغەرىينىڭ شەخسىي ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارمۇ ئىنتايىن ئاز ۋە يېتەرسىز. ئۇيغۇرلار، قايسى دەۋردىن باشلاپ فامىلە قوللىنىشنى تاشلىۋەتتى، نېمىشقا بۈگۈنگىچە فامىلە قوللىنىشنى ئويلاپ باقمىدى؟ بۇ تارىخچىلار ۋە جەمئىيەتشۇناسلارغا ئائىت تەتقىقات تېمىسى.
 21-ئەسىردىمۇ فامىلە قوللانماستىن <بىز مەدەنىي مىللەت>دەپ سۆزلەپ يۈرگەن ئۇيغۇر زىيالىيلار سىنىپى تارىخ ئالدىدا كوللېكتىپ ھالدا سوتقا تارتىلىشتىن، ئۇيات ۋە نومۇس ئىچىدە قېلىشىمىزدىن قورقۇشىمىز لازىم.
 چەت ئەللىك بىر دوستۇم بىر نەچچە يىل ئالدىدا مەندىن:
 -ئۇيغۇرلاردا فامىلە يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.
 -دادىسىنىڭ ئىسمى فامىلە، _ دېدىم. ئۇ كۈلدى ۋە:
 -دادىسىنىڭ ئىسمىنى سورمىدىم. فامىلە؟
 -يوق.
 -فامىلە قوللىنىشنى ئۇيغۇرلار خالىمامدۇ ياكى ******
                   مەن جاۋاب بېرەلمىدىم. يۈزۈم قىزاردى. راستىنى ئېيتسام، بۈگۈنكى كۈنگىچە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىرەر ئورگان <فامىلە> ھەققىدە دۆلەتكە دوكلات يېزىپ تەلەپتە بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. دېمەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزى فامىلە قوللىنىشنى ئىستىمىدى. بىراق، مىللەتلەر مەدەنىيەت تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋايى مىللەتلەردىنمۇ كېيىنگە تىزىملىنىشىنى ئويلىسام كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ، يۈرىكىمگە خەنجەر ئۇرۇلغاندەك ھېس قىلىمەن.
      بۈيۈك مۇۋاپپىقىيەتلەرگە ئېرىشكەن خەنزۇ مىللىتىنىڭ فامىلە قوللىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. فامىلە ئۇ مىللەتنىڭ ماددىي، مەنىۋىي ھاياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ۋە ئەڭ پەخىرلىنىدىغان تارىخى مەدەنىيىتىنىڭ بىرسى.
    بۈگۈن 1.5 مىليارتقا يېقىن نوپۇسقا ئىگە جۇڭگودا ئون مىڭدىن ئارتۇق فامىلە قوللىنىلىدۇ. جۇڭگو نوپۇس ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، جۇڭگودا، رەسمىي تىزىملىكتىكى ۋاڭ فامىلىلىكلەرنىڭ سانى 93 مىليون، لى فامىلىلىكلەرنىڭ سانى 92 مىليون، جاڭ فامىلىلىكلەرنىڭ سانى 88 مىليون. (ۋاڭ-پادىشاھ دېگەن مەنانى بىلدۈرىدۇ. ئۆزلىرىنى پادىشاھ ئائىلىسىدىن كەلگەن دەپ ھېسابلىغانلار فامىلىسىنى ۋاڭ قويغان).
    جۇڭگو تارىخىي مەنبەلىرىدە، خەنزۇلارنىڭ فامىلە قوللىنىشىنىڭ 5-6 مىڭ يىلغا قەدەر ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى يازىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان مەشھۇر ئالىم گۇ يانۋۇ جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمى فامىلىلەرنىڭ 22 ئىكەنلىكىنى، تارىخنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزى فامىلە ئەزالىرىنىڭ تامامەن يوقاپ كېتىپ فامىلىنىڭ يوقىلىشىغا، بەزى يېڭى فامىلە ئەزالىرىنىڭ پەيدا بولۇپ فامىلىنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چىن شىخۇاڭ جۇگگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن باشلاپ 2000 يىللىق فېئودالىزم دەۋرىدە كۆپ قېتىم خاندانلىقلار ئالماشتى. فامىلىلەرمۇ ئالماشتى , كۆپەيدى ۋە بۈگۈنكى ھالغا كەلدى.
     ئۇيغۇر مىللىتىگە فامىلە قوللىنىشنى يولغا قويۇش تامامەن ئۆز تىرىشچانلىقىمىز بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىر مەسىلە. <ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى>دا قورسىقىنىڭ تويغان ياكى تويمىغانلىغىنى قورسىقىنى بېسىپ بېقىپ بىلىدىغان <خەلق ۋەكىللىرى>لا يوق. بىلىملىك، ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان زىيالىيلارمۇ بار. ۋىجدانلىق ئۇيغۇر باشلىقلارمۇ بار. خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزسىلا بولىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت سۈپىتىدە فامىلە قوللىنىشى،باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەلكى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا، بۈگۈنكىدەك ئىسىم _ فامىلىنىڭ ئوخشاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    بىز بىلەن ئوخشاش تىل، دىن، ئېتنىك قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ فامىلىسى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادا روسلار فامىلە قانۇنىنى 30.يىللاردىلا چىقارغان. بەزىلەر <ئوپ-پوپ> فامىلىسىنى قوللۇنىشنى داۋام قىلسىمۇ، بەزىلەر مىللىي فامىلە قوللانماقتا. تۈركىيىدە بولسا فامىلە قانۇنى 1934-يىلى6-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجىلىسىدە قوبۇل قىلىنغان.  بۇ قانۇندىن بۇرۇن كىشىلەر؛ ئاغا، ھاجى، ئەپەندى، خوجا (ئۇستاز)، ھانىم..دېگەندەك ئۇنۋان ياكى لەقەملەرنى قوللىناتتى. يېڭى قانۇندىن كېيىن ئۇيغۇر، ئۆزبېك، تارىم، پامىر، جۇڭغار، گۈلتەكىن، ئاي تېكىن<ئىسىملىرىنى ئۆزلىرىگە فامىلە قىلىپ ئالغان ئاھالە ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۈگۈن تۈركىيىدە ئۇيغۇر فامىلىسى بولغانلار 2 مىليوندىن ئارتۇق، ئۆزبېك فامىلىسى بولغانلاردىن 5 مىليوندىن ئارتۇق كىشى بار. قەشقەر، تاشكەنت، ئاقسۇ، قاراقاش، پامىر> فامىلىسى بولغانلارمۇ مىليوندىن ئارتۇق.
