نـــاخــشـــىـلار | كــىنو-فىـلىمــلار | مىـللـي تىـبـابــەت | قــــانـــون-تـــۈزۈم | مەشھور شەخىسلەر | ئىـــقدىـــســاد | ئىـلمـي مـاقـالــلار
ســۆھـبـەتـخـانـا | ئېـــــــتـــوتـــــلار | يــۇمــۇر-لـەتىـپە | پەرزەنىت تەربىيەسى | ئـۆتـكـەن كـۈنـلـەر | مــــەدىــنـــيــەت | تۇرمۇش ھەققىدە
ئــــويــــۇنــــلار | رەسىـــمــلـەر | تـــەنــتـەربىـــيـە | يــۇمـشاق دېـتالـلار | ئـايـاللاردۇنياسـى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر | ھېـــكىــمەتــلــەر

باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > ئىزنالار >

ئىسىملار ۋە ئۇلارنىڭ مەنالىرى

يوللانغان ۋاقتى: 03:35 06-05-2011 مەنبە: سالام ئۈرۈمچى ئاپتورى: باشقۇرغۇچى كۆرۈلۈشى: قېتىم
بالىڭىزغا ئىسىم تاللىۋېلىڭ

[ئادەم] : بۇغداي ئۆڭلۈك، ئادەم ئاتا، ئادەم ئىبرانىيچە قىزىل، ئىنسان، ئىنسانىيەت دېگەن بولىدۇ.
[ئىبراھىم ]: ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ، مەنىسى ئاممىنىڭ ئاتىسى دېگەن بولىدۇ.
[ئەجۋەد ]: سېخى، ئېسىل، ئۇلۇغ.
[ئېھسان] : ياخشىلىق قىلىش، ياخشىلىق، ياخشى ئىش قىلىش.
[ئەھمەد ]: مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك، قەدىرلەشكە لايىق.
[ئىدرىس] : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
[ئەدھەم] : قارا، ئىشكەل.
[ئەدىب] : يازغۇچى، ئوقۇتقۇچى، ئەدەپ- ئەخلاقلىق.
[ئىرشاد] : يېتەكلىمەك، توغرا يولغا باشلىماق.
[ئۇسامە] : يولۋاس.
[ئىسھاق] : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، كۈلىدۇ دېگەن بولىدۇ.
[ئەسەد] : قەھرىمان.
[ئىسلام] : بويسۇنماق، ئىتائەت قىلماق، باش ئەگمەك.
[ئىسمائىل] : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، اللەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدۇ دېگەن بولىدۇ.
[ئىقبال] : كەلمەك، باشلىماق، يېقىنلاشماق، بەخت، راۋاج تاپماق.
[ئەكرەم] : مەرد، سېخى.
[ئىلياس] : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
[ئىمام] : مۇسۇلمانلارنىڭ رەئىسى (خەلىپە)، نامازنى باشلاپ ئوقۇيدىغان كىشى، چوڭ يول.
[ئەمىر] : شاھزادە، پادىشاھ، قوماندان، باشلىق، رەئىس.
[ئەمىن] : ئىشەنچلىك، سادىق، ۋاپادار، بىخەتەر، تىنچ، راستچىل، سەمىمىي، دوست، ساقلىغۇچى.
[ئەنەس] : مۇلايىم بولماق، ئىناق ئۆتمەك، ئۈنسى- ئۈلپەت ئالماق، بىر ساھابەنىڭ ئىسمى.
[ئەنۋەر] : ناھايىتى نۇرلۇق، بەك چۈشىنىشلىك، چىرايلىق.
[ئەييۇب] : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى، تەۋبە قىلغۇچى دېگەن بولىدۇ؛ بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى
[باسىت] : مۇلايم.
[باكىر] : ئەتىگەن، دەسلەپكىسى، بالدۇر كەلگەن.
