ناغرا — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ ئەسۋابى، نەچچە مىڭ يىللىق سەنئەتكە باي ئۇيغۇر خەلقى خىلمۇ–خىل دۇمباق مۇزىكىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك سەنئەت ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇيغۇر خەلق ناغرىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى ۋە مۇكەممەل ئورۇنلاش سەنئىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ خىل تېمىدىكى مۇزىكىلارنى ئىجاد قىلدى. ناغرا خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، بەلكى خەلق سەنئەت خەزىنىسىدىكى گۈللەرنىڭ رەناسىدۇر. بىراق، تارىختىكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ پۇراقلىق گۈلىنى كىشىلەر ناھايىتى ئاز چۈشىنىپ يەتتى. مىللەتلەر ئارا بولغان چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش يۈزىسىدىن ناغرا ھەققىدە بىلگەن چۈشەنچىلىرىم ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن. نامۇۋاپىق ۋە تولۇق بولمىغان يەرلىرىنىڭ بولۇشى تەبىئىي، كىتابخانلارنىڭ تەنقىدىي كۆرسىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناغرىنىڭ كېلىش مەنبەسى ناغرا تارىخى ھەققىدە سۆز ئېچىشتىن ئىلگىرى گەپنى يەنىلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىلىرىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. مەلۇمكى، سۈي، تاڭ دەۋرىدىلا غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى (ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئاساس قىلىپ)جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تارالغان، شۇنداقلا ئوردا مۇزىكىلىرىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىگە ئايلانغان. مۇشۇ مۇزىكىلارنى ئورۇنلاشتا ئىشلىتىلگەن چالغۇ ئەسۋابلار ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ناغرا–دۇمباقلارلا سەككىز خىلدىن ئارتۇق. بۇنىڭدا كۈسەن (بۈگۈنكى كۈچار)مۇزىكىلىرىدىن تەڭكەش قىلىنىدىغان مويۈەن ناغرىسى، قوتان ناغرىسى، دارا ناغرىسى، خۋتى ناغرىسى، جىلۈي ناغرىسى، ياۋگو ناغرىسى، چىكۇ ناغرىسى ۋە چىشۇ ناغرىسى قاتارلىقلار بار («يېڭى تاڭنەمە مۇزىكا تەزكىرىسى»گە قارالسۇن). بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرى ئىچىدە ناغرا–دۇمباقلار 2–ئەسىرگە كەلگەندە ناھايىتى تەرەققىي تاپقان. «شاپائەتلىك ئىبادەتخانا ھەزىرەتلىرى تەزكىرىسى»دىن شۇنى كۆرگىلى بولىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى غەربىي يۇرتنىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە مېھمانلارنى قارشى ئالغاندا، زىياپەت بەرگەندە ناغرا–دۇمباق، سۇناي، كاناي چېلىناتتى. شۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ناغرا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى خېلى بۇرۇنلا مېھمانلارنى قارشى ئالغاندا ۋە زىياپەتلەردە چېلىناتتى، بىراق مىللەتلەرمۇ كۆپ مەنبەلىك بولغىنىدەك، مىللىي سەنئەتنىڭمۇ مۇتلەق ساپ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس. تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىمىدا مىللەتلەر ئارا بېرىش–كېلىش، سەنئەتتىكى ئۆزئارا سىڭىشىش سەۋەبىدىن مۇقەررەر ھالدا مىللەتلەرنىڭ سەنئىتىدىمۇ نۇرغۇن ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ، يەنى ئۇنىڭ ئۇسلۇب، ماھارەت ھەتتاكى مەلۇم ئاتالغۇلىرىدىمۇ ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇيغۇر چالغۇ ئەسۋابلىرى ئىچىدىكى «ناغرا» ئىسمىنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ بۇنىڭ بىر مىسالى. يۇقىرىقىلارغا ئاساسلانغاندا، سۈي، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتىن جۇڭگوغا كەلگەن مۇزىكىلار ئىچىدە ناغرا، دۇمباقلار گەرچە كۆپ بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ناغرىچىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىرسىمۇ يوق. بەلكى بۇنىڭدا ئىككى خىل ئەھۋال بولۇشى مۈمكىن. بىرىنچىسى— «يېڭى، كونا تاڭنە»دە دېيىلىشىچە، غەربىي يۇرت مۇزىكىلىرىنىڭ دۇمباق ئىسىملىرى ھەرگىز مۇزىكا ئىسىملىرى ئەمەس. «ناغرا» چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ بىر خىل ئاتىلىشى، ئىككىنچىدىن—«ناغرا» كېيىن پەيدا بولغان ئىسىم بولغانلىقتىن، «كونا–يېڭى تاڭنامە»دە كۆرسىتىلمىگەن. ئۇنداق بولسا، ئەھۋال زادى قانداق؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ھەرئىككىلىسى مەۋجۈت. «ناغرا» ئەرەبچە «نەفەرە» سۆزىنىڭ بۇزۇپ ئېيتىلىشىدىن كەلگەن. بۇ ئىككى خىل ۋارىيانتقا ئىگە: 1. كومزەك ناغرىسى: بۇ ناغرىنىڭ شەكلى كومزەككە ئوخشىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان. 2. ناغرا تۈركۈمى. بۇ كۆپ ناغرىلارنىڭ تەڭكەش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى خىل ۋارىيانت ئۇيغۇر ناغرىسىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن. ئۇيغۇر ناغرىسى ئەسلى مىستىن قۇيۇلغان قاچىغا كېرىلىدۇ. ئۈستىنىڭ دىئامېتىرى 25سانتىمېتىر، ئاستى قىسمىنىڭ دىئامېتىرى 15سانتىمېتىر بولۇپ، ئېگىزلىكى 24سانتىمېتىر كېلىدۇ. شەكلى جەھەتتە ئۈستى چوڭ، ئاستى كىچىك بولۇپ، خۇددى گۈل قاچىسىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناغرا كۆپ ناغرىلارنى تەڭكەش قىلىپ ئورۇندىلىدۇ. شىمالىي شىنجاڭدا ئۈچ جۈپ ناغرا بىلەن بىر دۇمباق، بىر سۈناي، ئىككى چوڭ كارنەي بىر يۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا بولسا ئىككى ناغرا بىلەن بىر دۇمباق بىر يۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. بۇ پەقەت ساندىكى پەرق. بىراق بۇنىڭدا ئورۇنلانغان مۇزىكا مۇتلەق بىرخىل. شۇنىڭدىن قارىغاندا، «ناغرا» دېگەن ئاتالغۇ ھەم چالغۇ ئەسۋابىنىڭ ئىسمى ھەم بىرلىكتە ئورۇنلانغان مۇزىكىلارنىڭ ئىسمى، بۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىدا كۆرۈلمەيدۇ؟ بۇنىڭدا يۇقىرىقىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «ناغرا» دېگەن بۇ ئاتالغۇ كېيىنكى مەزگىلدە پەيدا بولغان، «ناغرا» ئۇ «نەفەرە» دېگەن ئىسىمدىن ئۆزگەرگەنىكەن، دېمەك، بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ ھەقتە بىز باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ناغرا مۇزىكىلىرىدىن ئىسپات تاپالايمىز. مەسىلەن، مىسىرلىقلار «نۇققارىيە» دېسە؛ سۈرىيىلىكلەر «نۇفىرە»، پارىسلىقلار «نەفىرى» دەيدۇ. مانا بۇ ئاتالغۇلار «ناغرا» دېگەن ئىسىمغا ناھايىتى يېقىن، شۇنداقلا ناغرىنىڭ شەكلىمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ. شۇڭا ناغرا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن تارتىپ چوكا بىلەن چالىدىغان چالغۇ ئەسۋابى بولۇپ، زىياپەت