    فامىلە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيلىشىش تارىخى باسقۇچىنى تەتقىق قىلىشتا، ئۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆلچەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
    فامىلە مەسىلىسى، ئۇيغۇر زىيالىيلار سىنىپىنىڭ چۈشىنىشىگە، ئىزدىنىشىگە، چارە تېپىشىغا تەقەززا مەسىلىلەردىن بىرى.
    100 ۋاگوننى بىر پاراۋوز سۆرەپ ماڭالايدۇ. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش  مىللەتلەرنىڭ پاراۋۇزى-زىيالىلار قوشۇنىدۇر. گەرچە، ئۇيغۇر زىيالىيلىرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىىنىڭ يۈرىكىدە مەسىلە بار،ھەددىدىن ئارتۇق ئېھتىياتچان، بوينى مائاش سىرتمىغىدا باغلىۋېتىلگەن كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق توسالغۇ ۋە مەسىلىلەرنى يۈرىكىدە ھېس قىلىۋاتقان، مېڭىسىدە تەپەككۇر قىلىۋاتقان بىر قوشۇن.
    ئۇيغۇر زىيالىيلار قوشۇنى-سان ۋە سۈپەت جەھەتتە سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە زورايماقتا. ئەپسۇسلىنارلىقى؛ بۇ پارغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان كۈچىنى ئېنېرگىيىگە ئايلاندۇرۇپ ئۆز خەلقىنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تولۇق تەقدىم قىلىش يولىدا، لازىم بولغان بىرلىك ۋە جاسارەتكە ئىگە بولالماسلىقى.
    بىز ئۇيغۇرلار 21-ئەسىرلەردە، ناخشا-ئۇسسۇلدا بىرىنچى بولۇشىمىز بىلەن پەخرلىنەلەيمىز ۋە پەخىرلىنىشكە ھەققىمىز بار. ئەمما، 21-ئەسىردە،< فامىلىسىزلىكتە، ئەيدىزدە، ئىشسىزلىقتا، ئىناقسىزلىقتا، ساۋاتسىزلىقتا، ئاجرىشىپ بالا يېتىم قىلىشتا، يوقسۇللۇقتا>ئېرىشكەن بىرىنچىلىكىمىز بىلەن پەخىرلىنىشكە ئامالسىزمىز.
        بۈگۈر، غۇلجا ئاستانادىن 50 يىل، قەشقەر شاڭخەيدىن 100 يىل ئارقىدا تۇرماقتا.
    بىر تەرەپتىن تەكلىماكاننىڭ قۇم-بورانلىرى، بىر تەرەپتىن مەدەنىي مىللەتلەر بەيگىسىنىڭ چاڭ-تۇزاڭلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىپ، تەقدىرىمىزگە تەن بېرىشنى، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇر مىللىي خاراكتېرىنىڭ قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
                     بىز ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ، خەلقئارانىڭ شەرت-شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، ئۆز خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ۋە كېلەچەك يولىنى توغرا كۆرسىتىش ئۈچۈن قانداق لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايمىز؟ لايىھىلەرنى خەلقىمىز ئىچىدە قانداق ئەمەلىيلەشتۈرەلەيمىز؟
     ۋاقىت-داۋاملىق چۈشىنىش،سۈكۈت قىلىش،ۋىجدانى ئازاب چېكىش ۋاقتى ئەمەس.قارار بېرىش،ھەرىكەت قىلىش ۋاقتىدۇر.
        فامىلە ئىشلىتىشتەك مۇشۇنداق يوللۇق بىر ھوقوقىمىزنى نېمە ئۈچۈن ھازىرغىچە ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرالمىدۇق، بۇنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئەمەلگە ئاشۇرۇش دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا خىلاپمۇ؟ مەنچە زىت ئەمەس. ئەكسىچە قانۇنلارمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنى قوللايدۇ، شۇڭا بىز ۋە ئۈستىمىزدىكى شۇ باشلىقلارىمىز بۇ مەسىلىنى ھېچ قورقماستىن  ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.
 
   كېلىڭلار قېرىنداشلار، دوستلار بۇ قېتىم بىز بۇ يەردە بۇ مەسىلىنى يەنە بىر قېتىم مۇنازىرە قىلايلى ۋە بۇ ئىش پۈتكەنگە قەدەر ھېچ بوشاشمايلى، بىلىدىغان تونۇيدىغان ئالىم، تىلشۇناس، زىيالىي ۋە باشلىقلىرىمىز بولسا ئۇلارنى بۇ يەرگە تەكلىپ قىلايلى ۋە ئاخىرى ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرايلى...
 سىز، ئائىلىڭىز، جەمەتىڭىز ۋە بالىلىرىڭىز فامىلىسىز(تەگئاتسىز) قالمىسۇن!!!
   ئۇيغۇرىڭىز فامىلىسىز قالمىسۇن!!! 

ياخشىكەن
(5)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>