[بىلال ]: نەملىك، سۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنىنىڭ ئىسمى.
[سابىت] : مۇستەھكەم،مۇقىم، قەھرىمان.
[ھافىز] : ساقلىغۇچى، قۇرئان كەرىمنى يادلىغان كىشى.
[ھامىد] : ھەمد ئېيتقۇچى، اللەنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر قىلغۇچى.
[ھەسەن] : چىرايلىق ۋە ئەخلاقلىق.
[ھۇسەين] : ھەسەننىڭ كىچىكلىتىلگەن شەكلى.
[ھەمزە] : يولۋاس.
[ھەيدەر] : يولۋاس.
[خالىد] : باقىي، مەڭگۈ.
[خەلىل] : دوست، نەسىھەت قىلغۇچى، سادىق، سەمىمىي، ئورۇق(ئاۋاق)، پېقىر.
[داۋۇد] : ئىبرانىيچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى قەدىردان (سۆيۈملۈك) دېگەن بولىدۇ.
[زاكىر] : اللەغا زىكىر- تەسبىيھ ئېيتقۇچى، ئېسىدە تۇتقۇچى، زېرەك.
[زۇلفىقار] : ئەلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ نامى.
[رەجەب] : ھىجرىيىنىڭ 7- ئېيى.
[رۇستەم] : پارىسچە جەسۇر، باتۇر، قەھرىمان دېگەن بولىدۇ.
[رەشاد] : توغرا، توغرا بولماق، ھىدايەت تاپماق، بىر خىل ئۆسۈملۈك.
[زاھىر] : نۇرلۇق، يۈزى يورۇق، رەڭگى چىرايلىق.
[سالىم] : قۇتۇلغۇچى، بېجىرىم.
[سەئىد] : تەلەيلىك، خۇشال.
[سەلام ]: تەبرىك، تىنچلىق، ئامانلىق.
[سۇلتان] : پادىشاھ، قابىلىيەت، ھۆكۈمرانلىق قىلماق، ھۆججەت.
[سۇلەيمان ]: قۇتۇلغۇچى، ساغلام.
[سەييىد] : باشلىق، داھىي، خوجايىن.
[سىراج] : پانۇس، كۈن، چىراغ.
[شاكىر ]: شۈكۈر قىلغۇچى، تەشەككۈر بىلدۈرگۈچى، رەھمەت ئېيتقۇچى.
[شەرەف] : ئالىيجاناب بولماق، ئېسىل بولماق، شان- شەرەپ، پەخىر، ئىگىز جاي.
[شەرىف] : ئېسىل، ئالىيجاناب، مۇنەۋۋەر، ئاقسۆڭەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى.
[شەئبان ]: ھىجرىيىنىڭ 8- ئېيى.
[شەۋكەت] : كۈچ- قۇۋۋەت، شەۋكەت، جۈرئەت.
[سابىر ]: چىداملىق، ئىرادىلىك.
[سادىر] : سۇدىن قايتقۇچى، نەتىجە.
[سادىق ]: ئىخلاسمەن، راستچىل.
[سالىھ ]: ياخشى، مۇۋاپىق، ئۇبدان، لايىق، تۈز.
[تارىق ]: كېچىسى كەلگەن مېھمان، چولپان يۇلتۇزى.
[تالىب] : ئىزدەنگۈچى، تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى.
[تاھا ]: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى.
[تاھىر ]: پاك، پاكىز. تازا (كىر ئەمەس).
[تەلئەت] : مەنزىرە، سىرتقى كۆرۈنۈش، سىرتقى قىياپەت.
[ئابىد ]: ئىبادەت قىلغۇچى، چوقۇنغۇچى، داۋاملىق ئىبادەت قىلغۇچى.
[ئادىل ]: ئادىل، ھەققانىي، توغرا، ئىنساپلىق.
[ئارىف] : ئالىم، تونۇغۇچى، چىداملىق، مەرىپەتلىك، تونۇپ يەتكۈچى.
[ئاسىم] : ساقلىغۇچى، قوغدىغۇچى، توسقۇچى.
[ئاكىف] : ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگۈچى، باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگۈچى، بىر يەردە تۇرغۇچى.
[ئابباس] : قوشۇمىسىنى كۆپ تۈرگۈچى، چىرايىنى بەك پۈرۈشتۈرگۈچى، قەھرىمان.