بەرگەندە، مېھمان كۈتكەندە بۇنى چېلىش—ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمدىن كېلىۋاتقان ئادىتى. بۇمۇ خۇددى ئۇلارنىڭ ئەدەبىياتىغا ئوخشاشلا ئىسلام دىنى كىرگەندىن كېيىن ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى بىلەن چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. «ناغرا» دېگەن بۇ ئىسىممۇ يېڭى سەنئەت شەكلىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، قەدىمكى يىپەك يولىغا جايلاشقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جۇڭگو ۋە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتىنى بېيتقانلىقى ۋە مۇكەممەللەشتۈرگەنلىكىنىڭ يۈكسەك نامايەندىسىدۇر. «ناغرا» دېگەن بۇ ئاتالغۇ كېيىنرەك پەيدا بولغان بولسىمۇ، تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان بىر خىل مۇزىكا ئەسۋابى بولۇپ ئۇزاق تارىخقا ئىگە. بۇنى «ناغرا» ھەققىدىكى رىۋايەت ۋە باشقا تارىخىي ماتېرىياللاردىن بىلىۋېلىشقا بولىدۇ. رىۋايەتلەردىن قارىغاندا ئوغۇزخان خانلىققا چىقىش يارلىقىنى يەتكۈزگەندە ناغرا، دۇمباق چېلىپ تەنتەنە قىلىشقان ۋە يەنە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن جەڭلەردە «شېرىيان» پەدىسىگە ناغرا، دۇمباق چېلىپ جەڭگە ئاتلانغان. پارىس تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا بۇ ۋەقە ئىسلام دىنى كىرىشتىن ئىلگىرى بولغانىكەن. يىغىپ ئېيتقاندا، بىز «ناغرا» سىرتتىن كىرگەن دېگەن سۆزگە ئانچە قوشۇلمايمىز. بىزچە ئېيتقاندا، ئۇ ئۇيغۇر كلاسسىك ناغرا مۇزىكىلىرى ئاساسىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، «ناغرا» دىن ئىبارەت بۇ سەنئەت شەكلىنى تېخىمۇ مۇكەممەل بېيتقان ۋە تولۇقلىغان. ئەرەب مەدەنىيىتىنىڭ سىڭىپ كىرىشى ئارقىسىدا زور مىقداردىكى ئەرەب تىلىمۇ ئىستېمال قىلىندى. شۇ سەۋەبلىك «ناغرا» دېگەن بۇ ئاتالغۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مۇزىكىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ قالدى. بۇ ئاتالغۇنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەدەبىيات–سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ باسقۇچلىقى بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. شىمالىي ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «ناغرا»سى نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟ «ناغرا» ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىمكى مۇزىكىسى ئىكەن، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئوخشاش بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭ ناغرىسى ئوخشاش بولمايدۇ؟ توغرا، مەيلى ياسىلىشتا بولسۇن ياكى تەڭكەش قىلىشتا بولسۇن جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭ ناغرىسىدا پەرق بار. مەسىلەن، ناغرا قېپى سېرىق مىستىن قۇيۇلىدۇ، بىراق مىس يوق ئورۇنلاردا چۆيۈندىن قۇيۇلىدۇ. بۇ خىل ئوخشاشماسلىق ماھىيەتتىكى پەرق ئەمەس. بەلكى كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىق پاراسىتىنىڭ ئىپادىسىدۇر. شەكلى، ئۆلچىمى جەھەتتىن ئېيتقاندا، ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. پەقەت سۈپەت مەسىلىسىدە شارائىت تۈپەيلى شۇنداق بولغان. بۇندىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭدا بىر يۈرۈش ناغرا، ئىككى ناغرا، بىر دۇمباق بىرلىك قىلىنسا، شىمالدا ئۈچ يۈرۈش ناغرا، ئالتە ناغرا، بىر دۇمباق، بىر سۈناي، ئىككى كارنەي بىرلىك قىلىنىدۇ. بۇمۇ ئورۇنلاش شەكلىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكى بولۇپ مۇزىكا پەدىلىرى بىلەن ئۆزگىرىشلىرىدە پەرق بولمايدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئوخشاشماسلىق سۈپەتنىڭ پەرقى بولماي، بەلكى شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئۆزگىچىلىك دەسلىپىدە مەۋجۈت بولماستيىن بەلكى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قەدەم سۈرئىتى ۋە ھەرخىل شەرت–شارائىتنىڭ رولىدىن بولغان. مەلۇمكى، قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ غەربىي–جەنۇبىي ئېغىزىغا ئىسلام دۆلەتلىرى جايلاشقان. ئىسلام دىنى مۇزىكا ۋە گۈزەل–سەنئەتكە ئۇنچىلا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدۇ، شۇڭا بۇ جەھەتتە كونسېرۋاتىپلىق ۋە كەمسىتىش ئىدىيىسى شەكىللەنگەن. ئەكسىچە قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ شىمالىي ئېغىزىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلاردا كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرى مەۋجۈت بولۇپ، بۇ ھال شىمالىي ئېغىزدىكى كىشىلەرنىڭ كونسېرۋاتىپلىق ئىدىيىسىگە زەربە بېرىپ كۆپ خىل مەدەنىيەت شەكىللىرىنى بەرپا قىلدى ۋە بېيتتى. تارىخنىڭ ئۇزۇن ئېقىمىدا جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈكسەك ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھۇجۇدقا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، بىراق تەرەققىيات ئاستا بولغان. شىمالىي شىنجاڭ دەسلەپكى مەزگىلدە ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ناھايىتى تېزلا تەرەققىي قىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچقۇنلىرىنى چاقناتتى. مۇشۇ خىل پەرق يېقىنقى زاماندا تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندى. ناغرا مۇزىكىسىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەكلەن پەرقى يەنىلا يېقىنقى بىرقانچە يۈز يىللاردىن بۇيانقى ئىش. ئېيتىشلارغا قارىغاندا بۇندىن ناھايىتى بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسيادىكى مەلۇم بىر پادىشاھ قېرىپ قالغاندا دۆلەتنى ئىككىگە تەڭ بۆلۈپ، ئىككى ئوغلىنىڭ تەڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپتۇ. كېيىنرەك ئىككىسى بىر–بىرى بىلەن چىقىشالماي، لەشكەر تارتىپ جەڭ قىلىشىپتۇ، چوڭ ئوغۇل جەڭدە ئۈچ يۈرۈش ناغرا بىر دۇمباقنى تەڭكەش قىلىپ چالغانىكەن، بۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قارشى تەرەپ ۋەھىمىگە چۈشۈپ، ئاخىرى تولۇق غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. ئەنە شۇندىن تارتىپ ئۈچ يۈرۈش ناغرىنى تەڭكەش قىلىپ چالىدىغان بوپتۇ. ئەگەر مۇشۇ رىۋايەت ئىشەنچلىك بولسا شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئۈچ يۈرۈش ناغرا چېلىشى شۇنىڭدىن تارقالغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈگىنىشكە ماھىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ئاتاش ئىشەنچسىز بولسا ئۈچ بىلەن بىرنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈشكە بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئۈچ يۈرۈشنىڭ بىر يۈرۈشكە قارىغاندا ئىپادىلەش كۈچى زور. بۇمۇ سەنئەت ئەمەلىيىتىدىكى ئىلگىرىلەش، شۇڭا جەنۇب بىلەن ماھىيەتتە ئوخشاش، يەنىمۇ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھازىر چېلىنىۋاتقان ناغرا پەدىسى ئىككى پەدە بولسا، شىمالىي شىنجاڭدا چېلىنۋاتقان پەدە ئون ئىككى پەدە. بۇمۇ ماھىيەتتىكى پەرق ئەمەس. ناغرا—ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى مۇزىكىسى. ئۇنىڭ ئاۋازىنى تېخىمۇ مۇڭلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىلەر جەريانىدا ئىزدىنىش، تۈرلۈك مۇزىكا ئاھاڭلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ناغرىسىنىڭ ئون ئىككى پەدىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇمۇ خۇددى ئون ئىككى مۇقامغا ئوخشايدۇ. بىراق تارىختىكى ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى يەرلىرى ئۇنتۇلۇپ تارقالماي قالدى. خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ زور مىقداردىكى كۈسەن مۇزىكىلىرى تارقالمىغانغا ئوخشاش. كېيىنكى ئەۋلادلار پەقەت نامىنىلا بىلىدۇ، ئۆزىنى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ پەقەت ئىككى پەدە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئون ئىككى پەدە. بۇ پەرقلەر بىزگە شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، ناغرا ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ راۋاجلانغان. ئاتالمىسىدىن تارتىپ ھەر پەدە چۈشۈرگىسىگىچە ئۇنىڭ تارىخىي ئىزناسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ناغرا مۇزىكىسىنىڭ پەدىسى ۋە چۈشۈرگىلىرى ناغرا خەلق ئىچىدە كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەت شەكلى. 19–ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئۆتكەن ھېيتكام، سېيتكام، پالتاخۇن ئاكا ۋە ھەسەن ئاخۇن ئاكا قاتارلىق ناغرىچىلار ئىلىغا ناغرىنى تارتىپ ئۇنى راۋاجلاندۇرغان. كېيىنرەك مۆمىن، ئابدۇكېېرەم، يۈسۈپباي، ئەقتەم، ئىمىن ئەپەندى ۋە مەھەممەت نىياز قاتارلىق ناغرىچىلار ھەمدە بۇرھانىدىن، ئەيساكام قاتارلىق سۈنايچىلەر ئىلى ناغرىسىنىڭ يەنىمۇ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ناغرىنىڭ ئىلىدىكى تارىخى ئانچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئەڭ قىممەتلىك جايى شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، يۇقىرىدا ئىسىملىرى زىكرى قىلىنغان ئۇستىلار ئۆزلىرىنىڭ يۈرەك–قانلىرىنى سەرپ قىلىپ، ناغرىنىڭ 50تىن ئارتۇق چۈشۈرگۈلىرىنى ۋە سۈناي، كارنايلەرنى تەڭكەش قىلىدىغان قانۇنىيەتلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن تولۇق ساقلاپ قالالىدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلى ناغرىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈردى. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ناغرىنىڭ ئەسلىدىكى ئىككى پەدىسى يوقاپ كەتكەنىدى. ھازىر چېلىنىۋاتقان پەدىلەرنى يېشى 70تىن ھالقىغان ئىمىن ئەپەندى باشقا كلاسسىك مۇزىكىلارغا ئاساسلىنىپ تولۇقلاپ قۇراشتۇرغان. بىرنەچچە ئون يىللىق ناغرا چېلىش ئەمەلىيىتى جەريانىدا بۇ پەدىلەر خەلق ئاممىسىنىڭ ماقۇللىقىغا ئېرىشتى ۋە كەڭ تارقالدى. ھازىر ئىلى رايونىدا چېلىنىۋاتقان ناغرىنىڭ ئون ئىككى پەدىسى تۆۋەندىكىچە: 1. سەنەم (ئۈچ چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 2. قوش سەنەم (ئۈچ چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 3. مۇشاۋۋىرەك (تۆت چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 4. سەيلىگاھ (ئۈچ چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 5. ئۆلەن (ئۈچ چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 6. گۈلۈم (تۆت چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 7. رۇخسارى (تۆت چۈشۈرگۈ بىلەن تاماملىنىدۇ) 8. رۇخسارەگۈل (بەش ئۆزگىرىش بىلەن تاماملىنىدۇ) 9. سەھەريار (ئالتە ئۆزگىرىش بىلەن تاماملىنىدۇ) 10. شېرىبان (ئىككى ئۆزگىرىش بىلەن تاماملىنىدۇ) 11. كۆركەم (تۆت ئۆزگىرىش بىلەن تاماملىنىدۇ) 12. راك (بەش ئۆزگىرىش بىلەن تاماملىنىدۇ) يۇقىرىقى ئون ئىككى پەدىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ تېمىسى ناھايىتى كەڭرى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىشقى مۇھەببەت، ئوۋچىلىق ۋە دىنىي ئەقىدىلەر تەسىۋىرلەنگەن. بۇ يالغۇز ئۇزۇن تارىخ ۋە كەڭ ئاممىۋىلىقنىلا نامايەن قىلىپ قالماي، بەلكى ناغرا مۇزىكىسىنىڭ جۇڭگو ۋە غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ راۋاج تاپقانلىق پاكىتىنى ئىسپاتلايدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كۈندۈلۈك تۇرمۇشى بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى تولۇق شەرھىيلەپ بېرىدۇ. ناغرا مۇزىكىسى جەمئىي 12پەدە بولۇپ، بەزى پەدىسى بەلگىلەنگەن شارائىتتا چېلىنىدۇ، بەزىلىرى ئۇنداق ئەمەس. مەسىلەن، «مۇشاۋۋرەك»،«سەيلىگاھ» پەدىلىرى سىرتلاردا سەيلە–ساياھەت قىلغاندا چېلىنىدۇ. «ئۆلەن» پەدىسى پەقەت توي–تۆكۈنلەردە چېلىنىدۇ. «سەھەريار» پەدىسى ئىسلام دىنى كىرگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، پەقەت دىنىي پائالىيەتلەردىلا چېلىنىدۇ. مەسىلەن، رامىزان ئېيىدا كىشىلەرنى زورلۇقتا قوپۇشتا ئۇيقۇدىن ئويغىتىش ئۈچۈن چېلىندۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمى–جىسمىغا ماس كەلگەن. مەشرەپ—ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ناخشا–ئۇسسۇل تەنتەنە قىلىش سورۇنى، مۇشۇنداق سورۇنلاردا ۋە ھېيت–ئايەملەردە شادىيانە ئاساس قىلىنىپ خۇشاللىق ئىپادىلىنىدۇ. مېھمان كۈتۈش ۋە زىياپەت سورۇنلىرىدا كۆپىنچە «سەنەم» پەدىسى چېلىنىپ، ئەزىز مېھمانلارغا بولغان ئىززەت–ئېكرام بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەنتەنىلىك كەيپىيات بارلىققا كېلىپ، دوستلۇقنىڭ قەدرى–قىممىتى نامايەن قىلىنىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، ناغرا مۇزىكىلىرىنىڭ نامى ۋە ئۇلارنىڭ چېلىنىدىغان سورۇنلىرى بىزگە شۇنى بىلدۈرىدۈكى، ناغرا ئۇيغۇلارنىڭ كۈندۈلۈك تۈرمۇشى، دىنىي ئېتىقادى، بايرام شادلىقى قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇ خەلق ئاممىسى ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان مۇزىكا. شۇڭا، ھېيت–ئايەملەردە كىشىلەر ناغرا ساداسىنى ئاڭلاش بىلەن تەڭلا ئۆزىنى تۇتالماستىن ئۇسسۇل، ساماغا چۈشۈپ كېتىدۇ. رامىزان ئايلىرىدا بولسا كىشىلەر ناغرا ساداسىنى ئاڭلاش بىلەنلا دىنىي پائالىيەتلەرگە كىرىشىپ كېتىدۇ، دېمەك، بۇ ناغرا مۇزىكىسىنىڭ ئاممىۋىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ناغرا بىلەن مۇقامنىڭ مۇناسىۋىتى بىز ناغرا ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، نېمە ئۈچۈن بەزى ناغرا پەدىلىرىنىڭ ئىسمى مۇقام ئىسىملىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ؟ دەيدىغان تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. مەسىلەن، «سەنەم» — ئەرەبچە، «مۇشاۋۋرەك» — مىسىر تىلى، «رۇخسار»،«كۆركەم»، «سەھەر يار» پارىسچە بولۇپ، پەقەت «ئۆلەن» ۋە باشقىلار قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە بىز قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ كلاسسىك ئەسەرلىرىدىكڭى تىل ئىشلىتىشى بويىچە مۇلاھىزە قىلىمىز. ئۇيغۇرلار(غەربىي زېمىن مىللەتلىرى) ئەسلىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. 11–ئەسىردىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولدى. ئىسلام دىنى ئەرەب مەدەنىيىتىنى ئېلىپ كەلدى. دىن تارقاتقۇچىلار ئەرەب مەدەنىيىتىنى، ئەرەب تىلىنى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە سىڭدۈردى. شۇنىڭدەك قاراخانلار دەۋرىدە دىنىي ئىلىم زىيالىيلارنى تەربىيىلەشنىڭ مۇھىم يولى بولۇپ، نەتىجىدە ئەرەب تىلى ھەرجەھەتتىن كىرىشكە باشلىدى. بۇمۇ خۇددى نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئەرەب، پارس تىللىرىنى ئىشلەتكەنكە ئوخشاشلا ناغرا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ كۆپىنچىسى ئەرەب، پارس تىللىرىدىن كەلگەن. بۇ، قەدىمقى يىپەك يولىدىكى خەلقلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان ئالاھىدە مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى. ناغرا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىسمى كۆپىنچە مۇقام ئىسىملىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بۇمۇ بۇ ئىككى مۇزىكىنىڭ تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇلارنىڭ قان ۋە گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپلىگەن مۇقامشۇناسلارنىڭ ئېيتىشىچە ناغرا، دۇمباق ئەڭ دەسلەپتە كىشىلەرگە خەۋەر، ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ئەسۋاب بولۇپ، كېيىنرەك تەرەققىي قىلىش ئارقىسىدا ساز–مۇزىكىلارنىڭ ئەجدادى بولۇپ قالغان. شۇڭا بىزچە ئېيتقاندا، ناغرا بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولۇپ، «مۇقام» ئۇنىڭدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، مۇقام–ناغرا تەرەققىي قىلدۈرغان مۇزىكا ياكى بولمىسا ھەرئىككىسى بىردەك بارلىققا كېلىپ كېيىن ئىككىگە ئايرىلغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ناغرا مۇقامنىڭ ئىچىدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن كېيىن مۇقامدا پەقەت داپ قالغان. بەلكىم جەنۇبنىڭ مۇقاملىرى تەرەققىي قىلىپ ئەۋجىگە چىققاندا ناغرىنىڭ كۆپ پەدىلىرىنى داپقا ئۆزگەرتكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن ناغرىنىڭ تارقىلالمىغان مۇزىكىلىرىنى مۇقامدىكى داپنى ئاساس قىلىپ قايتا تولۇقلىغان. بۇندىن باشقا ناغرا پەدىسىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىسىملار مۇقامدىكى مۇزىكا پەدە ئىسىملىرى بىلەن ئوخشاش بولۇپلا قالماي بەلكى بۇلارنىڭ ئورۇنلىنىشىمۇ ئوخشايدۇ. شۇڭا ناغرا، مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئىككى مۇزىكا بىر جۈپ قوشكېزەك ئاكا–ئۇكىلار بولۇشى مۈمكىن. مەنبە : ئىلىخو پۈتۈكلىرىدىن ئېلىندى |