[ئوسمان] : ياۋا غاز، ئەجدىھا.
[ئەرەفات] : زۇلھەججە (ھىجرىيىنىڭ 12- ئېيى) نىڭ 9- كۈنى ھاجىلارنىڭ تۇرۇشى پەرز بولغان جاينىڭ ئىسمى.
[ئىرفان] : ياخشىلىق، ئىلىم، بىلىم، مەرىپەت،
[ئەززام] : ئىرادىلىك، قەھرىمان.
[ئىززەت] : غۇرۇر، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلىبە، شان- شەرەپ.
[ئىسمەت] : گۇناھسىزلىق، مۇكەممەل بولۇش، قانائەتلىنىش، خاتالىقتىن يىراق تۇرۇش.
[ئەلىي] : ئۈستۈن، ئالىي، يۇقىرى، ئۇلۇغ.
[ئاممار] : كۆپ ئىمارەت سالغۇچى، ئىمانى كۈچلۈك، ئېغىر- بېسىق، سالماق، ھاياتى بويىچە ئىش باشقۇرغۇچى
[غازىي]: غازات قىلغۇچى، جەڭ قىلغۇچى.
[غالىب] : غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك، زەپەرگە ئېرىشكۈچى.
[فاتىھ] : پەتىھ قىلغۇچى، ئاچقۇچى، باشلىغۇچى، جەڭدە غەلىبە قىلغۇچى، كۈچلۈك.
[فارۇق] : ھەق ناھەقنى ئايرىغۇچى، ئىككىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ لەقىمى.
[فەرھات] : خۇشال، شادلانغۇچى، سۆيۈنگۈچى.
[فەيسەل ]: ئۆتكۈر قىلىچ، توغرا ھۆكۈم چىقارغۇچى، قازى، گۇۋاھچى.
[قاسىم] : تەقسىم قىلغۇچى.
[كەرەم ]: سېخىلىق، مەردلىك، مەرەھمەت، خەير- ئېھسان.
[كەرىم] : سېخى، مەرد، شەپقەتلىك، مېھماندوست، ھۆرمەتلىك، ئېسىل، پەزىلەتلىك.
[كەمال] : مۇكەممەل بولماق، تولۇق بولماق، كۆڭۈلدىكىدەك بولماق، كامالەت.
[مۇھەممەد] : مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدىغان، نۇرغۇنلىغان يۈكسەك خىسلەتلەرگە ئىگە زات.
[مەھمۇد] : مەدھىيىلەنگۈچى.
[مۇختار] : تاللانغان.
[مۇراد] : مەقسەت، مۇددىئا، ئارزۇ.
[مەسئۇد] : بەختلىك، بەرىكەتلىك، تەلەيلىك، خۇشال.
[مەئسۇم ]: خاتالىق ۋە رەزىللىكتىن يىراق، ساقلانغۇچى.
[مەنسۇر] : غالىب، يەڭگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى.
[مۇئمىن] : ئىمانلىق، ئىشەنگۈچى، اللەغا ئېتىقاد قىلغۇچى.
[ناسىر ]: ياردەم بەرگۈچى.
[نايىف] : ئىگىز.
[نەزىر] : ئوخشىغۇچى.
[نىئمەت ]: نازۇنېمەت، مەرھەمەت، ئىلتىپات.
[نىيازىي ]: پارىسچە ئىسىم بولۇپ مەنىسى مەشۇق، مەھبۇب دېگەن بولىدۇ.
[ھاشىم] : شورپىغا نان چىلىغۇچى، بۇزغۇنچى، تارمار قىلغۇچى.
[ياسىر ]: ئاسان، يۇمشاق، مۇلايىم، قاسساپ.
[ياسىن] : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىلىرىدىن بىرى.
[يەقۇب] : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
[يۇسۇف ]: بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
[يۇنۇس] : بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
[يەھيا ]: بىر پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى.
[جامال ]: گۈزەللىك.


 

ياخشىكەن
(13)
81.3%
ناچاركەن
(3)
18.7%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر